|
|
|
|
ئارزۇ
تەبىئەتنىڭ تومۇرى دەريا،
جاڭگاللارنىڭ ئەركىسى ئاھۇ.
ۋىچىرلايدۇ باھار كۈيچىسى،
ئارمانلاردىن كۆكلەيدۇ ئارزۇ.
ئالتۇن نۇرنى چاچىدۇ قۇياش،
يۈرەكلەردىن توزىيدۇ قايغۇ.
ئورمانلاردا جۇش ئۇرار ھايات،
قەلىبلەردە مېھىرلىك تۇيغۇ.
پاك مۇھاببەت ھۆكۈمدار بۈگۈن،
زۇلمەت كۆزى مەڭگۈ قارغۇ.
ئورمانلارنىڭ ھەربىر تىنىشى،
شېئرىمدا ياسايدۇ ئۇرغۇ.
كېزىپ يۈرسۇن ئاپپاق چايكىلار،
شەمشاتلارغا ياسالسۇن ئۇۋا.
نەۋرىللىرنى يېغىپ چۆرىگە،
چۆچەكلەرنى باشلىسۇن بۇۋا.
سۆيگۈ دەيدۇ ھەممە مەۋجۈداد،
ياخشىلىققا ئۈندەيدۇھەممە.
يۈرەكلەرگە يىغىلغان قار-مۇز،
ئەگىزياساپ،يوقايدۇ زەخمە.
ياخشى ئەرنىڭ ئىشى ئەل ئۈچۇن،
مىسكىنلەرگە قىلىدۇ ئېھسان.
تەبەسسۇمدىن ئىللىيدۇ يۈرەك،
ياخشىلىقتىن كۆكلەيدۇ ئىنسان.
قاراپ تۇرما ئاجىز مىسكىنگە،
ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە.
ئىللىپ كىتەر مۇزلىغان يۈرەك،
سۆيگۈ ئوتى مېھرىنى بەرسە.
كۇلۇپ باققىن گۈزەل ھاياتقا،
كۆزلۈرۇڭدىن سۆيگۈ چاقنىسۇن.
ئوخچۇپ چىقسۇن مېھىر-مۇھاببەت،
يۈرۈكۇڭدە قۇياش پارلىسۇن.
ياشلىق
چىشى قالمىدى
ئۆڭدى چىچى
ئەمما
كۈلۈپ تۇرىدۇ
ئۇنۇڭدىكى
قىپقىزىل چېھىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-7 06:53 PM
|
|
|
|
|
|