مۇھەببەت قۇشاقلىرى
1
ئېرىقتىكى لاي سۇنى،
كۆلگە باشلىماڭ يارىم.
ئەقلى ھۇشىڭىز بولسا،
بىزنى تاشلىماڭ يارىم.
2
ئۆينىڭ ئالدى تېرەكلىك،
تېرەك بىزگە كېرەكلىك.
ئاخشاملىققا بارغاندا،
چىقالامسىز يۈرەكلىك.
3
باغقا كىردىم شۇراڭدىن،
بىر تال ئۈزدىم غۇراڭدىن.
ماڭا بەرمىگەن قىزىڭنى ،
ئوغرى ئالسۇن مۇراڭدىن.
4
ئۇلۇغ كۈندۈر پەيشەنبە،
ساڭا سالام ئەۋەتتىم .
يۈرەكتىكى دەردىمنى،
بىرنى قويماي دەۋەتتىم.
5
ئايۋاننىمۇ سالارمىز ،
ساراينىمۇ سالارمىز.
قاچانلىققا ئۇز خىنىم،
ناغرا سۇناي چالارمىز.
6
يازدا كەلگەن كاككۇكلار،
يىراقلارغا كۈچەرمۇ.
كۆيۈك ئوتى يامانكەن،
مۇزدا ياتسام ئۆچەرمۇ.
7
دەريا بۇيى ئۇزلۇقكەن ،
توختام سۈيى تۇزلۇقكەن.
بىزنى تاشلاپ تەككىنىڭز،
توڭ زەدەكتەك مۇزلۇقكەن.
8
شاپتۇل شېخى لىڭشىيدۇ،
ئۇنى بىر كىم ئىگەرمۇ.
بىزنى تاشلاپ كەتكەنلەر،
يەنە ئەرگە تىگەرمۇ.
9
ئېگىز ئۇچقان ئۆردەكنىڭ،
ئاڭلانمايدۇ شەپىسى .
بۇ كەمدىكى قىزلارنىڭ،
تۈگىمەيدۇ ئەتىسى .
10
مازار تېغى كۆيۈك تاغ،
توپىسىدىن تېشى جېق.
تەۋەككۇلنىڭ قىزلىرغا،
ئوسما كەتمەس قېشى جېق.
11
تەۋەككۇلنىڭ دەرياسى،
شاۋقۇن سېلىپ تېز ئاقار.
غېرىپ مىسكىن كۆڭلۈمگە ،
سىزدىن بۆلەك كىم ياقار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XIKASTA9098 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-9 04:37 PM