|
|
|
|
بىلكان شىركىتىنىڭ كۆپ تىللىق لۇغىتى ئىشلىتىشنىڭ قولايلىقى، سۆزلۈكىنىڭ كۆپلىكى بىلەن بىلكان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغۇچىلار ۋە باشقا android ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ۋە ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن ئىدى. يېقىندا شىركىتىمىز بۇ لۇغەتتىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈن مەزكۇر لۇغەتنى iPhone سۇپىسىغا يۆتكەپ چىقتى.
لۇغەتكە ئاپتۇماتىك تىل پەرقلەندۈرۈش، ئىملا تەكشۈرۈش، مەخسۇس ئامبار ئىشلىتىپ ئىزدەش سۈرئىتىنى تىزلەشتۈرۈش، تەرجىمە مەزمۇنى ئىچىدىن تاللاپ ئىزدەش... قاتارلىق تېخنىكا ئىقتىدارلار قوشۇلغان بولۇپ سىزنى ئەڭ قولاي ھالەتتە ئىزدىگەن سۆزىڭىزنى تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
لۇغەت ھەقسىز تاقىتىلىدۇ.
لۇغەت ئامبارلىرى:
✧ ئۇيغۇرچە← ئېنگلىزچە
✧ ئۇيغۇرچە←خەنزۇچە
✧ ئىنگلىزچە← ئۇيغۇرچە
✧ ئىنگلىزچە←خەنزۇچە
✧ خەنزۇچە←ئۇيغۇرچە
✧ خەنزۇچە←ئېنگلىزچە
✧ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
✧ ئىنگلىز تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى(سىستېما تەمىنلىگەن)
✧ خەنزۇ تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
ئىقتىدارلىرى:
✧ تېز ئىزدەش
✧ تەپسىلىي ئىزدەش
✧ تەرجىمە ئىچىدىكى خالىغان سۆزنى تاللاپ ئىزدەش
✧ ئىزاھاتىنىلا ئىزدەش
✧ ئىزدەش تارىخى
✧ خەتكۈچ
✧ ئىملا تەكشۈرۈش
✧ ئاپتۇماتىك تىل پەرقلەندۈرۈش
✧ ماقال تەمسىل
✧ ئىكران سۈرۈپ بەت ئالماشتۇرۇش
✧ تەرجىمە مەزمۇنىنى ئېلخەتتە ۋە قىسقا ئۇچۇردا يوللاش
ئىكران رەسىملىرى:
App Store دىكى ئادرىسى:
https://itunes.apple.com/cn/app/bilkan-kop-tilliq-lughiti/id588121917?ls=1&mt=8
بىلكان لۇغىتى ئۆگۈنۈش، خىزمىتىڭىزدىكى ياخشى ياردەمچى بولغۇسى!
بىلكان ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
مەنبە:
http://bbs.bilik.biz/thread-25390-1-1.html |
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا udmish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-8 05:14 PM
|
|
|
|
|
|