مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 827|ئىنكاس: 16

سەبىخەنىڭ ئارزۇسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73559
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5960
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 07:27:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەبىخەنىڭ ئارزۇسى
(ھېكايە)
ئەخمەتجان ئابلىز
مەن بۇ سىنىپتا مۇدىرى بولغان كىيىن بىر ئىشى دىققىتىمنى تارتتى . سىنىپىمىزدا باشىقا يىزىغا تەۋە ئەمما بىزنىڭ يىزىغا قوشنا بولغان مەھەللىدىن كىلدىغان سەبىخە ئىسىملىك بىر قىز بار ئىدى. ئۇنىڭ مەھەللىسى مەكتەپ بىلەن ئون نەچچە كىلومىتىر كىلەتتى. ئۇ ھەركۈنى شۇنداق سەھەردە كىلەتتى. بىرەر كۈن بولسىمۇ مەكتەپكە سەۋەبىسىز كەلمىگەن ۋاقىتى يوق ئىدى. بولۇپمۇ مەن ئۇنىڭ قىشنىڭ قەھىرىتان سوغۇقلىرى ، يازنىڭ  قاتتىق پىژقىرىم ئېسىسىقلىرىغا بەرداشلىق بىرىپ مەكتەپكە كىلۋاتقانلىقىدىن بەكمۇ ھەيران بولاتتىم .چۈنكى سىنپىمىزدا ئۆيى مەكتەپكە يىقىن بولغان ساۋاقداشلارمۇ كىچىكىپ قالدىغان ، مەكتەپكە سەۋەبسىز كەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۇلۇپ قالاتتى. قىشنىڭ مەلۈم بىر كۈنى سەبىخە مەكتەپكە يېتىپ كىلەلمىدى.كۆڭلۈم بىر ئشىنى تۇيغاندەك بولدى. ئاغرىپ قالغانمىدۇ ،ياق ئاغرىپ قالغان بولسا تېلىفۇن نومۇرىمنى بىلىدۇ ،خەۋەر قىلىپ قۇياتتى، بىرەر ئىشى چىقىپ قالغانمىدۇ يا ياق، ئۇ ھازىرغىچە بىر كۈن بولسىمۇ سەۋەبسىز مەكتەپكە كەلمىگەن يىرى يوق ، توختاپ تۇر  ئالدىغا بېرىپ باقاي دېگەنلەر كۆڭلىمدىن كەچتى. شۇنداق قىلىپ مۇتىسىكلىت بىلەن يولغا چىقىتىم . خىلى ئۇزاق ماڭغاندىن كىيىن ئالدىمدا بىر نەرسىنىڭ سىماسى كۆرۇلدى. يىقىنلاشقانسىرى ،يىراقىتىن ۋېلىسىپىت يىتىلگەن بىرەيلەننىڭ كىلۋاتقانلىقىنى ئىلغا قىلالدىم .مۇتىسىكلىتنى يول ياقىسىغا توختاتتىم .قىزچاق مىنى تۇنىغان بولسا كىرەك قەدەملىرىنى ئاستىلىتىپ توختىدى. قىزچاقنىڭ بېشىقا كەيگەن قىزىل پوسىمىسى، يۈز-كۆزى،ئېغىز- بۇرۇنلىرى ئورۇلغان شارپسى  بىر قەۋەت نىپىز قىرۇۋ باغلىغان بولۇپ ،ئۇ خۇددى ‹‹قار مەلىكە›› گىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
-قىزىم ،توڭدىڭىزمۇ؟بىرەر ئىش بولىمىغاندۇ ؟ بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتتىم-دىدىم سوغۇقدىن تىتىرەپ تۇرۇپ .
-ياق، مۇ،مۇئەللىم ،يولدا كىلۋاتقىچە ۋېلىسىپىتىمنىڭ يى ،يىلى چىقىپ كەتتى. شۇڭا يىتىلەپ كىلىشكە مەجبۇر بولدۇم .سىزنى ئە،ئەنسىرىتىپ بۇ يەرگىچە كە،كەگۈزىپتىمەن - دىدى دۇدۇقلاپ تۇرۇپ . ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى مىنىڭ مۇزلىغان تىنىمگە باشىقىچە ھارارەت بېغىشلىدى.
-قىزىم،ۋېلىسپىتىنى ئەكلىڭە ،ئاۋۇ ئۆيگە ئەكىرىپ قۇيايلى-دېگەنچە ۋېلىسىپىتقا قول سۇندۇم . قىزچاق قولىنى رولدىن ئاجراتمىدى. مەن ئۇنىڭ نىمىشقا بۇنداق قىلدىغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ :
-قىزىم ، خاتىرجەم بولۇڭ ، ۋېلىسىپتىڭىز يۇقاپ كەتمەيدۇ، كەچتە مەن سىزنى ئەكلىپ قۇيىمەن –دىدىم. ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردى،ئەمما قولى يەنىلا رولدا ئىدى. ئۇنىڭغا قاردىم . ئۇنىڭ كۆز چانىقىدا ئەمدىلا ئېتىلىپ چىققان ئىككى تامچە ياش قېتىپ قالغان ئىدى. قىزچاقنىڭ قولىنى تۇتتۇم ،يۈرىكىم‹‹ شۈرىدە›› قىلىپ كەتتى. قىزچاقنىڭ قولى سوغۇقتا مۇزلاپ كەتكەن ئىدى  .
-قىزىم ، قولىڭىز مۇزلاپ كىتىپتۇ؟ دېگەنچە قولىنى سىقىملاپ تۇرۇپ قوينىمغا سالدىم . قىزچاقنىڭ مۇزدەك قوللىرى بەدىنىمىگە تەگكەندە ئەندىكىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، تىخىمۇ چىڭ قىسىتىم .خىلى  ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن  سەبىخەنىڭ قولى   ئىللىدى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپكە يېنىپ كەلدۇق.مەن بۇگۈن  يۈز بەرگەن ئىشلارنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئېيىتتىم. مەكتەپ رەھبەرلىكى سەبىخەنى مەكتەپتىن چىكىندۇرۇشنى ، ئەگەر تاسادىبى بىرەر ئىش يۈز بەرسە  مەسئۇل بولالمايدىغانلىقىنى،ئوقۇش تەۋەللىكىنىڭ بۇ يەردە ئەمەسلىكى، ساننىڭ سىرتىدا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارمۇ  سۇرۇشتە قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى. مەنمۇ ئىچىمىدە شۇنداق قىلاي ، تاسادىبى بىرەر كىلىشمەسلىك يۈز بىرىپ قالسا ،‹‹ ئۆزۈم تاپقان بالاغا ، نەگە باراي داۋاغا›› دېگەندەك ئىشلار بولسۇن  يەنە  ،ئۇنىڭ ئۈسىتىگە بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ  ئوقۇتمىغىنىغا مەكتەپ تاقىلىپ قالارمىدى دېگەنلىرىنى ئويلىدىم.بۇ ئشىنى سەبىخەگە ئېيتىش ئۈچۈن چۈشتىن كىيىن   ئىشخانامغا چاقىرىدىم.
- قىزىم ، بۈگۈنكى ئەھۋالىنى كۆرۇپ بەكمۇ ئەنسىرەپ قالدىم. ئۆيىڭىز بىلەن مەكتەپنىڭ  ئارلىقى بەكمۇ يىراق ئىكەن . ئۇنىڭ ئۈسىتىگە سۇغۇقمۇ كۈچيىپ كىتىۋاتىدۇ. شۇڭا ئەتىدىن باشلاپ مەكتەپكە كەلمەڭ –دىدىم. بۇ گەپنى قىلىپ بولۇپ ، كۆز ئالدىمىغا ئەتتىگەنكى ئىش كىلۋىلىپ ،ئىچىم سىيىرىلىپ كەتتى.
سەبىخە مىنى تۈنجى قىتىم كۆرۇۋاتقاندەك بېشمىدىن –ئايىغىمچە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن :
-مۇئەللىم ، ئەتتىگەن بىر كۈن مەكتەپكە كىچىكىپ قالغانلىقىم ئۈچۈنلا  مۇشۇنداق قىلامىسىز؟-دىدىيۇ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئېقىپ كەتتى.
-ياق، ياق، قىزىم سەبىخە ئۇنداق ئەمەس. سەبىخە ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن ماڭا قاردى.
-ئۇنداق بولسا ،نىمىشقا مىنى مەكتەپكە كەلمەڭ دەيسىز؟
مەن بۇ ئىشنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم . ئاخىرى بۇ ئىشىنى مەكتەپكە دوڭگەپ قويماقچى بولدۇم.
- مەكتەپ رەھبەرلىكى تاسادىبى بىرەر كىلىشمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە سىزنىڭ بىخەتەرلىكىڭىز ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۇرۇنلاشتۇردى،  شۇ –دىدىم –دە،ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ھاز يىنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم.
- مۇئەللىم،   ئەتتىگەنكى ئىشنى سىزلا بىلەتتىڭىز، سىز چۇقۇم بۇ ئىشنى مەكتەپكە ئېيىتىپىسىز ، بولمىسا ئۇلار ھازىرغىچە مىنى مەكتەپكە كەلمىسۇن دىمىگەن ئىدى، سىز نىمىشقا ئېيىتقان بولغيىتىڭىز-قىزچاق ئۈن سېلىپ يىغىلاپ كەتتى. قىزچاقنىڭ يىغىسى يۈرىكىمىنى ئېزىپ ۋۇجۇدىمنى پۇچلاندۇرىۋەتتى.
-قىزىم،راسىت ، مەن بۇ ئىشنى ئىنكاس قىلغان ئىدىم ، شۇ ،شۇ ،شۇ ، سىزىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.
قىزچاق يىڭى بىلەن كۆز يېشىنى سۈرتۇۋىتىپ:
-مۇئەللىم، راستىنى ئىيىتسام ،مىنىڭ مەكتەپكە بەكمۇ ئۇقۇغۇم بار، بىزنىڭ مەھەللە يىزىمىزنىڭ ئەڭ چىتىگە جايلاشقان ،ھازىرغىچە بىرەرىمىزمۇ مەكتەپتە ئوقۇپ باقىنىمىز يوق ، بىزنىڭ ئوقۇشىمىز بىلەن ھىچكىمنىڭ كارىمۇ يوق ، ئوقۇيمىزمۇ ، ئوقۇمايمىزمۇ ئۆز ئىختىيارىمىز .  مەن ئۇقۇشسىز قالسام بولمايدۇ ،سىز بىر ئامال قىلىپ مىنى مەكتەپتە ئېلىپ قالسىڭىز-دىدى يالۋۇرۇپ.
قىزچاقنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ قىلغانلىرىمىدىن نومۇس قىلىپ قالدىم.
راسىتىنى ئېيىتسام،مەكتەپنىڭ  بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولالمايمىز دېگەنلىرىنى ئويلىسام ،ئۇنى مەكتەپتە ئېلىپ قالالمايتىم.
-مەن سىزنى مەكتەپتىن قايتۇرۇشقا پەقەت كۆزۈم قىيمايدۇ،   مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىجىرا قىلمىسام تېخى-دىدىم ھىسداشلىق قىلغان بولۇپ.ئارىدا بىر ھازا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى.
-مۇئەللىم ، مەكتەپ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان بولسا مەيلى، سىزنىمۇ خىجىل قىلماي،ئەمما سىزگە شۇنى دىگۈم كىلۋاتىدۇ. مەن مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان ، ئۇنداق ئىشلارغا كۈندە ئۇچراپ كىلۋاتىمەن.  لىكىن ئوقۇشقا بولغان قېزغىنلىقىم مىنى بۇ يولدا توختىپ قۇيالمىدى. مەن ھەممىڭلارنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت ئېيىتىمەن. ھەر نىمە بولسا ساۋاتىمنى چىقىپ خەت يازالايدىغان ، كىتاب ئۇقۇيالايدىغان بولدۇم . مەن ئاتا-ئانامنىڭ ئارزۇسىنى ئادا قىلالغانلىقىمىدىن بەكمۇ خۇشال بولىۋاتىمەن.مۇمىكىن بولغان بولسا ئىدى باشلانغۇچنى ئاخىرلاشتۇرىۋالغان بولسام بۇلاتتى.ھەي ئىسىت ،  مەن ئۈچۈن تارتقان ئەجىرىڭلارغا جاۋاب قايتۇرالمايدىغان بولدۇم-دىدىيۇ بېشىنى ساڭگىلىتىپ يەرگە قارىۋالدى. ئۇنىڭ گەپلىرى مىنى چۇڭقۇر ئويلاندۇرۇپ قۇيدى. سەبىخە ئورۇندىن تۇرۇپ سىرىتقا ماڭدى. ئۇنىڭ قەدەملىرى شۇنچە روھىسىز ،روھى چۈشكۈن ئىدى. ئۇ ئشىكىنى بوشىقىنە ئاچتى.
-قىزىم ،سەبىخە ، ئەتتىدىن باشلاپ مەكتەپكە كېلىۋىرىڭ. ھەرقانداق مەسئۇلىيەت كەلسە مانا مەن ئىگە –دىدىم ئورۇنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ . بۇ گەپنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمىدىم. قىزچاق ماڭا قاراپ ئېللىق كۈلۈمسىرىگەنچە ،-رەھمەت سىزگە –دېگەنچە تاقىلاپ يۈرۈپ كەتتى.


ئاپتۇر :  ( يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يىزا مەركىزىي مەكتەپتە)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39266
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2011-4-30
ئاخىرقى: 2013-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 09:07:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك! مۇبارەك! مۇئەللىم! سىز بىلەن مىسرانىمدا ئۇچراشقىنىمغا كۆپ خۇرسەن بولدۇم، ئەسىرىڭىزنى ئۇقۇدۇم ياخشى چىقىپتۇ! مەن تېخى سىزنى ساغلاملىققىلا كۆڭۈل بۈلۈپ مىڭىسىنى ئامانەت قۇيۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن! ئانچە- مۇنچە خەتمۇ يېزىپ قۇيىدىكەنسىز ھە! يەنىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى ئاشۇ قۇملۇقتىكى تەسىرلىك ئىشلارنى يېزىشىڭىزغا تىكەكداشمەن. بولسا ئانچە مۇنچە رەسىم يوللاپ تۇرۇڭ دەپ: دىلجەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89379
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-12-31
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 10:16:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەبىخە دىسلام ئانا يۇرت رومانىدىكى سەبىخە ئسىمگە كىلدىغان بولۇپ قالدى، تىخى بىر ۋاقىتتا ئۇنى ئويلساملام ئىچىم سىرلىپ ئاغىرىيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم مەيلى راس ئۆتكەن ئادەم بولسۇن يالغان بولسۇن~

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 29980
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 10:17:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    يىراق يىزىلاردا مائارىپىمىزنىڭ شارائىتى مۇشۇنداق قىيىنمىدۇ ؟

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86150
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 10:32:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmat

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89414
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-1-1
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 10:37:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمەدىگەن تەسىرلىك ھە!!!!   مۇمكىن بولسا شۇ بىلىمگە تەشنا بالىلارنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىشىڭىزنى  ئۇمۇد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10487
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 2133 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 10:37:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى ‹ ‹ئانا يۇرت›› رومانىدىكى سەبىخەمىكىن دەپتىمەن....ھاھا ھا ھا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46980
يازما سانى: 1190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2582
تۆھپە نۇمۇرى: 1937
توردا: 7584 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 10:47:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمزايىمدىكى بېكەتلەرنى كۆرۈپ چىقىڭ، پايدىسى تېگىپ قالار

زار ئەمەسلەرگە خار ئەمەسمەن ..

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17428
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7392
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 11:42:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا ئوقۇش ئۈچۈن شۇنچە قىينىلۋاتقان بالىلارمۇ مەۋجۈتمۇ ؟ 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنىڭ كۈچى قىنى زادى ؟

نادانغا نادانلىقىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتىش قاراڭغۇدا قاپاق تۈرگەن بىلەن باراۋەر .. ... ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77869
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1791
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 12:20:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆز ئالدىمدا  دىيارلىرىمىزدىكى، ئاتا-ئانىللىرى ماشىنا بىلەن مەكتەپلەرگە تۆت ۋاق ئاپىرىپ-ئەكىلدىغان بالىلار بىلەن ئۇبالىلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى...........

ئاللاھ مىنى ئىنسان ~ مۇسۇلمان ~ ئۇيغۇر ~ قىز  قىلىپ ياراتتى، مانا بۇ بەخىت ئىچىدىكى بەخىت بولماي نىمە؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش