تەربىيىلىك ئايال ئۆز ئېتقادىنى بۇزۇق تۇتۇشتىن پۈتكۈل ئېتىبارى بىلەن ساقلىنىدۇ. شەرىئەت بۇيرۇغان نەرسىلەرنى ئېنىق چۈشىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ئېتقاد قىلىپ شەرىئەت مەنئى قىلغان نەرسىلەرگە زادىلا ئېتقاد قىلمايدۇ.
تەربىيىلىك ئاياللار سېھىرگەر ۋە پالچى كىشىلەرنىڭ مەنىسىز سەۋەبلەر بىلەن ئارىنى بۇزۇش ۋەياكى تۈزۈتۈش ئۈچۈن، ئاشۇنداق جىن-پەرىلەردىن مەدەت تىلەشنى دالالەت قىلغۇچى كىشىلەرگە ئەسلا ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى، بۇنداقلار ئالدامچى، ھىيلىگەر بولغانلىقى ئۈچۈن. تەربىيىلىك ئاياللار ئۇلارنى ھەرگىز ئۆز يېنىغا ۋە ئۆز ئۆيىگە يولاتمايدۇ. سېھىرگەر ۋە ھىيلىگەرلەرگە بىر ئايال ئىشەنسە، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئېرىمۇ ئاستا-ئاستا ئىشىنىشكە باشلايدۇ. بۇ ئايالنىڭ ناچار ئېتقادى بالىلىرىغىمۇ مىراس بولۇپ قالىدۇ. ئاخىرىدا بۇ يۇرت ئىچىدە ئىمان ۋە ئېتقاد قالمايدۇ. بەلكى ھەربىر نەرسىدىن شەكلىنىپ ۋە شۈبىھلىنىپ، تامامەن قورقۇنچلۇق بىر خىيال ئىچىدە قالار. بۇ يۇرتنىڭ ھال-ئەھۋالى ئاق قۇرت چۈشكەن ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئۇۋىسىغا ئوخشاپ قالار.
ئىتائەت
تەربىيىلىك ئايال شەرىئەت ۋە ئەقىلگە خىلاپ بولمىغان ئورۇنلارنىڭ جۈملىسىدە ئۆز ئېرىگە ئىتائەت قىلار. چۈنكى، ئايالنىڭ زىممىسىدە ئەرنىڭ كۆپ، شۇنداقلا ئۇلۇغ ھەقلىرى بار. ئاللاتائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمۈد قىلغان ۋە ئاخىرەتتە شادلىق كۈتكەن ئايال ئۈچۈن، ئېرى بىلەن گۈزەل مەئشەت ئۆتكۈزمەك ۋە سۆزىنى جان-جېنى بىلەن ئاڭلىماق، ئىتائەتتە بولماق لازىمدۇر.
بۇنىڭ ئەكسچە بولغان ئاياللار دۇنيادا پۇشايمان ئىچىدە ئۆتەر، ئاخىرەتتە بەلكى قورقۇنچلۇق جازاغا ئۇچرار. پەيغەمبىرىمىزنىڭ «ئېرىنى رازى قىلغان ھالدا ۋاپات بولغان ئايال جەننەتكە كىرەر»، «بەش ۋاخ نامىزىنى ئۆتىگەن، پەرز روزىسىنى تۇتقان، ئۆزىنى نامەھرەمدىن ساقلىغان، ئېرىگە ئىتائەت قىلغان ئايال ئاللانىڭ جەننىتىگە كىرەر»، «ئەگەر بەندىلەرگە سەجدە قىلماق شەرىئىتىمىزدە دۇرۇس بولسا، ئۆز ئېرىگە سەجدە قىلىش ھەققىدە ئاياللارغا بۇيرۇغان بولاتتىم» دېگەن سۆزىدىن ئەرلەرگە ئىتائەت قىلىش ئاياللار ئۈچۈن ئۇلۇغ بۇرۇچ ئىكەنلىكى ھەمدە ئىتائەتلىك ئايالنىڭ كەلگۈسى كۈنلەردە تولىمۇ راھەت-پاراغەتتە ئۆتىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ… ئاياللارنىڭ شان-شۆھرىتى ئۆز ئېرىگە ئىتائەت قىلىش، سائادىتى ئائىلە ئەزالىرىغا كۆيۈنمەكتۇر.
تەربىيىلىك ئايال ئېرىنىڭ چاچ-ساقاللىرىنى بالدۇر ئاقارتىۋىتىشتىن، ئەركىلەپ بولسىمۇ قاتتىق سۆز ۋە ئېرىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن بارىلىق ۋۇجۇدى بىلەن ساقلىنىدۇ. ئەر كىشى قانچىلىك ئەخلاقسىز ۋە جاھىل بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئايالى تەربىيىلىك بولسا، ئۆز ۋەزىپىسىگە رىئايە قىلىپ، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلالايدۇ. تىرىشچانلىق ۋە ئېتقادى سەۋەبلىك ئېرى بىلەن خۇشال تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولىدۇ.
خۇشال تۇرمۇش دەپ شۇنى ئېيتىدۇركى، نۇرغۇن كۈچ بىلەن ھەل بولمىغان ئىشنى ياخشى سۆز ۋە گۈزەل خۇلق ئاسانلا ھەل قىلىدۇ. نۇرغۇن پۇل-مال بىلەن قولغا كەلتۈرگىلى بولمىغان نەرسىلەرنى ياخشى سۆز ۋە گۈزەل خۇلق بىلەن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. تەربىيىلىك ئايال ئەگەر ئېرى پادىشاھ ۋە كاتتا ئالىم بولسىمۇ، ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىپ ھەرىكەت قىلىش، ئەدەپ-قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش، ئىخلاس بىلەن ئىتائەت ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئالالايدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھەتتا ئېرىنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرالايدۇ.
ئەرنىڭ يېقىنلىرىغا قىلىنغان يۈز-خاتىر
تەربىيىلىك ئايال ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئۇكىسى، ئاچا-سىڭىللىرى، يېقىنلىرىغا ھەم بارىلىق دوستلىرىغا يۈز-خاتىر قىلىش كېرەك.
كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش – ئۇنىڭ دوستىغا دوست، دۈشمىنىگە دۈشمەن بولۇشتىن باشلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەكسچە، دوستىنى دۈشمەن، دۈشمەننى دوست دەپ بىلىش ئورۇنسىز ئىشتۇر. كونىلار «دوستلارنىڭ ئىتىنىمۇ غەيرى ئىتلاردىن ئارتۇق كۆرۈش لازىم» دېگەن. ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدا بولىدىغان دوستلۇق شۇنداق ئىكەن، ھەر ۋاقىت ئېرىنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىش ۋە خۇش قىلىش ئۆزىگە ۋەزىپە بولغان بىر ئايال ئۈچۈن، ئېرىنىڭ يېقىنلىرىغا قانچىلىك ھۆرمەت ۋە رىئايە قىلماق لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈش تەس ئەمەس.
دەرۋەقە، ئاللادىن قورققان ۋە ئۇنىڭدىن ئۈمۈد قىلغان بىر مۇسۇلمان ئۆز يېقىنلىرىغا، خۇسۇسەن ئاتا-ئانىسىغا قىلىدىغان ئىززەت-ھۆرمەتنى ھېچ ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماس. مەسىلەن، بىر ئەر ئۆزىنىڭ تەربىيىسىزلىكى ۋە ئادەمگەرچىلىكى يوقلىقىدىن يېقىنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلمىسە، ئۇنىڭ تەربىيىلىك ئايالى بولسىلا، ئۆزى ئىززەت، ھۆرمەتكە رىئايە قىلىشتىن تاشقىرى، ئېرىنىمۇ بۇنداق ئىشلارغا دالالەت قىلىدۇ.
