خوش دەي ئەمدى
بۇ شېئىرنى مەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى تىڭىرقاشقا تولغان بىرىنجى مەۋسۇمنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىم مۇناسىۋىتى بىلەن يىزىپ چىقتىم.بۇ مېنىڭ تۇنجى يوللىغان تىمام،قىرىنداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى ھەمدە تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
گاڭگىراشتا شۇنچە تېز، ئۆتتى مانا تۆت ئېيىم. خوش دەي ئەمدى شۇلارغا، سۇلمىغاي ياشلىق باھارىم.
تىڭىرقاپ يۈرۇپ تۆت ئاينى، ئۆتكۇزۈپتىمەن شۇنچە تېز. ۋاقىت بىراق كەلمەسكە كەتتى، مەن ناداندىن قالمىدى بىر ئېز.
كەتكەن كۈنلەر قايتىلانماس ئەمدى، كۈنلەر ئۆتكەن بىخۇدلۇق بىلەن. مەۋھۇم دۇنيا ماڭا نېمە بەردى؟ قالدۇردى نادامەت، ئازاب بىلەن.
دەرس سۆزلىگەندە سالماي ئەسلا قۇلاق، دېدىم ھەم :"كىتابتا بار،ئاڭلىغان بىكار". دەرستىن كىيىن كىتابتىن ئۆرۈلمىدى بىر ۋاراق، ئىمتاھان تېز كەلدى،بىلىندى جاھان ماڭا تار.
يىللار سورار مەندىن ھەر دائىم، مەن ئۆتىمەن سەن قايدا دەپ. مەن كېكەچ شۇ يىللار ئالدىدا بىراق، يوق بىر ئېغىز يىتەرلىك سەۋەب.
ئارام ئالغىن دەپ بىرىپ تەسەللىي، كۆندۇرگەن ئىكەنمەن ئۆز-ئۆزۇمنى. مانا ئەمدى ئىمتاھانمۇ كەتتى، باشقۇرالمىدىم ياشلىق كۆزۇمنى.
ئۈگىنىش ئورنىغا ئاڭلىغان شۇ ناخشا، نەتىجە ئالدىدا ئاغرىقنى چىقاردى باشقا. ئاتا-ئانام ئالدىدا تىلىم بۇلارمۇ قىسقا؟ دىلىم بەك خۇنۇك ،تاۋىم يوق ئەسلا ئاشقا.
بار ئىدى بىر خىيال بەئەينى ھالۋا، مەن شىرىن چۈشتە ئىدىم تەشنا. ۋە لىكىن ئۇ سىرداش ئىدى خىيالىمدا، ئەزەلدىن قىلماس ئىدى ماڭا پەرۋا.
بىلدىم بۈگۈن ئۇنىڭغا مەن ئارتۇقچە، پەقەت خىيالكەن بولسىمۇ شىرىن شۇنچە. نادامەتتە ئويغاندىم مەن چۆچۈپ، قۇرۇق خىيالدىن كەلمىدى ئۈنچە.
ئىكەن مەۋھۇم خىياللار ئارتۇقچە، ئايلىناركەن كۆپۈككە ئاخىرى ھەممە. قالغىنى پەقەتلا ئاچچىق بىر ساۋاق، دەسلەپكى شىرىنلىك ئىكەن ۋاقتىنچە.
تىڭىرقاشتا ئۆتكەن بۇ تۆت ئاي، دېدى ھەر كىشى ئەمەلىي بولغاي. خام خىيالدا يىشىلمەيدۇ تۈگۈن، ماڭغان كىشىنىڭ يولى كەڭ بولغاي.
بىر مەۋسۇم شۇنچە تېز كەتتى ئۇزاپ، مانا بۈگۇن يولغا چىقتىم يۇرتقا قاراپ. ئۆكۈنۈش تولدى يۈرەككە لىقمۇ لىق، ئۇمىدتىمەن ياشلىقىم بولمىغاي خاراپ.
شىرىن چۈش نادامەت بەردى، مەن ئۇلارغا خوش دەي ئەمدى. ئارزۇ-تىلەكلەر تېخى يادىمدا، كىچىكىپ بولسىمۇ ئۈمىد كەلدى.
ئۈمىد ،ئىشەنچ قامچا بولۇپ، خام خىيالنى مەندىن قاچۇرسۇن. شىرىن چۇشمۇ يىراق تۇرسۇن، مەن ئۇلارغا خوش دەي ئەمدى.
مەنبە:ئۆزۈم
يېزىلغان ۋاقتى:2013-يىلى 01-ئاينىڭ 09-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-9 01:57 PM
|