مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 976|ئىنكاس: 5

ساغلاملىق مەسلەھەتچىسى8-قىسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16638
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 11:52:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ساغلاملىق مەسلەھەتچىسى


(تاماكىنىڭ زىينى )


8-قىسىم



كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسە ، قان تومۇرى ئاسان زەھەرلىنىدۇ
تاماكا چېكىش قان تومۇرىدا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى . سالامەتلىكىڭىز ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ ، كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسىڭىز قان تومۇرىڭىز زەھەرلىنىپ ، بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ . ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ 50 نەچچە يىللىق تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، كۈندە 20 تالدىن كۆپرەك تاماكا چەككەندە ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ، ئۈچ ھەسسە ئاشىدىكەن ؛ يەنە باشقا تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، تۈنىگەندە تاماكا چەكسە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى نورمال ۋاقىتتىكىدىن سەككىز ھەسسە ئاشۇرىۋېتىدىكەن .
ھەرىكەت ئاز بولسا قان تومۇرىدىكى ئەخلەت كۆپىيىدۇ . ئادەمنىڭ تۆۋەنكى مۈچىسىمۇ ناھايتى ناھايتى مۇھىم ، ئەمما كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ھەمىشە سەل قارايدۇ . مېڭە قان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشلەرنىڭكىدىن ئىككى –ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ ؛ تۆۋەنكى مۈچ قان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە ، بۇ ئېھتىماللىق تۆت ھەسسىگە يېتىدۇ . نورمال ئادەمنىڭ ھەر كىۋادىرات مىللىمېتىر تېرىسىدە 600 تال قىلدام تومۇر بولۇپ ، ئادەتتە ئاران 100–200 ىلا ئېچىلىدۇ ، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە ، تېخىمۇ كۆپ قىلدام قان تومۇر ئېچىلىپ ، مىكرو قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ . ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلمىغاندا ، قان تومۇرىدىكى ئەخلەت تەدرىجى كۆپىيىپ ، بوتقىسىمان داغ پارچىلىرى بولۇپ شەكىللىنىدۇ ، يەنە قىلدام قان تومۇرنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .
چەت ئەللىك مەشھۇر زاتلارنىڭ تاماكا تاشلىشى

1.   ماركىس 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىردا ئۇلۇغ ئىنقىلابى ئۇستاز كارل ماركىس ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىردا تاماكا چېكەتتى. ئۇ بېرلىن ئونىۋېر سىتېتىدا پەلسەپە دوكتۇرلىقى ئىنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقاندا، ۋاقىتىنى تاماكا ئىسى ئارسىدا دىگۈدەك ئۆتكۈزگەن، ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ئۇنىڭ تاماكا خۇمارى بارغانسىرى كۈچۈيۈپ، بىر قولىداتاماكا، بىر قولىدا قەلەم تۇتۇپ يىزىقچىلىق قىلدىغان بولغان. «كاپتال»نىڭ 1- تومىنى يىزىپ تاماملىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كۈيئوغلىغا: « بۇ كىتابنىڭ قەلەم ھەققى تاماكا پۇلۇمغا يەتمەيدۇ» دېگەن.

« كاپتال» نەشىردىن چىققىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ توختىماي يۈتۈلدىغان، ھاسىرايدىغان، دىمى سىقىلدىغان، ھاسىرايدىغان بۇلۇپ قالغان. دوختۇر ئۇنىڭ كېسىلگە كانايچە سۇزۇلما ياللۇغى، ئۆپكە ھاۋاللىق ئىشىقى دەپ دىئاگىنوز قويغان. 50 ياشقا كىرگەندە دوختۇر ئۇنىڭغا تاماكا تاشلاش ھەققىدە نەسىھەت قىلغان. ماركىس دوختۇرغا: « مىنىڭ خۇدانىڭ دەرگاھىغا كېتىدىغان ۋاقتىم بۇلۇپ قالدى، تاماكا تاشلاش مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس» دېگەندە، دوختۇر: « تاماكىنى يەنە چېكىۋەرسىڭىز، يۈتەل سىزنى خىزمەت قىلدۇرمايدۇ» دېگەن. « سىزنى خىزمەت قىلدۇرمايدۇ» دىگەن سۆز ماركىسنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسىراپ، « كاپتال»نى داۋاملىق يېزىش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ نەسىھىتىگە ئاساسەن تاماكا تاشلاشقا ئىرادە باغلىغان. ئۇ يىزىقچىلىق قىلۋاتقاندا تاماكا خۇمارى تۇتۇپ كەتسە، سىگارتىنى ئېلىپ ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا مىجىپ تاشلاپ ئاغزىغا سېلىپ تاكى كۆڭلى ئېلشقۇچە چاينىغان. كىيىن ئۇ تاماكىنى كۆرسىلا كۆڭلى ئېلشىدىغان ھالەتكە كەلگەن. شۇنداق قىلىپ تاماكىنى تاشلىۋەتكەن، كېسىلىمۇ بارا- بارا ياخشىلانغان. ماركىس « كاپتال» نىڭ 2-، 3- تومىنىڭ دەسلەپكى ئارگىنالنى يىزىپ تاماملاپ، پۈتۈن دۇنيا پىرولتارلىيات ئىنقىلابىغا نەزىريىۋى ئاساس سالدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈردۇكى تاماكا تاشلىغلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس، مەسلە شۇ كشىنىڭ ئىرادىسى ۋە جاسارىتىگە باغلىق.

2.  ئېنگىلىس ياش ۋاقتىدا تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قالغان. ئۇ دوسلىرغا مۇنداق دېگەن: « قۇياش پارلاپ چىققان باھار كۈنلىرنىڭ ئەتىگەنلىرى، باغچىدا قۇياشقا كەينىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ تاماكا چەككەچ كىتاب كۆرۈش ھەقىقەتەن راھەت» ھايتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىردە، ئېنگىلىس تاماكا چەككەنلىكنىڭ ئېغىر زىينىنى چۇڭقۇر ھىس قىلغان. سالامەتلىكنى ئاسىراش ئۈچۈن ئۇ بىر مەزگىل تاماكىنى پۈتۈنلەي تاشلىغان، كېيىن ئۇ دوسلىرىغا مۇنداق دېگەن: « تاماكا نېرۋىغا زىيان قىلدىكەن، شۇڭا مەن تاماكا تاشلىمسام بولمايدۇ، تاماكا تاشلاشقا ئانچە كۆپ كۈچ كەتمەيدۇ، ھازىر مەن ئىككى، ئۈچ كۈندىمۇ بىر تال تاماكىنى چېكىپ بۇلالمايمەن.»

3.  لېنىن 17 ياش ۋاقتىدا تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغان. لېنىنىڭ ئانىسى مارىيا ئالىكساندىروۋنا دوختۇرنىڭ قىزى بولغاچقا، تاماكىنىڭ زىينىنى ياخشى بېلەتتى. ئۇ لېنىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ، نۇرغۇن قېتىم لېنىنغا تاماكا تاشلاشنى ئېيىتقان. چۈنكى، لېنىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۇ لېنىنغا: « ئۆزۈڭ ئىشلەپ پۇل تېپىشتىن ئىلگىرى، زۆرۈر بولمىغان بارلىق چىقىمنى ئازايتىشىڭ كېرەك. داداڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن كىرىمىمىز ناھايىتى چەكلىك بۇلۇپ قالدى، تاماكا سېتىۋالساڭ ئائىلىمىزىنىڭ بىر تۈرلۈك چىقىمى كۆپىيىپ كېتىدۇ» دېگەن. شۇ چاغدا لېنىن ئىنقىلابىي پائاليەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇپ، ھىچقانداق ئائىلە كىرىمى يوق ئىدى. ئائىلىسمۇ ناھايىتى نامرات ھەم ئىككى يىل ئىلگىرى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بۇلۇپ، نەپىقە پۇلىغا تاينىپ تۇرمۇشنى قامدايتتى. ئانىسنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغان لېنىن ئانىسنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئېشىپ قالغان تاماكىنى يانچۇقىدىن ئېلىپ ئانىسنىڭ كۆيدۈرۋېتىشىگە بەرگەن ھەم: « كەچۈرۈڭ ئانا مەن بۇلارنى ئويلاپ باقماپتىمەن، مەن بۈگۈندىن باشلاپ تاماكىنى تاشلايمەن» دېگەن. لېنىن ئىنتايىن جاسارەتلىك ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ زادىلا تاماكا چىكىپ باقمىغان. كىيىن لېنىن ئۆزىنىڭ ئىشخانىسغا « تاماكا چېكىش مەنئى قىلىندۇ» دېگەن خەتنى چاپلاپ، ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ چەكلىگەن. بىر كۈنى لېنىنىڭ ئىشخانىسدا يىغىن ئېچىلغاندا، لېنىن ئۆينىڭ ئىسقا تۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ، تامدىكى « تاماكا چېكىش مەنئي قىلىندۇ» دېگەن خەتنى يىرتىپ تاشلاپ: « قائىدە- تۈزۈمنى مۇشۇنداقمۇ ئاياغ ئاستى قىلغان بارمۇ!» دېگەن. بۇ باشقىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن لېنىننىڭ ئشخانىسىدا ھېچكىم تاماكا چەكمەيدىغان بولغان.

4.  دې گول فرانسىينىڭ سابىق زۇڭتۇڭى دې گول ياش ۋاقىتلىردىلا تاماكىغا خۇمار بۇلۇپ قالغان. ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى « قولىدىن تاماكا، ئاغىزىدىن ئىس ئايرىلامايدۇ» دەپ مازاق قىلغان. لېكىن، ئۇ 50 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن تاماكىنى بىراقلا تاشلىۋەتكەن، ھەم شۇنىڭدىن كىيىن تاماكىنى ئاغىزىغا ئېلىپ باقمىغان. دې گولنىڭ دوستلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران بۇلۇپ، ئۇنىڭ تاماكا تاشلاش سىرىنى سورىغان، دې گول قىسقىلا قىلىپ: « مۇرەسسە قىلماسلىق» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇنىڭ تەجىربىسى بۇيچە تاماكا تاشلىماقچى بولغان كىشى ئىرادە ۋە ئىشەنىچ تىكلەشتىن باشقا، ئۆز ھەركىتىگە ئىزچىل كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇ تاماكا تاشلىغان كۈندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تاماكا بىلەن ئۇچرىشىشى پۇرسىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئازايىتقان. ئۇ ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەپ: « تاماكا تاشلاشتا مەغلۇپ بولغان كىشلەر تاماكا چىكىلۋاتقان مۇھىتنىڭ ئېزىقتۇرشىغا تاقابىل تۇرالمىغان كىشلەردۇر» دېگەن. شۇڭا، دې گول بارلىق سورۇنلاردا بىرەرى تاماكا سۇنۇپ قالسا: « مەن تاماكىنى قايتا چەكمەسلىككە ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن، مەن گېپىمدە تۇرىمەن» دەپ رەت قىلغان. تاماكا مۇھىتى بىلەن مۇرەسسە قىلماسلىق- دې گولنىڭ بىر قېتىمدىلا تاماكىنى تۇلۇق تاشلىيالىشنىىڭ سىرى.

5.  رېگان ئامېركىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى رېگاننىڭ تاماكا خۇمارى خېلىلا كۈچلۈك بۇلۇپ، قولىدىن تاماكا چۈشمەيتى. 1985- يىلدىن باشلاپ ئۇ تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىننى تۇنۇپ يېتىپ، تاماكا تاشلاشقا ئىرادە باغلىغان. 1987- يىلى رېگان تاماكا قېپىغا « تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش سۆزىنى يىزىش ھەققىدىكى قانۇن لاھىيسىگە ئىمزا قويغان ھەمدە 2000- يىلىدىن بۇرۇن ئامېركىنى ھىچكىم تاماكا چەكمەيدىغان جەمىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرشىشنى ئوتتۇرغا قويغان.

6.  كاستىرو كۇبا جەميىتىنىڭ رەئىسى كاستىرونىڭ سىگارىت خۇمارى دۇنياغا داڭلىق، ئۇ بەش يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاندىن تاماكىنى رەسمى تاشلىغان. ئۇ ھاۋانادا چىقىدىغان «سىگارىت ھەۋەسكارلىرى» ژۇرلىنىڭ مۇخبىرىغا: «ئەمما مەن چۈشۈمدە تاماكا خۇمارىدىن چىقىمەن» دىگەن. ئۇ يەنە: « مەن بىر مەيدان تاماكا تاشلاش پائاليىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدىم، شۇڭا ئۈزۈم ئۈلگە كۆرسىتىپ تاماكا تاشلىمسام بولمايتتى» دىگەن. ئۇنىڭ تاماكا تاشلاش ھەركىتىدىكى تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ ب د ت نىڭ دۇنيا ساھىيە تەشكىلاتى ئۇنىڭغا بىر دانە ئالاھىدە ئوردىن تەقدىم قىلغان.

تاماكىنىڭ ئىقتىسادى زىيىنى

تاماكىنىڭ شەخىسگە كەلتۈرگەن ئىقتىسادى زىينىنى مۆلچەرلەش ۋە ھىسابلاش ئىنتايىن ئاسان. ئۇمۇمى ئىقتىسادى زىياننى ھىسابلساق، مەملىكىتىمىزدىكى 300 مىليۇندىن ئارتۇق « بەڭگى»نىڭ ھەر بىرى ھەر كۈنى ئىككى يۈەنىلىك تاماكىدىن بىر قاپ چەكسە، بىر كۈندىلا 600 مىليۇن يۈەننى، بىر يىلدا 219 مىليارد يۈەننى چىكىپ تۈگىتىدۇ، ئەگەر ھەر بىر بەڭگى ھەر كۈنى ئۈچ يۈەنىلك تاماكىدىن بىر قاپ چەكسە، بىر كۈندىلا 900 مىليۇن يۈەن، يىلدا 328 مىليارد يۈەن كىتىدۇ، مۇشۇنداق زور بايلىق بىكاردىنلا ئىسراپ قىلىندۇ.

تاماكا ئىستىمالى ئىقتىسادى كىرىمى ئوخشاش بولمىغان ئائىلەردە ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ، تاماكىنىڭ تۈرى، سانى، باھاسىدا روشەن پەرىقلەر مەۋجۈت بۇلىدۇ. نۇرغۇن ئائىلەردە بەزى تۇرمۇش بۇيۇملىرغا قارىغاندا تاماكىغا كۆپرەك پۇل چىقىم قىلىندۇ. قىسقىسى، «بەڭگى»لەر تاماكىغا پۇل خەجلەشكە ئىككىلەنمەيدۇ، كۈزى قىيدۇ. شەخىسلەرنىڭ تاماكا چىقىمىنى ھېساپلاپ كۆرەيلى: ئەگەر مەلۇم كىشى 20 ياشتىن باشلاپ ھەر كۈنى بىر قېپى بىر يۈەنلىك تاماكا ( ئەمىليەتتە بۇنداق ئەرزان تاماكا يوق) چەكسە ھەم 60 ياشتا كېسەل سەۋەبى بىلەن تاماكا تاشلىسا، 40 يىلدا جەمئي 14400 يۈەن پۇلنى چىكىۋەتكەن بۇلىدۇ.

مەملىكىتىمىزدىكى 400 مىليۇنغا يىقىن «بەڭگى» ھەر ئايدا ھەر بىرى 20 يۈەنلىكتىن تاماكا چەكسە، ھەر يىلى 96 مىليارد يۈەننى كۆيدۇرۇپ تۈگىتىدۇ. ئەگەر بۇ 400 مىليۇن «بەڭگى»نىڭ ھەممىسى تاماكا تاشلىسا ھەم ھەر بىرى ھەر ئايدا 20 يۈەندىن ئامانەت قويسا، 10 يىلدا غايەت زور پۇلغا ئايلىناتتى. بۇ پۇل پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەدەنيەت، مائارىپ، ئىلىم- پەن، سەھىيە ئىشلىرى خىراجتنىڭ 30 ھەسسىگە توغرا كېلەتتى. تاماكا تاشلاپ ئامانەت قويغان پۇل تاماكا بېجىغا قارىغاندا دۆلەتكە تېخىمۇ زور بايلىق ئېلىپ كەلگەن بۇلاتتى.


تاماكىنىڭ جۇڭگۇغا كىرىشى

ئىنسانلارنىڭ تاماكا چېكىۋاتقانلىقىغا 500 يىلدىن ئاشتى. تاماكا ئامېركا قىتئەسىدىن چىققان، ئەڭ بۇرۇن بايقالغان جاي تاباگ ئارىلى بۇلۇپ، تاماكىنىڭ ئىسمى مۇشۇ ئارالنىڭ نامى بىلەن ئىنگلىزچە « Tabag» دەپ ئاتالغان. ئەڭ بۇرۇن ئامىركا قىتئەسىگە بارغان ياۋرۇپالىقلار تاماكىنى ياۋرۇپاغا ئېلىپ كەلگەن، ياۋرۇپادىن ئاسىياغا تارقالغان. تارىخى كىتابكاردا خاتىرلىنىشچە، تاماكا مىڭ سۇلالىسى، يەنى 1573- 1619- يىللىرى جۇڭگۇغا تارقالغان. دېمەك، تاماكىنىڭ جۇڭگۇغا كېرگىنىگە پەقەت 400 يىللا بولغان بولىسىمۇ، جۇڭگۇدا ئۇمۇملىششى ئىنتايىن تىز بولغان، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىردا چەت ئەل تاماكىسى ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركۈملەپ كىرگەن، ئارقىدىن چەت ئەل سودىگەرلىلىرى جۇڭگۇدا تاماكا زاۋۇتلىرنى قۇرغان، ئازاتلىقتىن كىيىن جۇڭگۇنىڭ تاماكا سانائىتى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، ھازىر دۇنيا بۇيچە 1- ئۇرۇنغا چىققان.

تاماكىنىڭ تارىخى

1492 – يىلى ئىسپانىيلىك دېڭىزچى كۇلۇمبو ئامېركا قۇرۇقلۇقىنى بايقىغاندا كۇبالىق يەرلىك ئاھالىكلەرنىڭ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراۋاتقانلىقىنى كېمىدىكى ئىككى ماتۇرۇس كۆرگەن، ئىككى ماتۇرۇسنىڭ بىرى ئىسنى شوراپ باققان، بۇ تاماكا چەككەن تۇنجى ياۋرۇپالىق ھېسابلىندۇ، ئىسپانىيگە قايتقاندىن كىيىن، ئۇ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراپ يۈرگەن، بۇنى كۆرگەن قوشنىلىرى قاتتىق ھەيران قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا جىن چاپلىشۋاپتۇ دەپ قاراپ ئۇنى دىننى سوتنىڭ تۈرمىسىگە قامىتىۋەتكەن.

1496 – يىلى تاماكا ئۇرۇقى ئىسپانىيگە تارقىلىپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى قاتارىدا تېرىلغان.

1518- يىلى ئىسپانىيەلىك ئىكىسپىدىتسىيچىلەر ئازىتاكلار ۋە مايالىقلارنىڭ قۇرۇق قۇمۇش نەيچىسى بىلەن تاماكا چېكىۋاتقانلقىنى كۆرگەن، ئېكىسپىدىتيىچىلەرمۇ ئۇلاردىن ئېلىپ چىكىپ باققان. بۇ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق تاماكا تىلەپ چىكىش ھىسابلىنىدۇ.

1530- يىلى ئىسپانىيەلىكلەر ھاياتىدا تاماكا تېرىغان.

1560- يىلى فىرانسىيەنىڭ پورتىگالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يان نىكوتىن تاماكىنى فىرانسىيەگە ئېلىپ كېلىپ كېسەل داۋالاشقا ئىشلەتكەن ھەم خانىشنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايىتقان. نىكوتىننىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، خېمىيە ئالىملىرى كۆك تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىغا « نىكوتىن » دەپ ئىسىم قويغان. شۇندىن كىيىن كۆك تاماكا فىرانسىيەدە تېرىلىشقا باشلىغان.

1575- يىلى كۆك تاماكا فىلىپىندىن جۇڭگۇغا كىرگەن.

1595- يىلى ئەنگىليەلىك دورىگەر ئالىملىرى يازغان « تاماكا ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە قىممىتى بار كۆز قاراش» دېگەن ئەسەردە تاماكنىڭ ئادەم بەدىنگە زىيىنى بارلىقى كۆرسىتىلگەن ھەم ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان.

1600- يىلى كۆك تاماكا لاۋاندا ( خۇش پۇراق ئۈسۈملۈك) بىلەن ئارلاشتۇرلۇپ لوندوندىكى ھەشەمەتلىك چىركاۋلارنىڭ ئەتىرى قاتارىدا ئىشلىتىلگەن.

1612- يىلى لوندوندىكى تاماكا سودىگەرلىرنىڭ ئوتتۇرا ئامىركىدىكى جامىستوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يوھان رولفېي شىمالى ئامىركىدىكى ۋېرگىنىينىڭ جىمىس دىگەن بازىردا دۇنيادىكى تۇنجى تۈركۈم سودا قىلىندىغان تاماكا تېرىغان ھەمدە ئەنگىليەگە 10 توننا يۆتكىگەن. شۇ يىلى ئامىركىدا تاماكا سىناق تەرەقىسىدە تېرىلغان.

1616- يىلدىن 1627- يىلغىچە كۆك تاماكا بىر قانچە يولدىن مەملىكىتىمىزگە كىرىشكە باشلىغان، يەنى فىلىپىندىن تەيۋەن، فۇجىيەنگە، ۋېيتنامدىن گۇاڭدۇڭغا، ياپۇنيىدىن چاۋشىيەن ئارقىلىق لىياۋدۇڭ يېرىم ئارىلغا، روسيەدىن شىنجاڭغا كىرگەن.

1639- يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى پەرمان چۈشۈرۈپ تاماكىنى چەكىلگەن ھەمدە تاماكا چەككەنلەرنى ئۈلۈمگە بۇيرىغان.

1666- يىلى ئەنگىليەدە گېزىتقا تاماكا ئېلانى بېسىلغان.

1799- يىلى ناپالىئون تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئەنقەرە شەھرىنى قوغداۋاتقان بىر توپ تۈركىيە ئەسكەرلىرنىڭ چىلىمى توپ ئۇقىدا پارتىلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلار مىلتىق دورىسىنى تۇتاشتۇردىغان قەغەزدە تاماكا ئوراپ چەككەن، بۇنىڭ بىلەن تاماكىنى قەغەز بىلەن ئوراپ چىكىش دۇنياغا كەلگەن.

1825- يىلى شىۋىتسارىيەلىك خېمىيە ئالىمى ئا. پىكتې تۇنجى بۇلۇپ كۆك تاماكا تەركىبىدىن تاماكا ئىشقارى نىكوتىننى ئاجىرتىۋالغان.

1881- يىلى كۈنىگە 120 تال تاماكا ئورىيالايدىغان ماشنا پاتنىت ھۇقۇقىغا ئىرىشكەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاماكا ئوراش پۈتۈنلەي قول بىلەن قىلناتتى. `1900- يىلغا كەلگەندە تاماكىنىڭ ماركىسى 160 تىن ئېشىپ كەتتى.

1902- يىلى تاماكا چېكىشكە قارشى تۇنجى تەشۋىقات كىتابى « تاماكا زىيىننى يۇقىتىش ھەركىتى » ئەنگىليەدە نەشىر قىلىندى.

1927- يىلى ئەنگىليەلىك دوختۇر تايلور كوت تېببى ژورنالدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۆزى بىلىدىغان ئۆپكە راكغا گىرىپتار بولغان بارلىق بىمارلارنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى.

1941- يىلى 2- دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە ئامېركا زۇڭتۇڭى روزىۋېلىت تاماكىنىڭ ئاساسى زىرائەت قاتارىغا كىرگۈزىلدىغانلىقىنى، تاماكا تېرىغۇچىلارنىڭ ھەربى سەپكە قاتنىشىش مەجبۇريىتىنى كەينىگە سۈرۈشكە بۇلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1948- يىلى « ئامرىكا تىببى جەميىتى ژۇرنىلى » دا، « پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا، تاماكا جىددىيلەشكەن روھى ھالەتنى پەسەيتىدۇ، تاماكا چىكىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق » دىيىلدى.

1955- يىلى ئامېركا قوشما شىتات سودا كومتىتى تاماكا ئېلانلىردا سالامەتلىككە پايدىلىق دىگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى چەكىلىدى.

1957- يىلى ئامېركا راك كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى بىر تەتقىقات گورۇپىسى قۇردى. بۇ گورۇپپا مۇنداق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى: تاماكا چېكىش بىلەن ئۆپكە راكى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ھەمدە سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە.

1966- يىلدىن باشلاپ تاماكا قېپىغا « دىققەت: تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن خەت بېسىلدى.

1967- يىلى نيۇ يۇرۇكتا تۇنجى قېتىملىق « تاماكا ۋە سالامەتلىك » خەلقارا يىغىنى ئېچىلدى، شۇنىڭدىن كىيىن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يۈكسەلدۈرلۈپ، تاماكا تاشلاش خىزمىتى كۈچەيتىلدى.

1980- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ باش ئىش بىجۈرگۈچىسى دوكتۇر مالۇر1980- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىكىتىش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە « سىزگە تاماكا كېرەكمۇ ياكى سالامەتلىكمۇ، ئۆزىڭىز تاللاڭ » پائاليىتىنى قانات يايدۇردى.

1983- يىلى ئامىركا ھەر يىلى تاماكا چىكىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 300 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

1987- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى دۇنياۋى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىككىتى ھەمدە بۇ كۈنى تاماكا چەكمەسلىكنى ۋە تاماكا سېىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

1989- يىلى ئامېركا سەھىيە ئىدارىسى بىر قېتىملىق دوكىلاتىدا، تاماكا چېكىدىىغانلارنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش ئېھتىماللىقى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن 15 ھەسسە يۇقۇرى دەپ كۆرسەتتى.

تاماكا چېكىش تۆۋەندىكىدەك ھەر خىل ئىجتىمائى مەسلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ

1.   خىزمەت ئۇرۇنلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغاپ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ روھى، جىسمانى ساغلاملىقىغا زىيان سالىدۇ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىشتەك قانۇنلۇق ھۇقۇقىغا دەخلى- دەرۇز قىلىدۇ.

2.     تاماكا چەككۈچىلەر خالىغان جايغا تۈكۈرۈپ، تاماكا قالدۇقى، سەرەڭگە ياغىچى، تاماكا قېپى قاتارلىقلارنى تاشلاپ، مۇھىت تازلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، كېسەل تارقىتىدۇ؛ ئوت ئاپىتى پارتىلاش قاتارلىق يۇشۇرۇن ئاپەت پەيدا قىلىدۇ.

3.  ئۆسمۈرلەر تاماكا چەكسە، روھى، جىسمانى جەھەتتىن ئۆسۈپ يىتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدۇ، ئىقتىسادى مەنبەسى كەمچىل بولغانلىقتىن ئاسانلا ھەر خىل جىنايەت يۇلىغا كىرىپ قالىدۇ.

4.  چەت ئەل تاماكىسى، كۆك تاماكا پىششىقلاپ ئىشلەش قۇشۇمچە ماتىرياللىرنىڭ كۆپ مىقداردا ئىمپورىت قىلنشى زور مىقداردىكى تاشقى پىرۋوتنى ئىسراپ قىلىپ، تاشقى سودىدىكى ئىمپورىت مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى ۋە تاشقى پېرۋوتنىڭ جىددىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5.  كۆك تاماكا تېرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى ئاشلىق، ماي، كېۋەز قاتارلىق دىھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلدىغان يەر، ئوغۇت، ئادەم كۈچى ۋە سۇ مەنبەسىنى ئىگەللىۋېلىپ، تاماكا تېرىغۇچىلارنىڭ ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ھەر يىلى ئاشلىق ئىمپورىت قىلىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.

6.  كۆپ مىقداردىكى ياغاچ ماتېرياللىرى تاماكا قۇرۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش، تاماكا ئوراش، قەغەز يېشىك ياساشقا ئىشلىتىلىپ، ئورمان بايلىقى ئىسراپ قىلىندۇ.

7.  تاماكا ئەتكەسچىلىكىدىكى زور پايدا تاماكا بازارلىردا ھايانكەشلەر، ساختا مەھسۇلاتلار ۋە ئەتكەسچىلەرنى پەيدا قىلىپ، جىنايى گۇرۇھلار بىلەن ئېلىشىش ۋە دۆلەت باج خادىملىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايى دېلولىرىنى كۆپەيتىۋىتىدۇ.

8.  ئاخپارات ۋاستىلىرنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن تاماكا ئېلانلىرى، رەھبىرى كادىرلارنىڭ تاماكا چېكىشى، جەمئىيەتتە ناتوغرا ئىستىلارنىڭ يامراپ كېتىشىگە تۈرىتكە بۇلۇپ، تاماكا ھاراق بولمىسا ئىش بىجىرمەيدىغان، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، خىيانەتچىلىك، پارخورلىقنى ئەۋىج ئالدۇرپ، كادىرلار قۇشۇننى چىرىتىپ، ئىجتىمائى كەيپىياتنى ناچارلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا نوقسان يەتكۈزدۇ.

9.  تاماكا چېكىش ئىقتىسادى قىيىنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن ئائىلىدە ئىناقسىزلىق، جەميەتتە مۇقۇمسىزلىق ئاممىللىزنى پەيدا قىلىدۇ.

       بەزى كىشلەر « مەن ئۆمۈر بۇيى تاماكا چەكسەممۇ راك كىسىلى بىلەن ئۆلۈشۈم ناتايىن» دېيىشىدۇ، پاكىت ۋە تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى، ھەر بىر كىشىنىڭ ئىرسىيتى ۋە تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئىرسىيىتى ۋە بەدەن ساپاسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى كىشلەرنىڭ ئىمونتىت ئىقتىدارى ياخشى بۇلۇپ، تاماكا زەھىرنىڭ ھۈجەيرىلەرنى ۋەيران قىلىشنى تۇسۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بۇلىدۇ. ئادەم بەدىندە كۆپ ھالقىلىق ئارۇماتىك ئاكتىپ فېرمىنىت دەپ ئاتىلدىغان بىر خىل ماددا بۇلۇپ، بەدەندە بۇ ماددىنىڭ مىقدارى ئاز بولسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى تۆۋەن، مىقدارى كۆپ بولسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ.

      تاماكا ئسىدا 4000 خىلدىن ئارتۇق خېمىيلىك ماددا بۇلۇپ، ئۇنىڭ 50 خىلدىن كۆپرەكى راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بەدەن ساپاسى ئوخشىمىغالىقتىن 10 پىرسەنىتكە يەتمەيدىغان كىشلەردىلا نىكوتىن تۈردىكى زەھەرلىك ماددىلارغا مەلۇم دەرىجىدە قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى بولىدىكەن. قالغان 90 پىرسەنىت كىشى ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولىدىكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ھەر بىر تال تاماكا چەككەندە ئادەمىنىڭ ئۆمىرى 6 مىنوت قىسقىرايدىكەن. بۇ نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق!

     دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەقىياتى، مەدەنىيلىك، پاكىز تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىش، كىيىنكى ئەۋلاتلارغا بەخىت يارتىش، ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكى، ئائىلىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمىيەتكە مەسئۇل بۇلۇش ئۈچۈن، تاماكا چەككۈچىلار قەتئي نىيەتكە كېلىپ تاماكا تاشلايلى!


تاماكىنىڭ زىينى

     تاماكا چېكىش ئىنتايىن ئۇمۇملاشقان ئىجتىمائى ھادىسە، ئەمما ئۇنىڭ ئشلەپچىقرىلىشى ۋە ئىستىمال قىلنىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققتىنى قوزغاۋاتقان ئىجتىمائى مەسلە. بۇنىڭ سەۋەبى، كىشلەر تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزدىغانلىقىنى تەدرىجى تۇنۇپ يەتتى ۋە بۇ ھەقتە ئورتاق تۇنۇشقا كەلدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىردىلا تەتقىقاتچىلار ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن- قىسقا بۇلۇشنىڭ تاماكا چېكىش بېلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، تاماكا چېكىش ئۆمۈرنى قىسقارتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەندى، ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىسى كىشلەرنىڭ يىتەرلىك دىققەت ئىتبارىنى قوزغىمىغانىدى.

تەتقىقاتچىلار تاماكا چېكىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سېلىش دەرىجىسىنىڭ كىشلەرنىڭ تەسەۋۇردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مېدىتسىنا، گېگىنا ئالىملىرى ۋە سىياسىيونلار تاماكىنى «20- ئەسىردىكى تارقىلىشچان كېسەللىك» ، يەر شارىدىكى « ئەڭ زور ئامىۋى سەھىيە مەسلىسى » دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تاماكا چېكىشنى تېزگىنلەش دولقۇنى قوزغىدى، تاماكا چېكىشنىڭ زىينىغا ئۇچىرغان « بەگىلەر » تاماكا تاشلىدى. ئەمما تاماكا چېكىش بىلەن كېسەللىككە گېرىپتار بۇلۇش ئارلىقىدا مەلۇم ۋاقىت بولغاچقا، بەزى « بەڭگى » لەر يەنىلا ئويغانمايۋاتىدۇ. تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟ ئالىملار ھايۋاناتنى سىناق قىلىش، ئادەم تىننى ئاناتومىيلىك تەكشۈرۈش ۋە سىتاتسىكا قىلىش ئارقىلىق، تاماكا چېكىشنىڭ ئادەمىنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدىغانلىقىنى، ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا تاماكا چەككەندە نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە گېرىپتار قىلدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. مەسلەن، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئۆپكە راكىغا گېرىپتار بولۇش نىسبىتى 10~20 ھەسسە، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە سۇلۇق ئىشىقىغا گېرىپتار بۇلۇش نىسبىتى 3~6 ھەسسە، يۈرەك تاجىسىمان ئارتىريەسى بوتقىسىمان قېتىش كېسىلگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى 5~10 ھەسسە يۇقىرى بۇلىدۇ. تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ ئۆپكە تۇقۇلمىلىرى ھال رەڭ ياكى قىزىل، تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ بولسا ئىلاستىكىلىغى ئىنتايىن ناچار ھەم قارا بولىدۇ، ئۆپكە- كاناي بوشلىقىدا كۆپ مىقداردا كاربۇن زەرىچىلىرى بار قۇڭۇر رەڭلىك بەلغەم پەيدا بۇلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بۇلىدۇكى، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە- كانىيى خۇددى تۇرخۇنغا ياكى مەش كانىيغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭ كۈنلەرنىڭ ئۈتىشى بىلەن كېسللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىش تەس ئەمەس.

تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە ئۈلۈمگە سەۋەپ بۇلىدىغان ئالدىنىقى تۆت خىل كېسەللىك، يەنى يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، راك كېسىلى، مىڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، نەپەسلىنىش سېستىمسى سۇزۇلما كېسەللىكلىرى تاماكا چېكىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 90 پىرسەنتى، يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 25 پىرسەنتى، نەپەس يۇلى سۇزۇلما كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 75 پىرسەنتى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تۇخۇمدان راكى، دوۋساق راكى، ئېغىز بوشلىقى راكى، ئاشقازان يارىسى، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقى يۇقۇرى بۇلىدىكەن. ھامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە، يۇقۇرى قان بېسىمى، تۇتقاقلىق، بالدۇر تۇغۇش ياكى بالا كىچىك تۇغۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردىكەن. ھازىر دۇنيا بۇيچە ھەر يىلى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3 مىليۇندىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2 مىليۇنى جۇڭگۇدىكى « بەڭگىلەر» دۇر.

تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى مۇشۇنداق چوڭ بولسىمۇ، ئائىلىدىن جەمئىيەتكىچە ئادەم بار جايلارنىڭ ھەممىسىدىلا تاماكا چېكىدىغانلارنى ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ. بۇنىڭدىكى ئىقتىسادى زىياننى ھىساپلاپ كۆرەيلى، ھازىر دۆلىتىمىزدە 400 مىليۇن « بەڭگى» بار، ھەر بىر « بەڭگى » ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر كۈنى بىر قاپ تاماكا چەكسە، بىر قاپ تاماكىنى 5 يۈەندىن ھېسپلىغاندا، بىر كۈندە 200 مىليۇن، بىر يىلدا 73 مىليارد يۈەن بۇلىدۇ. سىتاتسىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئازادلىقتىن كىيىنكى 40 يىلدا تەبئى ئاپەتلەر دۆلىتىمىزدە جەمئى 300 مىليارد يۈەن ئىقتىسادى زىيان پەيدا قىلغان، بۇ يىلغا 7 مىليارد 500 مىليۇن يۈەندىن توغرا كېلىدۇ، ئەمما بۇ تەبئى ئاپەتلەر پەيدا قىلغان ئىقتىسادى زىياننى ئۆزىمىز پەيدا قىلغان تاماكا ئاپىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن يوق دىيەرلىك!

<< تاماكىنىڭ زىينى>> كىتابىدىن ئېلىندى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-8 04:35 AM  


ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 01:03:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1492 – يىلى ئىسپانىيلىك دېڭىزچى كۇلۇمبو ئامېركا قۇرۇقلۇقىنى بايقىغاندا كۇبالىق يەرلىك ئاھالىكلەرنىڭ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراۋاتقانلىقىنى كېمىدىكى ئىككى ماتۇرۇس كۆرگەن، ئىككى ماتۇرۇسنىڭ بىرى ئىسنى شوراپ باققان، بۇ تاماكا چەككەن تۇنجى ياۋرۇپالىق ھېسابلىندۇ، ئىسپانىيگە قايتقاندىن كىيىن، ئۇ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراپ يۈرگەن، بۇنى كۆرگەن قوشنىلىرى قاتتىق ھەيران قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا جىن چاپلىشۋاپتۇ دەپ قاراپ ئۇنى دىننى سوتنىڭ تۈرمىسىگە قامىتىۋەتكەن       ھازىرمۇ بەڭگىلەرنى ئاشۇنداق قامىتىۋەتكىلى بولسا ھە

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13617
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5621 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 01:37:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 70-80يىل ئىلگىرى رايۇنىمىزدىكى بىر بەڭگى ئىشكىنى تاقاپ قۇيۇپ مەخپى تاماكا چەككەن بولسىمۇ بايقىۋالغانلار بەڭگىكەن دىگەن خەۋەرنى بىردەمدىلا يۇرتقا يېيىۋىتەركەنتۇق.كىيىن بۇ كىشىنىڭ ئوغلىغا قىز سۇراپ كىرگەنلەرگە ۋە قىزنى ئالاي دىگەنلەرگە بولمايدۇ بەڭگىنىڭ ئەۋلادى نەسلىڭنى ۋەيران قىلىپ ئىلگىرى كەلمەيسەن دەپ توي ئىشىغا كوپۇنچە  ئائىلە باشلىقلىرى قۇشۇلمايدىكەنمىش......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6102
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 04:51:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭغۇ تاماكا چېكىش ئۇياقتا تۇرسۇن چەككەن يەردە تۇرالمايمەن
نېمە پايدىسى باردەيمەن بۇنى چەككەنىڭ پايدا قىلدۇ چېكىڭ دېسە ھېچ كېشى چەكمەيتى
ئادەملەر ئۆزمىزىگە زىيانلىق نەرسىگە ئامراق كېلدىغان ئوخشايدۇ

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89101
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 11:36:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تېما ئىكەن!ئېسىلنىڭ ئەسلىمۇ،ۋەسلىمۇ ئېسىل،قوللۇرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
تاماكا چىكىش -ئاستا خارەكتېرلىك ئۆز-ئۆزىنى زەھەرلەش كېسىلى،ئۆز-ئۆزىگە،ئائىلىسىگە،پەرزەتلىرىگە ۋە جەمىيەتكە بولغان ئېغر مەسئۇلىيەتسىزلىك،تاماكېنىڭ تەركىۋىدىكى نېكوتېنغا قۇل بولغانلىق.تاماكا چىكىش -ئېرادىسى ۋە ئېتىقادى سۇس  نادان كىشىلەرنىڭ 'ئامالسىز' قوللانغان 'ئاكتېپ' تەدبىرى.'بەڭگىلەر' تېخىچە تاماكىنىڭ زېيىنىنى تولۇق تونۇپ بولالمايۋاتىدۇ،بولمىسا ئۇلار  نېكوتىنغا ئەمەس ،بەلكى  توغرا ئۇسۇلدا ئىچكى ھورمۇن تەڭپۇزسىزلىغىنى تۈگىتېشكە ئەھمىيەت بەرگەن بولاتتى!
بۇ بەكمۇ ئېسىل ماقالە بولغانلىقتىن ئۈندىدار ئۇيغۇرچە ساغلاملىق بىلىملىرى سەھىپىسى-‹ساغلام›
(ئىزدەش نۇمۇرى:Saghlam)نىڭ  بۈگۈنكى 1-نۇمۇرلۇق ئايرىمخانىسىدا  رەسىم شەكلىدە تورداشلار بېلەن ئورتاقلاشتىم،ئەسلى ئادرىسىنىمۇ ئەسكەرتىپ قويدۇم،ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنى بار دوسلار ئۈندىداردا كۆرسەڭلەر بولىدۇ.ئۇندىن باشقا  ئەلكۈيى مىكروبىلوگىمدىمۇ تارقاتتىم.
http://alkuyi.cn/saghlamliq

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4899
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 04:32:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدا ساقلىسۇن تاماكىغا يېقىن يولاشنى....

دىلىمىز ئىمان نۇرى بىلەن نۇرلانسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش