|
|
|
|
مىھرى ـ مۇھەببەتنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتمىسۇن مۇھەممەدئىمىن ھەسەن مەن يىقىندا بىر نەچچە دوستلار بىلەن بىر دوستۇمىزنىڭ تويىغا بارغان ئىدىم، سورۇندا مىھمانلارنىڭ سانى خىلى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى ياشانغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئارىدىن بىر كىشى ھازىرقى ياشلاردا مىھىرى- مۇھەببەت دېگەن نەرسە قالماپتۇ، بۇلارغا ئويۇن- تاماششا، كومپيىۇتېر، تور دىگەندەك نەرسىلەر بولسىلا بولىدىكەن، ئۇرۇق- تۇققاندارچىلىق، دوست- ئاغىنىدارچىلىققىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن، خوش يىقىپ قالسا تېلفۇندا ئەھۋال سورايدىكەن، بولمىسا ئۇمۇ يوق، دەپ غودۇلاپ ئۆزىچە سۆزلەپ كەتتى. مەن ئاكا ھازىر مىھرى- مۇھەببەتنىڭمۇ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى، شۇڭا ئۇلار باھاسى ئەرزانراق نەرسىلەرنى ئىزدەپ يۈرگەندۇ ھە قاچان دەپ گىپىنى بۆلدۈم چاقچاق ئارىلاش، ئەجەب گەپ قىلىدىكەنسىز ئۇكام دېدى ئۇ كىشى چۈشەنمىگەندەك قىلىپ، بارچە نەرسىنىڭغۇ باھاسى ئۆستى، بىراق مىھرى- مۇھەببەتنىڭ باھاسى ئۆستى دېگەن گەپنى سىزدىنلا ئاڭلدىم. توغرا ئاكا بارچە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆستى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ دوستلۇق، مىھرى- مۇھەببەت، سوۋغا-سالام، ئادىمگەرچىلىك قاتارلىقلارنىڭمۇ باھاسى ئۆستى، ھەممىگە پۇل بولمىسا بولمايدۇ دىدىممەن چۈشەندۈرۈپ، مىسالەن بۇرۇن تۆت- بەش ئاغىنىلەرنى مېھمان قىلماقچى بولساق، ئازغىنە پۇل بىلەن مېھمان قىلاتتۇق، سەمىمى كۆڭۈل بولسىلا كۇپايە قىلاتتى، ھازىر بۇ كۆڭۈللەرگە بىر نەرسە كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، مەن سىلىنى ئەللىك يۈەنلىك مېھمان قىلسام، سىلە يۈز يۈەنلىك قىلسىلا، مەن ئىككى يۈز يۈەنگە چىقىرىمەن، سوۋغا- سالام، باردى- كەلدىلىرىمىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆز- ئارا بەسلىشىپ كۈندىن- كۈنگە باھاسى ئۆستى. بۇنداق باھا ئۆسۈشلەرنى بىزدىكى مەنمەنچىلىك، ھەشەمەتچىلىك كەلتۈرۈپ چىقاردى، مىھماندارچىلىقىمىزدا ئەسلىدە تۆت ئادەم ئەللىك- ئاتمىش يۈەنگە مېھمان بولسا مۇۋاپىق بولاتتى، بىر ئادەمگە بىر كىلشىك تاماق بولسىلا بولاتتى، ھازىرچۇ بىر ئادەمگە تۆت- بەش كىشىلىك تاماق بۇيرۇيمىز ياكى تەييارلايمىز، شۇنداق قىلمىساق كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ ياكى سەت تۇرىدۇ، داستىخان، جوزىلاردا ئېسىل سەيلەر ۋە تاماقلار ئىشىپ قالمىسا ھېساب ئەمەس، پۇخادىن چىقمايمىز ھەم مېھمان بولغاندەك بولمايمىز، بۇرۇنقىدەك ئاددى بولسىمۇ كۆڭلۈم دېگەن گەپلەر قۇلاققا ياقمايدىغان بولۇپ قالدى، شۇنداق قىلىپ مىھرى- مۇھەببەتكە، دوستلۇققا ئالاقىدار بارلىق قائىدە- يوسۇنلىرىمىزنىڭ باھاسى ئۆستى، بۇ ئۆسۈشلەر ئەمدى بىزنى ھارغۇزدى، ئازنى ياراتماي، جىققا يىتىشىپ بولالماي، ئاخىرىدا مىھرى- مۇھەببەتتىن تەدرىجى يىراقلىشپ، دوستلۇقىمىز سۇسلىششقا باشلىدى، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ ياكى باھانىڭ چۈشۈشىنى كۈتۈش كىرەكمۇ؟ دەپ سۆزۈمنى توختاتتىم. راست ئىكەن ئۇكام ئەمدى چۈشەندۇق، ھەممىنى ئۆزىمىز قىلىپتۇق، راست مىھرى- مۇھەببەتنىڭمۇ باھاسى ئۆسۈپتۇ دېدى ھىلىقى كىشى. - ھەي ئۇكام دەپ گەپ قىستۇردى يەنە بىر كىشى، بۇ خىل باھا ئۆسۈشتىن پايدا چىقمىغۇدەك، مىنىڭچە باھا ئۆسىۋەرسە كىرزىس يۈز بىرىدىغان گەپ، شۇڭا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئەرزان بولسىمۇ دوستلۇقىمىز، باردى- كەلدىمىز، ئۈزۈلمەي ئاددى بولسىمۇ مىھرى- مۇھەببىتىمىز كۆپەيگەن بولسا تىخىمۇ ياخشى بولار ئىكەن، دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىدى. بارچە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسسە مەيلى، چۈنكى ئۇنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن مىھرى- مۇھەببتنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتمىسۇن دېدى يەنە بىر كىشى. :
|
|
|
|
|
|