(شىنجاڭغا مەدھىيە)
ئۇيغۇرۇم ياشاۋاتقان ھەر بىر زىمىندا،
مىللىتىم ئۈنسىز تۆككەن قان، تەر ھىدى بار.
قوينى كەڭدۇر بۇ گۈزەل يۇرىت-دىيارىمنىڭ،
تۇرغان جايىم ماكانىم ، ماڭا ھەمدەم يار.
ئوينىسام ئىلى دەريا ، يايلاقلىرىدا،
كىيىكتەك يايراپ ئۇندا كەلگەندە باھار.
گاھ چۈمۈلۈپ قاراقاش دەريالىرىدا،
سۈزۈپ چىقسام خەلقىم دەپ ئۈنچە- مارجانلار.
ئوت ماكان كارىز سۈيى ، بۇلاقلىرىنىڭ،
شۇ تاتلىق سۇلىرى ھەم تىلىنى يارار .
تەكلىماكان كەبى قۇملۇق شۇ چۆللەردىنمۇ ،
خەلقىمنىڭ كىسىلىگە داۋا تىپىلار.
ئاقسۇ ، ئالتاي ھەم قەشقەر، قۇمۇللار ئارا،
سەلتەنەتلىك خاندانلىقتىن باردۇر ئىزنالار.
شەھەرلەر كۆركى بولغان شۇ ئۈرۈمچىدە ،
كۆزنى قاماشتۇرغىدەك ، ھەيۋەت بىنالار .
ماختىسام تۈگىمەيدۇ بۇ دىيارىمنى ،
شۇ مۇنبەت تۇپرىقىدا كۆپتۇر بايلىقلار.
تەرىپلەشكە تىگىشلىك بىزنىڭ بۇ شىنجاڭ ،
قانچىلىك مەدىھلىسەم سۆز كەملەپ قالار.
ۋە لىكىن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شۇ زىمىن،
ئۆزگىچە ھىس- تۇيغۇدا ئۇ سىغىندۇرار .
كىندىك قىنى تۆكۈلگەن ئەزىز تۇپراققا،
ۋەتەنپەرۋەر ئوغلاننىڭ چوڭقۇر ئىشقى بار .
ئەمدى بۇنىڭغا ئاپتۇنۇم رايۇن ، ئۆلكە ئايرىپتۇ دەيدىغانلار بولسا مۇنبەردە تىللاپ ، قولىڭىزنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمەي، ئۇدۇللا ماڭا تىلفۇن قىلىڭ . (قەشقەرگە مۇھەببەت دىگەن شېئىرىمنى ئوقۇپ ،يۇرىتۋازلىق قىلىپتۇ دىگەنلەرگە)
ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرىتنى سىغىنىش ، مەدىھلەش قانداقمۇ يۇرىتۋازلىق بولسۇن.
مەنبە: ئۆزۈم
2013.01.07
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا esil817 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-8 12:05 AM