مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 895|ئىنكاس: 11

«ئىگىلىك سەھنىسى» پروگراممىسى يېڭىدىن يولغا قويۇلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15222
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8521
تۆھپە نۇمۇرى: 407
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 01:18:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئىگىلىك سەھنىسى» پروگراممىسى يېڭىدىن يولغا قويۇلدى



قەدىرلىك تورداشلار ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە مەدەت بېرىش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ئىگىلىك تىكلەش ساۋاتلىرى ۋە ئەندىزىلىرى بىلەن تەمىنلەش شۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش، مىللى كارخانىچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش  مەقسىتىدە 2013-يىلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «ئىقتىساد كۆزنىكى» پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدە سانى بولغان «ئىگىلىك سەھنىسى» ئالاھىدە پروگراممىسىنى يولغا قويدۇق. «ئىگىلىك سەھنىسى» پروگراممىمىزغا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئاندىن باھالىغۇچىلارنىڭ سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىدۇ. ئاخىرىدا باھالىغۇچىلارنىڭ باھالىشى بىلەن تاللىغان تۈرى ئەڭ ئىستىقباللىق، ئىگىلىك تىكلەش قەدەم باسقۇچلىرى ۋە پىلانلىرى ئەڭ لاياقەتلىك، تىجارەت ئىدىيىسى ئىلغار بولغان بىر نەپەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى تاللىنىپ، مۇكاپات تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ 20مىڭ يۈەن نەق پۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. «ئىگىلىك سەھنىسى» پروگراممىمىز ئايدا بىر قېتىم سۆرەتكە ئېلىنىدۇ. ھەر بىر قېتىم سۆرەتكە ئېلىشقا ئالتە نەپەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى قاتنىشىدۇ. مۇكاپات بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانا، ئورۇنلارنى ۋە پروگراممىمىزغا قاتناشقان ماھىرلارنى تونۇشتۇرۇش، دەسلەپكى مۇسابىقە ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە قاتارلىق مەزمونلار بويىچە ئومومى پروگرامما تۆت سانغا بۆلۈنۈپ ھەر ھەپتىدە بىر سان كۆرسىتىلىدۇ(ھەر بىر ساننىڭ ۋاقتى 45 مىنۇت). تۇنجى سان پروگراممىز بىرىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ كۆرسىتىلىشكە باشلىدى. تۇنجى سان پروگراممىمىزدا تەجرىبىمىزنىڭ كەملىكى ۋە ۋاقىتنىڭ ئىنتايىن جىددىلىكى سەۋەبىدىن سۆرەتكە ئېلىش ۋە كىرىشتۈرۈش جەھەتلەردە بىر قىسىم مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلگەنلكىنى بايقىدۇق. بىز كېيىنكى سان پروگراممىلىرىمىزدا بۇ كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز.
تورداشلاردىن كۈتىدىغان تەلىپىمىز تۆۋەندىكىچە:
1.        پروگراممىمىزنىڭ مەزمونى ۋە تەرتىپ-باسقۇچلىرىغا قارىتا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.
2.        ھەر قايسى ساھەلەردىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ پروگراممىمىزغا قاتنىشىپ ئۆزىنى سىناپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز.
3.        شىركەت-كارخانا، ئىدارە-ئورۇنلار، تىجارەتچى-سودىگەرلەرنىڭ مۇكاپات تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئېلىپ، مىللىي كارخانىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ئەلۋەتتە مۇكاپات تەمىنلىگۈچى ئورۇننىڭ پروگراممىمىزدا رىياسەتچى تىلى بىلەن تەبىئىلا بەلگىلىك تەشۋىقاتى بولىدۇ. شۇنداقلا مۇكاپات تەمىنلىگۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇلى ئۈچ باھالىغۇچى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
4.        پروگراممىمىزغا ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا پروگرامما ناخشىسى ئىشلەتمەكچى. مۇشۇ پروگراممىمىزغا ماس كېلىدىغان ناخشا تېكىستىگە مۇھتاج بولىۋاتىمىز. ئىقتىدارى بار تورداشلارنىڭ ئىككى-ئۈچ كوپلىت ئەتراپىدا ناخشا تېكىستى يېزىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ناۋادا سىز يازغان ناخشا تېكستىنى بىز ئىشلىتىپ قالساق پروگرامما گۇرۇپىمىز سىزنى مۇۋاپىق قەلەم ھەققى بىلەن تەمىنلەيدۇ. سىزنىڭ رازىلىقىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىمىز. بۇ سىزنىڭ پروگراممىمىزنى قوللىغىنىڭىز شۇنداقلا مىللى سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىغا قوشقان بىر كىشىلىك ھەسسىڭىز بولۇپ قالغۇسى.
5.        پروگراممىمىزغا مۇۋاپىق ئېلان ئورنى تەسىس قىلىندى. ئېلان بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. پروگراممىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991-7808990

ھۆرمەت بىلەن: ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئىقتىساد كۆزنىكى پروگرامما گۇرۇپپىسى2013- يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى

تورداشلارنىڭ كۆپرەك مۇنبەرلەرگە يۇقارقى تېمىنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىپ قويىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.ياخشى ئۇچۇرلاردىن، ياخشى پائالىيەتلەردىن كۆپرەك كىشى پايدىلانسۇن !مەنبە: ئۇيغۇر ئىگىلىك تورىhttp://www.igilik.net/bbs


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   igilik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-7 01:20 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7476
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1045 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 08:55:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yahxi boptu kollayman!

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

مەڭگۈ تىرىشىمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88380
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 866
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 09:21:05 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، بولسا ئىگىلىك مۇنبىرىنىمۇ ئاز تولا يوقلاپ قويسىڭىز،  ئىگىلىك مۇنبىرىدە يېڭى تېمىلارغا تەشنامەن،

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 مۇنبەر مەسۇلى تۇرۇپ ي.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئۈمۈتلىك كىشىلەر ئاپەت ئىچىدىن پۇرسەتنى تاپالايدۇ،
ئۈمۈتسىز كىشىلەر پۇرسەت ئىچىدىن ئاپەتنى تاپىدۇ،
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88577
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2012-12-14
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 10:45:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88289
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 190
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-12-8
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 11:33:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  بەك  قوللايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68147
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4069
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2011-12-2
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 12:42:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى بوپتۇ! ياشلارنى مانا مۇشۇنداق رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك !

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 2492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28403
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6300 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 12:55:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېڭىرقاپ تۇرىۋاتقانلارنىڭ يول تېپىۋېلىشىغا تۈرۈتكە بولىدىغان ياخشى پىروگرامما بوپتۇ. ساقچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ تىجارەت بىلەن شوغۇللۇنۇپ يول تاپقان يېڭى دەۋىر ئىستودېنتلىرىنىڭ ئۈلگىسى رەيھانگۈلگە ئاپىرىن. رەيھاننىڭ‹‹رەيھان››ىسى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغاي!

ئادەم بولماق تەس
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89643
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2013-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 01:02:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1502
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 631 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 01:17:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزالارنىڭ بولسا ئىگىلىك مۇنبىرىگە كىرىپ زىيارەت قىلىشىنى تەكلىپ قىلىمەن؛




ھۆرمەت بىلەن.ئىگىلىك تور ئىشخانىسىدىن؛

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1502
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 631 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 01:17:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا بۇتىمىنى مەنمۇ يوللىغانغۇ مىنىڭ تەستىقلانماي باشلىقىمنىڭ تەستىقلىنىپتۇدە؛

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش