ئانا تىل ھەققىدە روبائىيلار
ئانا تىل ئانىنىڭ مىھرىدىن تامغان،
مىھرىگە پەرزەنتلەر سۈت بىلەن قانغان.
قانداقمۇ ئۆزىنى ئىنسان ھېساپلار،
سۈت بەرگەن ئانىنىڭ تىلىدىن تانغان؟!
ئويلىغان ھەرخىل تىل بىلەن ئويلىشار،
تەپەككۈر ئانا تىل بىلەن تويلىشار.
ئۆزگە تىل بويلاشسا روھتا[دەريا]غا،
ئانا تىل دېڭىزى شۇڭغار - بويلىشار.
بوۋاقلار گۇڭرايدۇ بالا تىلىدا،
موزايلار مۆرىشەر كالا تىلىدا.
شاتۇتى بۇلبۇلنى دورىغان بىلەن،
سايرارمىش مەھشەردە ئانا تىلىدا.
ئوغۇزدىن كۈچ-قۇدرەت ئىمىپ ئوغۇزخان،
[مەن خاقان]دەپ دەسلىۋىدە قىيان ئوۋلىغان.
تەڭرىنىڭ قامچىسى ئاتىلىپ ھەمدە،
ئاتىللا شۇ تىلدا ھۇررا توۋلىغان.
قوي ئۈچۈن ئانا تىل ئۇنىڭ مەرىشى،
كالىنىڭ مۆرىشى،ئاتنىڭ كىشنىشى.
بۇيرۇلسا ئۇلار گەر قۇشلار تىلىغا،
كەينىگە ئايلىنار پېلەك گەردىشى.
تىل ئۇ ئىنساننىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى،
ئاچقۇچى كۆپ كىشى بايدۇر باشقىچى.
ۋە لىكىن ئانا تىل بىلمىگەن ئادەم،
ئۆز ئۆيى ئالدىدا ئىشىك باققۇچى.
جان ئەزىز ۋە لىكىن بىر كۈن كىتىدۇ،
قەبرىنى مەڭگۈلۈك ماكان ئىتىدۇ.
ناھەتكى خىسلەتلىك ئۇلۇغ ئانا تىل،
بىر ئەمەس،تۈمەن مىڭ ئەۋلات يېتىدۇ.
ئاپتۇرى: تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-6 07:40 PM