ئەي ئۆمرىنىڭ يەتمىش يىلى ئۆتكەن ئىنسان! ئۇخلىغانمىدىڭ؟ ئۆمرۈڭ بىكار ئۆتۈپتۇ؟
ھەمىشە بۇ يەردە قېلىش ئۈچۈن تىرىشاتتىڭ، تەدبىرلىك بولۇپ كېتىش تەييارلىقىنى قىلمىدىڭ.
ئەتە قىيامەتتە جەننەت بازىرى ئېچىلغۇسى، ئۇ يەردە ھەممە كىشى دۇنيادا قىلغان ئىشلىرىغا قارىتا مۇئامىلىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇ يەرگە قانچىلىك سەرمايە ئېلىپ بارساڭ، شۇنچىلىك دارامەت ئالىسەن. بۇ يولدا ۋەيران بولساڭ، قولۇڭغا خىجالەتچىلىكتىن باشقا نەرسە كەلمەيدۇ.
بازار قانچىلىك باياشات بولسا، يوقسۇل شۇنچىلىك غەمكىن قايتار. ئەللىك دەرھەملىك مالنى بەش دەرھەم پۇلۇڭ كەم بولسا ئالالمايسەن ۋە ئۇ يەردىن كۆڭلۈك يېرىم قايتىسەن.
ئەللىك يىلىڭ ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى قالغان بەش كۈنۈڭنى غەنىيمەت بىل…
بىچارە ئۆلۈكنىڭ تىلى بولسا، پەرياد قىلىپ مۇنداق دەيتتى:
ئەي ھايات ئىنسان! بۈگۈن تىلىڭ بار ئىكەن، اللەنى زىكرى قىل، ئۆلۈكتەك سۈكۈت قىلما. بىز ۋاقىتنى غەپلەتتە ئۆتكۈزدۇق، سەن بىزدەك بولما. ساناقلىق نەپەسلىرىڭنىڭ قەدرىنى بىل.
يۇقارقى مەزمۇن ئاز- ئەما مەزمۇنى بەك ساز ئەستايىدىل ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن
قانداق چۈشەنچىگە ئېگە بولسىڭىز شۇنى ئىنكاس قىلىپ يېزىڭ رەخمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-7 11:51 PM