مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1102|ئىنكاس: 19

تەخسىكەش(مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89611
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 04:12:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەخسىكەش

(ساتېرا)

ئابدۇسالام ئابدۇرېھىم سەلكىن

(ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاقيار يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىدىن)


سەن پەرۋانە ئەمەلگە بولغاچ ئۇ بىر ئوت-ئاتەش،

‹‹چوڭام››لارنى يوقلايسەن شۇڭا ھەركۈن سەھەر-كەش،

غورۇرخەجلەپ باشلىققا تېپىپ ياخشى بىر‹‹ دىلكەش››،

ياشاپ كةلدىڭ ھاياتتا مانا شۇنداق بەك پەسكەش  ،

دېسىمۇ گەر ئۆز خةلقىڭ ساڭا لەنەت تەخسىكەش.

ئۇخلىساڭمۇ تۇتۇسەن چۈشلۈرۈڭدە نام-مەنسەپ،

خىيالىڭدا ئالدايسەن ئۆز-ئۆزۈڭنى كۆپ بەزلەپ،

ھەريانغا تور توقۇيسەن ئەمەلنى دەپ پۇلنى دەپ،

توزاق قۇرۇپ بەزىگە  ،بەزىلەرنى ھەم قەسىتلەپ،

پارازىتتەك ياشايسەن دىلىڭ مەينەت تەخسىكەش.

بىراۋلارنىڭ ئاستىغا قات-قات كۆرپە كەلتۈرۈپ،

دائىم تەييار تۇرىسەن خىزمىتىگە يەڭ تۈرۈپ،

ئۇ كۈلگەنگە ھېجىيىپ،قاپاق تۈرسە تەڭ تۈرۈپ،

ئەگىشىپلا يۈرەرسەن سەن ئۆزۈڭنى خار كۆرۈپ،

كۈچۈكلىنىپ ئىت كەبى دېسىمۇ‹‹كەت›› تەخسىكەش.

دەرىتتە قويدۈڭ ئازدۇرۇپ تالاي-تالاي باشلىقنى،

تۇيدۇرماستىن ئۆيىگە توشۇپ گوش-ماي،ئاشلىقنى،

يامان يولغا باشلىدىڭ ئۆگۈتۈپ ھەم‹‹شاش››لىقنى،

يەمچۈك قىلدىڭ ئۇيالماي سەتەڭ قەلەم قاشلىقنى،

غورۇرىنى ئىت يىگەن تەكتى نامەرىد تەخسىكەش.

خىيالىنى باشلىقنىڭ تېپىپ شۇئان دەل قىلدىڭ،

‹‹كەم››لىرىنى تولۇقلاپ ‹‹توققۇز››ىنى تەل قىلدىڭ،

بولۇپ قالسا كۆڭلى غەش ياشلىرىڭنى سەل قىلدىڭ،

مانا موشۇ يول بىلەن كۆپ ئىشىڭنى ھەل قىلدىڭ،

ئار-نومۇسنى ئۇنتۇدۇڭ قىلىقىڭ سەت تەخسىكەش.

يۈرۈشلۈرۈڭ بەك سىرلىق مەنسەپ ئۈچۈن شاپاشلاپ،

شۇ ۋەجىدىن يۈرۈيسەن دائىم بىر ‹‹تاغ››ھاپاشلاپ،

يۈردۈڭ بەزەن ئىشلىرىڭ ئەپلەشمىسە باش قاشلاپ،

كۆرۈنۈشتە سەن خۇشھال ، پىنھانلادا  كۆز  ياشلاپ،

ئۆتەرسەنمۇ ئاشۇنداق ئەي بەدنىيەت تەخسىكەش.

‹‹شوتا›› بولدى سەن ئۈچۈن نەپسى يامان تاماخور،

مال-دۇنياغا  ھېرىسمەن تويماس  ئاچكۆز بالاخور،

چۈشتى  ئالدام   خالتاڭغا بولغاچ بىرى  زىناخور،

تېپىك يىدىڭ بەزىسى بولغاچ بەكمۇ گۇمانخور،

شۇنداقتىمۇ ۋاز كەچمەي قىلدىڭ غەيرەت تەخسىكەش.

ئەمەلدارغا ئېگىلىپ ،ئاتاڭغىمۇ‹‹پوش››دىدىڭ،

ئولار ئۈچۈن تاۋاپ قىپ ئامەت كەلسۇن قوش دىدىڭ،

مةيدانىڭ يوق مۇستەقىل ھەممە ئىشتا ‹‹خوش››دىدىڭ،

‹‹كىرپە- يۇمشاق تىكەنسىز،قاغا-ئاپئاق قۇش››دىدىڭ،

سېڭىپ كەتكەچ قېنىڭغا ناچار ئادەت تەخسىكەش.

سەن بولمىساڭ  بەزىلەر  ئارزۇسىغا  قانالماس،

تاماخورلۇق  كېسىلى  بولغاچ  ئۇندا  ساقايماس،

ئىلىپ گالدىن سەن ئۇنى قىلىپ قويدۇڭ تانالماس،

كىردىمۇ  بۇ كوچىغا ئەمدى  ھەرگىز  يانالماس،

چۈنكى يوقتۇر سېنىڭدە قىلچە شەپقەت تەخسىكەش.

تېپىپ بىر كۈن ئەقلىڭنى بىلەرسەنمۇ تەخسىكەش؟

ۋىجدان ئۈچۈن سەدىقە تىلەرسەنمۇ تەخسىكەش؟

ئادەمىيلىك   يولىغا   كىرەرسەنمۇ   تەخسىكەش؟

ئېچىنىپ ئۆز ھالىڭغا كۆلەرسەنمۇ تەخسىكەش؟

ياكى نومۇس-ئەلەمدىن ئۆلەرسەنمۇ تەخسىكەش...؟

2012-يىل17-ماي (ئاقيار)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سةلكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-7 04:22 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3891
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 04:39:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي تەخسىكەش....................
مۇكاپاتقائىرىشىشىڭىزگەتىلەكداشمەن

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86315
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2013-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 04:52:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەخسەڭ چىقىلسا نىمە كۆتۈرەسەن تەخسىكەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88843
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 379
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 05:23:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئىرىششىڭىزگ تىلەكداشمەن!ياخشى يېزىلىپتۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79886
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3502
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2013-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 05:36:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نومۇس-ئەلەمدىن ئۆلەرسەنمۇ تەخسىكەش

ئانا تىلىم ئەگەر سەن ئەتە يوقالماقچى بولساڭ،مەن بۈگۈن ئۆلۈشكە رازى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88723
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-12-18
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 05:46:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەخىسىكەشلەرنىڭ تەخىسىسى نېمىدىن ياسىلىدىغاندۈ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88042
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 227
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-12-3
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 06:02:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
naznigar يوللىغان ۋاقتى  2013-1-7 05:36 PM
نومۇس-ئەلەمدىن ئۆلەرسەنمۇ تەخسىكەش

يۇز قىلىنلىقتىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79886
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3502
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2013-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 06:04:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
МμSしiм يوللىغان ۋاقتى  2013-1-7 06:02 PM
يۇز قىلىنلىقتىن

مىنىڭچە ئۇلار نۇمۇسنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ.چۈنكى ئەگەر بىلگەن بلسا ئۇنداق قىلمىغان بولاتتى

ئانا تىلىم ئەگەر سەن ئەتە يوقالماقچى بولساڭ،مەن بۈگۈن ئۆلۈشكە رازى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 06:10:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەخسەڭ سۈنۈپ بىر كۈنى ئۆلەرسەنمۇ تەخسىكەش،
تىرىك تۇرۇپ دوزاقتا كۆيەرسەنمۇ تەخسىكەش.
ئېگىلمەستىن ياشىساڭ بۇ دۈنيادا ئەركەكتەك،
ئادەملىكنىڭ قىممىتىنى بىلەرسەنمۇ تەخسىكەش....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89169
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2013-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 06:19:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەخسىكەشلەرنىڭ تەخسىسىنى باشلىقلار چېقىۋەتسە بولمامدىغاندۇ؟ئاڭلىسام ئۇلارمۇ بەك بىزار ئىكەن تەخسىكەشلەرنىڭ قىلىقلىرىدىن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش