مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 522|ئىنكاس: 4

دادا مېنى ساقلا،مەن ئاشۇ كۈلكەڭ ئۈچۈن تېرىشىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82709
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3060
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 05:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مانا بىر دەمدە كەچ بولدى.مەن بۈگۈنلۈك ئشلىرىمنى تۈگىتىپ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئولتۇردۇم.قوزغاتقۇچنى بېسىۋېتىپ تۇيۇقسىز تامغا چاپلاپ قويغان ،ھەر كۈنلۈكى ئوقۇپ قويارمەن دەپ يېزىپ قويغان بىر جۈملە سۆزنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدىم .ئۇنىڭدا "دادا مىېنى ساقلا ،مەن ئاشۇ كۈلكەڭنى ساقلايمەن "دەپ يېزىلغان ئېدى.
   ھېلىمۇ ئىېسىمدە ،باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئائىلمىزنىڭ نامراتلىقى ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلغان ئىدى ،دادام تېرىشچان ،ئېغىر-بېسىق،سىڭلىم ئىككىمىزگەبەك ئامراق ئىدى،ئادەتتە بەك چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزمىسەك بىزگە قول تەگكۈزمەيتتى،شۇڭلاشقا ئانامغا ئوخشاشلا دادامغا بەكمۇ ئامراق ئېدىم،كۆپ ۋاقىتلاردا دادامنىڭ "پۇل يوق"دىگەن شۇ گېپى مېنى"چوڭ بولسام جىق پۇل تېپىپ دادامنى خۇشال قىلىمەن "بىر ئىرادىگە كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا مەن ئۈگۈنۈشكە بەك ھېرىسمەن ئىدىم ،پەقەت چارچاش ھىس قىلمايتتىم ،نېمە يېڭى نەرسە بولسا ئۈگۈنۈپ باققۇم كىلىپ تۇراتتى،ئېتىز-ئېرىق ئېشلىرىغا بەك قىزىقمىساممۇ لىكىن ئاشۇ كىچىككىنە "دادامنى خۇشال قىلىمەن"دېگەن ئويۇم بىلەن تېرشىپ ئىشلەيتتىم.تىراكتور ، موتوسېكلىت ،ۋېلسىپىت دېگەنلەرنى شۇنداق تىز ئۈگنىۋالغان ئىدىم.        
  كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئوقۇشنىڭ پېشىغا چىڭ ئېسىلىپ ،ئىچكىرگىچە كەلدىم ،نەزەر دائىرەم ،بىلمىم كۈنسايىن ئاشماقتائېدى.شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزەمنىڭ بۇرۇن ياشىغان ،چوڭ بولغان يېرىمنىڭ تولىمۇ كىچىك ،ئارقىدا قالغان ئكەنلىكىىنى ھىس قىېلىشقا باشلىدىم،شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆز ئارزۇ-ئارمىنىمنىڭمۇ بەك ئاددىي بولۇپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ،باشقا بىرئىرادە تىكلىدىم ،يەنى چوڭ بىر شىېركەت ئېچىپ نۇرغۇن ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر ياش قېرىنداشلىرىمىزنى ئشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ باشقىىلارغا ئاز بولسىمۇ بەخىت يارىتىش ئېدى.
  مەن تەتىل مەزگىللىرىدە بازار ئارىلاپ بازار كۈزەتتىم ،ئىقتىساسلىقلار بازىرىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ زادى قانداق كىشلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ،بۇندىن كېيىن يەنە قايسى تۈرلەرنىڭ مەن ئاچسام ماس كىلىدىغانلىقىنى كۈزەتتىم ،كىشلىك مۇناسىۋەت دائىرەمنىڭ تولىمۇ تارلىقىنى ھىس قىلدىم،بۇنىڭغا خاس ئەتراپلق بىر پىلان تۈزۈپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئورۇنلاشنى قارار قىلدىم ،ئەمەلىي بىلىم جەھەتتە تەجىرىبەم بولمىغاچقا ئالىي مەكتەپتە قوشۇمچە كىچك سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ساۋاقداش،دوستلارغا بىر ئاز بولسىمۇ قولايلىقلارنى ئەپ كەلدىم .ھەركۈنى ئىقتىسادقا دائىر كىتابلارنى ئوقوشنى ئادەت قىلۋالدىم. كەسپىم بەكمۇ ياخشى بولمىغاچقا ئۆزەم ماڭا پايدىلىق دەپ قارىغان دەرىسلەرگە چىقتىم،باشقا كەسىپنىڭ ماڭا پايدىلىق دەپ قارىغان دەرىسلىرىنىمۇ ئۈگۈنۈپ ماڭدىم.تەتىللەردە شىركەتلەردە ئاددي بولسىمۇ ئىشلەشنى قارار قىلدىم ۋە بىر كىچىك شىركەت بىلەن ئالاقىلاشتىم،چۈنكى ئاددىي خىزمەت دەل مېنى چېنىقتۇردىغان،بىلىم بېرىدىغان سورۇن،مېنىڭ باشقىلار قىلالمايدىغان ۋە قىلىشنى خالىمايدىغان ئشنى قىلالايدىغانلىقىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،دەپ ئويلايمەن .ئەلۋەتتە بۇلارنى دادام بىلمەيدۇ، ئۇ مىنى پەقەت ئوقىۋاتىدۇ دەپ بىلىدۇ.
  بۈگۈنمۇ ئاشۇنداق مەشغۇلاتلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئازىراق ھېرىپ قالغان ئىدىم .بايىقى بىر جۈملە كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەندە  دادامنىڭ مەن ئارزۇيۇمغا يەتكەندىكى ماڭا قاراپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلگەن كۈلكىسى كاللامنى قاپلىدى ،قايتىدىن بىرخىل جۇشقۇنلۇق ھارغىنلىقنىڭ ئورنىنى باستى.مەن ھەر قېتىم مەغلۇپ بولسام ۋە چۈشكۈنلىشىشكە توغرا كەلسەم ئاشۇ مەمنۇنلۇق كۈلكە مەڭا مەدەت بوپ كەلدى،بۇندىن كىيىنمۇ ئاشۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،دادا ماڭا مەدەت بەرگىن،مەن چوقۇم ئاشۇ كۈلكەڭ ئۈچۈن تېرىشىمەن.


  
  
[ بۇ يازمىنى OMAK7 تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2013-1-8 07:18 PM ]


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82709
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3060
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 01:58:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90280
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 09:53:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82709
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3060
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 10:34:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5756
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1323 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 02:43:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
ئانامنىڭ دۇئاسى مەن بىلەن بىللە،ھاياتىم شۇ دۇئا بىلەن بەخىتلىكتۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش