ئاھ-!ئافرىقا.....
1
ئاھ-! ئافرىقا........
سەن بىزدىن بەكمۇ يىراقتا،
تەكلىماكاننى چۇشەمدىغانسەن؟!
ئۇيغۇر بىلەن ئىشلەپ بىر خاڭدا..
بىز ياشايمىز بىر يەر شارىدا.......
2
ئاھ-! جۇڭگۇ........
سېنى داغدام ماڭسۇن دىگەندۇ...
يول بىنالار ياسىدۇق دەيدۇ؟!
ئەپسۇس ئۇنى يىگىلى بولامدۇ؟
بۇ سۇئالنى مەندىن سورىما...
ئافرىقىنى ئىسسىق دەيدىغۇ.......
3
ئاھ-!يېتم بالا........
كۆزى قارا مېنىڭ بالامدەك-
كۆڭلى ئاپئاق قىسمىتى قارا....
ئاھ-!يالىڭاچ، ئاھ-!يېتىم بالا...
ۋەتىنىڭگە ئۇيغۇردىن سالام-!!!
مەن نىمىمۇ دىيەلەي يانا...؟
http://bbs.qimbulak.com/read.php?tid=3871&fpage=2
قەشقەر
1
ھېيتگاھ........
سۈرىتىڭنىلا كۆرىدۇ دۇنيا.
قۇببىلىرىڭدە كۆككە تەلمۈرگەن،
ئۈمىدىڭنى بىلمەيدۇ ئەمما.
2
قەشقەر......
كەچمىشلىرىڭ كۆپتۇر شۇ قەدەر....
سەن ئۆتمۈشنىڭ يارقىن شاھىدى،
ھەر قۇياشىڭ كۈندە ۋەتەن-دەر...
3
ئۇيغۇر........
دوئىلدىكى تەتۈر ساناقتۇر،
ئەڭ ئاخىرقى غەلبىسى ئۈچۈن-
ئورنىدىن دەست تۇرماق كېرەكتۇر...
مەنبە:لاۋا0998(ئىجادىيەتلىرى)دىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-9 05:44 PM