بىلكان شىركىتى ئەسلى android سۇپىسىدىكى كۆپ تىللىق بىلكان لۇغىتىنى ئايفونغا يۆتكەپ تارقاتتى. ئالما appstore نىڭ چۈشۈرۈش سۈرئىتىنىڭ پەۋقۇلاددە ئاستا بولۇشى، شۇنداقلا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تاللاپ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئەرەبچە لۇغەت ئايرىم قىلىپ ئىشلەندى.
بىلكان ئەرەبچە لۇغىتى سۈرئىتى تىز، ئىشلىتىش قولاي بولغان لۇغەت يۇمشاق دېتالى. لۇغەتتە ئەرەبچە سۆزلۈكنى ئاساس قىلغان ھالدا ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە، ئەرەب تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى تەمىنلەنگەن. تىز ئىزدەش، تەپسىلى ئىزدەش، ئىزاھاتتىن ئىزدەش، تەرجىمە ئىچىدىن تاللاپ ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۆزىڭىز ئىزدىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئەڭ تىز، قولاي سۈرئەتتە ئىزدەپ تاپالايسىز.
لۇغەت
ھەقسىز تارقىتلىدۇ.
لۇغەت ئامبارلىرى:
✧ ئەرەبچە← ئۇيغۇرچە
✧ ئەرەبچە←ئەرەبچە
✧ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
ئىقتىدارلىرى:
✧ تېز ئىزدەش
✧ تەپسىلىي ئىزدەش
✧ تەرجىمە ئىچىدىكى خالىغان سۆزنى تاللاپ ئىزدەش
✧ ئىزاھاتىنىلا ئىزدەش
✧ ئىزدەش تارىخى
✧ خەتكۈچ
✧ ئىملا تەكشۈرۈش
✧ماقال تەمسىل
✧ئىكران سۈرۈپ بەت ئالماشتۇرۇش
✧ تەرجىمە مەزمۇنىنى ئېلخەتتە ۋە قىسقا ئۇچۇردا يوللاش
ئىكران رەسىملىرى:
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
https://itunes.apple.com/cn/app/bilkan-erebche-lughiti/id590313363?mt=8
---
بىلكان ئەرەبچە لۇغىتى ئۆگۈنۈش، خىزمىتىڭىزدىكى ياخشى ياردەمچى بولغۇسى!
بىلكان ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
مەنبە: http://bbs.bilik.biz/thread-25392-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا udmish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-8 08:10 PM