يېقىن قوشنىلارنىڭ ھەققى شەرئىتىمىزدە ناھايىتى ئۇلۇغ، بۇنىڭدىن قان-قېرىنداش بولغان يېقىنلىرىنىڭ ھۆرمەت ۋە رىئايە خاتىرلىرىنىڭمۇ قانچىلىك ئۇلۇغ بولىدىغانلىقىنى ھەركىم روشەن چۈشىنەلەيدۇ. شۇڭا، ئېرىنىڭ يېتىم بالىسىنى ئۆز بالىسى قاتارىدا ياخشى تەربىيلەش تەربىيىلىك ئايالنىڭ بۇرچى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاتائالانىڭ رەھمىتىگە لايىق بولغاندىن تاشقىرى، ئېرىنىڭ رازىلىقىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. كىشى قانچىلىك دىلى قاتتىق ۋە ئاچچىق سۆزلۈك بولسىمۇ، ئۆز بالىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن خارلىنىشىغا رازى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، بەزىبىر ئۆگەي ئانىلار تەرىپىدىن بالىلارغا ئازار قىلىنغاندا، دادا بولغۇچى قاراپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچماي تۇرۇش بۇنىڭغا قوشۇلغانلىق ياكى بالىنى ياخشى كۆرمىگەنلىك ياكى خوتۇنىنى بالىسىدىن ئارتۇق كۆرگەنلىك ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ باشقا سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر ئاتا ئۆزىنىڭ يېتىم بالىسىدىن خوتۇنىنى ئارتۇقراق كۆرسە؛ خوتۇنىنىڭ ئاچچىق سۆزلىرى، زەھەرلىك قاراش ۋە قوپال مۇئامىلىسى ئاستىدا ئۆز بالىسىنىڭ خارلانغانلىقىنى نەزەرگە ئالمىسا، يېتىم بالىنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلىغۇچى يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. ئاخىر بىر كۈن كېلەركى، بۇنداق ئايال ئۆز ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىگە بەرىبىر جاۋاب بېرىدۇ. يېتىم ھەققى قۇرۇپ تۈگەيدىغان سۇ ئەمەس، شۇنىڭدەك توزۇپ تۈگەيدىغان ھاۋامۇ ئەمەس.
ھالبۇكى، ئۆگەي بالىسىنى ياخشى تەربىيلىگەن ئايال ئېرىنىڭ قەدرلىشىگە ئېرىشىپ، مۇھەببەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۆگەي بالىلىرىغا شەپقەتسىز ئايال ئادەم ئەمەس، بەلكى بىر يىرتقۇچ ھايۋان. ئۆز بالىلىرىنىڭ باغرى قاتتىق بىر ئايال تەرىپىدىن خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن ھەربىر ئايال بۇ سۆزنىڭ ھەقىقىتىگە ئىشىنىدۇ. يېتىملەرگە زۇلۇم ۋە شەپقەتسىزلىك قىلىش ئېغىر گۇناھ بولۇپ، ئۇ يالغۇز ئۆگەي ئانىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۆگەي ئاتىغا ۋە بارىلىق يېقىنلارغا، بالىلارغا قارىغۇچىلارغا ھەم مۇناسىۋەتلىك. «ئاللاتائالانىڭ ياخشى كۆرگىنى يېتىملەر ھۆرمەت قىلىنغان ئۆي، دۈشمىنى بولسا يېتىملەرگە جەبىر-زۇلۇم قىلىنغان ئۆيدۇر.» دېگەن سۆز رەسۇلۇللادىن رىۋايەت قىلىنغان. مانا بۇ كۆزى ئوچۇق ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بۈيۈك ئىبرەت بولسا كېرەك.
سۆزنىڭ قىسقىسى شۇكى، ئەرنىڭ مۇھەببىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بالىسىغا رەھىم-شەپقەت قىلىش، ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا يېقىن قېرىنداشلىرىنى ھۆرمەت قىلىشتىن چوڭ ئىش يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەربىيىلىك ۋە ئەقىللىق ئاياللار بۇنى ياخشى بىلىپ، شۇ يول بىلەن ماڭار، بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن يورۇق دۇنيادا راھەت ۋە ئاخىرەتتە ياخشى ئەجرلەرنى كۆرىدۇ. دەرۋەقە، دۇنيادا قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىق مادامىكى بۇلۇتتەك تارقىلىپ كەتمەستىن، بەلكى ئىگىسىگە قايتار. ئانىسىغا خىزمەت قىلغان كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ بالىسى كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەت قىلغۇسى. قىيناتا بىلەن قىينانىغا خىزمەت قىلىشتىن قېچىپ، ئېرىنى ئۇلاردىن ئايرىۋەتكەن كېلىننىڭ كەلگۈسىدىكى كېلىنىمۇ ئۇنىڭغا ئەينەن ئاشۇ ئىشنى قىلغاي. چۈنكى، «نېمە تېرىساڭ شۇنى ئورۇسەن» دېگەن گەپ بار.
سۆھبەت
تەربىيىلىك ئايال ياخشى ۋە كۆركەم خۇلقلۇق ئاياللار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، ئەخلاقى ناچار ئاياللار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشتىن قاچىدۇ ۋە ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. چۈنكى، ياخشىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇش ياخشىلىققا سەۋەب بولغاندەك، يامانلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ئۇلارغا يولداش بولۇش نۇرغۇن يامانلىقلارغا سەۋەب بولىدۇ.
يامان ئايال ئادەم ئەمەس، بەلكى شەيتاندۇر. شۇ سەۋەبتىن بۇنداق قىلىقى ناچارلارغا ئوچۇق چىراي ئاچماق ۋە ئۇلارنى ئۆيگە كىرگۈزمەك ياخشى ئىش ئەمەس. شەيتان بىلەن دوست بولۇشتىن ھېچبىر پايدا چىقمايدۇ. «ئۆزۈم ياخشى بولغاندىكىن، ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ماڭا نېمە زىيان» دەپ ئاددىي قارىماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ چوڭ زىيان كەلتۈرۈشى ناھايىتى ئېنىق ۋە ئاشكارىدۇر، بۇنىڭدىن شۈبىھلەنمەسلىك كېرەك.
ئادەم بالىسىنىڭ ھالىنى بىلىش زۆرۆر بولغاندا، ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ «دوستلىرى كىملەر» دەپ سورىلىدۇ. دوستلىرى ۋە ئارىلاشقان كىشىلەرنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ بۇ كىشى توغرۇلۇق ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بۇنداق ھۆكۈم قىلىشتىكى سەۋەب شۇكى، تۈگمەنگە كىرگەن كىشىگە ئۇن، قازانغا يېقىنلاشقان كىشىگە قارىسى يۇقىدۇ، ئەلۋەتتە. ھالبۇكى، ناچار ئاياللاردىكى ھىيلە-مىكىرلەرگە شەيتانمۇ ھەيران قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ئاياللار ئىشىكتىن كىرىپ قالسا، ئائىلىنىڭ ئىشى تەتۈرسىگە ماڭىدۇ. بىچارە ئادەم بالىسى قانچىلىك ئەقىللىق بولسىمۇ، خەقنىڭ سۆزىگە ئىشىنىش ئاجىزلىقىدىن خالىي ئەمەس، خۇسۇسەن «سەن توغرۇلۇق پالانچى مۇنداق دېدى» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ، تۈرلۈك كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قالىدۇ. ئۇ ھەرقانچە ئىشەنمىسىمۇ، بۇنداق گەپلەرنى قىزىقىپ ئاڭلايدۇ. يامان ئايال ئىشىكتىن كىرىپ كەلسە، چوقۇم ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىش، غەيۋەت-شىكايەت تارقىتىپ كۆڭۈل ئاغرىقى پەيدا قىلىش… قاتارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىللە ئېلىپ كېلىدۇ.
سىر ساقلىماق
تەربىيىلىك ئاياللار چوڭ ياكى كىچىك بولسىمۇ، ئۆز ئېرىنىڭ سىرىنى باشقىلارغا پاش قىلىشتىن، سۆزلەپ يۈرۈشتىن ساقلىنىدۇ.
سىرى پاش بولغان كىشى كۆپ مۇشەققەتلەر بىلەن مۇرادىغا يېتىدۇ. بەلكى بالدۇر يېتەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىرنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش زىيانلا كەلتۈرىدۇ. سىرنىڭ ساندۇقى كۆڭۈل، ئاچقۇچى تىلدۇر. ساندۇقنىڭ ئاچقۇچىنى ياخشى ساقلىمىغان ۋە كۆڭۈل ئاچقۇچى بولغان تىلنى ياخشى ساقلىمىغان كىشى شەكسىز چوڭ ئەخمەق. ھالبۇكى، سىر ساقلىمىغانلىق شەرىئەت قانۇنىدىمۇ چوڭ گۇناھ.
دېمەك، ئەرنىڭ سىرىنى بىلىپ، ئۇنى ياخشى ساقلىماي، بەلكى ياتلارغا پاش قىلغۇچى ئايال ھەم ئېرىگە، ھەم شەرىئەتكە خىيانەت قىلغان بولىدۇ. ئۆزىنىڭ سىرىنى ساقلىماي، ئىككىنچى بىر كىشىگە سۆزلەپ «سىزگىلا دېدىم، باشقىلارغا پەقەت ئېيتماڭ» دېگەن كىشى دۇنيادىكى ئىككى ئەخمەقنىڭ بىرىدۇ. چۈنكى، ئۇ سىرىنى ساقلاشقا كۈچى يەتمەي سۆزلىگەن بولسا، ئۇنى ئاڭلىغان كىشى قانداق ساقلىسۇن؟ كونىلار «كىشىلەرنىڭ 100لېگەن ئالتۇنىنى ساقلاشتىن بىر ئېغىز سۆزىنى ساقلاش تەس» دېگەن ئىكەن. سىر ساقلىيالماسلىقى مەلۇم بولغان كىشىلەرگە باشقىلار ئىشەنمەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ خەلق ئارىسىدا ئىناۋىتى قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆز ئېرىنىڭ سىرلىرىنى ياخشى ساقلىمىغان ئايال ياخشى ئايال بولۇشقا لايىق ئەمەستۇر.
ئەگەر بىر ئەر ئۆز ئايالىنىڭ بۇ يامان ئادىتىنى سېزىپ «ئۇنىڭغا سىرنى بىلدۈرگىلى بولمايدىكەن» دەپ دۈشمەنلىرىدىن سىر ساقلىغاندەك، ئۆز سىرىنى ئايالىدىن يوشۇرۇپ يۈرسە، ئۇلارنىڭ دۇنيادا ئەر-خوتۇن بولۇپ ياشىشىدىن قانداق لەززەت ۋە راھەت بولسۇن؟! سىر ساقلىغۇچى ئايالغا ئېرىنىڭ مۇھەببىتى كۈنسېرى ئېشىپ بارىدۇ. شۇڭا، ئېرىنىڭ سىرىنى ياخشى ساقلاش تەربىيىلىك ئايالنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرۇچلىرىدىن بىرى.
مەزكۇر يازما تاتار ئالىمى رىزائىددىن ئىبنى فەخرىددىننىڭ <<ئىلمى ئەخلاق>> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
بۇ كىتابنى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2006-يىلى8-ئايدا نەشر قىلغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-8 04:24 PM