ئىتوت:ئىنتاھان
(ئاپتۇرى:تىلماچ)
قاتناشقۇچىلار:
1-بۆلۇم باشلىقى،35ياشلاردا،مەلۇم ئىدارىنىڭ بۆلۇم دەرەجىلىك باشلىقى ،يارىشىملىق كىيىنگەن،خۇشخۇي،بىلىملىك چىقىشقاق كىشى.
2-ھەۋەسكار،30 ياشلاردا،بىراز غەلىتىرەك كىيىنىۋالغان.بېشىغا قاسقىنى سالپىيىپ قالغان كونىراق شىلەپە كىيگەن.چىرايى ھەجۋى كەلگەن كىشى.
سەھنە ئېچىلىپ ، ھەۋەسكار ئىشكتىن ئۈتۈپلا توختايدۇ. بۇچاغدا مەسئۇل خادىم ئۈستەل ئالدىدا ئۆلتۈرۈپ قانداقتۇر بىر ماتىرياللارنى كۈرىۋاتاتتى .
ھەۋەسكار: قا كوجاڭ بارمىدۇ؟قادىر.....(بۇ چاغدا ھەۋەسكار ئولتۇرغان كىشىنىڭ قادىر كوجاڭ ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ قالىدۇ)
بۇ چاغدا بۆلۇم باشلىقى ئىشىك تەرەپكە قاراپمۇ قويماي: ھە! كىلىڭ، كىلىڭ،قاچانمۇ توغرا ئاتاشنى ئۇگىنەسىز،قادىر كېجاڭ ياكى ئابدىقادىر كېجاڭ دىسىڭىز بولماسمۇ؟
ھەۋەسكار: تىز، تىز مېڭىپ، بۆلۇم باشلىقىنىڭ ئالدىغا كىلىپ،ئۇنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرىدۇ، بۆلۇم باشلىقى بىردەمدىن كىين كۆرىۋاتقان ماتىريالىنى قۇيۇپ ئۇنىڭغا قارايدۇ. ھەۋەسكار كۈلگۈنچە قاراپ تۇرىدۇ.
بۆلۇم باشلىقى: يەنە نىمە دەپ كەلدىڭىز؟
ھەۋەسكار: مەن سىزگە بىر مەخپىيەتلىكىمنى دىگىلى كەلدىم .
بۆلۇم باشلىقى: ھە! دەڭە، سىزنىڭ مەن ئۇقمايدىغان يەنە قانداق مەخپىيەتلىكىلىرىڭىز بار؟
ھەۋەسكار: سىلىگە دىسەم قا كوجاڭ،مەن تۇغما ھەۋەسكاركەنمەن،
ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز،كىشىلەر مىنى ھەۋەسكار بالۇن دىيىشىدۇ ئەمەسمۇ؟
بۆلۇم باشلىقى:سىز تۇرۇپ ئاۋاز ئارتىسلىككە، تۇرۇپ شائىرلىققا،تۇرۇپ تەرجىمانلىققا،تۇرۇپ خۇتۇن قۇيىۋىتىپ، خۇتۇن ئېلىشقا،تۇرۇپ ئېلان ئشلەشكە ھەۋەس قىلىسىڭىز،سىز ھەۋەس قىلمىغان نىمە قالدى زادى؟
ھەۋەسكار:يەنە بار، ئويلاپ باقسام قا كوجاڭ،ھەۋەس دىگەن مەندە پەۋەسكەن.
ھەۋەس دىگەن ھەۋەسكەن،
بىزدە شۇنداق پەۋەسكەن.
قادىر كوجاڭ ئاڭلىسام،
بىزدەكلەردىن ئەمەسكەن.
شوپۇر بولسام كالۇنكەن،
تەخەللۇسۇم بالۇنكەن،
ماشىناڭنى ھەيدىسەم،
بۇنىڭ نەرى يامانكەن،
بۆلۇم باشلىقى:ھۆي، ئىيتىڭە، يەنە نىمگە ھەۋەس قىلىپ قالدىڭىز
ھەۋەسكار: ئۆزلىرىمۇ بىللا قا كوجاڭ، بىزنىڭ ھېلىقى دۆڭ مەھەللىدىكى ھۇشۇرشىكە بارغۇ؟شۇنىڭ بىر سۇپىكى بار، ئاچماق روللۇق سۇپەك، يېقىندامۇشۇ تۇماقچىلىق دۇكىنىمدىن بىكار بولغان ۋاقتىلىرىمدا قا كوجاڭ، شۇنىڭدىن سۇپەك ھەيدەشنى ئۈگىنۋالدىم دىسلە. ئاڭلىسام يېقىندا،مۇشۇ ئىدارەڭلەرگە شوپۇر ئالماقچىكەنسىلە،بۇ ئىشقا سىلى مەسئۇلكەنلا ئەمەسما، مۇشۇ شوپۇرلۇقتىن بىر ئىمتىھان بىرىپ باقايمىكىن دەپ ئالدىلىرىغا كىلشىم،سىلىنىڭمۇ خەۋەرلىرى بار،مۇشۇ ئىدارىىدە ئىككىمىزنىڭ كۆڭلى بەك يېقى،(بۇچاغدا بۆلۇم باشلىقى ئەجەپلانىپ قارايدۇ)مەرتەم ،مەرتەم، 5مەرتەم.
بۆلۇم باشلىقى:ئۇنداقتا شوپۇرلۇق پىراۋىڭىزنى چىقىرىڭ!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 z! ^. F& I; ~4 N/ U, _) u! sھەۋەسكار:ئۇ ماڭا پىراۋا بەرمىگەنتى،ھەيدەشنى ئۈگىنىۋالدىڭ دىگەنتى يۇ، ئەجەپ پىراۋا بەرمەپىتيا ماڭا؟
بۆلۇم باشلىقى: ئاچماق روللۇق سۇپەكنى ھەيدەشىنى ئۈگەتكەن ئادەم بەرمەيدۇ ئۇنى، ئۇنىۋاغۇ، دۆلەت ئىتراپ قىلغان مۇنتىزىم تەربىيلەش مەكتەپلىرىدە، تۇلۇق تەربىيلىنىپ، لاياقەتلىك بولغان بولسىڭىز ، شۇ تەربىيلىگەن ئۇرۇن بىرىدۇ. شوپۇرلۇق دىگەن سىز ئاچماق روللۇق سۈپەك ھەيدىگەندەك ئاددى ئىش ئەمەس. ئىدارىمىزغا ماندا تۆت پاي چاقىسى بار، يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭىدىغان، ئىدارە باشلىقلىرى يۇقىرى - تۆۋەنگە بېرىپ ئش بىرىجىدىغان خىزمەت ماشىنىسىنى ھەيدەشكە شوپۇر ئالىمىز.
ھەۋەسكار: قا كوجاڭ،سىز بايا لاياقەتلىك بولغانلارغا پىراۋا بىرىدۇ دىگەنتىڭىز، قانداق بولسا لاياقەتلىك بۇلىدۇ، كوجاڭ؟
بۆلۇم باشلىقى : تۈرلۈك يول بەلگىلىرى ۋە تۈرلۈك قاتناش قائىدىلىرى بۇيىچە بىخەتەر ماشىنا ھەيدەش ، ماشىنىنى ئاسىراش، تۈرلۈك كاشىللارنى بايقاش، رىمۇنىت قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىمتاھانلاردىن ئۆتكەن بولسا، تەربىيلىگەن ئۇرۇنلار دەرىجىسى بۇيىچە تۈرلۈك ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەيدىغان پىراۋا تارقىتىپ بىرىدۇ. زاراخەتمىنىڭ ئۇمۇچى ئەمەس، كىم كەلسە بىرىۋىرىدىغان،كىم بەرسەبۇلىۋىرىدىغان.
ھەۋەسكار: قا كوجاڭ، مەن سىزگە بىر ئىمتىھان بىرىپ باقاي، ئۈتەلىسەم ئۆتتۈم، ئۈتەلمىسەم،ئۆزەمگە.
بۆلۇم باشلىقى : مىنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھان ئېلىش سالاھىيتىم يوق،مەن
ئۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ئەمەس، ئۇنداق ھۇقۇقۇممۇ يوق، شوپۇرلۇق دىگەن ئۇنداق ئاددى ئىش ئەمەس، ماشىنا دىگەن ئەجەل ھارۋىسى، ماشىندىكىلەرنىڭ ھايات ـ ماماتى شوپۇرنىڭ ئالىقىنىدابۇلىدىغان گەپ.ئۇنىڭ ئۇستىگە سىزنىڭ پىراۋىڭىز يوق ئىكەن،پىراۋىسى يوقلارنى پىرىنسىپ جىھەتتىن قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.
ھەۋەسكار: قا كوجاڭ،ئەمدى ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىنىڭ يېقىنلىقىنى
ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئەمدى ئۆزلىرىمۇ مۇشۇ ئىدارىنىڭ كادىرى دىسىلە،مۇشۇ ئىشقا مەسئۇلكەنلا،ئېلىپ باقماملا ئەمدى، ماندا بىر.
بۆلۇم باشلىقى :بۇلىدۇ،ئىمتاھان ئىلىپ باقسام ئېلىپ باقاي،ئەمما قۇبۇل قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ.
ھەۋەسكار:ما گەپلىرى يارايدۇ،ھېچ بولمىغاندا بىزگە مەشىق بۇلۇپ قالىدۇ
ئەمەسما.
بۆلۇم باشلىقى: ئۇنداقتا، مەن سىزدىن موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ئاسراىش ۋە قاتناش قائىدىسىگە ئائىت بىر قانچە ئاددى سۇئال سۇراپ باقاي.
ھەۋەسكار:سۇرۇسلا!
بۆلۇم باشلىقى : بىرىنجى سۇئال: ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىدا قانداق ئەھۋال ئاسىتىدا ئوت ئېلىش قىينلىشىدۇ؟
ھەۋەسكار:قاتتىق ھېرىپ چارچىغاندا.
بۆلۇم باشلىقى: ھەي،قوش كالىسى ئەمەس ئۇ، ھېرىپ ـ چارچاپ كەتكىلى،سېلىندىر، پورشىنالار ئۇپىراپ ،ئىقتىدارى تۈۋەنلەپ كەتكەندە ئاسان ئوت ئالمايدۇ، زاپچاسنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك (ھەۋەسكار چىرايلىرىنى پۇرۇشتۇرىدۇ).
بۆلۇم باشلىقى: ئىككىنجى سۇئال: قانداق ئەھۋال ئاستىدا ماشىننىڭ ماي باكىدىن ماي ئاقىدۇ؟
ھەۋەسكار:ماي بەك لىق قۇيۇلۇپ كەتكەندە!
بۆلۇم باشلىقى : ماي باكى يېرىلسا ياكى تىشىلسە ماي ئاقىدۇ (قاتتىق تەلەپپۇزدا).
ھەۋەسكار:كونا جۇۋازنىڭ گوندىسى بولمىسا يا ئۇ،يېرىلىپ كەتكىلى.
بۆلۇم باشلىقى: قانداق ئەھۋالدا تۇرمۇزلاش ئۈنۈمسىز بۇلىدۇ؟
ھەۋەسكار: ماشىنا ئۈركۇپ كەتكەندە.
بۆلۇم باشلىقى : ھەي ئىشەك ئەمەس ئۇ ئۈركۇپ كەتكىلى، تۇرمۇز لېنتىىسى ، تىئاگىرىلىرى ئۇپۇرسا، تۇرمۇز لېنتىسى مايلىشۋالسا ،تۇرمۇز تۇتمايدۇ.
بۆلۇم باشلىقى : ئەڭ ئاخىرىقى سۇئال: قانداق ئەھۋالدا بالۇن يەل قۇيىۋىتىدۇ؟
ھەۋەسكار:يەل كونىراپ كەتكەندە، يېڭىدىن يەل بىرىش كىرەك.
بۆلۇم باشلىقى : بولدى.(قاتتىق تەلەپپۇزدا)
ھەۋەسكار: قا كوجاڭ،(تۆۋەن ئاۋازدا) بايا سىلى ماشىنا ئوت ئالمىسا ، تۇرمۇز تۇتمىسا، ماي ئاقىسا، بالۇن يەل قۇيىۋەتسە، دىگەندەك سۇئاللارنى سورىدىلا،بۇ دىگەن ماشىنا رىمۇنتچىلىرىنىڭ ئىشىدۇ؟ئۇنداق كاشىللارنى شۇلار بايقاپ، شۇلار بىر تەرەپ قىلىدۇ ئۇنى.بۇنىڭ شوپۇرلۇق بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتۇ؟ قا كوجاڭ، بىر باشقا سۇئاللاردىن سۇرىڭە.
بۆلۇم باشلىقى:ئۇنداقتا، ئەڭ ئاددى بىر سۇئال.
بۆلۇم باشلىقى :موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرى كىچىسى يول يۈرگەندە قارشى تەرەپكە نىمە مەخسەتتە پاس بىرىدۇ؟
ھەۋەسكار:خەيىرلىك كەچ دىگىنى بولمامدۇ؟.
بۆلۇم باشلىقى:ھەي،(قاتىق ئاۋازدا)
ھەۋەسكار:ئەمسە ماشىندىن چۈشۈپ كۈرشەمتىكى؟
بۆلۇم باشلىقى : بولدى، بولدى، قايتىپ كىتىڭ،ۋاختىمنى ئالماڭ.
ھەۋەسكار: قا كوجاڭ، يول بۇيىغا،ئۇيەر-بۇ يەرگە تاختىا قاداپ قۇيىدىكەن، ھېلىقى كىچىسى چىراغ نۇرى چۈشسە يۇرىيدىغانچۇ؟ شۇنىڭدىنمۇ سۇئال سۇراپ باقمامسىز؟
بۆلۇم باشلىقى : ھە،بۇلىدۇ، يەنە قانداق بىمەنى جاۋابلىرىڭىز بار، بۇنىمۇ ئاڭلاپ باقاي، قېىنى بۇياققا كىلىڭ (يول بەلگىلىرى قۇبۇل قىلىنىدىغان شوپۇردىن كىچىك سىناق ئېلىش ئۇچۇن ئالدىدىن تەييارلاپ قۇيۇلغان)،بۇ يول بەلگىسى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟(بىركىچىك ماشنا، چوڭ ماشىننىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ چوڭ ماشىنىنىڭ ئاسىتىغا كىرىپ كىتىۋاتقان كۈرۈنۈش).
ھەۋەسكار:كىچىك ماشننى چوڭ ماشىننىڭ ئاستى تەرىپى بىلەن ھەيدەپ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتسەڭ بۇلىدۇ، دىگەننى بىلدۈرمەمتىكى .
بۆلۇم باشلىقى : قاقاقلاپ كۈلىدۇ، ھەي، ئۇ دىگەن قاتناش ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بىرىدىغان خەتەرلىك يول بۆلىكى دىگەن گەپ.بۇنداق يەرلەردە ماشنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۋەتمەي،بىخەتەرلىككە دىققەتقىلىپ ھەيدەش كېرەك.
بۆلۇم باشلىقى : ئۇنداقتا، ماۋۇ بەلگىچۇ؟(يول بۇيىدىكى بىر تۈپ دەرەخ بىلەن بىر ئۆينىڭ تۇرغان كۆرنىشى ).
ھەۋەسكار: بۇ باغۇ قاكوجاڭ،سۇ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ.
بۆلۇم باشلىقى : ھەي ، بۇ قانداقسىگە سۇ كەمچىل
ئكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەۋەسكار:قالغان دەرەخلەر قۇرۇپ، پەقەت بىر تۈپلا
دەرەخ قاپتۇ.(بىر بارمىقىنى كۆرسىتىدۇ.)
بۆلۇم باشلىقى: ھەي، بۇدىگەن ئالدىڭىزدا يىزا-
كەنىت بار، دىگەن بەلگە.
بۆلۇم باشلىقى : ماۋۇچۇ؟(«+»سىمان كىسىشكەن يول بەلگىسى).
ھەۋەسكار:(ئىچىنى تارتىپ)قۇشۇش بەلگىسى
بولمامتىكى !
بۆلۇم باشلىقى : بۇ كىسىشكەن يول ئېغىزىنىڭ بەلگىسى .
بۆلۇم باشلىقى : ھە، ماۋۇچۇ؟( بىر ئايالنىڭ بىر بالىنى يۈتىلەپ كىتىۋاتقان كۈرۈنۈش).
ھەۋەسكار:پىلانلىق تۇغۇتنىڭ بەلگىسى بولمامتىكى.
بۆلۇم باشلىقى : بۇ ئالدىڭىزدا پىيادىلەر ئۈتۈشمە يۇلى بار دىگەنلىك.
بۆلۇم باشلىقى : بۇچۇ؟ (ئىچىدە 50 دىگەن سان بولغان 50 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسىمى بۇيالغان ئاستى تەرەپتە ئاز قىسىمى بۇيالمىغان چەمبەر)
ھەۋەسكار:50 يۇئەنلىك تەڭگە بولمامتىكى
بۆلۇم باشلىقى : چەكلەنگەن ئەڭ تۈۋەن سۈرئەت 50 كىلومىتىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بۆلۇم باشلىقى: بولدى،قايتىپ كىتىڭ،ئۆزىڭىزنىڭمۇ ، مىنىڭمۇ بىر مۇنچە ۋاختىمنى ئالدىڭىز.
ھەۋەسكار: مەن ئۈزۈمنىڭ ۋاختىنى ئۈزۈم ئالدىمما ؟ سىزنىڭكىنى نەچچە پۇلغا ئالدىم ؟
بۆلۇم باشلىقى:سىز قاراڭ، ھېلى ئۇنىڭغا، ھىلى بۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپ ۋاختىڭىزنى ،زىھنىڭىزنى ئىسراپ قىلماي ، ئاشۇ تۇماقچىلىق دۇكىنىڭىزنى ئوبدان ماڭدۇرۇڭ، پۈتۈن زىھنىڭىزنى ئۇزۇندىن بۇيان قىلىپ كىلىۋاتقان ئاشۇ كەسىپىڭىزگە مەركەزلەشتۈرۈڭ، بىر كەسپ دىگەننى بىردەمدىلا ئىگەللەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ھەتتا ئۆمۈر بۇيى بىر كەسىپنى ئۈگىنىپ، تەتقىق قىلىپ ، شۇغۇللىنىپمۇ چىكىگە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا سىز 10 توشقاننى تەڭ قوغلاپ، بىرنىمۇ تۇتالمىغاندەك ئىش قىلماي،قايتىپ كىتىپ يەنىلا تۇماقچىلىق دۇكىنىڭىزنى ماڭدۇرۇڭ.
ھەۋەسكار:ئۇتەممىدىنما؟
بۆلۇم باشلىقى:مەن سىزگە باشتىلا دەپ قويغان،ئۆتۇش-ئۆتمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس.قايتىپ كىتىڭ،قايتىپ كىتىڭ،(بۆلۇم باشلىقى قۇلى
بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ.ھەۋەسكار غودۇڭشىغىنىچە ئىشىك تەرەپكە ماڭىدۇ)،
ھەۋەسكار:قايسى دىگەن بولغىيىتتى قا كوجاڭ شۇپۇر قۇبۇل قىلىدىكەن دەپ(پەردە يېپىلىدۇ).
مەنبە:ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-9 05:57 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 {; b" T2 u4 u- f( z/ H4 P
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% D( T+ x5 K3 P6 I