مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 541|ئىنكاس: 4

سېغىنىش كۈيلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشىنىڭمۇ ياخش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25115
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9668
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1520 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 01:58:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سېغىنىش كۈيلىرى
   

(hamid)

     
سېغىنىش ئىلكدە ئۆتمەكتە كۈنلەر
كىرىسەن چۈشۈمگە خىرە، بەك خىرە.
چۈشلىرىم-ھېسلىرىم قوينىدا سەن بار
ئاشۇنداق بىر قىسمەت سالدى چىڭ گىرە.

ئاداققى كۈتۈشنىڭ چاڭقاق دەشتىدە،
يولۇڭغا ئىنتىزار مەجنۇن كۆڭۈل بار .
مىڭ سەۋدا قاپلىۈان غېرىپ بېشىمنىڭ،
سۆيگۈ دەپ مېڭىششقا يولى بەكمۇ تار.

ئۈمۈدۈم ئارمانىم سېنى بىر كۆرۈش،
ماڭسام ھەم، تۇرسام ھەم ياتساممۇ شۇ غەم.
بىلمىدىم چۈشۈمگە كىرمەيسەن ئەجەپ.
ئويغامسام ھەسرەتتە ياستۇقلىرىم نەم.

كۈتسەممۇ ئۆلۈمنىڭ گىرۋەكلىرىدە،
بىلىمەن كەلمەيسەن كېتىسەن يىراق.
شاتلىغىڭ بەختىڭچۈن قولۇم كۆتۈرۈپ
بەخىتلىك بول دەيمەن بىراق ۋە بىراق....

ئاھ ئەلەم دەتلىرىم كۈلەر شاتلىنىپ،
تاتارغان يۈزلەرنىڭ شاھىدى بولۇپ،
ياشاشقا سېنى دەپ باغلايمەن ئۈمۈد،
كەلگەندە چۈشۈمدە مەن تامان ئۇچۇپ.

قانچىلىك زارىقىپ كۈتەي مەن لىكىن،
بىلىمەن ، كېتىسەن كېتىسەن ھامان.
. تىرىشتىم ۋە لىكىن بولمىدى ئامال
ئاھ ،-سېنى ئۇنتۇشقا ئۇنتۇشقا تامان....

مەنبە؛ ئاددىي قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hamid تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-8 02:01 PM  


ياخشىنىڭمۇ ياخشىسى ياخشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 06:10:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەكنىڭ قېتىدا تۇرىسەن ھامان،
ئورۇن ئاپ ياتتىڭسەن، ئۆچمەيسەن پەقەت.
ھاياتلىق مەنىسى يېشىلدى سەندە،
ئويغاتتىڭ روھلارنى تۇنجى مۇھەببەت.

ئۇنۇتۇش مۈمكىنمۇ، ئادەملىكىمدە،
لاۋۇلداپ يانغان ئوت ئۆچمىكى قىيىن.
كۆيگىنى ئادەملىك مېھرى-مۇھەببەت،
ئىللىتىپ تۇرىسەن قەلبىمنىڭ ئىچىن.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85646
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-10-3
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 06:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم تۇلپارىڭىز توختاپ قالمىغاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2071
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5522
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 06:42:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر شائىر بارلىققا كەپتۇغۇ ياخشى يېزىپسىز ، تۇختاپ قالماڭ جۇمۇ !!!!!!!!!!

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ياخشىنىڭمۇ ياخش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25115
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9668
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1520 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 09:08:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمەن قەلبىڭدە سۆيىسەن مېنى،
ۋە لىكىن تىلىڭدىن قىلمايسەن ئزھار.
بىلىمەن شۇ دەرتنى تارتىسەن تەنھا،
ھېچكىمگە بىر تىۋىش بىلدۈرمەي زىنھار.

زېرىكتىم جاھاننىڭ سەۋدالىرىدىن،
ئازاپتۇر،ئازاپتۇر،ئازاپتۇر ئازاپ...
تارتمىغىم ھەقىقەت مەيلى مەن چىداي،
پۇرقىتىڭ قىلسىمۇ گەر مېنى كاۋاپ...

ياخشىنىڭمۇ ياخشىسى ياخشى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش