|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تورداشلار، بۇ مەشق خەتلەرنى ئىنىم لايىھىلەپ قويۇپتۇ، يېقىندا بىر نەچچە مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ تىزىملاتقان ئىدىم. مىسرانىم مۇنبىرىگە كىرىپ ئەڭ سۆيۈنگۈنۈم ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى خەلقئارلىق سەۋىيىدە مەشق قىلىپ يېتىلىۋاتقان داڭلىق خەتتاتلاردىن ياسىن كەرىم، ئەرشىدىن راشىد، يۇنۇس قۇددۇس تەبرىزى قاتارلىق ئۇستاز يوللۇق ياش خەتتات ئاكىلارنىڭمۇ بۇ مۇنبەرگە ئەزا ئىكەنلىكىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلچەملىك يېزىلغان نادىر ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى، ئجابىي پائالىيەتلىرىنى كۈرۈش بىلەن ئىنتايىن خوشال بولدۇم.
مەنمۇ ھۆسىنخەت يازغىلى ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. لېكىن ئۆلچەملىك ماتىرىيال مەنبەسى بولمىغاچ ئۈزۈمنىڭ يازغان خەتلىرىم ئۈزۈمگە يارىمايتتى. ناھىيىمىزدىكى بىر قىسىم شائىر، يازغۇچى ۋە دەسلەپكى ئاساسنى تۇرغۇزغان ئۇستازلىرىمنىڭ تەكلىپى ۋە ئۆزۈمنىڭ قابىلىيىتىنىڭ قانچىلىك سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈش مەقسىتىدە 2012- يىلى 10- ئاينىڭ 24- 25- كۈنلىرى <<مۇبارەك ئايەم قۇربان ھېيت>> ياسىنجان قۇربان ھەمراھ ئۇيغۇر خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزدۈم. لېكىن كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈپ نۇرغۇن پىكىر - تەلەپلەردىن كېيىن يېڭى باشتىن ئۆگەنمىسەم بولمايدىكەن دېگەن يەكۈننى چىقارغان. تۆۋەندىكى خەتلەرنىمۇ يېقىندامەشق قىلىپ يېزىپ خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا تاشلاپ قويغان ئىدىم. ئىنىم لايىھەلەپ قويۇپتۇ.
ئالدىنقى كۈنى يۇنۇس قۇددۇس تەبرىزى ئاكىنىڭ "ياخشى يازالمىدىم دەپ تاشلاپ قويغۇچى، كۆرۈپ كەم - كۈتىسىنى ياكى بولمىغان جايلىرىنى كۆرۈپ تەكلىپ بېرىمىز" دېگەن ئىنكاسىنى كۆرۈپ، گەرچە ياخشى يېزىلمىغان بولسىمۇ مۇنبەردە ئورتاقلىشىشنى لايىق تېپىپ مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، پىكىر تەكلىپىڭلارنى ئايىماسلىقڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hemrah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-6 11:56 PM
|
|
|
|
|
|