مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 915|ئىنكاس: 5

ساغلاملىق مەسلەھەتچىسى7-قىسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16636
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 12:52:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىگەر قېتىش

تونۇش:

جىگەر قېتىش ھەرخىل سەۋەبلەردىن جىگەر توقولمىسى زەخمىلىنىپ،جىگەر ھۈجەيلىرى نىكىروزلىنىپ،يامراش خاراكتىرلىك بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار ئۈسۈپ،جىگەر ياپراقچىلىرىنىڭ تۈزۈلىشى قالايمىقانلىشىپ،يالغان ياپراقچە شەكىللىنىش بىلەن كىلىنىكىدا،جىگەر خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش،قورساققا سۇ چۈشۈش،قاناشقا مايىل بۇلۇش،جىگەر ئالقان ۋە ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ شەكىللىنىش،سېرىقلىق چۈشۈش،جىگەر چوڭىيىش،ياكى كىچىكلەش،قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىك.

كىسەللىك سەۋەبى:

1.  جىگەر ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2.  قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3.  تۇزلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

4.  سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5.  جىگەر قاپىلىق قۇرۇت كىسلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

6.  يۈرەك كىسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

7.  زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

8.  ئوزۇقلنىش ئادىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

كىلنىك ئىپادىسى:

دەسلەپتىكى ئالامىتى:دەسلەپكى دەۋىردە كۆرىنەرلىك ئالامەتلەر بۇلمايدۇ.پەقەت قىسمەن بىمارلادا ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ئالامەتلىرى بولىدۇ.مەسىلەن:ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ.ماغدۇرسىزلىنىدۇ.

ئېغىرلاشقاندىكى ئالامەتلىرى:ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ئېغىر بولىدۇ.قاشقا مايىل بولىدۇ.جىگەر مەنبەلىك ھوشسىزلىنىش بولىدۇ.سېرىقلىق چۈشىدۇ. قان ئازلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئىپادىلىرى كۆرىلىدۇ.

پـەرۋىش:

1. روھى پەرۋىشى جەھەتتىن:بىمارغا تەسەللى بىرىلىپ،ئۆزىنى خوشال-ئازادە تۇتۇش،زىيادە جىددىيلەشمەسلىك،كىسىلىنى كۆپ ئويلاپ ئۆزىگە يۈك قىلىۋالماسلىق،كىسىلىنىڭ ساقىيشقا بولغان ئشەنچ تورغۇزۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2. ئوزۇقلۇق پەرۋىشى جەھەتتە:تەستە ھەزىم بولىدىغان غىدىقلىغۇچى يەل پەيدا قىلغۇچى مايلىق يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىپ،ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەك ئىچمەكلەرنى تاللاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.

3. تۇرمۇش پەرۋىشى جەھەتتە:بىمارغا تېنىچ-پاكىزە،ئازادە يورۇق بولغان كىسەلخانا مۇھىتىىنى يارىتىپ بېرىلىپ،بىمارنىڭ تولۇق ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

4. دورا پەرۋىشى جەھەتتە: دورىلارنى ۋاقىتىدا،ئۆلچەملىك،كۆرسەتمە بويىچە ئىستىمال قىلىشقا يەنى ھەر بىر خىل دورا ئارلىقىدا 10-5مىنۇت ئارلىق قالدۇرۇپ ئىستىمال قىلىش،شەربەت دورىلارنى ئىسستىپ ئىچىشكە يېتەكچىلك قىلىندى.


يۈرەك سانجىقى (ۋەجىئۇل قەلىب)

پەرۋىش تەدبىرى:

1. بىمارغا ياخشى ئارام ئالدۇرۇش، زىيادە ھاياجانلانماسلىق، چارچىماسلىق، ھەددىدىن زىيادە خوشال بولماسلىق، بىمار كارۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش ھەم مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش

2. يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە: يەللىك مايلىق، تۇزلۇق، تەستە ھەزىم بولىدىغان غەلىز يېمەكلىكلەردىن پەرىز قىلىش، لەتىف، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، سۇيۇق سەلەڭ يېمەكلىكلەر ۋە سەي- كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىسىتمال قىلىش، كەچلىك تاماقنى چوقۇم سائەت 6 دىن بۇرۇن ئىستىمال قىلىش، تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك ۋە ھاراق ئىچمەسلىكنى تەپسىلىي ئۇقتۇرۇش.

3. روھىي كەيپىيات جەھەتتە: بىمار كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆپ ئويلىنىۋالماسلىق، كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش.

4. بىمارغا مۇنزىچ- مۇسھىل بەرگەندە ئىچى سۈرۈش قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئاينىش ئالامىتى كۆرۈلسە زىيادە جىددىيلەشمەي ۋاقتىدا دوختۇر، سېستىرالارغا مەلۇم قىلىشنى ئۇقتۇرۇش.

5. بىمار سەي- كۆكتات، مىۋە- چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، قەۋزىيەت بولۇشتىن ساقلىنىش، كۈچەپ تەرەت قىلماسلىقنى تەپسىلى ئۇقتۇرۇش لازىم

6. ساغلاملىق قاپچۇغىنى دائىم يېنىدا ئېلىپ يۇرۇشنى دەۋەت قىلىش.

7. بىمارغا نىسبەتەن مۇھىت پەرۋىشىنى ياخشى كۈچەيتىش.


مېڭە تىقىلمىسى (سۇددىئى دىماغ)

پەرۋىش تەدبىرى:

1. پىسخىكا پەرۋىشى: كېسەللىكنىڭ ئاقىۋىتى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش بىمارنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئاسراش، ھەر خىل غىدىقلىنىشلاردىن بىمارنىڭ غورورىغا تېگىدىغان گەپ- سۆزلەردىن ساقلىنىش، بىمارنى ئۆز كېسىلىگە بولغان توغرا قاراشقا يېتەكلەپ ئۆز كېسەل ئالامىتىگە تولۇق غالىپ كېلىشىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش.

2. تۇرمۇش پەرۋىشى جەھەتتە: بىمارنىڭ قول يۇيۇش، ئېغىز چايقاش، ئۇزۇقلىنىش ۋە ھاجەتكە چىقىش، كىيىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۇ ئىشلارنى ئۆزى قېلىشىغا يېتەكلەش، كۆرپە- كىرلىقلارنى پاكىزە ساقلاش، قەرەللىك بەدەننى ئۆرۈش، ئىلمان سۇدا بەدىنىنى سۈرتۈش، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

3. يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە: بىمارنىڭ يۇتۇش ھەرىكىتىگە ئىلھام بېرىش تاماقنى دەسلەپتە ئاز يېيىش كېيىن تەدرىجىي كۆپەيتىش، تاماقنى يۇتقاندا كارۋات بېشىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ بېرىش، بىمارغا تاماقلارنى بېرىش، ئاچچىق قويۇق ۋە يېرىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلىش، تاماق ۋاقتىغا يېيىشنى رىئايە قىلپ كەچلىك تامىقىنى سائەت 6 دىن بۇرۇن يەپ بولۇش بەك تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىكنى تەپسىلى ئۇقتۇرۇش.

5. بىمار قويۇق تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ قەۋزىيەت بولۇشتىن ساقلىنىش تەربىيىسىنى ياخشى ئىشلەش.

6. بىمارغا مۇنزىچ- مۇسھىل بەرگەندە قورساق ئاغرىش ئىچى سۈرۈش، يېنىك دەرىجىدە كۆڭۈل ئاينىش ئالامىتى كۆرۈلسە جىددىيلەشمەي ۋاقتىدا دوختۇر سېستىرالارغا مەلۇم قىلىش.


يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى    (زەختە تۇل قەلىب)

پەرۋىش تەدبىرى:

1. ئارام ئالدۇرۇش: كېسەل قوزغۇلۇپ 1- 3 كۈنىگىچە كارۋاتتىن چۈشۈرمەي ئارام ئالدۇرۇش، تۇرۇش، تاماق يېيىش، تەرەت قىلىش، يۈز يۇيۇش، بەدەننى ئۇرۇش قاتارلىق ھەركەتلەردىن چەكلىنىدۇ. ھەمدە سېستىرالارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ.

2. ئاغىرىق پەسەيتىش: بىمارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ئاغىرىق پەسەيتىكۈچى دورىلارنى بېرىش، ھەمدە ئاغىرىق پەسيتىش ئەھۋالىنى سوراش تۇرۇش، تۆۋەن ئېىقىمدا داۋاملىق ئوكىسگىن پۇرىتىپ تۇرۇش كېرەك.

3. روھىي- كەيپىيات جەھەتتە: زىيادە ھاياجانماسلىق، چارچىماسلىق، ھەددىدىن زىيادە خوشال بولماسلىق، كۆپ چېچىلماسلىق ئۇزۇن يول يۈرمەسلىك، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش، كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇش.

4. يېمەك- ئىچمەك پەرۋىشى جەھەتتە: ئەڭ دەسلەپكى 2- 3 كۈندە سويۇق يېمەكلىك ئاساس قىلىنىدۇ. كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئۇماچ ياكى يېرىم سۇيۇق غىزالار بېرىلىدۇ. بىمارغا مايلىق، تۇزلۇق، تەستە ھەزىم بولىدىغان غەلىز غىزالاردىن پەرھىز قىلىش، لەتىف، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان غىزالارنى بېرىش، بىمارغا سەي- كۆكتات، مىۋە- چىۋىلەرنى كۆپرەك بىرىپ قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، كۈچەپ تەرەت قىلماسلىققا دەۋەت قىلىش، كەچلىك تاماقنى چوقۇم سائەت 6 دىن بۇرۇن يەپ بولۇش، ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىك قاتارلىق نوقتىلارنى تەپسىلىي ئۇقتۇرۇش.

5. بىمارغا مۇنزىچ- مۇسھىل بەرگەندە ئىچ سۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلىك كۆرۈلسە، جىدىيلەشمەستىن دوختۇر، سېستىرالارغا مەلۇم قىلىشنى ئۇقتۇرۇش.

6. بىمارغا نىسبەتەن مۇھىت پەرۋىشىنى ياخشى كۈچەيتىش.


يۇقۇرى قان بېسىمى (جۇشانى خۇن)

پەۋىش تەدبىرى:

روھىي كەيپىيات جەھەتتە: زىيادە ھاياجانلانماسلىق، چارچىماسلىق، ھەددىدىن زىيادە خوشال بولماسلىق، كۆپ ئاچچىقلانماسلىق، ئۇزۇن يول يۇرمەسلىك، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش.

2. يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە: يەللىك، مايلىق، تۇزلۇق تاماقلاردىن پەرىز قىلىش، لەتىپ ئاسان سىڭىدىغان ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى كۆپ ۋىتامىنلىق تاماقلار بىلەن ئۇزۇقلىنىش، كەچلىك تاماقنى چوقۇم سائەت 6 دىن بۇرۇن يەپ بولۇش، تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك ۋە ھاراق ئىچمەسلىكنى تەپسىلىي ئۇقتۇرۇش.

3. بىمارنىڭ بېرىلگەن دورىلارنى ۋاقتىدا، كۆرسەتمە بويىچە ئىسمال قىلىشقا يېتەكلەش.

4. بىمارغا مۇنزىچ- مۇسھىل بەرگەندە ئىچى سۈرۈش قورساق ئاغرىش، كۆڭۈل ئاينىش ئالامىتى كۆرۈلسە زىيادە جىددىيلەشمەي ۋاقتىدا دوختۇر سېستىرالارغا مەلۇم قىلىشنى ئۇقتۇرۇش.

5. بىمار سەي- كۆكتات، مىۋە- چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، قەۋزىيەت بولۇشتىن ساقلىنىش، كۈچەپ تەرەت قىلماسلىقنى تەپسىلى ئۇقتۇرۇش لازىم.

     6. بىمارغا نىسبەتەن مۇھىت پەرۋىشنى ياخشى كۈچەيتىش.

يەلتاشما

پەرۋىش تەدبىرلرى:

1)    رۇھى جەتتىكى پەرۋىش: بىمارغا ئۇيغۇر تىبابەت خىلىت ئالاھىدىكىلىگە ئاساسەن پىسىخىلوگىيە ئائىت بىلىملەر سۆزلىنىپ زىيادە جىددىلەشمەسلىك، كىسىلىنى كۆپ ئۆيلىماسلىق،كېسەلدىن ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىندۇ.

2)    يىمەكلىك جەھەتتىكى پەرۋىش : بىمارغا ئۆتكۇر غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى تەستە ھەزىم بولىدىغان يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلنىپ، لەتىف غىزالار بىلەن ئۇزۇقلىنىشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

3)    تۇرمۇش جەھەتتىكى پەرۋىش : بىمارغا نۇرمال بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش ۋە ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش زىيادە سىزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىللار بىلەن ئۇچۇرشىشتىن ساقلىنش، تىرە زەخمىسىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن ئىچى كىيىملەرنى سۇننى تالالىق كىيملەرنى كىمەي  پاختا رەخىتتىن كىيىشكە يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ،ھەرخىل بەدەن سۇپۇنلىرىنى قالايمىقان ئشلەنمەلىك تاپىلىنىدۇ.

4)    دورا جەھەتتىكى پەرۋىش:بىمارلارغا قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە بىرىلگەن دۇرىلارنى مىقدارى، ئىچىش ئۇسۇلى بويىچە ئىستىمال قىلىشقا، مۇنزىچ مۇسھىلنى ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارغا ھەمدە شەربەت ئىچكەندە ئاشقازان ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسسىتىپ ئىچىشكە يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ.


بۇۋاسىر

پەرۋىش تەدبىرلىرى:

1)    روھى جەھەتتىكى پەرۋىش: بىمارلارغا ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە پىسخولوگىيەلىك بىلىملەر سۆزلىنىپ بىمارلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ زىيادەچارچاش، ئاچچىقلىنىش، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن ساقلىنىپ ئۆزىدە ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

2)     ئوزۇقلۇق جەھەتتىكى پەرۋىش: بىمارغا تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى يىمەك- ئىچمەكلەردىن زىرە، قارمۇچ، ھەرخىل قاسقان تائاملىرى، ھاراق- تاماكا، لازا-ئاچچىقسۇ، كالا گۆشى قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىنىپ لەتىف غىزالار بىلەن ئوزۇقلىنىشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

3)    تازىلىق جەھەتتىكى پەرۋىش: بىمارلار بالنىسقا كىرگەن تۇنجى كۈندىن باشلاپ مۇھىت تازىلىقى، كېسەلخانا تازىلىقى ۋە شەخسى تازىلىققا يەنى مەقئەت تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش تەرەتتىن كىيىن ئسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش. يەرلىك ئورۇننىڭ قىچىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۇنئى تالالىق ئىچ كىيىملەرنى كىيمەسلىك، پاختا رەختىن كىيىش، ۋاختى-ۋاختىدا ئالماشتۇرۇش ۋە دىزىنفىكسىيىلەپ تۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

4)    تۇرمۇش جەھەتتىكى پەرۋىش: بوۋاسىر كېسەلىلىكى ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۇرۇش سەۋەبىدىن مەقئەت تۇز ئۇچەي ئەتىراپىدىكى ۋىنا تومۇرلارغا ئاسانلا قان تولۇپ تەدىرىجى قېتىشىش نەتىجىسىدە بوۋاسىر پەيدا بولىدۇ.شۇڭا  بىمارلارغا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشتىن، يول يۇرۇشتىن، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۇرۇشتىن ساقلىنىپ يەڭگىل ھەركەت قىلىش، كۆپرەك ئارام ئېلىش، مىۋە-چىۋە، سەي كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

5)    دورا جەھەتتىكى پەرۋىش: بىمارلارغا قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە بىرىلگەن دۇرىلارنى مىقدارى، ئىچىش ئۇسۇلى بويىچە ئىستىمال قىلىشقا، مۇنزىچ مۇسھىلنى ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارغا ھەمدە شەربەت ئىچكەندە ئاشقازان ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسسىتىپ ئىچىشكە يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

خۇتەن ۋىلايەتلىك  ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانسىدىن  : تىرە كىسەللىك بۆلۈمىدىن باھارگۇل

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-7 04:57 AM  


ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 02:10:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن پايدلىق بىلىملەر بىلەن تەمىن ئتىپسىز   ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 02:14:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بالام تاماقنى بەك ئاز يەپ تۇرۋالىدۇ .يالۋۇرۇپ ئاران يىگۈزىمەن.بالىلارنىڭ ئىشتىيىنى ئاچىدىغان رىتسىپ ياكى  مىللى تىبابەت دورىلىرنى دەپ بەرسىڭىز

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16636
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 02:56:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kokbora520 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-7 02:14 AM
مىنىڭ بالام تاماقنى بەك ئاز يەپ تۇرۋالىدۇ .يالۋۇرۇپ ئا ...

نارپىنە شەربىتى .بىيە شەربىتى ،ئامىلە نۇشدارى  قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ  بەرسىڭىز  ياخشى بۇلدۇ ئەڭ ياخشسى بالڭىزغا تاتلىق پىچىنە پىرەنىك قاتارلىق تاتلىق يىمەكلىكلەرنى بەرمەڭ

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 10:26:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90280
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 02:09:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
HOHO~~~~~~












上海http://fp19.com南宁网站建设http://eformor.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش