يىللار قوينىدا قالغان ئىزلار............
خاسىيەتلىك قارنىڭ خىسلىتىدىن بولسا كېرەك، ھەممە ئاق لىباستىن تون كىيگەن ئىدى. ئانا تۇپراق سېخىي كائىناتنىڭ زىننىتى بولغان دەل- دەرەخلەرنىڭ كىيگەن تونلىرىدىن مەمنۇن بولغىنىچە مىھىر- مۇھەببەتنىڭ ئەلچىسى بولغان ئىنسانلارنىڭ ھەر بىر قەدەملىرىنى يىنىككىنە پەپىلەپ، يېڭى بىر كۈن- تۈنلەرنى كۈتۈۋالماقتا ئىدى.
زىمىن ئاننىڭ سېخىيلىقىدىن سۈيۈنگەن قەلىبلەر زىمىن ئاننىڭ ھەممىگە مىھىر- مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان سېخىي تەبىئىتىدىن سۈيۈنۈپ، ۋاپادارلىق ئالىمىگە يېڭى دەستىلەرنى تىزماقتا ئىدى.
ئۈمىد يانداشقان قەدەملىرىمىزنى يۆتكىگىنىمىزچە ئالدىمىزغا قاراپ كېتۋاتماقتىمىز. گاھىدا قەدەملىرىمىز ئاستىدا چەيلەنگەن پۇرسەتلەر ئېچىنىشلىق نالە قىلسا، گاھىدا بوشلۇقتا لەيلەپ قالغان يۈگەنسىز تىلەكلەر، كەلگۈسى دەپ تىنىمسىز تىپىرلاۋاتقان يۈرەكلىرىمىز ئۈچۈن كەچمىشلەر قوينىدىن ئىبرەتلىك ساۋاقلارنى بەرمەكتە ئىدى.
توغرا، تۇپراق قوينىغا كۈمۈلگەن جانلار ئۈچۈن ھەسرەتلەر چەكمەكتە ئىدۇق. يۇرت تاشلاپ سەرگەردان بولغانلارنىڭ يولىغا تەلمۈرگەن كۆزلەردىن سېغىنىشنىڭ ياشلىرى توختاۋسىز قۇيۇلماقتا ئىدى. رىشاتكىلاردىن سىرتقا تەلمۈرگەن كۆزلەر ئۈچۈن دۇنيا ئاجايىپ بىر نەرسە ئىدى.
لەنەتلەردىن تىترىگەن قەلىبلەر ئۆتمۈشى ئۈچۈن تەڭرىگە سېغىنىپ نالا قىلماقتا. چۈنكى ئاجايىپ بىر دەۋىر بولغان، پەقەت خوشاللىقنىلا كۆرەلىگەن، ئازابلىق كۈنلەر، ھەسرەتلىك قەلىبلەر ئۇنىڭغا ناتۇنۇش ئىدى. ئەپسۇس، ئۇ بۈگۇن ئۆتمۈشىدە ئۇنتۇلغان ئاشۇ دەملەر ئۈچۈن پايپېتەك ئىدى.
گاھىلارنى نام شەرىپى ئېغىزدىن- ئېغىزغا كۈچۈپ، كۈرۈپ باقمىسىمۇ ئىسمىنى، قىلمىش ئەتمىشلىرىنى تېنىمەي دىيەلەيدىغان دەرىجىدە قەلىبلەرنىڭ چوقۇر قېتىغا ئاستا- ئاستا ئورناپ كەتمەكتە ئىدى. شۇنداق ئابىدىلەرمۇ بار ئىدىكى پۈتكۈل دۇنيا شەرەپ ھەسنىسىدىن ئورۇن بىرىپ، ئەھمىيەتلىك خاتىرە كۈنلەرنى بىكىتىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشىدىغان.
كېتىۋاتىمىز، قىلمىش- ئەتمىشلىرىمىز ئۈچۈن گاھ ئۈكۈنسەك، گاھ شاتلىنىپ. قەدەملىرىمىز ئاستىدا چەيلەنگەن پۇرسەتلەرنى ئىزدەش بىلەن گاڭگىراپ بىھۇش بولغان ئىدۇق.
پەسىللەر بولسا ئۆزىمىزنى نامايان قىلدىغان ئاجايىپ بىر سەھنە ئىدى. رەڭگارەڭ تاۋار دۇردۇنلار ئىچىدە قانداق قىلىشنى بىلمەي گۈزەللىك ئىزدەش بىلەن ئاۋارە ئىدۇق. تۈگىمەس قاتار چايلار، ئايىقى چىقماس ئولتۇرۇشلار زېھنىمىزنى ئۇپراتقان ئىدى. ئۆزىمىزنى يۈرەكلىك تۇنىيالماستىن ئۆزەگىلەرگە باھا بىرىشكە ئامراق ئىدۇق. ئۆزلۈكنىڭ قەلبىمىزدىكى ئوبرازى پۈتۈنلەي خۈنۈكلەشكەن ئىدى.
كېتىۋاتىمىز، كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولىۋاتقىنى ئاجايىپ بىر دۇنيا. ئۆزىنى، ئۆزگىنى ئالداشتەك قىلمىش- ئەتمىشلىرىمىز بىلەن يىللار قوينىدا قالدۇرغان ئىزلىرىمىز، ئەۋلادلار ئۈچۈن ئاچچىق بىر ساۋاق.......
ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىي قانداق ياشاشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان بىزلەر ئۈچۈن يول ئېچىپ بىرىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. مەيخانىلەردە، رەڭلىك سورۇنلاردا ئۇپرىغان زېھنىمىز بىلەن كىيىنكىلەرگە شەرمى- ھايا، بۈيۈك مىللىي ئەخلاق ھەققىدە سۆز ئېچىشقا ئاجىز ئىدۇق.
يىللار ئىزلىرىمىزنى ئاستا- ئاستا كۈمۈپ تاشلىماقتا ئىدى.
ئىلگىرى توي ئىگىسى ئەل- جامائەت داستىخان سالغان بولسا، بۈگۈنكى توي ئىگىللىرىمىز ئەسلىمىزنى ئۇنۇتقان ھالدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ سايىسىدە ئۇدۇممىمىزغا يات بولغان زامانىۋى سالاپەت بىلەن توي ئالۋىڭى يىغىش بىلەن ئاۋارە ئىدۇق. ئايىقى چىقماس باردى كەلدىلەر چىرايىمىزنى سارغايتقان ئىدى.
كېتىۋاتىمىز، ئالدىمىزدا قانداق قىسمەتلەرنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقى نامەلۇم. شۇنىسى ئېنىقكى، بىز ئادىمىيلىگىمىزنى، ئىنسانىي قەدىر- قىممىتىمىزنى، كەلگۈسىمىزنى مەنىسىزلىككە تۇيۇنغان قەدەملىرىمىز ئارقىلىق خورىتىش بىلەن ئاۋارە...........
بىزنىڭ يىللار قوينىدا قالدۇرغان ئىزلىرىمىز، ئەنئەنىدىن ياتلاشقان كەچمىشلىرىمىز، ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى تۇنۇيدىغان ئۆرنەك ئەمەس بەلكى ئىززەت غورۇرىغا مۇخالىپ ئاچچىق بىر ساۋاق بولسا، ئەۋلادلارنىڭ يولىغا توساق بولغان بىز ئەجداد ۋە ئەۋلادلارنىڭ نەزىرىدە مەنىۋىيتى پۈچەك ۋە روھىي كەمتۈكلەردىن ھېسابلىنىپ، ئۆزگىلەرگىلا ئەمەس ئۆزىمىزگىمۇ يۈز كېلەلمەي ياشىغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەتتا ئەپسۇسلىنىشقىمۇ ئۈلگىرەلمەي قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ ئىدى.................
ھەممە ئاق لىباستىن تون كىيگەن، خۇددى نىمىگىدۇر قارلىق تۇتىۋاتقاندەك. زىمىن ئېغىر سۈكۈتكە چۆمگەن. بالىلار ئۆزلىرى ياسىغان قار بوۋاي بىلەن قارلىق ئويۇنى ئوينىماقتا.............
مەنبە:مەن
كورلا