ئىتوت:مەككار باققال
(ئاپتۇرى:تىلماچ)
(مىسرانىم مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر)
قاتناشقۇچىلار:
1.باققال:40 ياشلار چامىسىدا،سىمىز،بۇرۇتلۇق،دىخماغراق كەلگەن ئادەم.
2.ئەر خېرىدا:32 ياشلار چامىسدا،ئىگىزرەك كەلگەن،زامانىمىزنىڭ زىيالىلىرىغا
خاس كىينگەن.
3.ئايال خېرىدا:28 ياشلار چامىسىدا،زىلۋا كەلگەن،زامانىمىز ئاياللىرىغا خاس
يارىشىملىق كىينگەن.
4.يەنە بىر ئەر خېرىدار:ئوتتۇرا بوي،سالاپەتلىك،40 ياشلار چامىسىدا،مويسىپىت
كىشى.
ئورۇن:شىنجاڭدىكى مەلۇم شەھەر.
سەھنە ئېچىلغاندا باققال ئازراق بىرقىسمى سېتىلىپ بولغان ئىككى قۇغۇننى ئالدىدىكى ئۈستەلگە تىزۋالغان ،بىرسى بوز كۆكچە (ئىتى قېزىل) بىرسى ئاق كۆكچە (ئىتى ئاق)، يەنە چوڭ كىچكلىگى ئوخشاش بولمىغان ئۇچ پىچاقنى خېرىدار كۆرۇپ تۇرىدىغان تەرەپكە چوڭ كىچىكلىك تەرتىپى بۇيىچە قۇيۇپ قويغان بۇلۇپ، ھەدەپ قۇغۇننى ماختاۋاتاتتى.
كەسىلە خېرىدار كەسىلە، ئاق كۆكچە ،بوز كۆكچە.
تەمى شۇنداق ئۆزگىچە
تۆت پىچاقتا پىچىمەن
ئوڭ - سۇلىنى بىلگىچە
كەسىلە خېرىدار كەسىلە
(32 ياشلار چامىسدا،ئىگىزرەك كەلگەن،زامانىمىزنىڭ زىيالىلىرىغا خاس كىينگەن ئەر خېرىدا سەھنىگە كىرىپ كىلىدۇ)
باققال: كەسىلە مىھمان، كەسىلە
ئەر خېرىدار:تىلىمى نەچچە پۇل؟
تېتىپ باقماملا ئاۋال (يانچۇقىدىن قەلەمتۇراچنى ئېلىپ بوز كۆكچىدىن
كىچىككىنە شىلىپ بىرىدۇ) قۇغۇن دىگەننىڭۋاغۇ ئۇكام، تەمىنى پۇلغا ساتىمىز.
ئەر خېرىدار:تىلىمى نەچچە پۇل؟
باققال: 5 مو ئۇكام،شاپىقىنىڭ نەرقىدە،ئىتىنى بىكارغايەيلا،ئۇرۇقى ماڭا قالىدۇ،
ئەر خېرىدار: ھوي نىمانچە ئەرزان،بىر تىلىم تىلىڭە(قاراكۆكچىنى بوز بىلەن
ئىشارەت قىلىپ).
باققال:قۇغۇن ئوزى ئەرزان ئۇكام،قايسى پىچاقتا تىلىمە؟
ئەر خېرىدار:ھوي،قايسى بولسا بولىۋىرىدۇ.
باققال:ھە ماقۇل ئۇكام(شۇنداق دەۋېتىپ ،ئەڭ چوڭ پىچاقنى ئېلىپ،ناھايتى نىپىز بىر تىلىم تىلىپ، ئەر خېرىدارغا تەڭلەيدۇ).
ئەر خېرىدار قۇلىلغا ئېلىپ ئۇياق-بۇياققا ئايلاندۇرۇپ قارايدۇ.
باققال: چۆگۇلەتمىسىلە ئۇكام،ئۈزۇلۇپ يەرگە چۇشۇپ كېتىدۇ.
(ئەر خېرىدار سەل ئىككىلىنپ قوغۇننى يىيىشكە باشلايدۇ)
بۇ ۋاقتتا باققال: ئۇكام،تەلەپپۇزلىرىدىن قارىغاندا ئوزلىرى ئاتۇشتىن كەلگەن ئوخشىماملا ؟
ئەر خېرىدار قۇغۇننى يەۋاتقاچ:ھەئە،ئاتۇشتىن كەلدىم.
باققال:ئۆزلىرى بىلمەيلا ئۇكام ،مۇشۇ شەھەردەا بىر تۇماقچىلىق دۇكۇنۇم بار دىسىلە،بەزى ۋاقىتلاردا بۇ كەسىپنىمۇ قىلىپ قويىمەن دىسىلە،شەھەردە قۇغۇن تىلىپ ساتىدىغانلار جىق،ئەمما ئۇلار بۇ كەسىپنى پەقەت چۇشەنمەيدۇ،شەھەر بويىنچە بىزنىڭ دۇكاندا قوغۇن ئەڭ ئەرزان.
ئەر خېرىدار قوغۇننى يەۋاتقاچ :راست ،شۇنداقكەن.
باققال:ماۋۇ ئاق كۆكچىدىنمۇ يېرىم يەپ باقاملا ئۇكام؟(بۇ ۋاقتتا ئەر خېرىدار قوغۇننى يەپ بولۇپ شاپىقىنى سىۋەتكە تاشلايدۇ)
ئەر خېرىدار:ھە،تىلسىلا بىر تىلىم.
باققال ئوتتۇرانچى پىچاقنى پىچاقنى ئېلىپ ئاق كۆكچىدىن ناھايتى نىپىز بىر تىلىم تىلىپ ئەر خېرىدارغا تەڭلەيدۇ،ھەمدە: ئاۋايلىسلا ئۇكام ،ئاۋايلىسلا،يەرگە چۇشۇپ كەتمىسۇن.( ئەر خېرىدار قاتتىق ئەجەپلەنگەن ھادا قوغۇننى يىيىشكە باشلايدۇ).
باققال:ئۇكام،مۇشۇ ئاتۇشتا مانتىنى قاسقاندا پۇشۇرماي، شاختا پشۇشۇرىدۇ دەيدۇ،بۇگەپ راستما؟
ئەر خېرىدار:ئۇنداق ئەمەس،ئاتۇش دىگەن ئەنجۇر ماكانى،ئەنجۇرنىڭ تاتلىغلىقىغا قارىتىلغان گەپ.
باققال:ھە،تاتلىغلىقىغا، تاتلىغلىقىغا.
(بۇۋاغىتتا ئەر خېرىدار قۇغۇننى يەپ بۇلىدۇ)
باققال:يەنە چارەك تىلايمۇ ئۇكام؟
ئەر خېرىدار:بولدى،بولدى.قۇغۇنلىرى ھەقىقەتەن تاتلىقكەن ھەم ئەرزانكەن،كېلەر قېتىم كەلسەم يەنە سىلىنىڭ قۇغۇنلىرىدىن يەيمەن،(شۇنداق دەۋاتقاچ يانچۇقۇدىن بىر يۇئەن پۇلنى چىقىرىپ ئۈستەلگە قۇيۇپ مېڭىشقا تەمشىلىدۇ).
باققال:توختاپ تۇسىلا ئۇكام،توختاپتۇسىلا.ماۋۇ پىچاقنى كوردىلىما،(شۇنداق دەۋاتقاچ ئەڭ چوڭ پىچاقنى ئېلىپ يالقۇن قۇربانغا تەڭلەيدۇ، ئەر خېرىدار
كەينىگە داجىيدۇ)،باشتىكى بىرتىلمنى مۇشۇ پىچاقتا تىلدىم؛ماۋۇ پىچاقنى كوردىلىما ئۇكام؟(ئوتتۇرانچى پىچاقنى ئېلىپ يەنە تەڭلەيدۇ، ئەر خېرىدار يەنە كەينىگە
داجىيدۇ)،كېيىنكى ئاقكوكچىنى مۇشۇ پىچاقتا يىدىلە،سېپىغا قارىسلا،مانا بۇ ئۆلچەملىك باھا،(چوڭ پىچاقنىڭ سېپىغا ئالتە يۇئەن،ئوتتۇرانچى پىچاقنىڭ سېپىغا تۆت يۇئەن يېزىلغان)،جەمئى10 يۇئەن بەش مو بولدى،يەنە توققۇز يۇئەن بەرسىلە.
يالقۇن قۇربان:سىلى زادى پىچاق ساتاملا ياكى قۇغۇنمۇ؟
باققال:ھەيران قالمىسلا ئۇكام،ئەلۋەتتە قۇغۇن ساتىمەن؛پىچاقنىڭ
سېپىدىكى باھانى كوردىلە،مانا بۇ ئۆلچەم؛مانى كۆردىلىما ئۇكام؟(ئەڭ كىچىك پىچاقنى كورسىتىپ تۇرۇپ،بۇ قېتىم گەرچە پىچاقنى تەڭلىمىسىمۇ، ئەر خېرىدار
ئارقىغا داجىيدۇ).بۇ چارەك يەيدىغانلارغا تىلىدىغان پىچاق،ئەرزان،ئۇچ كوي؛مانا
ماۋۇ يېرىم يەيدىغانلارغا تىلىدىغدىغان پىچاق،ئاران تۆت كوي؛مانا ماۋۇ پۇتۇن يەيدىغانلارغا تىلىدىغان پىچاق ئالتە يۇئەن؛ باققال ئەڭ ئاخىرىدا يېنىىدىكى قەلەمتۇراچنى ئېىلپ: مانا ماۋۇ تېتىپ باقىدىغانلارغا تىلىدىغان پىچاق، تىلىمۇ بەش مو.سىلى باشتا تېتىپ باقتىلا،كېيىن پۇتۇن يىدىلە،ئاندىن يېرىم يىدىلە،جەمئى 10 يۇئەن بەش مو بولدى.ا
ئەر خېرىدا:سىلى بۇ يەردە ئاشخانا ئېچىۋاتاملا ياكى قۇغۇن سېتىۋاتاملا؟
باققال:سىلى چۇشەنمىدىلە ئۇكام،ئى ئاشخانىغا كىرسىلىمۇ،
چارەك يەملا،يېرىم يەملا،پۇتۇن يەملا،ياكى قورساقلىرى بەك ئېچىپ كەتكەن بولسا،جامىينى بىلەن قوشۇپ يەملا سوراپ،ئاندىن مۇۋاپىق تەخسىدە بىرىدىغاندۇ ئۇكام؟مەن قۇغۇننى سىلى دىگەن بۇيىنچە تىلدىم.
ئەر خېرىدا:بولدى،بولدى؛سىلىنىڭ چۇشەندۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپتۇرغىلى ۋاقتىم
يوق؛تۇتسىلا ماۋۇ توققۇز يۇئەن بەش مونى؛سىلى ۋاغۇ قۇغۇنچى ئەمەس،
پىچاقچىكەنلا (شۇنداق دىگنىچە ئەر خېرىدا كېتىپ قالىدۇ).
باققال يەنە ماختاپ توۋلاشقا باشلايدۇ:
قىزىل قوغۇن،ئاق قوغۇن،
ئانچە-مۇنچە يەپ تۇغىن،
ئايىماستىن پۇلۇڭنى،
يانچۇقۇمغا سەپتۇغىن.
كەسىلە خېرىدار،كەسىلە،(دەل شۇۋاقتتا،ئايال خېرىدار كىرىپ كىلىدۇ)
باققال:كەسىلە خېنىم،كەسىلە،(يانچۇقىدىن قەلەمتۇراچنى ئېلىپ ،قىزىل قوغۇندىن كىچىككىنە تىلىپ بىرىدۇ)
تېتىپ باقسىلا،تېتىمىسا،پۇل ئالمايمەن،( ئايال خېرىدار قوغۇننى يەۋايقان
ۋاقىتتا)تەمى بۇلامدىكەن خېنىم؟
ئايال خېرىدار:بۇلىدىكەن،بۇكىدىكەن.
باققال:قىزىلدىن پۇتۇن تىلايمۇ خېنىم؟
ئايال خېرىدار:تىلىمى نەچچە پۇل؟
باققال:ئەرزان خېنىم،5 مو؛مۇشۇ شەھەر بۇيىنچە خېنىم، قوغۇن بىزنىڭ دۇكاندائەڭ ئەرزان.
ئايال خېرىدار:پۇتۇن بىر تىلىم پىچسىلا،يېرىم يەپمۇ ئىشمۇ،
(باققال ئەڭ چوڭ پىچاقنى ئېلىپ قوغۇننى تىلماقچى بولغاندا)،
ئايال خېرىدار:ھوي،نىمانچە كوپ پىچاق بۇ؟ ئىككى قوغۇنغا توت پىچاق تىزىۋاپسىز، قوغۇن تىلامسىزياكى قاسساپلىق قىلامسىز؟
باققال:بۇ بىزنىڭ كەمچە ئۇكام،ئۆلچەم.( باققال قوغۇننى
نىپىزتىلىپ ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ تەڭلەيدۇ).
ئايال خېرىدار:ھوي،نىمانچە نىپىز؟
باققال:سىلىدەك زىلۋا خېنىملارغا مۇشۇنداق،نىپىز،زىلۋا تىلىمىز؛كەڭ
تىلىۋەتسەك،چىشلىگەندە،ئېڭەكلىرىدىن قاس چىقىپ كېتىدۇ.( ئايال خېرىدار
قوغۇننى يەۋاتقانندا)،ئۇكام ئوزلىرىنى كورگەندەكلا قىلىمەنغۇ؟ھە،توختىسىلا،توختىسىلا،تېلىۋېزۇردا كورۇپتىمەن.سىلىگە دىسەم ئۇكام،مەن مۇشۇ شەھەر بويىنچە،
قۇغۇننى ئەڭ ئەرزان ساتىمەن؛بۇنىڭدا ئۇكام،مەن ئاساسلىقى خېرىدارنىڭ ئەر
ياكى ئاياللىقى،ئورۇق ياكى سىمىزلىكى،ئېگىز ياكى پاكارلىقى،
ئاغزىنىڭ چوڭ ياكى كىچىكلىكى،ئىشتاھاسى،ئالدىراش ياكى ئالدىراش
ئەمەسلىكىنى ئولچەم قىلىپ(ئۇچ پىچاقنى كورسىتىپ تۇرۇپ) مۇشۇ توت كەمچىدە
بىرىمەن.(بۇ ۋاقىتتا ئايال خېرىدار قوغۇننى يەپ بولىدۇ)
باققال:ئېقىدىن چارەك يەپ باقسىلا،سىلىدەك ئاقپىسماق خېنىملارغا تازا
باپ كېلىدۇ،جىق يىسىلە،سەمرىپ كېتىلا؛چارەك يىسىلە.(شۇنداق دەۋاتقاچ ئەڭ
كىچىك پىچاقنى ئېلىپ، نىپىز بىر تىلىم تىلىپ ئايال خېرىدار تەڭلەيدۇ،
ئايال خېرىدار ئەجەپلەنگەن ھالدا قوغۇننى يېيىشكە باشلەيدۇ)
باققال:ئالدىرماي يىسىلە خېنىم،ئالدىرماي يىسىلە؛تەمىنى تېتىپ يىسىلە؛تەمى
تېتىپ قالسا،يەنە كىلەلا.(بۇۋاقىتتا ئايال خېرىدار قوغۇننى يەپ بۇلۇپ،بىر يۇئەننى چىقىرىپ تەڭلەيدۇ، باققال پۇلنى قولىقا ئېلىپ قارايدۇ، ئايال خېرىدار مېڭىشقا تەمشىلىدۇ).
باققال:نەچچە تىلىم بولدى خېنىم؟
ئايال خېرىدار:ئىككى تىلىم بولدىغۇ.
باققال:ئا ئىككى تىلىم دىگىننى،ئۇچ تىلىم؛ئۇچ تىلىم بولغان بىلەن،كەمچە ئوخشاش ئەمەس؛دەسلەپتە تېىپ باقاي دەپتىلە ماۋۇ كەمچىدە بەردىم،(يانچۇقۇدىن قەلەم تۇراچنى ئېلىپ كۆرسىتىپ) ئاندىن مەن پۇتۇن ئادەم،پۇتۇن دەپتىلە،مانا ماۋۇ كەمچىدە بەردىم(ئەڭ چوڭ پىچاقنى كورسىتىپ تۇرۇپ)؛كېيىن چارەك دەپتىلە،ماۋۇ كەمچىدە بەردىم (ئەڭ كىچىك پىچاقنى كۆرسىتىپ)جەمئى توققۇز يۇئەن
بەش مو بولدى،يەنە سەككىز يۇئەن بەش مو بەرسىلە.
ئايال خېرىدار:ھوي،تىلىمى بەشمو دەۋاتمامتىلە؟ئۇچ تىلىممۇ دەيلى،ئۇچ تىلىمى بىر يۇئەن بەش مو بۇلا؟
باققال:كەمچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ.ئى ماي دۇكىنىغا بارسىلىمۇ ئىھتىياجلىرىغا قاراپ شۇنداق كەمچىدە بىرىدىغاندۇ؟كەمچە ئوخشىمىغاندىكىن،
باھاسىمۇ ئوخشىمايدۇ خېنىم.
ئايال خېرىدار:سىز زادى قوغۇنچىمۇ،مايچىمۇ؟
باققال: يۇقۇرى ئۆلچەم بىلەن قۇغۇن تىلىپ ساتقۇچى.
ئايال خېرىدار:قۇرۇپ كەتسۇن،سىزنىڭ ئۆلچىمىڭىز؛مەڭ.( ئايال خېرىدار يەنە سەككىز يۇئەن بەش مو بىرىپ كىتىپ قالدۇ).
بۇچاغدا تىجارەتنى يىغىدىغان ۋاقىت بۇلۇپ قالغانلىقتىن، باققال نەرسە-
كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقاندا،بىر مويسىپىت كىشكى كىرىپ كىلىدۇ، باققال ئەر خېرىدارنىڭ كىرگەنلىگىنى تۇيمايدۇ.
مويسىپىت:ھۆي،ئۇستام قۇغۇن تىلسىلا،ئالدىرايمە.
باققال: ئالدىراملا؟ھە مانا.(شۇنداق دەۋاتقاچ ئەڭ چوڭ پىچاقنى
قولىغا ئالىدۇ).
(باققال ناھايتى نىپىز بىر تىلىم تىلىپ،ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ
مويسىپىتقا تەڭلەۋېتىپ)قوللىرىنى ئەكەلسىلە ئۇكام،ئوتتۇرىدىن
تۇتۇۋالسىلا،ئاۋايلىسىلا.
ھوي،نىمە ئاۋارىچىلىق بۇ؟نىمانچە نىپىز؟
باققال:كەڭ تىلىنىپ كەتسە ئۇكام،جاۋغايلىدىن ئېقىپ،كىيىملىرىنى
شالتاق قىلىۋالىلا.( مويسىپىت كىشى قۇغۇننى يەۋاتقاندا) سىلىنىڭ ئەۋازلىرى
تۇنۇشتەكلا قىلىدىغۇ ئۇكام؟سىلى ئەۋاز ئەرتىسىمۇ؟
مويسىپىت:ھەئە.
باققال:ئۇكام مۇشۇ ئەۋاز ئەرتىسلىرىنى ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن پەقەت
گەپ قىلماي ئەۋازىنى ئارام ئالدۇرىدۇ دەيدۇ،بۇ گەپ راستمۇ؟
تومۇرخان:بۇ ئۇنداق گەپ ئەمەس؛بۇ خىزمەتىنىڭ ناھايتى ئالدىراش ۋە
جاپالىقلىغىنى دىمەكچى.
باققال:مۇشۇ شەھەر بۇيىنچە ئۇكام،بىزنىڭ دۇكاننىڭ قوغۇنى ئەڭ
تەملىك؛نەدە بىر قوغۇنچىلار بار دىسىلە،قوغۇنىنىڭ لاۋزىلىقىدىن چىۋىنمۇ قونمايدۇ(باققال چىۋېننى قورىۋاتقاچ)؛ئەنە قارىسلا،قوغۇننىڭ تاتلىقلىغىدىن
ئاغىزلىرىنى مەنتەڭ ئىچكەن موزايدەك چاكىلداتقىلى تۇردىلا.(دەل مۇشۇ ۋاقىتتا
مويسىپىت قوغۇننى يەپ بۇلىدۇ)؛قىزىلىدىن چارەك يەپ باقاملا ئۇكام،سلىدەك
قىزىل يۇزلىك ئادەمگە تازا باپ كىلىدۇ.
باققال:ھوي،تىلىمى نەچچە پۇل؟ ئالدىراشچىلىقتاسورىمايلا يەپ كىتىپتىمەن.
باققال:ئەرزان ئۇكام،بەشمو.(شۇنداق دەۋاتقاچ ئەڭ كىچىك پىچاقنىى ئېلىپ نىپىز بىر تىلىم تىلىدۇ).
مويسىپىت كىشى قۇغۇننى يەۋاتقاچ قاتار تىزىغلىق تۇرغان پىچاقلارغا سەپ سېلىپ
قارايدۇ ھەمدە:سىز قوغۇن تىلىپ ساتقاندىن سىرىت،قوغۇن تىلىپ ساتىدىغانلارنى پىچاق بىلەنمۇ تەمىنلەيدىكەنسىز-ھە؟
باققال:مەن پىچاق ساتمايمە ئۇكام،قوغۇن ساتىمەن.
مويسىپىت:ھوي،بۇنچە كوپ پىچاقنى ساتمىسىڭىز،نىمە قىلىسىز؟
باققال:بۇ بىزنىڭ جىفىيچى ئۇكام،ھەق ھىساپلىغۇچ.
(مۇشۇ ۋاقىتتا مويسىپىت قوغۇننى يەپ بۇلىدۇ ۋە بىر يۇئەن پۇلنى باققالغا ئۇزىتىدۇ،باققال پۇلنى ئۆرۇپ-چۆرۇپ قارىغاندىن كىيىن)
باققال :قايسى پىچاقتا تىلدىم ئۇكام؟
مويسىپىت:مۇشۇ ئىككى پىچاقتا تىلدىلىغۇ؟(ئەڭ چوڭ پىچاق بىلەن ئەڭ كىچىك پىچاقنى كورسىتىپ تۇرۇپ).
باققال:توققۇز يۇئەنلىك بوپتۇ،يەنە سەككىز يۇئەن بەرسىلە ( باققال بارماقلىرىنى بىلەپ تۇرۇپ).
مويسىپىت:ھوي،نىمانچە قىممەت؟بىر تەرىپىدىن قارىسا،يەنە بىر تەرىپىدىكى ئادەم كۆرىنىدىغان ئىككى تىلىم قۇغۇن توققۇز سومما؟
ئابدىكېرىم ئابلېز:جىفېيچىغا شۇنداق چىقىپتۇ.
مويسىپىت:قايسى جىفېيچىقا؟
باققال:چوڭ جىفېيچىغا ئالتە يۇئەن،كىچىك جىفېيچىغا ئۈچ يۇئەن،
ئالتىگە ئۈچنى قوشسىلا،نەچچە يۇئەن بولىدۇ؟
مويسىپىت:ھوي،بىر تىلىمى بەشمو بولسا،ئككى تىلىمى بىريۇئەن بولمامدۇ؟
مويسىپىت:بەشمو دىگەن ئۇنىڭ مۇقۇم باھاسى؛ ئى تاكسىغا چىقسىلىمۇ،
تاكسى تېخى قوزغالماسىتا،ئا جىفىيچىغا بەش يۇئەن چىقىدۇ؛ئاندىن ماڭغان مۇساپىللىرىگە قاراپ ،بەش يۇئەننىڭ ئۇستىگە پۇل قۇشۇلۇپ ماڭىدىغاندۇ؟ قوغۇننى قوللىرىغا ئالدىلا بەشمو،ئاندىن ئالدىرماي يىيىشكە باشلايدىلا،تاكى يەپ بولغۇچە،بەش مونىڭ ئۈستىگە پۇل قۇشۇلۇپ ماڭىدۇ ئۇكام.
مويسىپىت: سىز ئۆزىڭىزنى تاكسى ھەيدەۋاتقاندەك ھىسقىلىپ قالدىڭزما؟
باققال:نارازى بوپقالدىلە-ھە،ئۇكام،(شۇنداق دەۋاتقاچ يانچۇقۇدىن قەلەمتۇراچنى ئېلىپ،كىچىككىنە شىلىپ تومۇرخانغا تەڭلەپ تۇرۇپ)،مانى يسىلە،ھەقسىز،پۇل ئالمايمەن.
تومۇرخان:بولدى،مەن پۇتۇن قوغۇن ئېلىپ،ئۆيگە ئاپىرىپ،ئۆزەمنىڭ پىچىغىدا
تىلىپ يەي.
باققال:پۇتۇن قوغۇن ئالسىلىمۇ مەندە بار.
مويسىپىت:مۇشۇ توت پىچىقىڭىز بىلەن پىچقان ئىككى پارچە قوغۇنىڭىزدىن
باشىقا نىمە بار بۇ يەردە؟
باققال:بار ئۇكام،بىزنىڭ كۇفاڭدا،ئامباردا.
مويسىپىت:بولدى، بۇ تۇز يەردە كۇفاڭ نىمىش قىلسن،مەن ئۆيگە كىتىۋاتقاچ ئا ئۆتە يولدىكى كۇفاڭدىن ئالاي.
(شۇنداق دەۋاتقاچ يانچۇقۇدىن سەككىز يۇئەننى ئېلىپ ئۈستەلگە تاشلايدۇ)
مانا تاكسىنىڭ پۇلىسى،سەككىز يۇئەن.( مويسىپىت مېڭىشقا تەمشىلىدۇ؛
باققال ئالدىنى تۇسىدۇ)
باققال:توختىسلا ئۇكام،توختىسىلا.نەچچىنى ئالىتتىلە؟(باققال يۇمشاق ەلەپپۇزدا)
مويسىپىت: بەشنى ئالىتتىم.
باققال:قوغۇن دىگەن مانا.(شىمىنىڭ ئىككى يانچۇقۇدىن بىردىن
ئىككىنى ،چاپىنىنىڭ يان يانچۇقۇدىن بىردىن ئككىنى،قويان يانچۇقۇدىن
بىرنى،ئالمىدەك چوڭلۇقتىكى قۇغۇندىن بەشنى ئېلىپ ئۈستەلگە تىزىدۇ)
تومۇرخان:ھوي،قوغۇنمۇ بۇ، ئامۇتمۇ؟
باققال:كوزلىرىگە ئامۇتتەك كورنىۋاتامدۇ ،ئۇكام؟قوغۇن ماۋۇ.
بۇقوغۇننىڭ ئالاھىدىلىگىنى بىلەملا ئۇكام؟
باققال:قانداق ئالاھىدىلىگى بار بۇنىڭ؟
باققال:بۇ قوغۇننىڭ ئۇكام تۇۋەندىكىدەك توت خىل ئالاھىدىلگى
بار.بىرىنچىدىن :ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ يېڭى،زامانىۋى تېخنىكا بىلەن ياسو
قىلىپ كىچىكلىتىلگەن؛ئككىنچىدىن:يوتكەشكە ئەپلىك،يوتكەش ھەققى تولەپ
يۇرمەيلا،يانچۇقلىرىغا سېلىۋالسىلا بولدى؛ئۈچىنچىدىن ئۇكام:شاپىغى،ئۇرىغى
ئاز چىقىدۇ؛توتىنچىدىن:بۇزۇلۇپ قالمايدۇ،نىمە ئۇچۇنلىگىنى بىلەمدىلا؟
مويسىپىت: بىلمەيدىكەنمە؟
باققال:بىر ئادەم بىر ئولتۇرىشىدا توت-بەشنى يەۋىتىدۇ،ئېشىپ
قالمايدۇ.
مويسىپىت:بولدى،بولدى.مەن قوغۇن ئالمايمەن(قاتتىق ئاۋازدا)؛سىز
قوغۇنچىلىق قىلىمەن دەپ ئەۋارە بولماي،پىچىقىڭىزنى كۆتىرىپ يولغا
چىقىپ،قاراقچىلىق قىلىڭ؛ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇنداقلىغىڭىزدىن،ئەتتىگەن-
كەچكىچە ئىككى قوغۇننى سېتىپ بولالماپتىكەنسىز.
باققال:قوغۇن ئاۋۇمايدۇ،پۇلىسى ئاۋۇيدۇ،پۇلىسى؛بىر كۇندىلا
سېتىپ بولسىام،بىر ھەپتىگىچە نىمە ئىش قىلىمە مەن؛جىڭ دۆت
خېرىداركەن.( باققال شۇنداق دەۋاتقاچ دۇكىنىنى يۇغۇشتۇرىدۇ،
ھېلىقى بەش قوغۇننى ئەسلىدىكى يانچۇقلىرىغا سالىدۇ)
مويسىپىت:سودا،تىجارەت دىگەننى ئىنساپ،دىيانەت بىلەن ئۆز يولىدا قىلىش
كېرەك؛شۇندىلا،ئۇنۇڭ بەركىتى بولىدۇ؛كۆكلەيدۇ،گۈللەيدۇ،روناق تاپىدۇ؛
ئەكىسچە بولغاندا،ياغاچ قازاندا ئاش بىر قېتىم پىشىدۇ،خېرىدار قاچىدۇ،قايتا
كەلمەيدۇ.خوش مەن كەتتىم،سىز ئاشۇ يېرىم كاسا قۇغۇنىڭىزنى ئىت يىلىدىن ئىشەك يىلىغىچە سېتىڭ.(پەردە يېپىلىدۇ)
مەنبەسى :ئۆز قەلىمىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ Y$ N! f" b/ S/ g$ w/ `0 x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-7 01:31 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 g- d4 S& l' w ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( l2 a( @! X8 U