مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 580|ئىنكاس: 3

ئاخىرقى جەڭچى (ئىلمىي فانتازىيە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89664
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2013-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 05:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرقى جەڭچى   
ئالفىرد بىست(ئىلمىي فانتازىيە )
ئاپتور ھەققىدە :
ئالفىردبىست ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق ئىلمى فانتازىيە يازغۇچىسى،ھازىرقى زامان ئىلمىفانتازىيىسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى،تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئىلمى فانتازىيەمۇكاپاتى«يۈگو مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى. «يۇلتۇزلار،مېنىڭ ماكانىم » دىگەن ئەسەرئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق ئىلمى فانتازىيە رومانى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.ــــــ ئەسلى ئەسەردىن ئېلىندى
  ھۆرمەتلىك ئايال پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلىنىڭ رازىلىقىلىرىنى تىلەيمىز،بۈگۈن بىز تولۇق غەلبىگە ئېرىشتۇق. كەمىنىلىرى مۇشۇ مۇناسىۋەتتە سىلىگە بۇ ئاخىرقىغەلبىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى دوكلات قىلىپ ئۆتمەكچىمەن، ئايال پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭدىققەت-ئېتىبارى  كەمىنىلىرىنىڭ يۈكسەكشان-شەرىپىدۇ...... تاڭنۇرى ئالەمنى يورۇتۇشى بىلەن تەڭ، قوۋۇمىمىز قوشۇنى تاغ چوققىسىغا چىقىپ بولدى. بۇبىر يېرىم چەمبەر شەكىلدىكى تاغ تىزمىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىقورغىنىنى چۆرىدەپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قوزغاپ، تاھازىرغىچە ئونئاي ئۆتۈپ كەتتى. كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ قورغان ئۇلارنىڭ بىردىنبىر تايانىچ نۇقتىسىبولۇپ، قورغان ئىچىدە ئاران ئىككى يۈزگىمۇ يەتمىگەن ئادەمزاتى قالدى. قوۋۇمىمىزقوشۇنى ئۇلارنى گوياكى بۇغدايغا سېلىنغان ئورغاقتەك ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدۇق.بىز دۈشمەنلەرنىڭ ئىچكىقىسىمىدىن نازارەت قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. ئالاھىدە خادىم - a ئاللابۇرۇن تۈن قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ، ئىنسانلار قۇرغانتوساقلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ قەلئەسىگە كىرىۋالدى،شۇنداقلا ئىنسانلاردائىملىق يىغىن ئاچىدىغان زالغا يوشۇرۇنۇپ بولدى. تاڭ يورۇشى بىلەن،بىز ئالاھىدەخادىم – aئەۋەتكەن سۈرەتنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، ئۇنىڭدا ئىنسانلار بىر-بىرلەپ يىغىن زالىغاكىرىۋاتقان ئىكەن. بىز ئالاھىدە خادىم – a نىڭ تەپەككۈر چاستوتىسىنى قوبۇل قىلدۇق.ئىنسانلار بىريەرگەيىغىلىشقا باشلىدى، قەدەملىرى ئېغىر بولۇپ، قاتتىق ئەندىشىگە چۆمگەن ئىدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئودىس ئىسىملىك بەسىتلىك،مەڭزى قىزارغان، ساقاللىق بىر ئىنسان ئۈستەلگە مۇشتىلىدى.-«ئۈمىد قالمىدى ، بىزغەلبە قىلغان تەغدىردىمۇ يەنە قانداق بولاتتى؟»   قىزىلچاچلىق ئىنسان ئېغىز ئاچتى :- « ‹غەلبە قىلغان تەغدىردىمۇ› دەيسىزغۇ،بىز چوقۇمغەلبە قىلىمىز! جۇڭ بىلەن ئىككىمىز بىرخىل يېڭى تىپتىكى قورالنى تەتقىق قىلىپچىقتۇق، ئۇنىڭغا تايىنىپ ئۇلارنى چوقۇم مەغلۇپ قىلالايمىز. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن توختىمايئىككى ئاي تەتقىقات ئېلىپ باردۇق.»
  يەنە بىر ئىنسان، كۆزلىرى كىچىك ،كۆز قۇيرۇقىكۆتۈرىلىپ تۇرىدىغان (بۇلار سېرىق تەنلىكلەردە بولىدىغان ئالاھىدىلىك) جۇڭئىسىملىك، بېشىنى لىڭشىتتى:
-«مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا، چۈمۈلىلەرنىڭ ھۇجۇمى بىزگە مۆجىزەيارىتىپ بەردى. بىرىنجىدىن، بۇ سەۋەپتىن جۇڭگولۇقلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى؛ ئىككىنجىدىن، ئۇ خىيىم-خەتەر ئىچىدە مۆجىزە بارلىققاكېلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى، ئىۋالنىڭ تېخنىكىسىغا مېنىڭنەزىرىيەمنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرخىل يېڭى تىپتىكى تېرمودىنامىكىلىق.......»- «بولدى،مۇھىم جايلىرىنى سۆزلە.» دىدى ئىۋال- «ئىككىڭلار خېلى ئۈمىدۋار ئىكەنسىلەر ھە.»ئودىس گەپ قوشتى، «سىلەرنىڭ مۆجىزەڭلارنى قاچان كۆرەلەيمىز؟ قانداق قورال ئۇ؟»- «تېخىپۈتمىدى.» دەپ جاۋاپ بەردى ئىۋال،«يەنە ئۈچ سائەتتىن كىيىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.»

-« ناۋادائىشلىتىپ قالساق؟»

-«بىز چوقۇمغەلبە قازىنالايمىز !» دەپ جاۋاپ بەردى جۇڭ.

-« چوقۇمغەلبە قازىنالايمىز ؟» ئودىس قوللىرىنى يېيىپ شىلتىدى،« بىز مۇشۇ ئىككى يۈز ئادەم  ياكى بارلىق ئىنسانلارنى دىمەكچىمۇ سىلەر، بىزگەقالغان يول پەقەتلا ھالاك بولۇش. سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار، بىز پەقەت ئىككى يۈز ئەر. سىلەر تېخىچە چۈشىنەلمەيۋاتامسىلەر؟ بىز ئىنسانلار نەسلىمىز قۇرۇش ئالدىداتۇرىۋاتىمىز. ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايال زاتى ئۆلۈپ كەتتى، ئەمدى نىمە دىسەڭلارمۇ ئورنىغاكەلمەيدۇ.»  -« مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۇرۇنۇپكۆرۈشكە رازى... ھىچقانچە ئۈمىد قالمىغان بولسىمۇ مەيلى، سىزمۇ شۇنداق قىلىشىڭىزكېرەك ئىدى ئودىس، سىز ئۈمىدۋارلىقىڭىزنى يوقۇتۇپ قويۇپسىز.» دىدى ئىۋال.

ئۇنىڭگىپىنىڭ ئايىغى چۈشمەي تۇرۇپلا، زالنىڭ ئشىكى قاتتىق ئېچىلىپ بىر ئەسكەر يۈگۈرۈپكىردى. ئەسكەر ئالدىراپ چاس بەرگەندىن كىيىن، ھاسىراپ تۇرۇپ بىرنىمىلەرنى دىدى.ئالاھىدە خادىم – a،شۇنداقلابىزمۇ ئۇنىڭ نىمە دىگىنىنى ئاڭقىرىپ بولالمىدۇق. پەقەت ئۇنىڭ ئاخىرىدا قىلغانسۆزلىرىدىن ئۇنىڭ چۈمۈلىلەرنىڭ ھۇجۇم باشلىغانلىقى توغرىسىدا سۆزقىلغانلىقىنىبىلىۋالدۇق.بىزدەرھال فىلىم سىگنالىنى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە يۆتكىدۇق ـــ بىراق ئۇرۇش تېخىرەسمىي باشلانمىغان ئىدى، گېنىرال- y بىزگە ئۆزىنىڭ بىريۈزئوتتۇزمىڭ ئەسكەرلىك قوشۇننى باشلاپ، ئىككىيولنى بويلاپ مېڭىپ،تاغ قىرىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىزسىگنالنى يەنە ئالاھىدە خادىم – a غا توغرىلاپ، يىغىن زالىغا نەزەر تاشلىدۇق.

ئىنسانلاربايىقى ئەسكەرنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، بىزنى چوڭ كۆلەمدە ھۇجۇم باشلايدۇدەپ قېلىپ  ، بەكلا ھودۇقۇپ كېتىشتى.ھېلىقى قىزىل چاچلىق ئادەمزاتى ئىۋال ئېغىر غەمگە پاتقاندەك قىلاتتى.

-«يەنەئۈچ سائەت ۋاقىت بولسا بولاتتى.» دەيىتتى ئۇ بوش ئاۋازدا،« ئۈچ سائەتتىن كىيىنغەلبىگە ئېرىشەلەيمىز! جۇڭ بىلەن ئىككىمىزگە پەقەت ئۈچ سائەتلا ۋاقىت كېرەك، سىلەربەرداشلىق بىرەلەمسىلەر؟»

-«بىلمەيمەن،»دىدى ئودىس «قانداق قىلساق بولار ؟»

-«قانداققىلشىنى مانا مەن سىلەرگە دەپ بىرەي !»

ئۇرېگىن ئىدى. ئۇ ئەڭ جاسارەتلىك ئىنسان، ئۇنىڭ بويى ئېگىز،شۇنداقلا مۇسكۇللىرىتەرەققىي قىلغان، سوزۇنچاق يۈزلىرىدىن قەيسەرلىگى چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇ قوۋۇمىمىزقوشۇنى چىش –تىرنىغىغىچە ئۆچ بولغان،شۇنداقلا ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىنسان، ئۇنىڭقولىدا جان بەرگەن قېرىنداشلىرىمىز مىليوندىن ئاشىدۇ. رىگىننىڭ سىماسى پىرويىكسىيەئۈسكىنىسى ئارقىلىق جەڭ مەيدانىغا چۈشۈرۈلگەندە، غەزەپكە تولغان چوقانلار قوشۇننىبىر ئالدى. يىغىن زالىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئالاھىدە خادىم – a بىزنىڭ ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ، يىغىننىڭ تەپسىلاتىغا دىققەتقىلىشىمىزنى سەمىمىزگە سالدى.

-«كۈتۈپئولتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ!» دەپ توۋلىدى رىگىن، «بىز چۈمۈلىلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىپكېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماسلىقىمىز كېرەك ! ئۇلارنىڭ بىزنى خالىغانچە ئاياغ-ئاستىقىلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك ! كۈتۈپ ئولتۇرغاننىڭ ھىچقانداق پايدىسىيوق، ئىۋال ،سىزگە ئۈچ سائەت ۋاقىت كېرەك ئىكەنغۇ؟ بولىدۇ، مەن سىزگە ئاتمىش ئۈچسائەت ۋاقىت يارىتىپ بىرەي!»

-«سىزنىمە قىلماقچى؟»دەپ سورىدى ئودىس.

-«قايتارماھۇجۇم قىلىمەن! ماڭا بىر پىدائى ئەتىرەت كېرەك، ئون ئادەم بولسىلا بولدى. ئۇلارنىڭقوشۇنىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۇلارنى قىيما-چىيما قىلىپ تاشلايمەن !»

-«ساراڭبولدىڭىزمۇ؟» دىدى جۇڭ.

-«شۇنداق،مەن ساراڭ بولدۇم. مېنىڭ مۇشۇ جېنىملا قالدى، ئۇنىڭدىن باشقا تارتىشقۇدەك ھىچنىمەميوق. ئۆلۈپ كەتكەن تەغدىردىمۇ ئىۋالغا ئۈچ سائەت ۋاقىت يارىتىپ بىرەلەيمەن....مۇشۇنداققىلساممۇ يىتەرلىك بولمامدۇ؟»

-«سىزنىڭقانداق ياخشى چارىڭىز بار ؟» دەپ سورىدى جۇڭ

-«ماڭائون ئادەم كېرەك، يەنە ئوت پۈركۈش قورالىنى ئېلىۋالساقلا بولدى» دىدى رىگىن، « بىزبۆسۈپ چىقىپ كېتىمىز، ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز. كۈكۈم-تالقان بولۇپ كەتسەممۇ، ئۈچسائەت بەرداشلىق بىرەلەيمەن. مەن باشقىلار بىلەن.....»

-«ياق!مەن ھەرگىزمۇ يول قويمالمايمەن!» دىدى ئودىس.

-«مەن چوقۇم بارىمەن!»دىدى رىگىن، « قېنى مېنى توسۇپ باقمامسىز؟»

ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئودىسنىڭ ئالدىغا بېرىپ،چاسبىرىۋەتكەندىن كىيىن ، ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى. ئالاھىدە خادىم – a ئۇنىڭدىن بۇرۇن زالنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ، رىگىننىڭ ئورنىنى ئالدىن ئېنىقلاشقاتەييار بولۇپ تۇردى. شۇھامان ئودېس رىگىننىڭ كەينىدىن چىقىپ ئۇنىڭ بىلىكىدىنتۇتىۋالدى.

-«يەنەبىر قەدەم ماڭىدىغان بولسىڭىز، قاراۋۇل چاقىرىمەن! ھەرقانچە بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى ئۆلۈمگەتۇتۇپ بەرسىڭىز بولمايدۇ رىگىن.»

رىگىنئۇنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقتى، ئودېس ئۇنى يەنە تۇتىۋالدى. بۇ قېتىم رىگىن مۇشتىبىلەن ئودېسنىڭ يۈزىگە بىرنى سالدى. ئودىس ئورنىدىن تۇرۇپ قاراۋۇل چاقىرىپبولغۇچە، رىگىن ئاللىقاچان چىقىپ كەتتى.

-«ئۇنىمەيلىگە قويۇپ بىرەيلى،ئودىس.»دىدى ئىۋال، « ئۇنىڭ قانداقلىقىنى بىلىسىزغۇ؟ ئۇنىڭسۆيگۈنى يوقاپ كەتكەندىن بىرى، ياشاشتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ئۇنىڭ جەڭ مەيدانىدائۆلگىنى، ئەكسىچە ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىنىمىز بولىدۇ....يەنە كېلىپ، ئۇ بىزنىقۇتقۇزالايدۇ.»[/pئالاھىدەخادىم – aتۇيدۇرماي رىگىننىڭ كەينىدىن مېڭىپ بىنادىن چىققاندا، رىگىن ئۇچىسىغا مىتالدىنياسالغان مۇداپىئە كېيىمى، بېشىغا بىخەتەرلىك ئەينەك  قالپىقى كىيىۋالغان ئون ئادەمنى يىغىپ ، ئۇلارغاھەدەپ ئوت پۈركۈش قورالى تارقىتىۋاتاتتى.ھۆرمەتلىكئايال پادىشاھ ئالىيلىرى، قوۋۇمىمىزنىڭ ئاقىللىرى ئىنسانلارنىڭ ئوت پۈركۈش قورالى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ باردى. ئۇ بىر چوڭتۆمۈر ساندۇق بولۇپ، ئىنسانلار ئۇنى تاسما بىلەن دۈمبىسىگە ئارتىۋالىدۇ، ئىككىدانە شىلانكا ئۇلارنىڭ قولىدا تۇتىۋالىدىغان ئوت پۈركۈش ئېغىزى بىلەنتۇتاشتۇرۇلغان بولىدۇ ساندۇق ئىچى ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككىخىل خېمىيىلىك ماددا ساقلانغان بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل خېمىيىلىك ماددا پۈركۈپچىقىرىش ئېغىزىدا بىرىككەندىن كىيىن ياندۇرۇلغاندا شىددەتلىك ئوت يالقۇنى پۈركۈپچىقىرىدۇ.  

-«پىلانىمىز مۇنداق، » دىدى رىگىن، «بىز شىمالى دەرۋازىدىن بۆسۈپ چىقىمىز. ئۇ يەردەبىز .........»

توساتتىن،رىگىن ۋارقىرىۋەتتى. ئالاھىدە خادىم – a نىڭ ئەۋەتىپ بەرگەن فىلىمدىن قارىغاندا، ئۇنى رىگىن بايقاپ قالغانئىدى. بىز پەقەت ئاستىن-ئۈستىن بولۇپ، غۇۋالىشىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنىشلەرنىلاكۆرەلىدۇق، ئېنىقكى، ئالاھىدە خادىم قېچىپ ئۈلگۈرەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى،ئارقىدىن، كۆرۈنۈش ئېكراندىن پۈتۈنلەي غايىپ بولدى. ھۆرمەتلىك ئايال پادىشاھ ئالىيلىرى،بۇ باتۇر قەھرىمانىمىزنىڭ روھىغا دۇئا قىلغايلا.

باش قوماندان x-  دەرھال ئالاھىدە خادىم –b بىلەن ئالاھىدە خادىم –c نى ، ئالاھىدەخادىم – aباسقان يوللار بىلەن ئىنسانلارنىڭ قورغىنىغا قايتىدىن يوشۇرۇنۇپ كىرىشكە بۇيرىدى.شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، رىگىن باشچىلىقىدىكى پىدائىلار ئەتىرىتىنىڭ ئورنىنىئېنىقلاشقىمۇ رازۋىدكا گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى.

ئايال پادىشاھئالىيلىرى، سىلىمۇ بىلىدىلا، بۇ تاغ تىزمىسى يېرىم چەمبەر شەكلىدە ، ئۇزۇنلۇقىتەخمىنەن سەككىزيۈز سەككىز ئادەم زاتىنىڭ بويى بىلەن تەڭ كېلىدۇ. بۇ جاي كۆڭۈلدىكىدەكگىئومىتىرىيىلىك شەكىلنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، تاغ تىزمىسىنىڭ ھەرقايسىنۇقتىلىرىدىن ئىنسانلارنىڭ قورغىنىغىچە بولغان ئارلىق تەڭ كېلىدۇ. تاغ چوققىسىدىكىھېلىقى ئۆڭكۈرئاغزىنى بىردانە يوغان تاش قاپلاپ تۇرىدۇ.

تاغدىن ئىنسانلارنىڭ قورغىنىغىچە بولغان يانتۇلۇقئانچە تىك بولمىغاچقا، قوۋۇمىمىز قوشۇنىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ئوڭايلاشتى .ئۇنىڭدىنباشقا تاغنى بىر قەۋەت پاكار ئۆسكەن ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرى قاپلاپ تۇرغان بولۇپ،بۇ  قوشۇنىمىزنىڭ يوشۇرىنىۋىلىشىغا قولايلىق شارائىتھازىرلاپ بەردى.

كۈنچىقىپ بىر سائەتتىن كىيىن، رازۋىدكا قىلىش ئەتىرىتىمىز رىگىن باشچىلىقىدىكىپىدائىلار ئەتىرىتىنى بايقىۋالدى ۋە شۇھامان فىلىم چاستوتىسىنى ئارقا سەپكە يوللاپبەردى. ئۇلار دەل بىزنىڭ پەرىزىمىزدىكىدەك شىمالدىكى تاغ چوققىسىغا قاراپكېتىۋاتقان ئىكەن. گەرچە ئۇلار بىزگە ئانچە چوڭ خەتەر ئېلىپ كېلەلمەيدىغانبولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى تاغ چوققىسىدىكى ھېلىقى ئۆڭكۈرگە يېقىن كەلتۈرمەسلىك،قوشۇنىمىز ئۈچۈن بىر ئاقىلانە تاللاش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى ئۆڭكۈر ئىچىدىكىئەقلى قۇۋۋىتىمىز ۋە ھاياتى كۈچىمىزنى زوردەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن ھېلىقى ئاپپاراتنىقوغداپ قېلىشىمىز كېرەك. ئالىيلىىرىمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.

سولقانات قوشۇنىمىزنىڭ گېنىرالى –a بىر بۆلۈك قوشۇن ئەۋەتىپ ئىنسانلارنى ئېزىقتۇرۇپ،تاغنىڭ يەنەبىر قېتىغا ئېلىپ كېتىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى. ئۇنىڭ بۇقارارى باشقوماندان x-نىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، باش قوماندان x-  گېنىرال- s كە مەركىزى قوشۇندىن ئەسكەرچىقىرىپ سول قانات قوشۇننىتولۇقلاش بۇيرۇقىنى بەردى.

ھۇجۇمقىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلىشى بىلەن تەڭ، سان-ساناقسىز لەشكەرلىرىمىز ئۆسۈملۈكيېپىنچىلىرى بىلەن قاپلانغان تاغدا يۇقىرىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. قۇياش نۇرىئاستىدا، لەشكەرلىرىمىزنىڭ دۇبۇلغا-ساۋۇتلىرى يالتىراپ سۈرلۈك تۈسنى ئالغان ئىدى.بۇچاغدا  ئىنسانلارمۇ بۇنى سېزىپ قالدى.ئۇلار توختاپ مەسلىھەتلىشىشىكە باشلىدى. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە،ھېلىمۇ بىزنىڭرازۋىدكا ئەتىرىتىمىز ئۇلارغا يېقىن جايغا بېرىپ يوشۇرۇنۇپ بولغان ئىكەن، شۇڭا بىزئىنسانلارنىڭ دىيىشكەن گەپلىرىنى ئانچە-مۇنچە ئاڭلىۋالدۇق.

-«قاغىشتەككۈر! ئۇلار نىمە دىگەن كۆپ» دىدى رىگىن.

-«بۇبىز ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش»دىدى يەنە بىر ئىنسان.«بىرقېتىمدىلا ئۇلارنىڭمىلىيونلىغان ئەسكەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتەلىگۈدەكمىز، ھەتتا قارىغائېلىشنىڭمۇ ھاجىتى قالماپتۇ ! نىمە دىگەن ئاسان ئىش بۇ.»

-«شۇنداق»دىدىرىگىن، « بىراق ئىشلار بەك ئوڭاي بولۇپ كەتسىمۇ،ئادەمنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويىدۇ.ھەممىدىن يامىنى بۇ قارا قۇرۇتلارنىڭ زادى نىمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتىمىز.ئېسىڭلاردا بولسۇن، ئۇلار تەپەككۇر قىلالايدۇ، يەنە كېلىپ بىزدىنمۇ ئەقىللىق !»

ئۇلارشۇنداق دىگەن بولسىمۇ، يەنىلا غەرىپ تەرەپتىن گېنىرال –a نىڭ ئېزىتقۇ قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلدى. ئايال پادىشاھئالىيلىرى،ئىنسانلارنىڭ ئەسلىدىكى ئۇرۇش پىلانى قوۋۇمىمىز قوشۇنىنى ئۈچ سائەتتوسۇپ تۇرۇش ئىدى،بۇ ۋاقىت كۈندۈزنىڭ تۆتتىن بىرىگە ياكى كېچىنىڭ تۆتتىن بىرىگەتوغرا كېلىدۇ.  شۇۋەجىدىن قوشۇنىمىزئۇلارنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقۇتۇشنى قارار قىلدۇق.باشقوماندان x-قىزىل چۈمۈلىلەر قوشۇنىنىڭ فىلىم چاستوتىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى دوكلات قىلدى.بۇ ياردەمچى قوشۇن جەنۇپ تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى، پەرىزىمىزچە ئۇلار چۈش ۋاقتى بىلەنئۇرۇش مەيدانىغا كېلىپ بولاتتى.گېنىرال–a مۇ ئېزىتقۇ قوشۇننى بىكاردىن قۇربان قىلىپ بىرىشنى خالىمايىتتى.بىرىنجى سەپتىكى ئەسكەرلىرىمىز ھېلىقى ئون ئادەمگە يېقىن قالغاندا، ئۆسۈملۈكيېپىنچىلىرى ئارىسىغا يوشۇرىنىۋالدى. ئىنسانلار ئۇلاردىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن،گېنىرال قورشاپ ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى بەردى.

شۇھامانقوۋۇمىمىزنىڭ چوڭ قوشۇنى تاغ چوققىسدىن تۆۋەندىكى يانتۇلۇقتا تۇرغان ئىنسانلارنىڭپىدائى ئەتىرىتىگە قاراپ ھۇجۇم قوزغىدى. ئىنسانلارمۇ ئوت پۈركۈش قوراللىرى بىلەنقايتارما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇلارنىڭ پۈركىگەن ئوت يالقۇنى ئىككى ئادەم بويىيىراقلىققا بارالايىتتى.ئوت يالقۇنلىرى شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن قوشۇنىمىزئەسكەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى. بىراق ئەسكەرلىرىمىز قىلچە قورقۇپقالماستىن،سەبداشلىرىنىڭ جەسەت كۈللىرىگە دەسسەپ ئۆتۈپ، ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىشنىداۋاملاشتۇردى. ئىنسانلارنىڭ پىدائىلار ئەتىرىتى قوشۇنىمىز سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ تاغچوققىسىغا ھۇجۇم قىلغاندا، گېنىرال –a يوشۇرۇنۇپ ياتقان قوشۇننى ئىنسانلارنىڭ كەينىدىن ھۇجۇم قىلىشقابۇيرىدى.]ئەپسۇسلىنارلىقىشۇكى، رىگىن دىگەن ئۇ ئىنسان تولىمۇ سەزگۈر ئىكەن. ئۇ كەينىگە بىرقاراپلا ئارقىدىنكېلىۋاتقانلارنى بايقاپ قالدى ۋە دەرھال باشقا سەبداشلىرىغا بۇيرۇق بەردى. شۇنىڭبىلەن ئۇلار مۇرىنى-مۈرىگە تېرەپ چەمبەرسىمان سەپ تۈزىۋالدى . ئۇلارنىڭ قورالىدىنپۈركۈپ چىققان ئوت يالقۇنى ئۇلارنى چۆرىدەپ، مۇستەھكەم  ئوت چەمبىرىكى ھاسىل قىلدى. ئۇلار مۇشۇ سەپبويىچە ئاستا-ئاستا تاغ چوققىسىغا قاراپ ئىلگىرلىدى. ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى، ھەرھالدا،بەزىئەسكەرلىرىمىز قۇربان بولۇش ئالدىدا، بىر ئىنساننىڭ ئوت پۈركۈش قورالىنى سول قولىبىلەن ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى، ئۇ قورال ئىشلەتكەندە  باشقا ئوڭ قولىنى ئىشلىتىدىغان ئىنسانلار بىلەنمەلۇم ئارلىق شەكىللىنىدىكەن. قوشۇنىمىز ئەسكەرلىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىنكىيىن،ئاشۇ يوچۇق ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ سەپ شەكلىنى بۆسۈپ كىرىشكە باشلىدى.
ئىنسانلاركىيىۋالغان مىتالدىن ياسالغان قوغداش كىيىمى ئۇلارنى قوغداشتا ناھايىتى ياخشى رولئوينىغان بولسىمۇ،بىراق تېخنىكىلىق جەھەتتە بەزى كەمچىللىكلىرى بار ئىكەن، يەنىئۇلار ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغانلىقىنى ھېس قىلىپ بولالمايدىكەن. شۇنداققىلىپ مىڭلىغان ئەسكەرلىرىمىز ئۇلارنىڭ بېشىدىن-ئايىغىغىچە چىقىۋېلىپ بۇيرۇق كۈتۈپتەييار تۇردى. گېنىرال –aبۇيرۇق چۈشۈرگەن ھامان، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ قوغداش كىيىمىنى تىشىپ ئۆتۈپ، بەدەنلىرىنىچىشلەپ تىتىۋەتتى، ئىنسانلار ئاغرىق ئازابىدىن ئېچىنىشلىق چىرقىراشقا باشلىدى.رىگىننىڭ ۋارقىراپ بەرگەن بۇيرۇقلىرىمۇ كارغا كەلمىدى، ئىنسانلارنىڭ سېپى بۇزۇلۇپ كەتتى،ئۇلار قوراللىرىنىتاشلاپ يەردە ئېغىناشتى، قوللىرى بىلەن ئۈستى-بېشىغا ئۇرۇشتى. شۇنىڭغا ئۇلاپلا چوڭقوشۇنىمىز ھۇجۇمغا ئۆتتى، بىز شۇنچە مۇششەققەتتە كۈتكەن مىنۇت ئاخىرى يىتىپ كەلدى.

ئىنسانلاردىنئىككىسى ئوت پۈركۈش قورالىدا ئۆزلىرىنى كۆيدۈرىۋالدى،قالغانلىرى قوشۇنىمىزسانجىغان زەھەر تەسىر كۆرسەتكەنگە قەدەر خېلى ئۇزۇن تىركىشىپ ،ئاندىن جان ئۈزدى.ئاخىرىدا پەقەت رىگىنلا قېچىپ كەتتى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى يارىلانغان بولسىمۇ،يەنىلا ئەس-ھوشىنى يوقۇتۇپ قويمىدى، ئۇ بىرتەرەپ قېچىپ،يەنە بىرتەرەپتىن ئوتپۈركۈپ قايتۇرما زەربە بەردى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاخىرى تاغ چوققىسىغا بېرىۋالدى، ئۇتاغ چوققىسىدىكى ھېلىقى تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئوت پۈركۈپ تاش ئۈستىنى تازىلىۋەتتى–دە، بەدىنىدىكى ئاغرىق ئازابىغا چىداپ تۇرۇپ،تاش ئۈستدە يېتىپ،ئۇياقتىن-بۇياققائۆرۈلۈپ دومۇلاشقا باشلىدى.ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۈستىدىكى قوغداش كىيىمىگەقاتتىق بېسىم چۈشۈرگەچكە، ئۇنىڭ قوغداش كىيىمى ئىچىگە كىرىۋېلىپ بەدىنىگەيېپىشىۋالغان ئەسكەرلىرىمىز يەنجىلىپ كەتتى، ئۇ نىمەدىگەن ۋەھشى-ھە.

باش قوماندان x- چوڭ قوشۇننى تاغ چوققىسىدىكى قورام تاشقا قاراپ يەنە بىر قېتىمھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. چۈنكى رىگىن ھېلىقى يوغان تاشنىڭ ئاستىدىكى مەخپىيەتلىكنىبىلىپ قالسا قەتئى بولمايتتى. بىراق رىگىن بەدىنى ئاستىدىكى قورام تاشنىڭ مەلۇمبىر يۆنىلىشتە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى. رىگىن ھەقىقەتەنمۇ ئەڭئەقىللىق،ئەڭ سەزگۈر ئىنسان ئىدى، ئۇنىڭ كۈچەپ تەۋرىتىشى نەتىجىسىدە قورام تاشئورنىدىن يۆتكىلىپ كەتتى-دە، ئۇنىڭ ئاستىدىكى چوڭقۇر ئۆڭكۈر ۋە ئۆڭكۈر ئىچىگە باشلاپكىرىدىغان پەلەمپەي مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ قالدى.

رىگىنئاۋۋال ئوت پۈركىۋەتكەندىن كىيىن،ئاندىن ئىھتىيات بىلەن پەلەمپەيدىن پەسكە چۈشتى.ئۇ ئەڭ ئاخىرقى پەشتاققا چۈشەي دىگەندە باش قوماندان x- فىلىم چاستوتىسى يوللاپ ئەسكەرلەرنى ئۆڭكۈر ئاغزىدا ساقلاشقابۇيرۇق بەردى. قوشۇنىمىزنىڭ قېزىش ئەتىرىتىمۇ تېز سۈرئەتتە ئىش باشلاپ،ئەسكەرلىرىمىزنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ رىگىننى قامال قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۆرەكقېزىشقا ئاتلاندى.

ئەپسۇسلىنارلىقى،رىگىننىڭھەركىتى قوشۇنىمىزدىن خېلىلا تېز ئىدى. ئۇ ئوت پۈركۈش قورالى بىلەن ئۆڭكۈر ئىچىدەئۇياقتىن-بۇياققا،ئېگىزدىن-پەسكە يۈگۈرۈپ ئۇچىرىغانلا ئەسكىرىمىزنى پاك-پاكىزكۆيدۈرىۋەتتى. ئۇ شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بۇ ئۇزۇن ئۆڭكۈرنى بۆسۈپ ئۆتتى ۋە دۇبياغىچىدا ياسالغان  بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغاكەلدى.بۇ  ئشىك ئارقىلىق دەل ھېلىقى ئاپپاراتئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆيگە كىرگىلى بولاتتى.

رىگىنئىشىككە قارىتىپ ئوت پۈركىدى،ئوت كۈچى تەسىرىدە ئىشىك ئېرىپ بوشىدى ۋە شەكلىئۆزگىرىپ كەتتى، رىگىن كۈچەپ بىرلا تىپىپ ئىشىكنى ئېچىۋەتتى –دە ئاپپاراتئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆيگە بۆسۈپ كىردى.

ھۆرمەتلىكئايال پادىشاھ ئالىيلىرى،سىلىمۇ بىلىدىلا، ھېلىقى ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرۇلغانئۆينىڭ ئۈستى يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ،دىئامىتىرى تەخمىنەن ئون ئىنساننىڭ بويىغا توغراكېلىدۇ،ئېگىزلىكىمۇ شۇنچىلىك كەپ قالىدۇ. ئۆينىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرۇلغان،بۇ ئاپپاراتنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تەسۋىرلەشكە تىلىمىز ئاجىزلىق قىلىدۇ.بىز پەقەت ئۇنىڭ ئەتىراپتىكى كاندىن قېزىۋېلىنغان كان تاشلىرىنى ئۇنىڭ ئىچىگەسالساقلا،ئۇنىڭدىن بىرخىل گاز چىقىدىغانلىقىنى،بۇ گاز كىرىستال ئۆتۈشمىدىن ئۆتۈپ ئۈستىمىزدىكىيەريۈزىگە قويۇپ بېرىلگەندە، بىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر شۇنداقلا ئەقىل-پاراسەت ئاتاقىلىدىغانلىقىنىلا بىلىمىز.

ئاپپاراتنىڭيەنە بىر تەرىپىدە ئىككى دۆۋە سامان بولۇپ، ئۈستىدە ئۇخلاۋاتقان ئىككى ئىنسان بار،بۇ ئاپپاراتنى دەل مۇشۇ ئىككەيلەن ياساپ چىققان ، ھازىرغىچە ئۇلار ئۇنى رىمونىتقىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆي ئىچىدە يەنە بىر يوغان ساندۇق بولۇپ،ئۇلارنىڭيىمەكلىكلىرىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ يەنە بىر ياغاچتىن ياسالغان يوغان ئۈستەلبولۇپ،بۇ ئۇلارنىڭ تاماق ئۈستىلى. ئۆي ئىچىدە يەنە قوشۇنىمىزنىڭ مىڭلىغانئەسكەرلىرى بۇ ئىككى ئىنساننى قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۇ ئىككەيلەننى قاچۇرۋەتمەيساقلاپ تۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ئاپپاراتىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىنىمۇ نازارەتقىلىپ تۇرىدۇ.

رىگىنئۆيگە بۆسۈپ كىرىپلا ئەسكەرلىرىمىزنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. ئاندىن ئاپپاراتنى كۆردىۋە ئۇنىڭ غۇڭۇلدىغان ئاۋازىنى زەن قويۇپ تىڭشىدى. ئۇ توساتتىن سامان دۆۋىسىئۈستىدە ياتقان ھېلىقى ئىككى ئىنساننى بايقاپ قالدى-دە ۋارقىرىغان پېتى ئۇلارنىڭقېشىغا يۇگۈردى.

-«دىئاننا! »دىدى ئۇ ۋارقىرىغىنىچە،«ئاھ خۇدا....ئەقلىمدىن ئېزىپ قالدىممۇ نىمە !»

ياتقانئىككى ئىنساننىڭ ئارىسىدىكى ئايالمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ۋارقىرىۋەتتى. رىگىن غولىچىنىكېرىپ ئۇنى باغرىغا مەھكەم باستى. ئۇلار ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولۇپ،ئۆكسۈپيىغلىشاتتى، يېنىدا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالغان يەنە بىر ياشانغان ئىنساننىتامامەن يادىدىن چىقىرىپ قويۇشتى.

   باشقوماندان x-بۇ ئىككى ئىنساننىڭ چۈشۈنۈكسىز ھەركەتلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن، مۇشۇ ۋاقىتنىڭئۆزىدە قايتىدىن ھۇجۇم باشلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيىت ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. قوۋۇمىمىزقوشۇنى ئۆڭكۈر ئاغزى بىلەن پەلەمپەينى قامال قىلىپ بولغان ئىدى، ئۇلار ئەمدىقانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر دۈشمەنلەرنىڭ يەنە بىرقېتىم قېچىپ كېتىشىگە يولقويالمايىتتى.

-« قەدىرلىكىمۋىس،بۇياق ئېرمو گىلوپ دوكتۇر بولىدۇ.» دىدى دىئاننا ئىسىملىك ئىنسان.

رىگىن بېشىنى ئىگىپ يىنىك سالام بەردى ۋە ئېرموگىروپ دوكتۇر دىگەن ئىنساننى يۆلەپ تۇرغۇزدى.

-«ھازىر پاراڭلاشقۇدەكۋاقتىمىز قالمىدى. سىلەرنى ئالدى بىلەن قورغىنىمىزغا باشلاپ بېرىشىم كېرەك، قالغانگەپنى شۇيەردە دىيىشەيلى.»دىدى رىگىن.

رىگىن ئوت پۈركۈش قورالىنى قولىغا يەنە ئالدى-دە،ئۆينىڭ ئىشىكىنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. ئۇ ئۈستىدىكى مىتالدىن ياسالغانقوغداش كىيىمىنى سېلىۋىتىپ،دىئانناغا مەجبۇرى كىيدۈرۈپ قويدى. ئېرمو گىلوپدوكتۇرنىڭ تېنى ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ، رىگىن ئۇنى ھاپاش قىلىپكۆتۈرىۋالدى.

-«ۋىس...بۇ ئاپپاراتنى كۆيدۈرىۋىتەيلى،» دىدىدىئاننا،« سەۋەبىنى كىيىن ئېيتىپ بىرەي. قېنى دەرھال كۆيدۈرۈشكە باشلاڭ....»

رىگىن ــ گەرچە ئۇئايال ئىنسان ئۇنى «ۋىس»دەپ ئاتىۋالغان بولسىمۇ،بىز يەنىلا ئۇنى رىگىن دەپئاتاۋىرەيلى. ئۇ شۇھامان ئوت پۈركۈش قورالىنى ھېلىقى ئاپپاراتقا توغرىلاپكۆيدۈرۈشكە باشلىدى. ئاپپارات كۆيۈپ، ئاخىرى پارتىلاپ كەتتى، ئۇنىڭ سۇنۇقلىرىھەممە ياقنى بىرئالدى. ھۆرمەتلىك ئايال پادىشاھ ئالىيلىرى،بىز ئەمدى ئۇ ئاپپاراتتىنمەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالدۇق، بىراق دوكلاتىمنىڭ داۋامىغا قۇلاق سالسىلا،ئۇنىڭبىزئۈچۈن ئەمدى ھىچقانچە رولى قالمىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ قالىدىلا.
  ئۇ ئۈچ ئىنسان ئۆڭكۈردىن چىقىش ئالدىدا،قوۋۇمىمىز قوشۇنىنىڭ غەزەپ-نەپرىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. رىگىنمۇ قوغداش كىيىمىنىسېلىۋىتكەندىن كىيىن، تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ كەتتى،يەنە كېلىپ تېخىمۇ ئېھتىياتچانبولۇپ كەتتى. ئۇ ئوت يالقۇنى چىقىرىپ ئۆڭكۈرنىڭ تۆت ئەتىراپىنى پاك-پاكىز تازلىۋەتكەندىنكىيىن پەلەمپەيگە چىقتى. قوشۇنىمىز پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ،رىگىننىڭئۆڭكۈر ئاغزىغا قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرلەپ بېرىشىنى توسۇپ قالالمىدى.ئۇلار شۇنداق قىلىپ، تاغ ئۆڭكۈرىدىن بۆسۈپ چىقىپيانتۇ تاغ باغرىغا چىقىۋالدى، ئەمدى ئۇلارنى توسۇپ قالىمىز دىسەك مۇمكىنبولمايىتتى. بىز ئاۋۋال ئۇلارنى مەيلىگە قويۇپ بىرىپ، ئىنسانلارنىڭ قورغىنىغايىتىپ بارغاندىن كىيىن ھەممىسىنى قوشۇپ بىراقلا يۇقۇتۇشنى توغرا تاپتۇق. شۇنىڭبىلەن قوشۇنىمىز ھۇجۇمنى ۋاقتىنچە توختاتتى، باش قوماندان x- فىلىم چاستوتىسى ئارقىلىق ئالاھىدە خادىم –b بىلەنئالاھىدە خادىم –c گە بۇيرۇق بەردى. بىز شۇھامانئۇلارنىڭ جاۋابىنى تاپشۇرىۋالدۇق.

ئالاھىدە خادىم –b ئىنسانلارنىڭ يىغىن زالىدايوشۇرۇنۇپ تۇرۇپتۇ؛ ئالاھىدە خادىم –cئىنسانلار ياساپ چىقماقچى بولغان يېڭى تىپتىكى قورالنىڭ دېرىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن،ئىزچىل ھالدا ئىۋالنىڭ كەينىگە چۈشىۋىتىپتۇ.

  ھېلىقى ئاپپاراتنىڭ بۇزىۋىتىلىشى بىلەن، قۇۋىمىمىز قوشۇنىنىڭئىرادىسى ئېغىر زەربىگە دۇچ كەلدى.بىراق باش قوماندان x- شۇھامان بايانات ئېلان قىلىپ، قوشۇنىمىزنى ئىلھاملاندۇردى ۋەئاخىرقى غەلبىنىڭ يەنىلا بىزگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ قوشۇنىمىزنىقايتىدىن تەشكىللىنىپ، تاغ ئۈستىدىكى ئورنىدا تەييار تۇرۇپ قىزىل چۈمۈلىلەرقوشۇنىنىڭ يىتىپ كېلىشىنى كۈتۈشكە بۇيرۇق بەردى.

   بۇچاغدا،رىگىن باشچىلىقىدىكى ئىنسانلار قورغانغا يىتىپ باردى. بىز دەرھال فىلىمچاستوتىسىنى ئالاھىدە خادىم –b گە توغرىلىدۇق. ئۈچ ئىنسانئالدىراپ-تېنەپ يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئودىس قاتارلىق ئىنسانلار بىلەن كۆرۈشتى.
دىئاننائۈستىدىكى قوغداش كىيىمىنى سېلىشىغىلا، ئودىس ئۇنىڭغا قارىغىنىچە ئېغىر تىنىۋەتتى،«ئايال ئىكەنغۇ!» دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.
ھۆرمەتلىك ئايال پادىشاھ ئالىيلىرى، ئىنسانلارنىڭفىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى ئەر-ئاياللىق ئالاھىدىلىكىنى سىلىمۇ بىلىدىلا.ئىنسانلارنىڭ جىنىسى پەرقىنى كۆزبىلەن كۆرۈپلا ئايرىغىلى بولىدۇ. مەسلەنئالايلۇق،ئەر جىنىستىكى ئىنسان رىگىننىڭ بەدىنى ناھايىتى قامەتلىك، تەن قۇرۇلۇشىتەخمىنەن شىنا شەكلىدە بولۇپ، بەدىنىدە كۆتۈرۈلۈپ چىققان ئالامەتلەر كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.ئايال جىنىسلىق ئىنسان دىئاننانىڭ بويى ئەرجىنىسقا قارىغاندا پاكارراق ، بەدىنىدەكۆتۈرۈلۈپ چىققان ئالامەتلەر كۆرۈنەرلىك بولىدۇ؛ مۈرىسى يۇملاقراق كېلىدۇ،كۆكسىرىگىنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تولغان بولۇپ،خۇددى تاغ چوققسىغا ئوخشايدۇ؛ بېلىئىنچىكە،ساغرىسى يۇمىلاق كېلىدۇ، مۈرىسى بىلەن ساغرىسى ئوخشاش كەڭلىكتە بولىدۇ.ئومۇمەن قوۋۇمىمىز قوشۇنى بۇ ھەقتە بىردەك قاراشقا كەلگەن ،يەنى ئىنسان دىگەن بۇخىل جانلىق يەرشارىدا ھازىرغىچە بارلىققا كەلگەن جانلىقلار ئىچىدە ئەڭ كۆرۈمسىزجانلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.   ئالاھىدەخادىم –b دوكلات قىلىپ،ھېلىقى ئىككىئىنساننىڭ  پەيدا بولۇشى بىلەن ،شۇنداقلائۇلارنىڭ ئىچىدە ئايال زاتى بارلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئىنسانلارنىڭ  ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپبەردى. ئىنسانلارنىڭ قىقاس-سۈرەنى بېسىققاندىن كىيىن، رىگىن گەپ باشلىدى.
  -«ئودىس،بۇ دىئاننا شوۋ بولىدۇ. مەن نەچچە ئايدىن بىرى ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئويلاپقالغاچقا، ئاشۇنداق تەلۋىلەردەك ياشاپ كەلگەن ئىدىم.»
-«ئاھ خۇدا! رىگىن سىز نىمە دىگەن تەلەيلىك....سۆيگۈنىڭىزنى ئاخىرى ئىزدەپ تېپىۋاپسىز....ئۇنى گۆر ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرىۋاپسىز !» دىدى ئودىس.
-«بۇ ئىشسىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا مۇرەككەپمۇ ئەمەس.» دىدى ئېمىر گلوپ دوكتۇر ئورنىدىنتۇرۇپ.  ئالاھىدە خادىم –b نىڭ دوكلات قىلىشىچە، بۇبوۋاينىڭ تېنى بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ،ئۇ ئورنىدىن تۇرۇشىغا، ئۇنىڭ ھالىدىنخەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل ئەسكەرلەر دەرھال بېرىپ ئۇنى يۆلىۋالغان.
ئۇيەنە گەپ باشلىدى : «ئۆزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بىرىشتىن بۇرۇن، سىلەرنىڭكىنىئاڭلىغۇم بار. چۈنكى بۇ ئون ئايدىن بىرى ئۇلار بىزنى ئاشۇ قاغىش تەككۈر ئۆڭكۈردىنباشقا ھىچ يەرگە چىقارمىدى.»
  -«ھېلىمۇياخشى ئىككىڭلارغا ھىچقانداق ئىش بولماپتۇ،» دىدى ئودىس، «بولۇپمۇ شوۋ خانقىز، ئۇقارىماققا يەنىلا شۇنداق جەلىپ قىلارلىق ئىكەن....»
-«بېشىمىزدىنئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن ھەممىنى چۈشۈنۈپ قالىسىلەر.» دىدى گىلوپدوكتۇر، « ھېلىقى ئىشقا كەلسەك، سىلەرمۇ دىققەت قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن،ھازىرھەممىڭلار تېخىمۇ ساغلام...تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ كەتتىڭلار. سۆزىڭىزنىبۆلۈۋەتكىنىمنى كەچۈرۈڭ ئودىس، قېنى سىز سۆزلەڭ.»-«ئون ئاي بۇرۇن،» دىدى ئودىس، «ئاسىيا ئافىرىقا ئىتتىپاقداشقوشۇنى بىلەن ئارىمىزدا ئۇرۇش پارتىلىدى. ئامېرىكا قىتئەسىگە نىسبەتەن بۇ ئۇرۇش تولىمۇمۇششەققەتلىك بولدى. ئافرىقىلىقلار ئۇياقتىن ھۇجۇم قىلسا،ئاسىيالىقلار بۇياقتىن ھۇجۇمقىلىپ، ھىچ ئارامىمىزنى قويمىغان ئىدى. ئاخىرى بىر كۈنى، غەربىي يېرىم شاردىكىشەھەرلەرنىڭ ھەممىسى بىر كېچىدىلا ۋەيران بولدى. يەر يۈزى گۈمۈرۈلۈپ ، شەھەرلەرنىڭھەممىسى يەر ئاستىدا قالدى. مىليونلىغان ئادەملەر بىراقلا جېنىدىن ئايرىلدى... «كىيىن،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاسىيا،ئافرىقا ۋە ياۋرۇپادىمۇ ئوخشاش ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكخەۋىرى تارقالدى. شۇنداق قىلىپ پۈتۈن دۇنيادىكى شەھەرلەر ۋەيران بولدى. بىز پەقەت شۇندىلائۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككىلا تەرەپكە ئوخشاش تەھدىت كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق....
   ئۇنىڭدىن كىيىن،چۈمۈلىلەر پەيدا بولدى.سان-ساناقسىز چۈمۈلىلەر ھۇجۇم قىلىپ كەلدى، ئۇلار پۈتۈن دۇنيادىكى ئاشلىقنى،ھەرتۈرلۈك تەمىناتلارنى يەپ تۈگەتتى، ئالاقە تورىنى بۇزۇپ تاشلىدى....ئەڭ ئاخىرىدابىز ئىنسانلارنى ۋەيران قىلىۋەتتى.»-«ھەممىسى
مۇشۇما ؟»دەپ سورىدى گىلوپ دوكتۇر.
مۇشۇمۇ يىتەرلىك بولمىدىمۇ ؟ مېنىڭئايالىمنى...يەنە دوسىت-بۇرادەرلىرىمنى قايتا تىلغا ئالغۇم يوق....» ئودىسنىڭئاۋازى تىتىرەپ كەتتى،«بولدى بەس، يەنە ھېلىقىدەك ‹پۈتۈن دۇنيا ئەللىرى بۇرۇنراق ھەمكارلىشىپ،چۈمۈلىلەرنىڭ ھۇجۇمىنىتوسۇشىمىز كېرەك ئىدى› دىگەندەك گەپلەرنى قىلىشنى خالىمايمەن ...» ئىنسانلارئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى،زالنىڭ ئىچى ئېغىر سۈكۈتكە چۆمدى. شۇنداق دەپجەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئايال پادىشاھ ئالىيلىرى رەھبەرلىكىدىكى قوشۇنىمىزئۇرۇش تاكتىكىسىنى جايىدا قوللانغان بولغاچقا، ئىنسانلارنى مانا مۇشۇنداق ئوسالئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. خېلى ئۇزۇن ئۆتكەندىن كىيىن،گىلوپ دوكتۇر ئاخىرىجىمجىتلىقنى بۇزدى.
-«مانامەن،»دىدى ئۇ،«مانا مەن بۇدۇنيانى ۋەيران قىلىپ تاشلىدىم. ياق...ياق گېپىمنىدىگىلى قويۇڭلار، كۆپچىللىك ھازىرلا چۈشۈنۈپ قالىسىلەر...شۇنداق...گەپنى يىگىرمەيىل بۇرۇنقى ئىشلاردىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئەمدىلائاياقلاشقان چاغلار ئىدى. مېنىڭ قارىشىمچە دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشىنى پەقەت ئىنسانلارنىڭئۆزىدىن باشقا ھىچقانداق نەرسە توسۇپ قالالمايتتى. بىراق ئىنسانلارنىڭ نۆۋەتتىكىئەقلى سەۋىيىسى تېخى دۆلەتلەر ئارا ئۇرۇشنى توسۇپ قالالىغۇدەك دەرىجىگە يەتمىگەنئىدى، شۇڭا مەن ئىنسانلارنىڭ تەدىرىجى تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشنى ئويلىغان....»
سىزراستىنلا ساراڭ بوپسىز !» دىدى قىزىل چاچلىق ئىۋال.
-«ئۇنداق ئەمەس،»دىدى گىلوپ دوكتۇر،«مېنىڭ نەزىرىيەمتوغرا ئىدى. مەن ئېنىق ھېساپلاپ چىققان،كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر ۋاقىت بۆلىكىگەيىتىپ بارغاندا، ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن سەۋىيىگە يەتكەنھامان، ئۇلار ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىق قىلىش نىيىتىدىن تامامەن يېنىپ كېتىدۇ. مەن بۇخىل تەرەققىياتنى تېزلەتمەكچى بولغان.....يەنى ئىنسانلارنىڭ تەدىرىجىتەرەققىياتىغا سۈنئىي ئۇسۇلدا تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغان ئىدىم.
  شۇنداق،مەنمۇۋەپپىقىيەت قازىنالايىتتىم. بىراق دۇنيانىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى بەكلائىچىمنى پۇشۇرىۋەتكەن ئىدى. تەدىرىجى تەرەققىيات قەدىمى ھەمىشە ئاستابولىۋەرمەيدۇ،شۇنداقلا ئۇ ئۆزگەرمەس نەرسىمۇ ئەمەس،بەزى ئامىللار ئۆزگەرسە ئۇمۇئۇچقاندەك تەرەققى قىلىدۇ....مانا مەن مۇشۇ خىل ئامىلنى بايقاپ قالغان.
-«ئۇ قانداقنەرسە ؟» دىدى رىگىن،-«بىرخىل گاز جىسىم، قارىماققا تولىمۇ غەلىتە،» دىدىگىلوپ دوكتۇر، «ئۇ دەل رادون. رادون گازى ئاتمۇسفىرادا مۇئەييەن نىسبەتنى ئىگىلىگەندە،تەرەققىيات قەدىمىنى ئۇچقاندەك تېزلەشتۈرىۋىتىدۇ. رادون گازى خىرومسوما گېنىنىڭئۆزگۈرۈشىدە كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينىيالايدۇ،شۇنداقلا ئالاھىدە توشۇغۇچىئېلىمىنىتلار ئارىسىدا خېمىيىلىك ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىپ، تەرەققىياتنىتېىزلىتىۋىتەلەيدۇ. بۇخىل تېزلىتىشنى دو فىلىس ‹ئۆزگۈرۈش›دەپ ئاتىغان ئىدى، دارۋىنئۇنى ‹ماسلىشالىغانلار ياشىيالايدۇ› دەپ ئاتىدى.»
-«شۇنداق،»دىدى ئېغىر خىيالغا پاتقانجۇڭ،«ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق مۇمكىنچىلىك بار.»-«بۇ بىر ھەقىقەت.»دىدى دىئاننا تۈزۈتۈش بىرىپ.
-«ئومۇمەن،ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق يۈز بەردى.»گىلوپ دوكتۇر سۆزىنى داۋام قىلدى،«يىگىرمە يىل بۇرۇن ، ھېلىقى ئۆڭكۈرنىئۆزگەرتىپ،ئىچىگە بىر ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىم. بۇ تاغدا ئاسفالىتلىق ئۇران رودىسى كۆپ ئىدى. شۇۋاقىتتىنباشلاپلا،ھېلىقى ئاپپارات توختىماي رادون ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى، بۇ مېنى ئىنتايىن خوشال قىلىۋەتتى.چۈنكى يەنە ئون يىلغا قالماي، بەلكىم ئىككى يىل كېتىشىمۇ مۇمكىن،ئىنسانلارنىڭتەدىرىجى تەرەققىيات قەدىمى تېزلىشەتتى،يەنى ئىنسانلار ئۇرۇش ۋەيرانىچىلىقىدىنتەل-تۆكۈس قۇتۇلاتتى. بىراق ئالدىنقى يىلى ـــــ ئۇ چاغدا مەن شوۋ خانقىزنىياردەمچىلىككە قوبۇل قىلغان ئىدىم ـــــ بىز بىرلىكتە ھېلىقى ئۆڭكۈر ئىچىگە كىرىپ،ماشىنىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىمىزدا،ئۆزۈمنىڭ ئىنتايىن چوڭ بىر خاتالىق سادىرقىلغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم !»
  -«زادى نىمە ئىش يۈز بەردى ؟» دىدى رىگىن.
-«بۇتەدىرىجى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ماشىنىسى مېنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى.»دىدى گىلوپ دوكتۇر،« بىر يۈز ئەللىك مىليون يىل ئىلگىرى، غايەت زور يەربېغىرلىغۇچى ھايۋانلار قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز-ئوكياننى بويسۇندۇرۇپ، جىمىكىجانلىقلارنىڭ ھۆكۈمىرانىغا ئايلانغان ئىدى.  ئۇلار بىلەن بىللە ياشىغان يەنە بىرخىل ئۆڭكۈردەياشىغۇچى ھايۋان بولۇپ،كۆرۈنىشى چاشقانغىلا ئوخشايىتتى،رىقابەتلىشىش كۈچى ئىنتايىنئاجىز ئىدى. ھالبۇكى ،بۇ خىل ھايۋان تەدىرىجى تەرەققىيات داۋامىدا ئۆزگۈرۈشياساپ،ئاخىرى يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلاردىن دۇنيانى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنىتارتىۋالغان....ئۇلار كىيىنچە تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى ئىنسانلارغا ــ يەنى بىزگەئۆزگەرگەن.»
  -«بۇنىئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ.» دەپ گەپ قىستۇردى ئودىس.
بىراق سىلەر بىلمەيدىغانلىرىمۇ بار.» دىدى گىلوپدوكتۇر،«ئىنسانلارنىڭ يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ ئورنىنى بېسىشىغا باشقاھايۋانلاردا كەم بولغان نەرسە ـــ يەنى ئەقىل-پاراسەت سەۋەپ بولغان. كۈچ-قۇۋۋەتنىڭقۇدىرىتى چوڭ بولسىمۇ،ئەمما ئەقىل-پاراسەت يەنىلا ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلدى.  ھالبۇكى، ئەقىل-پاراسەت تەدىرىجى تەرەققىياتنىڭئاخىرقى نىشانى ئەمەس،ئۇ پەقەت تەرەققىيات جەريانىدىكى بىر باسقۇچ خالاس. خۇددىكۈچ-قۇۋۋەت ئەقىل-پاراسەت ئۈستىدىن غالىپ كەلگىنىدەك، ئەقىل-پاراسىتىمىزمۇ ھامان بىزدەبولمىغان يەنە بىرخىل ئەۋزەللىككە ئورۇن بىرىدۇ. بەزى جانلىقلار دەل مۇشۇنداقئەۋزەللىككە ئىگە،ئۇلار دەل مۇشۇخىل ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ كەلگۈسىدە دۇنيانىبويسۇندۇرالايدۇ.»جۇڭ ئۆتكۈرتىلى بىلەن بۇسۇئالغا جاۋاپ بەردى :« ئۇ خىل ئەۋزەللىك ئىچكى ئىندۇكسىيە شۇنداقمۇ؟»

-«توغرا !» دەپ ۋارقىرىدى گىلوپ دوكتۇرھاياجانلىنىپ، « ئىچكى ئىندۇكسىيە دەل چۈمۈلىلەرنىڭ ئەۋزەللىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.ھازىر، مېنىڭ سەۋەبىمدىن، ئۇلارنىڭ تەدىرىجى تەرەققىياتى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ،ئىچكى ئىندۇكسىيە كۆرسىتىش ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ خۇددىئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگىنىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بىراقئىنسانلار ھەرقانچە ئەقىللىق بولسىمۇ،چۈمۈلىلەر بىلەن قارشىلىشالمايدۇ. چۈنكىئىچكى ئىندۇكسىيىنىڭ قۇدىرىتى -خۇددى بىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىمىز قارام كۈچتىن غالىپكەلگەندەك زور ئەۋزەللىككە ئىگە. ئىنسانلار قانداقمۇ بىرنىيەتتە تىنماي كۈرۈشقىلىدىغان سانسىزلىغان چۈمۈلىلەر قوشۇنى ئۈستىدىن غالىپ كېلەلىسۇن ؟»
-«ئەنسىرەپكەتمەڭ،بىز چوقۇم غالىپ كېلەلەيمىز.»دىدى قىزىل چاچلىق ئىۋال،«پەقەت ئۇرۇنۇپبېقىشقا پۇرسەت بولسىلا،ئەقىل-پاراسىتىمىز ئارقىلىق غەلبە قازىنالايمىز. جۇڭ ئىككىمىزنىڭ تەتقىقاتى تاماملىناي دەپ قالدى. قېنى كېلىپ كۆرۈپ بېقىڭلار...»
ئىنسانلار يىغىن زالىدىن ئايرىلىشىغا،  ئالاھىدە خادىم –bئۇلارغا ئەگەشتى.ئۇلار كەڭ كەتكەن يانباغرى يول بىلەن مېڭىپ زالنىڭ سىرتىغاچىقىشىغا، ئالاھىدە خادىم –b دەرھالئالاھىدە خادىم –c بىلەن ئالاقىلىشىپئىنسانلارنىڭ كەينىگە چۈشۈشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. ئىنسانلار قورغاننىڭ مەركىزىگەجايلاشقان چاسا شەكىلدىكى مەيدانغا يېتىپ بارغاندا،بىز دەرھال فىلىم سېگنالىنىئالاھىدە خادىم –c غا توغرىلىدۇ.  ئىنسانلاركۈچلۈك نۇر چېچىپ تۇرىدىغان مېتالدىن ياسالغان بىر قۇرۇلمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئىۋالبىلەن جۇڭ ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. بۇ قۇرۇلمىنىڭ سىرىتقى شەكلى سازاڭغائوخشاپ قالاتتى،ئېگىزلىكى يىگىرمە ئادەم بويىغا تەڭ كېلىدىغان بولۇپ،تىك قەدكۆتۈرۈپ تۇراتتى.-«قارىماققاراكىتاغا ئوخشايدىكەن.» دىدى ئودىس.-«شۇنداق،بۇ بىر راكىتا. سىرتى ئىككى قات قىلىپياسالغان،بۇنىڭدا ئۇ ئۆلگۈر چۈمۈلىلەر ھەرگىزمۇ تېشىپ كىرەلمەيدۇ. ئىچىدە ئىككىبۆلۈمچە بار، تەمىناتنى تولۇق يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. بىز ئۇنى ھەيدەپ ئۇچقاندىنكىيىن،دۈشمەن ئارقا سېپىگە بېرىپ راكىتانىڭ يېقىلغۇسى بىلەن ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ كۈلقىلىۋىتەلەيمىز.»-«ئۇ نىمىنىيېقىلغۇ قىلىدۇ ؟»دەپ سورىدى گىلوپ دوكتۇر.-«ئۇران-235 نى يېقىلغۇ قىلىدۇ. ئىلگىرى بىرقېتىملىقپىرقىرىما تىزلەتكۈچ (سىكلوترون) تەجىرىبىسى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا كاشىلا كۆرۈلگەن.بىراق بىز بۇ يەردىن يادىرو ئېنىرگىيىسى تاپتۇق. بىلىشىمچە، بۇ خىل يېقىلغۇنىڭ بىرگىرىمى بىرسائەت كۆيۈشكە يىتىپ، تەخمىنەن ئالتە مىليارت كالورىيىلىك ئىسسىقلىقئېنىرگىيىسى چىقىرالايدۇ، ھەر كىۋادىرات دىيۇم ئارلىققا تەخمىنەن 26.5 توننا بېسىمھاسىل قىلالايدۇ. راكىتانىڭ يېرىمىغا ساپلا مۇشۇنداق يېقىلغۇ قاچىلاندى....بۇبىزنىڭ يەر شارىدىن ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىگە بېرىپ - كېلىشىمىزگە يىتىپلاقالماي..... يەرشارىدىكى بارلىق چۈمۈلىلەرنى ئىككى قېتىم كۆيدۈرىۋېتىشىمىزگىمۇ تولۇقيىتىدۇ.


ھۆرمەتلىك ئايال پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ خەۋەر باش قوماندان x- نى ئىنتايىن ئالاقزادە قىلىۋەتتى،ئۇنىڭ بۇخىل كەيپىياتىشۇھامان پۈتكۈل قوشۇنىمىزغا تەسىر كۆرسەتتى. ئەگەر بىز يەنىلا ئۆزىمىزنى ئەقىللىقچاغلاپ ئىنسانلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق،بۇبىر چوڭ ئەخمىقانىلىقبولاتتى. شۇڭا باش قوماندان x- فىلىم سېگنالى ئارقىلىق پۈتكۈل قوشۇنىمىزغا ئىنسانلارنىڭقورغىنىغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى بەردى. قىزىل چۈمۈلىلەر جەنۇپ تەرەپتىن قوشۇنتارتىپ كېلىۋاتاتتى، باش قوماندان x- ئۇلارنىڭ قورغانغا يىتىپ بارغان ھامان، قىلچىلىك ۋاقىتنىمۇ قولدىنبىرىپ قويماي، ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە بۇيرۇق بەردى.

بۇ دەل  ئايال پادىشاھ ئالىيلىرىغا ساداقىتىمىزنى نامايەنقىلىدىغان شانلىق دەقىقە ئىدى. قوۋۇمىمىزنىڭ ئوتتۇز مىليارت قوشۇنى تاغدىن چۈشۈپئىنسانلارنىڭ قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىنسانلارنىڭ پۈتۈن ئەس-يادى ھېلىقى ماشىنىداقالغاچقا، بىزنىڭ ھۇجۇمىمىزدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالدى. قوشۇنىمىزنىڭ بىرىنجى سەپئەسكەرلىرى ئۇدۇل قورغاننى چۆرىدەپ تۇرغان سېپىل خەندىكىگە ھۇجۇم قىلدى.

   قوشۇنىمىز ئەسكەرلىرى قىلچە ئىككىلەنمەستىن، چوڭقۇرئۆستەڭگە سەكرەپ چۈشۈپ،قارشى قىرغاققا ئۇزۇپ باردى، ئاندىن تېز سۈرئەتتە ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ،ئۆزلىرىنىڭبەدىنى بىلەن كۆۋرۈك ھاسىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن،ئايال پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ سادىققوشۇنى توپ-توپى بىلەن بۇ كۆۋرۈكتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى .

ئىككىنجىخەندەككە توزاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. قوشۇنىمىز ئەمدىلا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشىغا سېپىلخەندىكىگە ئوت كېتىپ،ئوت يالقۇنى ئاسمان-پەلەك يۇقىرى كۆرۈرۈلدى. باشقوماندان x-فىلىم سىگنالى ئارقىلىق بۇيرۇق بەردى : «ئالغا !» ـــــ شۇنىڭ بىلەن قوشۇنىمىزسېپىلغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرسى يىقىلسا،يەنە بىرى ئورنىنىباستى،مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئەسكەرلىرىمىز ئوت دېڭىزىغا سەكرەپ چۈشۈپ، پادىشاھىمىزئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئوت دېڭىزى ئىچىدە كۆيۈپئۆلگەن ئەسكەرلىرىمىزنىڭ جەستىدىن بىر يول ھاسىل بولدى. قوشۇنىمىز شۇ يولنى بېسىپ،قورغان تېمىغا يىتىپ باردى.

ئۇلار شىددەت بىلەن كۆتۈرۈلگەن قارا دولقۇندەكقورغان تېمىغا يامىشىپ چىقىپ، تام ئۈستىدە ئوت پۈركۈش قورالىنى قارلاپ تەييارتۇرغان ئىنسانلارغا قاراپ ئېتىلدى. سانسىزلىغان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ كۆيگەن جەسەتلىرىيامغۇردەك تۆكۈلۈپ چۈشۈشتى. باش قوماندان x- شۇنى ئېنىق بىلەتتىكى، مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە قوشۇنىمىزقورغاننى قولدىن بىرىپ قويىدىغانلا بولسا،غەلبىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

دەل شۇچاغدا،قىزىل چۈمۈلىلەر ئەۋەتكەن ئاجىزسگنالنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، ئۇلار قورغانغا يىتىپ كەپتۇ. باش قوماندان x- پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن،ئۇلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتەقورغانغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. ئۇ يەنە بۇيرۇق بىرىپ قالغان قوشۇنىمىزنى جەنۇپتەرەپكە يىغدى.

باش قوماندان x- نىڭ پىلانى تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. قوۋۇمىمىز قوشۇنى خۇددىشىددەتلىك دېڭىز دولقۇنىدەك قورغاننىڭ جەنۇبى تېمىغا ھۇجۇم قىلدى، ئىنسانلارتوختىماي ئوت پۈركۈپ ھۇجۇمنى توستى. شۇچاغدا،ئىنسانلارنىڭ بىر ئەسكىرى قورغاننىڭسىرتىدا يېقىنلاپ كېلىۋاتقان قىزىل چۈمۈلىلەر قوشۇنىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ قورقۇپكېتىپ،يېنىدىكى يەنە بىر ئەسكەرگە ئۇقتۇردى، ئۇلار ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغان شۇپەيىتتە، قوشۇنىمىزنىڭ نەچچە يۈزلىگەن ئەسكەرلىرى قورغان كۈنگىرىسىگە چىقىپ بولدى.

  بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتى،ئايالپادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇلارنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن كۆيدۈرىۋىتىلگەن جەسەتلىرىشامالدا ئۇچۇپ يەرگە چۈشۈۋاتقاندا،يەنە بىر قوشۇن ئەسكىرىمىز ئۇلارنىڭ ئورنىغاچىقتى، ئاشۇنداق ئالمىشىۋېرىپ، ئۇلار ئاخىرى قورغان تېمىغا چىقىۋالدى. قوشۇنىمىزقورغان تېمىغا چىققاندىن كىيىن بىر بۆسۈپ چىقىش ئېغىزى تېپىۋالدى، ئەنە شۇۋاقىتتىن باشلاپ غەلبە بىزگە مەنسۇپ بولدى.

بىز ئىنسانلارنى قورغان تېمىغا قەدەممۇ-قەدەم قىستاپباردۇق، كۈرمىڭلىغان ئەسكەرلىرىمىز قورغان ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئىنسانلارنى ئۆيلىرىدىن،بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردىنقوغلاپ چىقتى. ئىنسانلار تاكى ئۆلگۈچە قارشىلىق قىلىشتى.

  ئىنسانلار بىرىنىڭ كەينىدىن-بىرى يەرگەيىقىلدى،ئۇلارنىڭ ئازاپلىق ئېڭىراشلىرى قورغان ئىچىنى بىر ئالدى. بۇ ۋاقىتتا،رىگىنبىلەن دىئاننا ئاستىنقى قەۋەتتىكى مەيدانغا قېچىپ بېرىۋالدى. ئۇ يەردە كۈتۈپتۇرغان ئالاھىدە خادىم –c دەرھال بىزگە سېگنالى يوللاپبەردى.

-«ھەممىسىئۆلۈپ كەتتى، ۋېس !»دەپ ۋارقىرىدى ئىۋال،« بىز ئەمدى تۈگەشتۇق. تېز راكىتاغاكىرىۋېلىڭلار....دىئاننا ئىككىڭلار بۇيەردىن دەرھال كېتىڭلار !»

-«نىمىشقابىز كەتكۈدەكمىز ؟»دىدى رىگىن، جۇڭ ئىككىڭلار نىمىشقا راكىتاغا چىقمايسىلەر ؟ بۇئۆزۈڭلارنىڭ راكىتاسىغۇ...»

-«جۇڭ ئۆلۈپ كەتتى !» دىدى ئىۋال ھاسىراپ تۇرۇپ،«ئودىستېخىچە ئۈستىدە ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىۋاتىدۇ ! مېنىڭ دىگىنىمدەكقىلىڭلار،ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟ تېز بولۇڭ ! سزگە راكىتانى قانداق كونتىرول قىلىشنىئۆگىتىپ قوياي. ھاۋاي تاقىم ئارىلىغا....ياكى بولمىسا مارسقا ...كېتىڭلار...ياق،ياق،نەگە كەتسەڭلار مەيلى، خالىغان جايىڭلارغا بېرىڭلار،ئىشقىلىپ بۇيەردىن كەتسەڭلارلابولدى، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا...»

ئىۋال ئوت پۈركۈش قورالىنى تارتىۋېلىپ، دولىسىغاقويدى-دە ئېتىلىپ كېلىۋاتقان قوۋۇمىمىز قوشۇنىغا قارىتىپ ئوت پۈركۈشكە باشلىدى.-«پەرۋەردىگارنىڭھەققى –ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ! » دەپ ۋارقىرىدى ئۇ،«تېز مېڭىڭلار !»رىگىن بىلەن دىئاننا دەرھال راكىتا بۆلۈمچىسىگەسەكرەپ چىقىپ، كىرىش ئىشىكىنى تاقىدى.بىر مەھەل جىمجىتلىقتىن كىيىن، ھەيۋەتلىك بىرپارتىلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ، يەر-زېمىن ۋە ئاسماننى ئوت يالقۇنى قاپلىدى، ئارقىدىنئىنسانلارقورغىنىنىڭ قېلىن تاملىرى پارتىلاشتىن ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ،ئەسكەرلىرىمىزنى يەنجىپ تاشلىدى.
ئاخىرى،توپا-توزانلاربېسىقىپ،قاراڭغۇلۇق غايىپ بولدى، قورغانمۇ بىر خارابىلىققا ئايلاندى. مەيدانمۇخۇددى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندەك تۈسكە كىرىپ، ھەممە ياقنى لاي-لاتقىلار ۋە شېغىلتاشلار بىر ئالدى. مەيلى ھېلىقى ئاپپارات بولسۇن،ئىۋال بولسۇن، ياكى باشقائىنسانلار بولسۇن، ھەممىسى تەل-تۆكۈس ۋايران بولدى.
ئاقىللاركېڭىشىمىزنىڭ مەلۇماتچىسى –u ،ھېلىقى ماشىنا بىر ئۇچار كېمە دىگەن قاراشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ئۇنىڭقارىشىچە، ئۇ ماشىنا كۆككە كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن،يۇلتۇزلار ئارىسىغا كىرىپ كەتكەنمىش. ئۇ يەنە ئۇچار كېمىدە ئىككى ئىنساننىڭبارلىقىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ شورپىشانە  ئالاھىدەخادىمىمىز –c نىڭمۇ شۇ كېمىدە ئىكەنلىكىنى ئېيىتىپبەردى. بىراق مەن يەنىلا ئۇ ئىككى ئىنسان ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىۋالدى دەپ قارايمەن.
ھۆرمەتلىك ئايال پادىشاھ ئالىيلىرى ،سىلىنىڭرازىلىقلىرىنى تىلەيمىز، شۇنداق قىلىپ بۈگۈن بىز تولۇق غەلبىگە ئېرىشتۇق. پۈتكۈليەرشارىدا ھىچقانداق تىرىك ئىنسان قالمىدى. مەيلى يەر-زېمىن بولسۇن، ھاۋا بوشلۇقىبولسۇن،ياكى دېڭىز-ئوكيانلار بولسۇن....ئەمدى بۇدۇنيا پەقەت سىلىنىڭىلا ئىدارەقىلىشلىرىغا تەئەللۇق بولدى. ھەممە سىىلىگە مەنسۇپتۇر، ھۆرمەتلىك ئايال پادىشاھئالىيلىرى،مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە...كەمىنىلىرى سىلىنىڭ ئەڭ كەمتەر،ئەڭ سادىق قۇللىرىدۇر....



تۈگىدى                                











ئەسكەرتىش :
ئەسلى ئەسەردىكى ئالاھىدە خادىملار ۋە قوماندان،گېنىراللارنىڭ نامى لاتىن ھەرىپى بىلەن ئېلىنغان. ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئوقۇپ چۈشۈنىشىگە قولايلىق بولۇش كۆزدەتۇتۇلۇپ ، ئىنگىلىزچە ھەرپ بىلەن ئېلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى : بايىنغولىن ئوبلاستى خېجىڭناھىيىلىك رادىئو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسىدىن ــ ئاسىمجان ئابلىمىت
بۇ ئەسەر خەنزۇتىلىدىكى «ئىلمى فانتازىيە دۇنياسى»ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-7 11:18 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87088
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 742
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 07:30:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنو سىنارىيىسىمۇيا بۇ ...؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89664
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2013-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 01:03:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: ئاخىرقى جەڭچى (ئىلمىي فانتازىيە )

تەرجىماندىن : ئەسىرىمنى ئەكىلىپ كۆزنەككە چاپلىساملا مۇشۇنداق خەت-قۇر ئارلىقى بۇزۇلۇپ كەتتى، ئوقۇرمەنلەرنى بىئارام قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، قارىسام باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ مۇشۇنداق ئىكەن، باشقۇرغۇچىنىڭ  توربەتنىڭ ئومۇمى سۈپىتىنى ۋە تورداشلارغا بولغان ئەلا مۇلازىمەتنى كۆزدە تۇتۇپ سەل ئەستايىدىل بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89664
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2013-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 06:44:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچى، بۇ ئەسىرىمنى ئۆچۈرىۋىتىڭ، مەن قايتىدىن قۇرئارلىقىنى تەھرىرلەپ ئەۋەتىپ بىرىمەن........... بولمىسا ھەربىر كۆرسەملا ئىچىم پۇشۇپ قالىدىكەن........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش