ئسلام خەلىپىلىرىدىن4-خەلىپە ئەلى ھىجىرىيەنىڭ35-يىلىغىچە ،يەنى مىلادىنىڭ656-يىلىدىن661-يىلىغىچە خەلىپە بولدى؛مىلادىنىڭ661-يىلى 1-ئاينىڭ24-كۇنى سەھەردە كۇفە شەھىرىدە خاۋارىچ(بۆلگۈنچى)لاردىن ئابدۇرەخمان ئبنى مۇلجەم تەرىپىدىن زەھەرلىك شەمشەربىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ.
خەلىپە ئەلىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئەرەپ ئسلام تارىخىدا ناھايتى مۇرەككەپ ئاقىۋەتكە سەۋەپ بولدى ھەم دەۋىر بۆلگۈچ ۋەقە بۇلۇپ قالدى.
632-يىلى ئەبۇبەكرىدىن تارىپ 661-يىلى ئەلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۆتكەن دەۋىر ئەرەپ ئمپىرىيىسىنىڭ جۇمھۇرىيەت دەۋىرى ئدى.ئەلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇئاۋىيە ئەلى ھەققىدە بۆھتان تارقىتىپ ۋە ھەربى كۈچىگە تايىنىپ،ئروسالىمدا ئۆزىنى خەلىپەدەپ ئلان قىلدى ھەمدە ئوغلى يەزىتنى خەلىپە قىلىپ بىكىتتى. نەتىجىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن سايلام ئارقىلىق يولغا قويۇلۇپ كەلگەن خەلىپىلىك تۈزىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ،ئاتىدىن بالىغا بىۋاستە مىراس قالىدىغان پادىشاھلىق تۈزىمى مەيدانغا كەلدى.
ئەلىنىڭ ئوغوللىرى(مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرى)دىن ئمام ھەسەن سۈيقەسىت بىلەن ئۆلتۈرۈلدى؛ ئمام ھۈسەيىن كۇفە شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى دەشىت كەربالادا مۇئاۋىيەنىڭ ئوغلى يەزىت تەرىپىدىن پاجەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلدى. بۇكۈن ھىجىرىيەنىڭ 61-يىلى(مۇھەررەم) نىڭ 10-كۈنى(مىلادىنىڭ680-يىلى10-ئاينىڭ10-كۈنى) ئدى.مەلۇم ئجدىمائي ئاساسقا ئىگە شىئە مەزھىپى شۇ كۈنى قۇرۇلدى ۋە سۈننى مەزھىپىگە قارشى بايراق كۆتۈردى، ئسلامىيەت دۇنياسىدىكى يۇشۇرۇن زىددىيەت ئاشكارلىنىپ ۋە تېخىمۇ كۈچىيىپ،ناھايتى زور بۆلۈنۈش مەيدانغا كەلدى.مانا بۇدەل ئسلامىيەتنىڭ بۆلۈنىشىدىكى چوڭ ۋەقە كەربالا پاجئەسىنىڭ ئلىپ كەلگەن ئاقىۋىتى.
شىئە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسى
ئىسلام تارىخى كىتاپلىرىدا دىيىلىشىچە بۇ مەزھەپنىڭ ئاساسچىسى ئەبدۇللاھ ئىبنى سەبباھ ئىسىملىك كىشى
ئىكەنلىكى قەيىت قىلىنىدۇ. ئەبدۇللاھ ئىبنى سەبباھ ئەسلى يەھۇدى بولۇپ، كېيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ۋە خەلىپە ئوسمان دەۋرىدە ئەلىنىڭ كۈچلۈك تەرەپدارلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. ئۇ خرىستىئان تەلىماتلىرىغىمۇ كامىل بولۇپ، دەسلەپتە شىئە مەزھىپىنىڭ ئىماملىققا ئائىت تەلىماتلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇ تەلىماتتا، ئىماملىق خۇدا بەندىلىرىگە شاپائەت تەرىقىسىدە بېغىشلىغان ئىلاھىي مەرھەمەتدۇر، دەپ قارىلىدۇ. ئەبدۇللاھ ئىبنى سەبباھنىڭ پىكرىچە، ئىماملىقمۇ خۇددى پەيغەمبەرلىككە ئوخشاش سايلام يولى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلىدىغان مەرتىۋە بولماستىن، بەلكى قانداشلىق ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلىنىدىغان، ئالدىنقى ئىمام ئۆز ئىختىيارى بىلەن كېيىنكى ئىمامنى تەيىنلەيدىغان ئىلاھىي مەرھەمەتتۇر. مەزكۇر تەلىماتتا، ئادەملەر بۇ دۇنيادا ئىمامسىز ياشىيالمايدۇ ۋە ئۆز ئىمامىنى تونۇمايدىغان ھەرقانداق شەخس جاھىل ھەم ناداندۇر.
ئىمام پەيغەمبەرلەرنىڭ خەلقنى خۇدا يولىغا دەۋەت قىلىشىدىكى ۋە يەر يۈزىدە ئادالەت ئورنىتىشىدىكى ياردەمچىسىدور، دەپ قارىلىدۇ. ئىماملارنىڭ ئىلاھىي مەرھەمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، شىئە ئەھلى ئىمام بولغۇچىلارنى ھەرقانداق چوڭ - كىچىك گۇناھلاردىن خالىي،ھەممە جەھەتتىن پاك ۋە ئۆزگىچە پەۋقۇلئاددە سۈپەتلەرگە ئىگە، دەپ قارىشىدۇ. ھەرقانداق دىنىي، سىياسىي مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ دېگىنى توغرا، ھېچقانداق بەس - مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، دەپ ھېسابلىشىدۇ. ئىماملارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ئىشەنمەي، ئۇلارنى بېھىشتە مەڭگۈ تىرىك ياشايدۇ، دەپ قارىشىدۇ. شىئە مەزھىپىنىڭ ئىلاھىي نۇر توغرىسىدىكى تەلىماتىدا، ئىلاھىي نۇر ئادەم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن باشلاپلا ئۇلۇغ كىشىلەر ئارىسىدا كۆچۈپ يۈرگەن، كېيىن ئۇ پەقەت پەيغەمبەردىن پەيغەمبەرگە كۆچىدىغان بولغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىلاھىي مەرھەمەت تۈپەيلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى ئەبدۇلمۇتەللىپنىڭ تېنىگە كۆچكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلاھىي نۇر ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى ئەبدۇللاھنىڭ تېنىگە ۋە ئۇنىڭدىن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە كۆچۈپ توختىغان. ئىلاھىي نۇرنىڭ يەنە بىر قىسمى ئەبدۇلمۇتەلىپتىن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تاغىسى، يەنى ئەلىنىڭ دادىسى ئەبۇتالىپقا، ئۇنىڭدىن ئەلىگە كۆچكەن. ئەلىدىن يەنە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا كۆچىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇزاققىچە داۋام قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شىئە مەزھىپىنىڭ بۇ خىل تەلىماتى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا نۇرغۇن ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىپ، كۆپلىگەن پىرقىلەرگە ۋە پىرقىلەرنىڭ يەنە ئۆز ئىچىدىن تارماقلارغا بۆلۈنىشىگە سەۋەب بولدى. شىئە مەزھىپىدىكى غۇلات (ئىسلامدىكى چېكىدىن ئاشقان )پىرقىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە بۇنداق پىرقىلەرنىڭ سانى جەھەتتىن كۆپىيىشى ھەمدە بەزى غۇلات پىرقىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىلگىرىكى قاراشلارغا نۇرغۇن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىماملارغا ئىلاھىي سۈپەتلەرنى نىسبەتلەشتۈرۈشى، بەزىدە ئىماملارنى خۇدا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىدىغان پىكىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشى نەتىجىسىدە، ئاخىرقى ھېسابتا غايىپ ئىمام، رىجئەت قىلغان ئىمام، سەتر ( پەردە ئىچىدىكى ) ئىمام، مۇنتەزەر ( كۈتىلىۋاتقان ) ئىمام، مەھدى ئىمام، قائىم ئىمام قاتارلىق نۇرغۇن نەزەرىيىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالدى. شۇنداق قىلىپ شىئە مەزھىپى ئىلاھىيەتشوناسلىقىدا ئىماملارغا ئىلاھىي نۇرنىڭ روسۇخ قىلىدىغانلىقى ( سىڭىپ كىرىدىغانلىقى ) توغرىسىدىكى تەلىمات مەيدانغا كەلتۈرۈلدى. بۇ تەلىمات ئوتتۇرا ئەسىردە « نۇرى مۇھەممەدى » نامى بىلەن ئاتالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ تەلىماتىمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىككە يۈزلىنىپ، مۇرەككەپ تۈس ئالدى ؛ تەناسۇخ (روھنىڭ تەندىن تەنگە كۆچۈشى)، ھولۇل ( روھنىڭ تەن بىلەن بىرلىشىشى ) مۇشەببىھە ( ئانتراپومورفىزم ) گە ئوخشاش نەزەرىيىلەر بارلىققا كېلىپ، بەزى پىرقە ئاساسچىلىرى ھەتتا خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەردى.
ئاللاھ ھەممىنى بىلگۇچىدۇر.
مەنبە:جورجى زەيدان<<رامىزاننىڭ ئون يەتتىسى>>
<<ئىسلامدىكى مەزھەپلەر>>
بىر ئىسلام تارىخىغا قىزىققۇچى قىرىندىشىمىزنىڭ ئىزدىنىشىدىن.