مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1390|ئىنكاس: 21

يىغىپ توپلىغان ھىكمەتلىك سۆزلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

زار ئەمەسلەرگە خار ئەمەسمەن ..

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17428
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7350
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 520 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 01:44:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا ماقالە يىزىشقا بەك قىززىقاتتم شۇڭا مۇئەللىمنىڭ تەكلىپى بويىچە بىر خاتىرە تۇتۇپ ئۇچىرغان ياخشى سۆز -ئىبارىلەرنى خاتىرلىگەنمەن ، باشقىلارغىمۇ ئازىراق بولسىمۇ پايدىسى تىگىپ قالار دەپ يوللاپ قويدۇم ، چۇنكى ماقالە-ئەسەر يازغاندا بۇنداق سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلەتسە ئىپادىلەش ئۈنۈمى تىخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ ...

1. شەھەردىكى فونتان ھەرقانچە ئېگىز ئېتىلىپ چىقسىمۇ توك بولمىسا شۇ ھامان توختاپ قالىدۇ،ئەمما سەھرادىكى بۇلاقلار ئۇنىڭ سىرتىدا
2.شام بىلەن توك ئۆيلەرنى يورۇتۇپ بەرگنى ئۈچۈن پۇل تەلەپ قىلىدۇ ئەمما كائىناتنى يورۇتقان قۇياش ئۇنىڭ سىرتىدا
3.يىزىغا بارغان شەھەرلىكلەر ئىسىل مىھمان سانىلىپ قىزغىن كۈتىۋىلىنىدۇ ئەمما شەھەرگە بارغان يىزىلىقلار ئۇنىڭ سىرتىدا
4.پىيادە يول يۇرگۈچىلەر ئاتلىق يول يۈرگۈچىلەرگە قارىغاندا كۆپ جاپا-مۇشاقەت تارتقۇچى بولسىمۇ ،ئەمما كەلگۈسىدىكى كارۋانلارغا يول باشلىغۇچى بولالايدۇ.ئاتلىق يول يۇرگۈچىلەربولسا ئىتىدىن ئايرىلغان ھامان ئۆز روھىنى يوقۇتۇپ قويغاندەك بولىدۇ
5.بالاڭنىڭ سورىغان سوئالىنى جاۋاپسىز قالدۇرساڭ ، كەلگۈسىدە ھەرقانچە سۆزلىسەڭمۇ قايىل قىلالمايسەن
6.قۇشنىڭ ئەركىنلىكى پەرۋازى بولسا ، ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى خىيالى
7.جۈرئەت قىلىش _ تەۋەككۈل ئېتىلغان ئوقتۇر
8.ئىنسان قارمۇ -قارشىلىق ئىچىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ .ئۇ ياكى مۇتلەق بەخىت ۋە ياكى مۇتلەق بەختىسىزلىك ئىچىدە تۇرغاندا ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ
9.ئاخىرى نائىنىق بولغان ئىشقا شەيتان رىژىسسورلۇق قىلىدۇ
10.بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر
11.ئادەمنىڭ جىنى مۆمكىن بولمايدىغان ئىشلارغا ئۆزىنى ئۇرۇشتىن خورايدۇ، تىنى ئىچىگە ئاچچىق يۈتىۋىلىشتىن قىرىيدۇ ، روھى خام خىيالىنى جىق سۈرۈشتىن يىگىلەيدۇ
12.بىزدە توغرا تاللاش ۋە تاللاش ئېڭى كەمچىل بولغانلىقتىن ۋاز كىچىشكە تىگىشلىك ئىشلاردىن ۋاقتىدا ۋاز كىچەلمەسلىكىمىز تۈپەيلىدىن تىخىچىلا قەددىمىزنى رۇسلىيالماي ياشاۋاتىمىز
13.ئاق بۇلۇت گۈزەل لىكىن ئۇ قۇپقۇرۇق قارا بۇلۇت ۋەھىمىلىك بىراق ئۇ ساخاۋەتچى
14.بىر نەرسىنى قانچە ئىگىز كۆتۇرسەڭ ، ئۆزەڭ شۇنچە پەستە قالىسەن
15.تىرىشتىڭ ،ئېرىشتىڭ . ئويلىنىپ قالدىڭ ئولتۇرۇپ قالدىڭ
16.مەن ئۇخلايدىغان قىرىندىشىمدىن ،مىنى سوتلاپ تۇردىغان دۈشمىنىمنى ياخشى كۆرىمەن
17.ئۆتكەن ياخشى ئىشلارغا پەش ، خاتالىقلارغا چىكىت قويۇپ مىڭىشنى ئۈگەن
18.سىز يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ باش تىمىسى ،بارلىق يىقىن كىشىلەر سىزنىڭ ۋاقىتلىق ھەمراھىڭىز خالاس
19.كىچىك بالىنى ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ دىيىش ، باللىرىمىزنىڭ يارامسىز بولۇشى ئۈچۈن بىسىلغان ئۇلتاش
20.ھايۋاننىڭ ھايۋاننى دورىشى ئەقىللىقلىقىدىن بولسا ، ئادەمنىڭ ئادەمنى دورىشى كالۋالىقىدىن بولىدۇ
21.ئىقتىساد ئىڭى بولمىغان مىللەت نامرات ، سىياسى ئىڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ
22.ئىسىڭىزدە بولسۇن : قىيىنچىلىقلار تاغدەك بولسا ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى تاغدىنمۇ ئىگىز بولىشى كىرەك . شۇ چاغدا سىز ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىنمۇ ھالقىپ كىتەلەيسىز
23.ئادەملەرنى قەسەم باغلىيالمايدۇ ، ئەگەر ئۆزىڭىزنى بىرەر غايە قورشىۋالغانلىقىنى سەزسىڭىز ،سەزگەندىمۇ چوڭقۇر سەزسىڭىز شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە
24.كىشىلەر دوستلۇقى ئۈچۈن بولمىسا،دۇنيانىڭ يارتىلىشىدا يەنە قانداق مەقسەت بار؟    -ئابدۇراخمان جامى
25.دۈشمەنلىكتىن ئەمەس ،چاياننىڭ چىقىشى ،
    شۇنداقتۇر تەبىئىتى،پىئىلى - خائىشى                                  - شەيىخ سەئىدى
26.كىمكى يامان ئىشنى بىلىدۇ راۋا ،
    ئۇ ئۆز قىلمىشىدىن تارتىدۇ جازا .                                    -مىسراۋ دىھلىۋى
27.خىرىس قىلىپ كەلگەن ئاچ بۆرىنى ئۆلتۈرمىسەڭ ، ئۇ سىنى يەپ قويىدۇ . جەز قىلغان يىلاننىڭ بىشىنى يانجىمىساڭ ئۇ سىنى ھامان ئۆلتۈرىدۇ
28.دۇنيادا تاساددىبىلىقلار نۇرغۇن ، لىكىن ھەرقانداق تاساددىبىلىقنىڭمۇ تەبىئىتى بار.       -ئا.ئۆتكۈر
29.ئۆتكەنگە پۇشايمان ، بۈگۈنگە قانائەتلانمەسلىك ،ئەتىگە ئۈمۈت _ بۇ ئىنسان ھاياتىغا ھەرۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرىدىغان بىر خىل مەنتىقى فورمىلا(لىكىن ئىنسانلارنىڭ ئەتىسىگە دائىم كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر ھەمراھ بولۇپ كىلىدۇ)                                           _ ئا.ئۆتكۈر
30.خوشامەتچى ئادەم بىر ئۆمۈر تەمە ۋە تىلەشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ روھى پايخان قىلىنىدۇ ، بۇنداق ئادەملەرگە مەڭگۈ ئىتىقاد ، ۋاپا دەرياسىدا كاراپتەك ئۈزەلمەيدۇ
31.ھاياتنىڭ ھەربىر مىنۇتىنى چىڭ تۇتقاندىلا ،ئارزۇ قىلغان ھاياتقا ئىرىشكىلى بولىدۇ
32.ئۆزۇڭنى بايقاش _ دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا بايقاشتۇر
33.ئوزغۇنلارغا خاس ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن ،ئۆزۈڭنى چۈشەنمىكىڭ كىرەكتۇر . بولمىسا ھەرقانچە چىرايلىق سەھنىمۇ ،ئاخىرقى ھىساپتا سىنىڭ قەبرەڭگە ئايلىنىپ قالىدۇ
34.دۇنيادا ئەڭ ياخشى لايھە مەۋجۈت ئەمەس ، ئەڭ ياخشى ھەركەتلا مەۋجۈت
35.ھاماقەتلىكىڭ بىرەر ئىشنى بۇزۇپ قويغانلىقىڭدا ئەمەس ،بەلكى ھازىرمۇ شۇنداق بىھۇدە ئىشنى قىلىۋاتقىنىڭدا
36.سەن ھەر قىتىم ۋاز كەچكەن پۇرسەت ئۇدۇل بىرىپ باشقىلارنىڭ بايلىقىغا ئايلىنىدۇ
37.مەغلۇبىيەتكە مۇلايىملىق بىلەن تەن بەرگەندىن كۆرە،ئاخىرقى مۇشنى كىلىشتۈرۈپ ئىتىۋالغىنىڭ تۈزۈك
38.سىنى پەقەت بىرلا ئادەم ۋەيران قىلالايدۇ ، ئۇ بولسىمۇ ئۆزۈڭ
39.دۇنيادا مۇنداق ئىككى خىل ئادەم باشقىلارنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان ئەخمەقلەر سانىلىدۇ :بىرى تۈنۈگۈن ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار بولۇپ ، ئۇلار تۈنۈگۈندىن مىھرىنى ئۈزەلمەيدۇ.ياكى بولمىسا ئەتىدىن كەچكىچە ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن ھەسرەت ،نادامەت چىكىدۇ ،يەنە بىرى ئەتىسى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار بولۇپ، ئۇلار گويا پويىزدىكى يولۇچىلار كىلەر بىكەتنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەندەك پەقەت ئەتىلا كۆڭۈلدىكىدەك قارارگاھىم غايە ۋە ئىنتىلىشىم ئىشقا ئاشىدىغان مەنزىل ،كىشلىك ھاياتىمنىڭ ئاداقى نۇسرەتلىرى چىراي ئاچىدىغان غايىۋى ئالەم دەپ قارايدۇ
40.پەقەت ئەخمەق ئادەملەرلا ئۆزىنى ئۆز قولى بىلەن ياسىغان قەپەسكە سولاپ قويىدۇ
41.يوقالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىش ،ئۇنتۇلماسلىق ئۈچۈن يارىتىش كىرەك
42.تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ئۈچۈن جۈرئەت كىرەك بولغىنىدەك ،ۋاز كىچىش ئۈچۈنمۇ چىدام ،غەيرەت كىرەك
43.بىر كىشىنىڭ ناچار ئادەمىلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ،ئۇنىڭ ئۆز قىرىندىشىنى پەس كۆرىشى يىتىپ ئاشىدۇ
44.كىشى كۆرمىدى دەپ يامانلىق قىلىۋەرمە ، كۆز بىلەن قۇلاق بىكارغا يارىتىلمىغان
45.ھايات يۈرۈشنىڭ ،جاپا چىكىشنىڭ ،قاقاھلاپ كۈلۈشنىڭ ئۆزى بەخىت ،چۈنكى بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغانلار ......................
46.پىچاق ھەرقانچە ئىتتىك بولسىمۇ ، ئۆز سىپىنى كىسەلمەيدۇ
47.ئادەم ئۈچۈن ئەڭ مەخپى بولغان سىرى _قايرىلىپ بىر قاراش بىلەن ،پىسىڭڭىدە بىر كۈلۈش بىلەن ھەتتا چاندۇرماي دەم قىلىنغان بىھۇدە ھەركەتلەر بىلەن ئاسانلا ئاشكارلىنىپ قالىدۇ
50.نادانغا نادانلىقىنى قايتا -قايتا ئەسكەرتىش ،قاراڭغۇدا قاپاق تۇرگەن بىلەن باراۋەردۇر


                                      مەنبە : خاتىرە دەپتىرىمدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-8 02:33 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kapsiz + 55 ماختاشقا تېگىشلىك
كارۋان + 55 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

نادانغا نادانلىقىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتىش قاراڭغۇدا قاپاق تۈرگەن بىلەن باراۋەر .. ... ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97730
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2064 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 07:01:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل دۇردانىلەركەن...

10- ماڭا بەك يارىدى،ئىمزا قىلىۋالسام بولغۇدەك...

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58738
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3893
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2011-10-1
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 08:22:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىسل تىمېلارغا كۆپرەك نەزەر تاشلىنىپ روھىيىتىمىز سۇغۇرۇلسا كاتتا ئىش بولاتتى ......

ئەلەم! قارا سىياھنى تىندۇرۇپ ئىچىپ ،ئاق قەغەزدە چاپىدۇ ئۆستەڭ ،بۇلدۇقلىغان مىسرالىرىغا ، دەرتمەن قەلەم !http://blog.sina.com.cn/pasian

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 758
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 09:16:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ھەممىسى ياقتى،سىز گە كۆپ رەھمەت.ساقلىۋالدىم.

ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!

ئوقۇتقۇچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48789
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5807
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 765 سائەت
تىزىم: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 10:34:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ تەشەككۈرلەر .  ھارمىغايسىز .

ئۇلارنىڭ جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى، تىغ ئالدىدا تەن- جېنى، تومۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى  ھاياتىدا ئۆلۈم ھەم شان- شەرىپى نېسى ئىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88037
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 302
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2012-12-3
ئاخىرقى: 2013-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 11:30:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭىمۇ بەك ياقتى بۇ ھېكمەتلەر ،مەنىۋىيتىمنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشكە پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ،

تېلفۇنۇڭنىڭ سايراۋاتقىنىنى ئاڭلىغىنىڭدا سەن بىلەن مەلۇم كىشى ئالاقە قىلماقچى بولغانلىقى جەزمەن. شۇنىڭدەك ئەزاننى ئاڭلىغىنىڭدا پۈتكۈل ئىنسانلار ۋە شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى سەن بىلەن ئالاقە قىلماقچى بولغان بولىدۇ. بىلگىنكى، ئەھمىيەت بەرگىنىڭگە چۇشلۇق جاۋاپقا ئېرىشىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70668
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3790
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2011-12-17
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 12:49:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 01:44:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇنغا تېگۈشكىسىز ھېكىمەتلەرىكەن،مۇشۇنداق ياخشى يازمىلارنى يىغىپ ساقلىغان سىزدەك قىزغا ئاپرىن.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

زار ئەمەسلەرگە خار ئەمەسمەن ..

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17428
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7350
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 520 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 01:52:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kapsiz يوللىغان ۋاقتى  2013-1-8 07:01 AM
ئېسىل دۇردانىلەركەن...

10- ماڭا بەك يارىدى،ئىمزا قىلىۋا ...

سىلەرگە يارىغان بولسىلا بولدى ، قارىسام راستىنلا ئىمزا قىلىۋاپسىز    رەھمەت

نادانغا نادانلىقىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتىش قاراڭغۇدا قاپاق تۈرگەن بىلەن باراۋەر .. ... ...

زار ئەمەسلەرگە خار ئەمەسمەن ..

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17428
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7350
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 520 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 01:54:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارۋان يوللىغان ۋاقتى  2013-1-8 01:44 PM
ئالتۇنغا تېگۈشكىسىز ھېكىمەتلەرىكەن،مۇشۇنداق ياخشى يا ...

ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت بۇ يازمىلاردىن ئۆزۈملا ئەمەس سىلەرنىمۇ پايدىلانسۇن دىدىم ......

نادانغا نادانلىقىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتىش قاراڭغۇدا قاپاق تۈرگەن بىلەن باراۋەر .. ... ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش