مەن بۇنى بايا كۆرۈپ ،ئاڭلاپ غەلىتىلىك ھىس قىلىپ قالدىم ھەم ئەپسۇسلىنىپ قالدىم ، شۇڭا ئۆزۈمچە بۇنى سىلەرگە بايان قىلىپ بەرگۈم كىلىپ ، قاملاشمىسىمۇ شېئىرچە قىلىپ يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .تەكلىپ پىكىرلەر بولسا بىرىپ مازاق قىلمىغايسىزلەر.
(شېئىرى ھىكايە)
ئىشىمدىن يانغان چىغىم بىر كۈنى كەچتە
ماشىنا ساقلاپ بىر ئاز، تۇردۇم بىكەتتە
كەلدى بىر ئەر - ئايال ، غوت-غوت قىلىشىپ
توختىدى ماڭا يىقىن ، ئارقا تەرەپتە
پاراڭلىشىپ تۇردى <توۋا> ئۇلار بىر ھازا،
كىرىپ قالدى ئۇلار سۆزى قىلىن قۇلاققا.
بىشنى ئاڭلاپ قىزىقىپ تۇرۇپ قالدىم دەم،
مەنمۇ ئۇلارغا يىقىنىدىن، كەتمەي يىراققا.
"ھەي نىمانداق كالۋا سەن ئادەم چاندۇرۇپ،
ئىچمىدىڭغۇ؟ باشلىقىمنىڭ كۆڭلىنى ياندۇرۇپ.
خۇشال قىلسام ،كۆڭلۈمنى يەردە قويمايتى،
ھىچ بولمىسا خىزمىتىمدىن مىنى قالدۇرۇپ".
دىدى ئايال ئىرىگە شۇندا جاۋابەن
"مەس بوپ قالسام ئالدىدا بەكلا سەت ئىش ئۇ.
چىرايلىقچە رەت قىلدىم شۇڭا كۆڭلىنى
ئىچمىسەممۇ نازىم بىلەن خوش-خوش دىدىمغۇ؟"
"بىرە رومكا ئىچكەنگە مەس بوپ قالامتىڭ؟
مەس بوپ قالساڭ نىمە بوپتۇ ھىچقىسى يوق.
باشلىقىمنى خۇش قىلسام ، بىرەر كۆپ مۇئاش،
يۈرەتتۇق بىز شۇندىلا ،كىچە ھەم يورۇق."
"مەس بوپ قالسام ئۆيۈمگە قانداق كىتىمەن ؟"
دىدى ئىرى"مەن بار ، بىللە كىتەتتۇق."
"سىزمۇ مەس ،مەنمۇ مەس ،ئىككىمىزگە تەس!!"
"ھىچ بولمىسا شۇ يەردە قونۇپ قالاتتۇق"
نىمانداق گەپ قىلىدۇ بۇ؟ ئەر كىشى تۇرۇپ،
دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم مەن شۇئان كۆڭلۈمدە.
مەس ئىكەن، گەپ سۆزىدىن پەرەز قىلغىنىم.
ئۇف..ئاران جىمىپ قىلىشتى ھۆتەلگىنىمدە.
ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى كەلمىدى قۇرۇق،
خىلى ئۇزۇن تۇردى ئۇلار تاكسى توسالماي.
دىدى ئىرى خوتۇنىغا: سەن بىرىپ توسقىن،
سىنى كۆرسە توختايدۇ، مەن يىراق تۇراي .
...................................................
خاتىمە
قانداق ئەر ئۇ ، ئايالىنى كۈنلىمەيدىغان
مۇشۇمۇ كۈنمۇ بىزگە ئىيىت ئۇيغۇرۇم،
ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز چۈشۈرۈپ خارلايدىغان.
ھەق يولنى تۇتماي ، توغرىنى چۈشەنمەي،
ئاپەت كەلسە تەقدىر دەپ زارلايدىغان.
تەقدىرگە ئىشنىمىز ، قىيامەتكىچۇ؟
ئوتتا كۆيۈپ چىدىماي ۋايجان دەيدىغان.
ئەيىش-ئىشرەتكە ۋاقىت يوق ئىمان بولسىلا
پەقەتلا ئۆز جىنى ئۈچۈن ئاھىم يەيدىغان.
نا مەھرەم دىدى ياتقا ، يات جىنىسنى،
بىلىدۇ ھەر كىشى رەببىم دەيدىغان.
گەر شۇنداق دىمسىمۇ ،ئىيىتىڭ دۇرۇسمۇ؟
باشقىلار قولىنى تۇتسا...ئۆزگەرمەيدىغان.
ئۇ قانداق ئانىدۇر شۇمۇ بىر ئىشمۇ ،
كىمنى كۆرسە ئەركىلەپ ۋاي-ۋايلايدىغان.
ئەسلىنى ، ۋەسلىنى ئۆزىنى ئۇنتۇپ ،
قىيامەتنى ئويلىماي ئەللەيلەيدىغان.
ۋىجدان نىمە؟ غۇرۇر نىمە؟ ئىمان دىگەنچۇ ؟
ئەيىش-ئىشرەتمۇ ؟زاۋاللىقنى چىللايدىغان.
بولدى،شۇنداق ئۇچرايدىكەن ئاجايىپ ئىشلار
بىرىگە توۋا،بىرگە كۈلۈپ ، يىغلايدىغان.
ئۆزىمىزنىڭ قەدرىنى ئۆزىمىز قىلمىساق،
باشقىلار قىلمايدۇ ، يوق بىلمەيدىغان.
ئىمان بىلەن ياشايلى تەييارلىق قىلىپ،
ھەممىمىز كىتىمىز يوق ئۆلمەيدىغان .
ئاز ساندا شۇ كىشىلەرگە ئىنساپ تىلەيلى!!
كۆپ ئىەمەس ئىمان بىلەن ئۈنلمەيدىغان.
ۋىجدان بىلەن ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ،
قانداق ئەر ئۇ ، ئايالىنى كۈنلىمەيدىغان .
بۇنى پەقەت تەكلىپ يوسۇندا سۇندۇم ، چۈنكى ئۇنداق ئىشلار ئەتراپىمىزدا يوق ئەمەس .تەكلىپ پىكىرلىرىڭلار ئايىمىغايسىلە، توغرا چۇشەنگەيسىلەر.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-8 10:00 AM