كورلا شەھىرىدە 2012– يىلىلا كورلا ۋە بۈگۈر ناھىيەسى بولۇپ يەتتە مەكتەپتىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا 380 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان(نەق پۇل، ئوقۇش قۇراللىرى ۋە كېيىم – كېچەك)، بۈگۈر ناھىيە بۈگۈر بازىرى لاپا كەنت مەكتەپ 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى، يۈزى ۋە بېشى كۆيۈپ كەتكەن توققۇز ياشلىق ئالىيە مۇھەممەدنىڭ ھۆسۈن تۈزەش ئوپىراتسىيەسىگە كەتكەن 45 مىڭ يۈەن داۋالاش چىقىمىنى ئۈستىگە ئالغان، تۈگەپ كەتكەن ئاچىسى ۋە ئۇكىسىنىڭ ئۈچ بالىسىنى بېقىۋىلىپ ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتۇۋاتقان، بۇنىڭدىن باشقا كورلا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ «بىر يۈەنلىك مېھرى – شەپقەت فوندى» ۋە كورلا شەھەرلىك مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى نەق پۇل بىلەن قوللاۋاتقان بىر ساخاۋەتچى ئانا بار. بۇ ئانا دەل پاتىگۈل غوپۇردۇر. مەن بۇ ساخاۋەتچى ئانىنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىدە، 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى كەچتە ئۇدۇللا ئۇنى كورلا شەھىرى ھاۋا مۇداپىيە مەھەللىسىدىكى ئۆيىگە ئىزدەپ باردىم. بۇ كۈنى پاتىگۈل غوپۇر بېقىۋالغان ئىككى بالىسى ۋە 80 ياشتىن ھالقىغان ئانىسى گۈسۈمخان ھاجىم بىلەن بىللە ئۆيدە پاراڭلىشىۋاتقان ئىكەن. بىز ھال – ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، مەن زىيارىتىمنى رەسمىي باشلىدىم.
سۈرەتتە: پاتىگۈل غوپۇر(ئوتتۇرىدا) كورلا شەھەرلىك مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتگە 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.
مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا فوتوسى 2012 – يىللىق كورلىدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكىدە، مەن رىياسەتچىنىڭ ئاغزىدىن سىزنىڭ بۇ يىل كورلا ۋە بۈگۈر ناھىيەسىدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا 380 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغانلىقىڭىزنى نەق مەيداندىن ئاڭلىدىم. مۇشۇ ھەقتە قاچان، قايسى مەكتەپكە، قانچىلىك، قانداق ياردەم قىلغانلىقىڭىزنى ئېنىق ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز – دېگىنىمدە، پاتىگۈل غوپۇر مۇنداق دېدى: –بولىدۇ، مەن بۇرۇن ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ناچار ۋاقىتلاردىمۇ ئىزچىل جەمئىيەتتىكى نامرات، بىچارە، مۇھتاجلىقتا قالغان كىشىلەرگە ئاز –تولا ياردىمىمنى قىلىپ كەلگەن. 2003 – يىلى پەيزىۋات، مارالبېشى ناھىيەلىرىدە يەر تەۋرىگەنلىكىنى تېلېۋىزوردىن كۆرۈپ، شۇ ۋاقىتتا 50 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كېيىم – كېچەكنى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلار ئىدارىسى ئارقىلىق ئاپەت رايونىغا ماڭدۇرۇپ بەرگەن. بۇ يىلقى ياردەم ئىشلىرىغا كەلسەك، مەن بۇ يىل 6 – ئاينىڭ 13 – كۈنى كورلا شەھىرى توبرىچى يېزا مەركىزىي مەكتەپكە 28 مىڭ يۈەن قىممىتىكى كېيىم – كېچەك، 7000 يۈەن نەق پۇل؛ 6– ئاينىڭ 20 – كۈنى كورلا شەھەرلىك 5 – ئوتتۇرا مەكتەپكە 60 مىڭ يۈەن قىممىتىكى 200 يۈرۈش كېيىم – كېچەك، قېيىنچىلىقى بار تۆت ئوقۇغۇچىغا 2000 يۈەن، مەكتەپكە 2000 يۈەن؛ 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بۈگۈر ناھىيە بۈگۈر بازىرى لاپا كەنت باشلانغۇچ مەكتەپكە 60 مىڭ يۈەن قىممىتىكى 200 يۈرۈش كېيىم – كېچەك، قېيىنچىلىقى بار ئالتە ئوقۇغۇچىغا 3000 يۈەن، لاپا كەنتتىكى توققۇز تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىگە 3600 يۈەن؛ 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى كورلا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ «بىر يۈەنلىك مېھرى – شەپقەت فوندى» غا 2000 يۈەن؛ 9– ئاينىڭ 27– كۈنى، كورلا شەھەرلىك مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتىگە 10 مىڭ يۈەن؛ 10 – ئاينىڭ 19 – كۈنى كورلا شەھىرى شاڭخۇ بازىرى دوۋۇر ئوقۇتۇش نۇقتىسىغا بىر كۆپەيتىش ماشىنىسى، تەنتەربىيە سايمانلىرى، مەكتەپكە 2000 يۈەن، نامرات 12 ئوقۇغۇچىغا قىشلىق كېيىم، سومكا، ئاياق؛ 10 – ئاينىڭ 17 – كۈنى كورلا شەھىرى تاشدەن بازىرى كورلا شەھەرلىك 7 – ئوتتۇرا مەكتەپكە 10 مىڭ يۈەن نەق پۇل، 25 مىڭ يۈەن قىممىتىدە تەنتەربىيە سايمانلىرى ۋە كېيىم – كېچەك؛ 10 – ئاينىڭ 19– كۈنى كورلا شەھەرلىك 6 – ئوتتۇرا مەكتەپكە 93 مىڭ قىممىتىدىكى230 يۈرۈش كېيىم – كېچەك؛ 10 – ئاينىڭ 22 – كۈنى كورلا شەھىرى لۈيۈەن مەھەللىسدىكى 10 تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىسىگە 3000 يۈەن، مەھەللە كومىتېتىغا 7000 يۈەن ياردەم قىلدىم. بۇ يىلقى ئوبلاستىمىزنىڭ قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكىگە 100 مىڭ يۈەن چىقىرىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىدىم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كورلا شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى مېيىپ بالىلار، كورلا شەھەرلىك خېبېي پاراۋانلىق ئورنىدىكى ياشانغانلار، كورلا شەھىرى تېكىچى يېزا ئۈستۈن چاچى كەنتتىكى مېيىپ بالىلار باغچىسى ... قاتارلىق ئورۇنلارغىمۇ ئازدۇر – كۆپتۇر ياردەم قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەن يەنە قۇربىتىمنىڭ يېتىشىچە جەمئىيەتتىكى نامرات ئوقۇغۇچى، مېيىپ كىشىلەرگە داۋاملىق ياردەم قىلىمەن. – ئاڭلىسام، سىز بۇ يىل بۈگۈر ناھىيە بۈگۈر بازىرى لاپا كەنتتىكى نامرات ئوقۇغۇچلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش داۋامىدا، ئالىيە ئىسىملىك يۈزى ۋە بېشى كۆيۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى ئۆزىڭىز شەخسەن ئازادلىق ئارمىيە 273– دوختۇرخانىسىغا ئەكىلىپ، ئۈچ قېتىم ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ، پۈتۈن داۋالاش چىقىملىرىنى تۆلەپسىز، مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟ – دېگىنىمدە پاتىگۈل غوپۇر مۇنداق دېدى:
سۈرەتتە: پاتىگۈل غوپۇر كۆيۈپ كەتكەن ئالىيەنى ئەركىلەتمەكتە. مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا فوتوسى. –مەن بۇ يىل 6 – ئاينىڭ ئاخىرىدا بۈگۈرگە بېرىپ، ئالىيەنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىمدە، بۇ قىزنىڭ ھالىتىگە ئىچىم سېرىلىپ، يېشىمنى توختىتالماي قالغان ئىدىم. ئالىيە 3 – يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بېشىنىڭ شاپىلاقچىلىق قىسمى ۋە سول يۈزى كۆيۈپ كەتكەن ئىدى. سىنىپ مەسئۇلىدىن سۈرۈشتۈرسەم، قىزنىڭ ئۆگىنىشى سىنىپ بويىچە 1 – بولۇپ، قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى يوق ئىكەن. سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالىيە 8 ئايلىق ۋاقىتتا ئاتا – ئانىسى ئۇنى ئېتىزلىققا ئاپىرىپ، ئوتقا يېقىن جايغا ئۇخلىتىپ قويۇپ، پاختا تەرگىلى كەتكەندە، ئالىيە ئوت ئىچىگە ئۆمىلەپ كىرىپ كېتىپ، يۈزى ۋە بېشى كۈيۈپ كېتىپ، ھوشىدىن كېتىپتۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن، ئالىيەنىڭ ئاتا – ئانىسى ئاجرىشىپ، بالنى تاشۋىتىپ ھەر ئىككىسىلا باشقا يۇرتلارغا كېتىپ قاپتۇ. ئۇنى ھازىرغىچە بوۋىسى، مومىسى بېقىپ كېلىۋىتىپتۇ. بوۋىسى مەمىتاخۇن، مومىسى خەيرىخان 70 ياشتىن ھالقىغان بولۇپ، ئازراق چارۋا بېقىش بىلەن جان كەچۈردىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن كورلىغا قايتىپ، ئازادلىق ئارمىيە 273– دوختۇرخانىسى كۆيۈك بۆلىمىگە بېرىپ، ئالىيەنىڭ رەسىمىنى دوختۇرغا كۆرسەتسەم، دوختۇر ئالىيەنى ئوپىراتسىيە قىلسا ساقىيدىغانلىقى ئېيتقىنىدا شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتىم. مەن كېچىكتۈرمەيلا 8 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئالىيەنى بۈگۈردىن ئازادلىق ئارمىيە 273– دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلدىم. ھازىرغىچە ئالىيە ئۈچ قېتىم ئوپىراتسىيە قىلىندى. ھازىر ئالىيەنىڭ بېشىدىكى تارتۇق پۈتۈنلەي ساقايدى. بۇ جەرياندا مەن ئالىيەنىڭ 45 مىڭ يۈەن داۋالاش خىراجىتىنى ئۈستۈمگە ئالدىم. ئۆمرۈم يار بەرسە، مەن ئالىيەنىڭ پۈتۈن ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇتىمەن. ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىز توغرىسىدا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز – دەپ سورىغىنىمدا ، پاتىگۈل غوپۇر: -مەن 1989 – يىلى ئوبلاستلىق يېزائىگىلىك ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ، كورلا شەھەرلىك دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدا ئىشلىدىم. ئۇ چاغدا رەھمەتلىك داداممۇ باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئىدى. ئانام بوستان بازىرىدا رەخت سودىسى قىلىدىغان بولۇپ، كۈنىمىز باياشات ئىدى. بىراق، 2004 – يىلى ئەتىيازدا ئۈرۈمچىدىكى ئاچام باھارگۈل ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالدى. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، ئاچامنىڭ يولدىشى ئاچامنى كېسىلىنى بىلگەندىن كېيىن، داۋالىتىشنى ئېغىر كۆرۈپ، ئاچامنى ۋە ئىككى قىزىنى تاشلاپ، ئىز – دېرەكسىز يوقالدى. دادام، ئاپاملار ئاچامنى ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى. ئالتە ئاي داۋالىتىش جەريانىدا بىز ئۆيدىكى مال –بىساتلاردىن سېتىپ بولغاندىن سىرت، يەنە 210 مىڭ يۈەن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بولۇپ قالدۇق. كېيىنچە ئاچاممۇ ساقىيالماي تۈگەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاچامنىڭ ئىككى قىزىنى ئېلىپ كورلىغا قايتىپ كەلدىم. مەن ئاچامنىڭ يولدىشى قادىر ياسىن خوشۇت ناھىيەسى تاغارچى يېزىسىدىن قوناق ئالغاندا 280 مىڭ يۈەنگە كېپىل بولغان ئىدىم، قادىر ياسىن شۇ يوقالغانچە يوقاپ، 280 مىڭ يۈەن قوناق پۇلى مېنىڭ گەدىنىمگە يۈكلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىمىز 490 مىڭ يۈەن قەرزگە بوغۇلدى. 2005 –يىلى ئۇكام ئۆمەرجان تۇيۇقسىز كېسەلل سەۋەبىدىن تۈگەپ كېتىپ، 3 ياشلىق قىزى ماڭا قالدى. دادام قەرزنى تۆلەش ئۈچۈن لەنگەر يولىدىكى بىنا ئۆيىمىزنى ساتقان بولسىمۇ، بۇ پۇل قەرزگە ھېچقانچە دالدا بولالمىدى. دادامنىڭ سالامەتلىكى ناچار بولغاچقا، قەرز ئىگىلىرى سۈيلەپ تۇرىۋالغاچقا، بۇ قەرزلەرنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. مەن كۆپرەك پۇل تېپېش مەقسىتىدە خىزمەتتىنمۇ ئىستىپا بەردىم. 490 مىڭ يۈەن قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ جاپا – مۇشاقەتلىك كۈنلىرىم باشلاندى. مەن تۇرسۇن ئىسىملىك قاسساپ بىلەن بىرلىشىپ بايىنبۇلاق، خوشۇت، تىكەنلىك، يېڭىسار قاتارلىق جايلادىن قوي، كالا توشۇپ چىلانباغدىكى قۇشخانىغا ئۆتكۈزدۈم. قوي، كالا يۆتكەيدىغان ئىش ئايال كىشىگە تازا ماس كەلمىگەچكە، باشقىلارنىڭ مەسخىرسىگە ئۇچىردىم. بۇ ئىشنى بىر يىل قىلغاندىن كېيىن، ئىجراغا قەرز قايتۇرۇش سەۋەبىدىن دەسمىيدىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم. مەن بەل قويۇۋەتمەي، باج ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتدىشىم دىلمۇراتتىن 30 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، كۇچادىن كورلىغا ئۇن، ياغ يۆتكىدىم. لېكىن ئالغان پايدام ئۇدۇللۇق قەرز تۆلەشكە كەتتى. بۇ مەزگىلدە مەن تېخىمۇ كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن، ئاخشىمى لەنگەر يولىدا زاسۇيچىلىك قىلدىم، قاراشەھەردىن تاۋۇز يۆتكىدىم. كېيىن تيەنجىن ۋەنمېي پەن – تېخنىكا شىركىتىنىڭ كورلىدىكى باش ۋاكالەتچىسى بولۇپ، كورلا شەھىرى كۈنگەي يولىدا بىر ساغلاملىق كېيىم – كېچەكلىرىنى ساتىدىغان دۇكان ئاچتىم.ئاپتوموبىل كۆتۈرە ئېلىپ، كېيىم – كېچەكلەرنى قاراشەھەر، لوپنۇر، بۈگۈر، كورلىنىڭ يېزا – بازارلىرىغا ئاپىرىپ ساتتىم. تاكى 2010 – يىلغا كەلگەندە، مەن بۇ 490 مىڭ يۈەن قەرزنى ۋە خېلى كۆپ ئۆسۈمىنى ئۈزۈپ، ئۇھ دېدىم. بۇ جەرياندا قەرز تۆلەش ۋە تۆت بالىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن كۆرمىگەن كۈنۈم ئاز قالدى. ئۆيىمىزدىن ئايرىلىپ، ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردۇق، ئائلىمىزدىكى تۆت جان نەچچە يىل تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالدۇق. ئىجرادىكىلەر قەرز سۈلەپ مېنى تولا ئىزدەيدىغان بولغاچقا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە «ئالدامچى»،«قويمىچى» دېگەن ئاتاققىمۇ قالدىم. تەلىيىمگە يارىشا، مەن 2010 – يىلى كورلا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىك تىكلەش بويىچە 50 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز ۋە تۇرپاندىكى تۇغقىنىمدىن 200 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، ئوبلاستلىق تىببىي مەكتەپ ئۇدۇلىدىن ئۆي سېتىۋالدىم. ئالتە ئايدىن كېيىن، بۇ ئۆي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىنىپ كېتىپ، ماڭا ئوبدانلا پايدا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن داۋاملىق ئۆي –زېمىن، بىنا ئۆي توختامى،يەر سودىسى قىلدىم. ئۈچ يىلدىن بۇيان تىجارىتىم بارغانسىرى روناق تاپتى. بۇلتۇر مەن تۆت يىل ئىجارە ئالغان ئۆينى نەق پۇلغا سېتىۋالدىم، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىنمۇ چېكىنىپ چىقتىم. مەن تۆت بالامنى بېقىش ۋە ئۇلارنى ئوقۇتۇش ئىرادىسىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ كۈنگە ئۇلاشقان، شۇڭا مەن بۇ يىل مەكتەپلەردىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسلىق ياردەم قىلدىم. پاتىگۈل غوپۇر نۇرغۇنلىغان نامرات ئوقۇغۇچىلارنى ، ئاتا – ئانىلارنى خوشال قىلدى، ئالىيەنىڭ ھاياتىي كەچۈرمىشىنىڭ مەنىلىك يېزىلىشىغا سەۋەبچى بولدى، ئۇ جەمئىيەتكە كىشىلىك ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ نۇرلۇق سىماسىنى كۆرسەتتى. گەرچە ئۇ بىر ئايال كىشى بولسىمۇ، ھەقىقىي بىر ئەركەكنىڭ ئىشىنى قىلىپ، يۇرتىمىزنى، ھەممىمىزنى سۆيۈندۈردى.
ئاپتۇر : باينغۇلىن گېزىتى ئۇيغۇر مۇخبىرلار بۆلۈمىدىن ياسىنجان رەھمىتۇللا
|