مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1334|ئىنكاس: 29

ئەقىللىق ئانىنىڭ نەسىھىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7665
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 781 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 11:54:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەقىللىق بىر ئانا قىزىنى ئەرگە بەرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكىچە نەسىھەت قىلغان ئىكەن:

-ھەي قىزىم، بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ قولىمىزدىن كەتتىڭ. باشقا بىر ئادەمگە يارۇ ھەمراھ بولدۇڭ. سەن ئۈچۈن بەخت-ئامەت تىلىگۈچى ئاناڭ تەرىپىدىن سۆزلەنگەن ئۇشبۇ نەسىھەتلەرنى ئېسىڭدە مەھكەم تۇتقايسەن ۋە مۇمكىن بولغاندا پايدىلىنارسەن.

قىزىم، ئېرىڭ دۇنيا سەپىرىدە ساڭا ھەمراھ، قايغۇدا بىللە قايغۇرغۇچى، شادلىقتا بىلە شادلانغۇچى ھەمراھ بولۇش ئۈمۈدى بىلەن سېنى قۇبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ئەسلا يەردە قويمىغايسەن، ئۇ ھەرۋاقىت سەندىن رازى بولۇپ ياشىسۇن.

قىزىم، تېز كۈنلەردە ئائىلە قۇرۇشقا كىرىشىسەن، ئائىلە قۇرۇشتا ئېتىبارغا ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار. ئېرىڭنىڭ يېقىنلىرىنى، بولۇپمۇ قېيناناڭ، قېيناتاڭنى ھۆرمەت قىل. ئۇلارنى ئۆز ئاناڭ، ئۆز ئاتاڭدەك كۆر، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۇغقانلىرىڭ ھېسابلا، قېينانا-قېيناتاڭنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىل. مۇشۇ يېڭى تۇغقانلىرىڭنىڭ مىجەز-خۇلقىنى بىلىۋال ۋە شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىل، ئۇلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن ساقلان، چۈنكى بۇنىڭ ئېغىرلىقى ئېرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. سەندىن ئۆتسە يېقىنلىرىڭنىڭ كۆڭلىدە قالار، ئۇلاردىن ئۆتسە سەندىن قىزغىنار. بۇنىڭ قايغۇسى بىلەن ئېرىڭ تاماقتىن قالار ۋە ئاخىر كېسەل بولۇپ قالار. ئەرلەر ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ شاد، تىنىچ بولۇشىغا مۇھتاج. ئائىلىدە ئازىراق قايغۇ بولسا، ئۇلارنىڭ كەسپىگە تەسىر يېتەر.

قىزىم، ئېرىڭدىن ھېچقانداق سىرىڭنى يوشۇرما. ئېرىڭدىن باشقا بىرىگە سىر ئېيتما. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭگە قارشى گەپ قىلما، چىرايىڭنى تۈرمە. ئەرلەر خوتۇنى تەرىپىدىن بولغان ئەڭ زور كەمچىلىكلەرنى كەچۈرەلەيدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئازىراقلا نەرسىنىمۇ ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە خىلاپ ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ھەقتە ئۇلار ئەيىبلىك ئەمەس. ئەگەر يارىماس ئادىتى بولسا، ئۇنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن كۆڭلىنى ئاغرىتماستىن ئىش تۇت. قىزىم، ئېرىڭ ياقتۇرمىغان ئىشلاردىن، كۆڭلىگە كېلىدىغان ئادەتلەردىن يىراق بول. ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلما. ئېرىڭنىڭ مېلىنى ئاسىراپ تۇت، ئىسراپ قىلما.

قىزىم، ئۆيۈڭ رەتلىك، ھەر نەرسە ئۆز جايىدا بولسۇن، بالىلىرىڭنى ئېرىڭگە ئامراق، ئېرىڭنى بالىلىرىڭغا كۆيۈمچان قىلىشقا تىرىش. ئاتىلارنىڭ بالىلار بىلەن ئۆزىنى خۇش قىلىشى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. بالىلىرىنى سۆيىدىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئىنساپلىق بولىدۇ ۋە بالىلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇشال قىلىپ باشقا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرگە كۆز سالمايدۇ.

قىزىم، بۇ ئېيتقان سۆزلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈش ئەقىللىق، تەدبىرلىك خوتۇنلار ئۈچۈن ئېغىر ئىش ئەمەس. ئەقىللىق خوتۇنلار كۈچلۈكلەر كۈچى بىلەنمۇ قىلالمىغان ئىشلارنى ئۆز ئەقلىگە تايىنىپ قىلالايدۇ. قىزىم، بەزى ۋاقىتتا ئەرلەر خوتۇنلىرىغا نىسبەتەن تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىدا بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا مۇشۇ ۋاقىتنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇنىڭ ئەيىبلىرى ھەققىدە ئازىراق سۆزلە.

قىزىم، ئائىلە ھەرۋاقىت نېمەت ئەمەس، بەزى چاغلاردا زەھىرى، تىكىنى بولىدۇ. ئېرىڭ بىلەن ئاراڭغا سوغوقچىلىق چۈشسە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن سۆزلە، قىزىرىشما؛ چىرايىڭنى ۋە ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمە، ھۆرمەت قىل، ئۇ ھەرقانچە ئاچچىقلانسىمۇ قارشى سۆز قىلما. ئەڭ ياخشى خوتۇن ئەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، ئاچچىقىغا ھاي بەرگەن خوتۇندۇر.

قىزىم، بالاڭ بولسا ئۇلارنىڭ تېنىنى ئاسرا، مەكتەپكە بارغۇچە ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيە قىل، ياخشى قىلىقلارغا ئادەتلەندۈر.

ئاياللار توغرۇلۇق ئۇلۇغلارنىڭ ھېكمەتلىرى

‘           ئىنسانلار دۇنياسىنى تۈزەتمەك زۆرۈر بولسا، ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىلەرنى گۈزەل خۇلققا ئىگە قىلىش بىلەن

تۈزىتىڭلار، ئائىلە تۈزەلگەندىن كېيىن دۇنيا تۈزىلەر.

‘           بىر كىشى ئۆي سېتىپ پۇلىغا شۇنداق بىر ئۆي ئالمىسا، پۇلىنىڭ بەركىتى بولماس.

‘           ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە مەرھەمەت ۋە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قارىسا، بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار

قىلىشسا، پۈتكۈل گۇناھلىرى بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.

ئاياللارغا ئەڭ قىممەتلىك كىشى ئۆزىنىڭ ئېرى، ئەرلەرنىڭ قىممەتلىك كىشىسى ئانىسىدۇر.

مەزكۇر يازما تاتار ئالىمى رىزائىددىن ئىبنى فەخرىددىننىڭ <<ئىلمى ئەخلاق>> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. بۇ كىتابنى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2006-يىلى8-ئايدا نەشر قىلغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-8 01:17 PM  


ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22775
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6647
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 873 سائەت
تىزىم: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2013-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 01:50:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەخمەت!

سۆيسەڭ سۆيىمەن جېنىمنى بېرىپ............

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2521
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 938 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 01:54:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئەقىللىق ئانىلارنىڭ تەربىيلىگەن بالىسى چوقۇم ھەقىقى بىر ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ . . .

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81246
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4396
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 01:55:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ئانىلار جاپا كەش  ئانىلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17735
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 03:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دانـىـشـمـەنـلـەر قـىـزلارغـا نـىـمە دەيدۇ؟


1. ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورانغىنىدۇر. ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز ، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسىمۇ شەرم-ھايالىق بولمىسا، ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ. ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبئىي مۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نومۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتىبارلىق قىز نامايەن بولىدۇ ۋە بۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقىملىق كۆرىنىدۇ. ھايا كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا، شۇنىڭ ئۇيتى بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.

2. ئەي قىزىم، ئىپپەت- ۋىجدانىي پاكلىق، نۇمۇس، ھايا دېگەنلىكتۇر. قىزلارنىڭ تەبىئىتىگە خاس پاكىزلىق، ھايا، نەپسىلىك، زىيانلىق، ھوشيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ. قىزنىڭ ھۆسنى-يېرىم بايلىق، ئەقلى بولسا خەزىنە. ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا:‹‹ئىنساندا مەڭگۈ تۇرىدىغان ھۆسىن ۋە لاتاپەتلىك ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز جانسىز جەسەت كەبىيدۇر›› دېگەن ئىدى. دەر ھەقىقەت ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان، ئىسسق كۆرسىتىدىغان نەرسە-كىشنىڭ ھايا ۋە ئىپپىتىدۇر. ھايا ۋە ئىپپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەنگەن قىز ھامانەم ھەققىي ئىنسانلىق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

3. ئەي قىزىم، تىل بىلەن يۈرەك- ياخشلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بۇلىقى. بۇ ئىككىسى ياخشى بولسا، ئادەممۇ بەختلىك ۋە ياخشى بولىدۇ. بۇ ئىككىسى يامان بولسا، ئادەممۇ يامانلىق ۋە بەختسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: تىل-يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەك نېمىنى ئويلىسا، تىل شۇنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلگە كەلگەننى ئالەمگە ئايان قىلىدۇ، كىشلەر سۆزگە ئۇستىلىقى بىلەن ماختانسا، سەن سۈ كۈت قىلىش بىلەن ماختان. ھەر نەرسىنىڭ دەلىلى بار. ئەقلىنىڭ دەلىلى-پىكىر، پىكىرنىڭ دەلىلى-سۈكۈتتۇر. سەن سۈ كۈت قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىڭگە يېتەلەيسەن. سۈكۈتتىن يىراقلاشساڭ مەغلۇبىيەت سېنى قارشى ئالىدۇ.

4. ئەي قىزىم، كىشىنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا مەسىلە سورىما. ئەگەر سېنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىڭدا بىراۋ مەسىلە سورىسا، سۆزىگە قاراپ جاۋاب بەر، ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى سۆزلىمە، كۈچۈ ڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما. ھەر ئىشتا ئوتتۇرىھاللىقىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك . جامائەت بار يەردە، مەجلىستە بىرگە سۆزۈڭ بولسا، ئاشكارە سۆزلە، زۆرۈر بولمىسا، پىچىرلاپ سۆزلىشىشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق. ھەر تۈرلۈك سۆزنى ئاڭلىساڭ گوياكى ئاجىزلىقىدىن كۈچلەنگەندەك ئاڭلىغىن. بۇ سۆزلەر مەيلى كېرەككە كەلسۇن-كەلمىسۇن، جېنىڭ، تېنىڭ بىلەن ئاڭلا. چۈنكى سۆز بىر سەدەپكە ئوخشايدۇ. ئۇ كۆڭۈل دەرياسىدىن چىقىدۇ.

5. ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نازاكىتىنى، قىزلىق قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى سىلىق-سىپايە، دەل جايغا كەلتۈرۈپ، مېھرىبانلىق پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئەدەپلىك سۆزلەشتۇر. سۆزلىگەندىمۇ راست سۆزلەش، گەپنى قىسقا، مېغىزلىق قىلىشقا، مەنىلىك، ئورۇنلۇق سۆزلەشكە ئادەتلىنىش؛ ئۇزۇن، بىمەززە سۆزلەپ كىشىلەرنى بىزار قىلماسلىق كېرەك. خەلقىمىز تولا گەپ قىلىدىغان كىشىلەرنى ئەدەپسىز، كوت-كوت، لاۋزا دەپ ئاتايدۇ. كۆپ گەپ قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭلا گېپىنى يورغىلىتىدۇ، خاراكتېرىدىن مەمەدانلىق چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ گەپ قىلىشىدىكى مەقسىتى ئۆزىنى كۆرسىتىشتۇر.

6. ئەي قىزىم، ئىپپەتلىك قىزلار ئۆزلىرىگە تەلەپچان، ھايالىق بولىدۇ. يۈرۈش-تۈرۈش، كىيىنىش، مۇئامىلە، مۇناسىۋەتلەردە قىزلىق شەنىگە يارىشا ئىش تۇتىدۇ. كىشلەر ئارىسىدا كالتە، تار، كۆكرىكى چوڭ كىيىملەرنى كىيىش، مەمەدانلىق، چاكىنا قىلىق، ئورۇنسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى ئۆزلىرىگە ھار ئالىدۇ. ئىپپەتلىك قىزلار، بولۇپمۇ يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا، چوڭلار بار سورۇنلاردا ئۆزلىرىنى قانداق تۇتۇشنى ياخشى بىلىدۇ. ھەربىر قەدىمىنى ئويلاپ باسىدۇ. قىز بالا ئۆزىنىڭ تەبئىي چىرايى بىلەن يېقىملىقتۇر. ئۇنىڭغا يەنە پەرداز قىلىش ئۇنى سۈنئىيلەشتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھەددىن زىيادە پەرداز قىلىش ، كەلسە-كەلمەس زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاش، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىش قىزلارنى يەڭگىلتەك، قونچاق سۈپەت كۆرسىتىپ قۇيۇشى مۇمكىن.

7. ئەي قىزىم، دانالار ئىلىمنى مال-مۈلۈكتىن ئەۋزەل دېيىشىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئىلىم مېغىز بولسا، بايلىق ئۇنىڭ پوستى، ئىلىم گۈل بولسا، بايلىق ئۇنىڭ ھىدىدۇر. دانا كىشلەر ھەر دائىم ئەنە شۇ مېغىزنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدا جاپا چېكىدۇ. چۈنكى، ئىلىم ئاۋۋال پەزىلەتلىك كىشلەردىن مىراس قالۇر، مال-بايلىق بولسا ھارۇن ۋە ھاماننىڭ مىراسىدۇر؛ ئىككىنچى، ئىلىم كىشىدە كەمتەرلىك پەيدا قىلسا، بايلىق مەنمەنلىك پەيدا قىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئىلىملىك كىشنىڭ دوستى كۆپ بولسا، مالدار كىشنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ؛ تۆتىنچى، مالدار كىشلەر ئۆتە خەسىس ۋە بېخىل بولسا، ئالىم كىشلەر ساخاۋەت ئىگىسى بولىدۇ؛ بەشىنچى، ئىلىم كىشىگە دۇنيادا ئابرۇي كەلتۈرسە، مال-دۇنيا ئازاب كەلتۈرىدۇ.

8. ئەي قىزىم، ئۈ چ خىل كىشى ھېكمەت رەۋىشىدىن يىراق ۋە ئەقىل يولىدىن تاشقىردىدۇر. بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۆزىنىڭ كۈ چ-قۇۋۋىتىگە ئىشىنىپ، ھەر قانداق بالا كەلسە قارشى كېتىۋېردىغانلار، بۇنداق كىشلەر ئاقىۋەت ئۆزىنى ھالاكەتكە سالىدۇ؛ ئىككىنچىسى، تائامنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ۋە مەيدىسىنىڭ ھەزىم قىلىشقا ئاجىز كېلىشىدىن قورقماي يەۋېرىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، بۇنداق كىشلەر ئۆز جېنىنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۈچىنچىسى، ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە مەغرۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار، بۇنداق كىشنىڭ ئىشى ئاخىرى ھەسرەت-نادامەت ۋە پۇشايمان كەلتۈرىدۇ.

9. ئەي قىزىم، ياخشى خۇيلۇق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، مىجەز-خاراكتېرىدا خاسلىققا ئىگە، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ياراملىق قىز بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قىزنى كىچىكىدىن باشلاپ تۈجۈپىلەپ تەربىيلەپ ئەجىر سىڭدۈرىشىگە، شۇنداقلا قىزلارمۇ ئېسىنى تاپقاندىن كېيىن ئۈنسىز تەربىيە ۋە ئەتراپىدا يۈز بىرىۋاتقان ياخشى-يامان ئىشلارنى جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلىشىگە توغرا كېلىدۇ.

10. ئەي قىزىم، شىجائەت، ساخاۋەت ۋە خۇشخۇلقلۇق ئەڭ ئەلا پەزىلەتلەردىن بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشلەر ھەر دائىم ئۇلۇغلۇق سەرمايىسىدىن بەھرىمان بولۇر. مەزكۇر سۈپەتلەر ئىچىدە خۇشخۇلقلۇق ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى، ساخاۋەت ئالىي پەزىلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەممىلا كىشى مۇيەسسەر بولىۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، كىشلەرگە ھەرخىل شەرت-شارائىتلار كېرەك. ئەمما، خۇشخۇلقلۇق شۇنداق نەرسىكى، ئەمما، ھەممە ئادەم ئېرىشەلەيدۇ. يېقىملىق خۇلق ئىگىسىدىن چوڭ-كىچىكنىڭ بارچىسى خۇرسەن بولىدۇ. بۇنداق خۇلق ئىگىسى باشقىلارنى خۇرسەن قىلشتىن تاشقىرى ئۆزىمۇ دائىم خۇرسەن يۈرىدۇ. باشقىلاردىن بولسا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق قايتىدۇ.

11. ئەي قىزىم، دەۋرداشلىرىڭىدىن ئەقىل-پاراسەتتە، ئىلىم-پەن جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇش تولىمۇ نۇمۇسلۇق ئىش. ئادەم تۇرۇپ ئادىمىيلىك قابىلىيەتكە ئىگە بولالماسلىق، ئادەم تۇرۇپ ئادەمدەك ياشىيالماسلىقتەك ئېغىر مەھرۇملۇق بولمايدۇ. شۇڭا ئىنسان بالىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئەيىب بىلىمسىزلىكتۇر. نۇمۇس قىلىش توغرا كەلسە ئۆزەڭنىڭ نادانلىقىدىن نۇمۇس قىل، خورلۇق ھېس قىلىش توغرا كەلسە ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ بىلىمسىزلىكىڭدىن خورلان. بىلىمسىزلىك سېنى ئىنسانىي تۇيغۇدىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇڭا، سەن ئالدىنىۋاتقانلىقىڭنىمۇ، ھاقارەتلىنىۋاتقانلىقىڭنىمۇ ھېس قىلالايسەن. نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى توغرا پەرقلەندۈرەلمەيسەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە قانچىلىغان ھاقارەت تامغىسىنىڭ بېسىلىۋاتقانلىقىنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرەلمەيسەن.

12. ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نامىغا ئىلىشكەن يامان داغ- نۇمۇسنىڭ كېتىشى بەكمۇ قېيىن. بەزىدە بايقىماي بېسىلغان تىكەننىڭ جەبرىنى بىر ئۆمۈر تارتىپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ئۇ كىشىنى ئۆمۈرۋايەت گۇمان، شۈبھە قىيناقلىرىغا دۇچار قىلىدۇ. بۇلارغا كۆپىنچە ئويلىماي ئىش قىلىش، ئىرادىنىڭ تىزگىنىنى ئازراقلا بوش قويۇۋېتىش سەۋەب بولىدۇ. ئىنسانىي پەزىلەتلەر، مەنىۋى قەدىر-قىممەتلەر ھەققىدە سۆز بولسا ئۇلارنىڭ قىزلاردا ئەڭ ئالىي دەرىجىدە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى قىز بالا مىللەتنىڭ كۆركى، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا قىزلار ناھايىتى نازاكەتلىك، ئىپپەتلىك، سەۋر-تاقەتلىك، ئاقىل، مېھرىبان بولۇشى كېرەك. ئەيىب ياكى گۇناھ ئىش قىلىپ قويغان باشقا ھەممە كىشلەر ئەپۇ قىلىنىشى مۇمكىن، پەقەت قىز بالا ئەپۇ قىلىنمايدۇ.

13. ئەي قىزىم، راھەتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ راھەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆڭلۈڭگە دائىم ئارزۇ-ئۈمىد يار بولسۇن. تېنىڭ نەپەس ئېلىپ قانغان ھالەتتىمۇ روھىڭ مەڭگۈ ئىنتىزار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ھەممىگە ئېرىشسەڭ، ئۇ ھالدا ھەممە ئۈمىدسىزلىك ۋە نارازىلىققا ئۆزگىرىدۇ. ئاقىل بولغانلارمۇ باشقا شەيئىلەرنى چۈشىنىپ ھەۋىسىنى قاندۇرۇشى لازىم. ئۈمىد بىزگە ھايات بېغىشلايدۇ، ئەمما قورساق تويغۇزىۋېلىپ تاماشا بىلەن ئۆتۈش جاننى ئالىدۇ. باشقىلارنىڭ ياخشلىقىنى قايتۇرغاندا ئۇلارنى قانائەتلەندۈرەلمەسلىك لازىم. ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىگە ھاجىتى چۈشمىگەندە، ئۆزۈڭگە ھەممە يەردە ئاگاھ بولۇشۇڭ لازىم. ھەر قانداق خۇشاللىق ئۇلارنى خۇشال قىلالمايدۇ. ئارزۇنىڭ ئاخىرى غەم-قايغۇ دېمەكتۇر.

14. ئەي قىزىم، دېڭىز كەڭ بولغانلىقتىن ھەممە دەريا-ئېقىنلارنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدۇ. باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش ئۆزىگە ياپدا يەتكۈزگەنلىك، باشقىلارغا زىيان سېلىش ئۆزىگە زىيان سالغانلىق، باشقىلارغا يول قۇيۇش ئۆزىگە يول قويغانلىق، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولىدۇ. باشقىلارغا يول قۇيۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ!باشقىلارنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ئىززەت تاپىسىز، يول قويسىڭىز نىيتىڭىزگە يېتسىز. ھۆرمەت قىلىشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇش، ئىشنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماسلىق، ھەممىسىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. يول قۇيۇشتا ھەر قانداق ئىشقا ئىمكانىيەت قالدۇرۇش، تۆھپىنى يالغۇز ئىگىلىۋالماسلىق، خاتالاشقاندا باشقىلارغا دۆڭگىمەسلىك كېرەك.

15. ئەي قىزىم، ھەر ۋاقىت پەزىلىتىڭنى ساقلاپ، پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولغايسىز. تاكى جەمئىيەتكە كىشلەر سىزگە ھەۋەس قىلىپ: <بۇ كىمنىڭ قىزىدۇ، نېمە ئىش ھەۋەس قىلىدىغاندۇ، ئەجەپ ئەدەپلىك قىزكىنا> دەپ ئېغىزنى چاكىلدىتىپ قالسۇن. سىزدىن ھەرگىز ئەدەبسىز قىلىقلار سادىر بولۇپ قالمىسۇن، ئەگەر سىزدە كىچىككىنە ئەدەپسىزلىك سېزىلىپ قالسا، شۇ ھامان شەنىڭىز بۇلغىنىدۇ، ئابرۇيىڭىزنى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسز. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسنى چىڭ ساقلىيالىسىڭىزلا، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىڭىزنى، بولۇپمۇ قىزلىق قەدىر-قىممىتىڭىزنى قولىڭىزدا تۇتالايسىز، ئەڭگۈشتەر قولىڭىزدا بولىدۇ، ئەڭگۈشتەرنى قولىڭىزدىن بېرىپ قويدىڭىزمۇ، ئۆز قەدىر-قىممىتىڭىزنى يەرگە ئۇرىسىز.

16. ئەي قىزىم، مۇغەمبەر ئادەملەر ھەمىشە يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن باشقىلارنى دەي-دەيگە سالىدۇ. شۇڭا زەربىگە ئۇچرىغان، خورلانغان ۋە ئاھانەتكە قالغان چاغلىرىڭىزدا، سوغۇققانلىق بىلەن ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئىشنىڭ باش-ئايىغىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن بىر قارارغا كېلىڭ.بولۇپمۇ بەزىلەر ساڭا بەزىبىر ئىشلاردىن ئالاھىدە ئۇچۇر بەرگەن چاغلاردا ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئىنچىكە ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا باشقا بىر غەيرىي نىيەتنىڭ بار-يوقلىقىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىڭ. چۈنكى نۇرغۇن ئىشلار سەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددى بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئارقىسىغا كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان بىرەر مۇددىئا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇڭا كۆڭلىڭىزدە ئېدىتلىق سان بولسۇن؛ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ قولچۇمىقىغا ئايلىنىپ قالماڭ.

17. ئەي قىزىم، ئۆزىڭىزگە توغرا تونۇشتا بولمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنمىسىڭىز، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىشىڭىز تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۆز-ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش، تىزگىنلەش داۋامىدا، ئۆزلۈكنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىلىنىشى مۇقەررەر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. ئۆزىمىزنى توغرا تونۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ ئۇقمايدىغان يوشۇرۇن ئېڭىمىزنى ئويغۇتالىشىمىز، ئاندىن تامامەن يېپيېڭى گۈزەل ھاياتنى يارىتىشىمىز مۇمكىن، ئۆزىگە ئىشىنىش-مۇمكىنسىزلىكىنى مۇمكىنچىلىككە، ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. ئەمما، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك-ئەسلىدىكى مۇمكىنچىلىكىنى مۇمكىنسىزلىككە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

18. ئەي قىزىم، ئاقىللار ئۆزلىرىنى دۈشمەن ھىيلە-مىكىرىدىن ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. دۈشمەننىڭ يامان سۆزلىرى بىلەن يولدىن چىقمايدۇ. غاپىل كىشلەر بولسا دۈشمەننىڭ يالۋۇرۇشى ۋە مۇلايىملىقىنى كۆرۈپ، ئاداۋەتنى ئۇنتۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاشنا بولىدۇ. ئۇلار دۈشمەننىڭ سىرتىنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن بىلەن كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھەر قانداق دۈشمەننىڭ كىشىگە قەست قىلىشقا قۇدرىتى يەتمىسە، ھىيلە ئىشلىتىپ يېقىنلىق قىلىپ، نەسىھەت يولىنى تۇتىدۇ ۋە مەھرۇم بولىۋېلىپ، سىرلىرىدىن ۋاقىپ بولىدۇ-دە، پۇرسەت تاپسا ئۆز ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ، تۈرلۈك زىيانلارنى سالىدۇ. خامىنىدىن باشقىسىنى كۆيدۈرمەيدۇ ۋە قازا ئوقىدەك مۇرات نىشانىسىدىن بۆلەك نەرسىگە خاتالىشىپ تەگمەيدۇ.

19. ئەي قىزىم، ئەگەر بىرى سېنىڭ ئەيىب، نۇقسانلىرىڭنى ئېيتسا قۇبۇل قىلىپ كەمچىللىكىڭنى تۈگىتىشكە تىرىش. سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆز ھالنى ئېيتىپ كەلگەن كىشنى زادى كەمسىتمە، بەلكى ياردەم قىلىپ، ئۇنى مۇھتاجلىقىدىن قۇتۇلدۇر. ئۆزۈڭدىن كىچىكلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل، ئۇلارغا مېھرىبان بول. چۈنكى كىچىكلەر سېنىڭ ئېكىنزارىڭدۇر، ھەممە ئىشىڭ ئاشۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتىدۇ. ئەگەر تېرىلغۇلىرىڭ ۋەيران بولسا تىرىكچىلىكىڭ قىيىنچىلىقتا ئۆتىدۇ. دوستۇڭغا ياخشى نىيەتتە بول. خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولۇشنى ئىزلىسەڭ، ئالىيجاناپلىق يولىنى تۇت.

20. ئەي قىزىم، ئەگەر قىز بالا گۈزەل، خۇش قامەت، زىبۇ زىننەتلىرى جايىدا بولسىمۇ مۇئامىلىسى قۇپال، چېچىلاڭغۇ بولسا، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ دىلىنى ئاغرىتسا، ئشىنىڭكى، ئۇنى ھېچكىم، ھېچقاچان گۈزەللەر سېپىگە قوشمايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆڭلى قالىدۇ. ھېچقانداق نەرسە كىشىنىڭ ئەقلىنى مۇئامىلە كەبى نامايەن قىلالمايدۇ. قىزلار ئۆزىگە قانچىلىك زىننەت بەرمىسۇن، مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى، مۇئامىلە سەنئىتىنى بىلمىسە، ھېچقاچان ئۆزگىلەرنىڭ ھۆرمەت ئېتىبارىغا سازاۋەر بولالمايدۇ. يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولۇش ئۈچۈنمۇ قىزلاردا ئالدى بىلەن مۇئامىلە سەنئىتى يۇقىرى بولۇش كېرەك.

21. ئەي قىزىم، سۆزلەش ئېگىز-پەس ۋە خەۋپلىك بولۇپ، كۆپ خەتەرلەر ئۇچرايدۇ. ئويلىماي-پىكىرلىمەي تۇرۇپ بىرەر سۆزنى ئىزھارلاشقا لەۋنى ئاچماسلىق كېرەككى، ئويلىماي ئېيتىلغان سۆز كۆپلىگەن باشلارنى ئۆلۈم جەۋگاننىڭ توپىسىغا ئايلاندۇرغان، جان خەزىنىسىنى زاۋاللىق ۋە نۇقسان قىمارىغا ئۇتقۇزغان. سۆزلەشتە بىر نەچچە قائىدە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە رىئايە قىلماق لازىم. بىرىنچىسى شۇكى، سەۋەبسىزلىك ۋە بىمەھەللىك كىلىتى بىلەن سۆزلىشىش قۇلۇپنى ئاچماسلىق كېرەككى، گەرچە سۆز گۆھىرى توغرا ۋە ئېنىق بولسىمۇ، بىۋاقىت ۋە ئورۇنسىز ئېيتىلسا، ئىدراك بازىرىنىڭ گۆھەرشۇناسلىرى ۋە قائىدە بىلگۈچىلىرى نەزىرىدە ئېتىباردىن چەتتە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى ئاڭلاشقا رىغبەت قىلمايدۇ.

22. ئەي قىزىم، يادىڭدا بولسۇنكى، تۇرمۇشتا پۇل دېگەن ھەقىقەتەن تولىمۇ قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك نەرسە، پۇل بولمىسا ھاياتتا بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالىدىغان گەپ. لېكىن، ئادەمنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالىشى، پۇلغا ئەسىر بولۇپ ئۆزىنى بۇلغىماسلىقى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قەدىرلىكتۇر. ئۆزىنى پۇل قاپقىنىدىن ئامان ساقلىيالىغان ئادەملا ھەقىقىي قەدىر-قىممەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنداق چىن-دۇرۇس ئادەمنى كۆزگە سۈرتسىمۇ ئەرزىيدۇ. پۇل تاپ، لېكىن-پۇلنىڭ ئەسىرى بولۇپ قالما. پۇل دېگەن ئادەمنى ئەزىزمۇ قىلىدۇ، خارمۇ قىلىدۇ. پۇل ئۈچۈن ئىماننى، ۋىجداننى بۇلغاپ ئىنسانىي پەزىلەتنى يەرگە ئۇرۇش خارلىق دېگەن شۇ. _

23. ئەي قىزىم، بىلىڭكى، گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىگە يار قىلغان، ھايا، نۇمۇس چۈمپەردىسىگە چۆمكەلگەن، لېۋەن، ياخشى خۇيلۇق، ئىپپەت گۆھىرىنى چىڭ ساقلىغان، پەزىلەت غۇنچىسىنى يۈرىكىدە ئېچىلدۇرالىغان، سىپايە، قائىدە-يوسۇنلۇق، جەلىپكار، سېپى ئۆزىدىن ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزىغا خاس خىسلەتنى يېتىلدۈرگەن بولسىڭىز، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ، ئوقۇتقۇچىلىرىڭىزنىڭ سىزگە چىن يۈرىكىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ؛ ئەگەر سىز كەسپى ئورۇنلاردا ئىشلەپ قالسىڭىزمۇ، ئەتراپىڭىزدىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ سىزگە قايىللىقىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ. شۇندىلا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي جەلىپ قىلىش كۈچىڭىزنى ھېس قىلىسىز ۋە ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە ھەممە ھۆرمەتلەيدىغان شەخسكە ئايلىنىسىز.

24. ئەي قىزىم، ئېغىر بېسىقلىقنى خۇددى بىر گۆھەر دېسەڭ، مۇلايىملىق باشقا كاندىن ئېلىنغان مەدەندۇر. بۇلار ئارقىلىق سەن شاھ بىلەن گاداينى ئۆزۈڭگە ئىتائەت قىلدۇرالايسەن. ئوچۇق چىراي، ئەخلاقلىق بولۇش كىشىنى ئادەملەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەردىن، ئارازچىلىق ۋە پىتنە پاساتلاردىن خالىي قىلىدۇ. مۇلايىم ۋە ئەدەبلىك بولۇش ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ مېۋىلىك بېغىدۇر، ئادەملىك تېغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلار بىلەن تولغان زەر كانىدۇر. بۇ كاننىڭ بايلىقلىرى چەكسىزكى قېزىپ-قېزىپمۇ تۈگەتكىلى بولماس. ئۇنىڭدا چېچەكلىگەن مېۋىلەرنىڭ خوش ھىدى پۈتكۈل يەر جاھاننى دائىما ئىللىتىپ تۇرغاي.

25. ئەي قىزىم، دۇنيانىڭ قانۇن-قائىدىلىرى مەۋجۇت بولسا، ئادەمگە ئادەمگەرچىلىك قىلىش ئۇنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. كىشى ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. كىمنىڭ ياخشى نام بىلەن جېنى چىقسا، ئۇنىڭ ياخشى نامى دۇئا بىلەن داۋاملىق ياتلىنىدۇ، ئۆلگەندىن كېيىن، كىم ياخشى دۇئا بىلەن يادلانسا، ئۇ قايتىدىن تۇغۇلۇپ، يەنە بىر ھايات باشلىغاندەك بولىدۇ. مەيلى يەرنىڭ ئۈستىدە بول، ياكى يەرنىڭ ئاستىدا بول، ياخشى نامىڭ مەشھۇر بولسا، شۆھرىتىنى ئۆزۈڭ كۆرىسەن.

26. ئەي قىزىم، بىلىم بىلەن جاسارەت ئۇنتۇلماستۇر، دېمەك ئۇلار سېنىمۇ ئۇنتۇلماس قىلىپ قويالايدۇ. سەن قانداق بىلىم ئىگىلىگەن بولساڭ، شۇنداق ئادەم بولىسەن. ھەققىي ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولساڭ، خالىغىنىڭچە ئىش قىلالايدىغان بولىسەن. ھېچنىمىدىن خەۋىرى يوقلار ئۆزىنى قاراڭغۇ دۇنياغا قاماپ قويغان بىلەن باراۋەر. جىسمانىي قۇدرەت ۋە ئەقلىي قابىلىيەت گويا ئىككى قول ۋە ئىككى كۆزگە ئوخشايدۇ. پاراسەتلىك، ئەمما جاسارەتسىز بولغانلارنىڭ پاراسىتى مېۋە بەرمەيدۇ.

27. ئەي قىزىم، مۇنۇ ئون گۈزەل خىسلەت ئادەمگە بەخت-قۇت كەلتۈرىدۇ: ھايا، مۇرۇۋۋەت، ساداقەت، تەۋازۇ، ئەمگەك، سېخىيلىق، نۇمۇس، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق، ئادالەت، ھېلىم (مۇلايىملىق) ۋە شىجائەت. مۇنۇ ئون يامان خىسلەت ئادەمنى بەختسىزلىك-پالاكەتكە سۆرەيدۇ: ھەسەت، ئاداۋەت، بېخىللىق، تەكەببۇرلۇق، يالغانچىلىق، مۇناپىقلىق، چېقىمچىلىق، خىيانەت، جاھىللىق ۋە ھورۇنلۇق. كىمنىڭ ھىممىتى ئۈستۈن بولسا، شۇنىڭ بىلەن قەدىر-قىممىتىمۇ ئۈستۈن بولغۇسى. بىراۋ ئەدەپ ئۆگەتسە، ئۆگەنمىگەن كىشى ھايۋان؛ ئۆزۈر سورىسا، قوبۇل قىلمىغان كىشى شەيتاندۇر.

28. ئەي قىزىم، ئېيتقان سۆزىدىن يانمايدىغان، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ئادەم بۈگۈن سۆزلىگەن سۆزىدىن ئەتىسى كۈنى تېنىۋالمايدۇ، ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ. كىشى ۋەدە قىلىپ قىلغان ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلسا، خەلقنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنچى ئاشىدۇ ۋەدىنىڭ ئاپىتى-ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق ياكى ئۇنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشتۇر. ۋەدىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ، ۋەدە قىلغۇچى باشقىلار ماقۇل بولغۇدەك بىر ئۆزۈر كۆرسىتەلمىسە، كىشلەر ئۇنىڭدىن ۋەدە تەلەپ قىلمايدىغان، ۋەدە بەرسىمۇ ۋەدىسىگە ئىشەنمەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە بەرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش چىن ئىنسانلىق خىسلىتىدۇر.

29. ئەي قىزىم، ئىنسانلار ئۈچۈن ھايا-ئىنتايىن شەرەپلىك بىر خىسلەت ۋە ئۇلۇغۋار ئەخلاقتۇر. ھايا ئادەمزات جەمىئىيىتىنىڭ گۈزەل ۋە تەرتىپلىك بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم بىر شەرتتۇر. ھايادىن ئىبارەت بۇ ئەخلاق كىشلەر ئارىسىدىن يوقىلىپ كەتسە، كىشى-كىشىدىن سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۇيالمايدىغان بولۇپ قالسا، ئالەمنىڭ نىزامى بۇزۇلىدۇ. خەلقئارا ئېسىل رەسمىيەتلەر يوقىلىدۇ. مەئىشەت ئامانلىقىغا زور بالالار تۇغۇلىدۇ. كىشلەر بىر-بىرىنىڭ ھەققىدە دىيانەت ۋە ساداقەت ساقلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى تالاپ ۋەيران قىلىدۇ. ھايا كىشىلەرنى ناچار ئەخلاق ۋە قىلىقلاردىن چەتكە تارتىدىغان تەبىئىي كۈچتۇر. ئىنسانغا ھايادىن تولۇق پايدا ۋە مەنپەئەت باردۇر، ياخشى خۇي-ئەخلاق مېۋىسى ھايانىڭ سۈيى ۋە ئاپتىپىدىن پەرۋىش تاپمىسا، تولۇق پىشالمايدۇ.

30. ئەي قىزىم، ھۆكۈمالار خۇشخۇيلۇقنىڭ بەلگىسى ئون خىل بولىدۇ دەيدۇ. بىرىنچى ياخشى ئىش توغرىسىدا كىشلەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماسلىق. ئىككىنچى، ئۆز نەپسىدىن ئۆزلۈكىدىن ئىنساپ كۆرسىتىش. ئۈچىنچى، كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەسلىك. تۆتىنچى، كىشلەردىن نالايىق ئىشلار سادىر بولسا، ئۇنى ياخشىلىققا سېلىش. بەشىنچى، گۇناھكار گۇناھىدىن ئۆزرە ئېيتىپ كەلسە قوبۇل قىلىش، ئالتىنچى، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى ھەل قىلىش. يەتتىنچى،كىشىلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن مۇشەققەت تارتىش. سەككىزىنچى، ئۆز نەپسىنى كۆزلىمەسلىك. توققۇزىنچى، باشقا كىشلەرگە چېھرىدىن مېھرىنى كۆرسىتىش. ئونىنچى، كىشلەرگە ياخشى سۆز قىلىش.



مەنبە   :  ساقلاپ قويغانلىرىم  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86595
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 04:34:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقلى بار پەرزەنىتلەر قۇبۇل قىلغۇدەك سۆزلەر ئىكەن،ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر.

دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتىلىك بىلەن،    يۇرۇق كۈن تۇغۇلغاي قارا كېچىدىن.

ئانىنىڭ مىھرى-مۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42883
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5918
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 4502 سائەت
تىزىم: 2011-6-2
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 05:11:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلىرىمىزنى مۇشۇ بويىچە تەربىيەلىسەك كەلگۈسىدىكى ئانىلىرىمىزنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن بالىلار چوقۇم ئىمانلىق ،ئەدەپ ئەخلاقلىق بوپ چىقىدۇ .چۈنكى ئائىلە تەربىيىسى ئىچىدە ئانىنىڭ پەرزەنىتلىرىگە قىلغان تەربىيىسى بەكلا موھىم .

ئۆزۈڭ ئېرىشەلمەي، باشقىلار ئېرىشكەن نەرسىگە كۆز قىرىڭنى سالما!!!

شۈكىرى ئاللاھ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 1283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8171
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5151 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 06:17:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشۋىق قىلىپ ھەممە خانىم-قىزلارغا تارقىتىپ بەرگىدەك ياخشى تىما ئىكەن .

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87134
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 06:36:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىلىرىڭلار ئۇزۇلۇپ قالمىسىۇن ،ئەجرىڭلارغا تەشەككۇرلەر بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4022
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 07:03:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىمىكەن ئەرلەر تۇغرۇلۇق يوقما

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش