مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 691|ئىنكاس: 19

مۇھەممەدجان راشىدىن شېئىرلىرىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1647
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 02:42:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                ئۆز يارىڭ
      
           ئۆزگە باغقا كۆز سالما، ئۆز بېغىڭدا گۈلزارىڭ ،
          نىمە تەشۋىش ئالەمدىن،تۇرسا ياندا ئۆز يارىڭ؟.
         ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس ،قازىنىدا ۋاپانىڭ،
        ئاغرىپ قالساڭ ئاشلايدۇ،ئاپئاق ناندا ئۆز يارىڭ..

       پىچاق كەسسە قۇلۇڭنى ، ھىچكىم ئۇنداق تاڭالماس،
       تىكەن كىرسە پۇتۇڭغا ،ھىچكىم ئۇنداق ئالالماس   .
       يۈلەپ يۈرەر ئۆمۈرلۈك، بولۇپ قالساڭ ماڭالماس،
      نىجاتلىق بار سەن ئۈچۈن ياققان شامدا ئۆز يارىڭ..

     يۈگۈرۈپ چىقار ئالدىڭغا ،قايتىپ كەلسەڭ سەپەردىن،
     ئېسىلىدۇ بوينۇڭغا ،ئامان چىقساڭ خەتەردىن،
      يامان كۈن يوق ئالەمدە يارسىز يالغۇز ئۆتەردىن،
      تۈنەپ چىقار سەن بىلەن ئەسكى تامدا ئۆز يارىڭ.

         چىنىسىدىن ئىلغايدۇ ،قىيمىسىنى چىنەڭگە ،
       ئاش ئۇسقاندا بىچارە،بىللە چىقىپ  بېنەمگە.
       باي بولغاندا ياتقۇزار ئاۋۋال سېنى گىلەمگە،
       تولغىنىسەن راھەتتە، ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ.

                        ياشىسۇن
  
       يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشىسۇن،
      يۆگەكسىزنى يۆگىگەنلەر ياشىسۇن.
      ئۆزى ئالماي ،يامغۇر ياغسا ئاسماندىن،
     ئەلگە يامغۇر تىلىگەنلەر ياشىسۇن.

     سۇغارغاندەك سايە بەرگەن چىنارنى،
    ئاتا قەرزىن تۆلىگەنلەر ياشىسۇن.
   ئېتى ھارسا ئانا چۈشكەن ھارۋىنىڭ،
  ئۆزى ئات بوپ سۆرۈگەنلەر ياشىسۇن.

   ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دەرت تارتىپ،
    ئۆزى  راھەت  كۆرمىگەنلەر   ياشىسۇن .
   يوقسۇزلۇقتا ئوتى ئۈچكەن يالغۇزنىڭ،
   ئوچىقىنى پۈۋلىگەنلەر  ياشىسۇن.

    ھالدىن كەتكەن غېرىپلارنىڭ بېشىغا،
    چىراق يېقىپ تۈنۈگەنلەر ياشىسۇن.
    ئۇنتۇلمىسۇن ئارمان بىلەن ئۆتكەنلەر،
    ئۈمۈدلىرى ئۆلمىگەنلەر ياشىسۇن.

ئاپتورنىڭ‹‹ياخشىلارغا ناخشىلار تولا››ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4877
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 04:00:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
esyankar75 + 10 نادىر ئىنكاس ھى ھى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دىلىمىز ئىمان نۇرى بىلەن نۇرلانسۇن.

قىلالمايمەن دىي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12650
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 04:13:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم رەھمەر سىزگە!

قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79252
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 04:23:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل شېئىرلار جۇمۇ بۇ ...

ئۇيغۇرغا بىلىمدىن باشقا يول يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1069
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9219
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 345 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 04:29:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە!

بۈگۈنكى تىرىشچانلىق ئەتىكى مۇۋەپپەقىيەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73563
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3598
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 04:42:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ياخشى شىئېرلارنى كۆچۈرگەندە دىققەت قىلىشىڭىزنى سورايمەن. بەزى مىسرالارنى ئۆزگەرتىۋىتىپسز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80903
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3823
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 04:45:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي خەلق شائىرى دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49637
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3673
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 04:47:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى خەلق شائىرى  ، ئېسىل شېئىرلارنى ياراتقان ھە .................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81774
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-6-18
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 05:15:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شىئرلار ، يۈرەكنىڭ يېغنى يەيدۇ... ئەمما بەزى جايلىرى ئۆزگۈرۈپ كەتكەندەك . قايتا قاراپ بېقىڭ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88037
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-12-3
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 05:29:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەخرىمىز سىز مۇھەممەدجان بوۋا ،ئاللاھ ئۆمرىڭىزگە بەرىكەت ،ئەجرىڭىزگە ئەجىر بەرسۇن ،

تېلفۇنۇڭنىڭ سايراۋاتقىنىنى ئاڭلىغىنىڭدا سەن بىلەن مەلۇم كىشى ئالاقە قىلماقچى بولغانلىقى جەزمەن. شۇنىڭدەك ئەزاننى ئاڭلىغىنىڭدا پۈتكۈل ئىنسانلار ۋە شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى سەن بىلەن ئالاقە قىلماقچى بولغان بولىدۇ. بىلگىنكى، ئەھمىيەت بەرگىنىڭگە چۇشلۇق جاۋاپقا ئېرىشىسەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش