مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1252|ئىنكاس: 16

بىر سوم پىلانىنىڭ 7-يىللىق خۇلاسىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72430
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 02:44:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ھۆرمەتلىك دوسىتلىرىم  ،" بىر سوم پىلانى" مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پائالىيتىنىڭ   بارلىق خەيىر -ساخاۋەت يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىدىن   ھەر يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە تور ئارقىلىق ئۇنىڭغا قاتنىشىپ ئىقتىسادى ياردەم قىلغان ساخاۋەتچىلەرگە ۋە شۇ قاتارى بارلىق تور ئەھلىگە خۇلاسە قىلىپ يېزىپ كەلگەنگە ئالتە  يىل بولۇپتىكەن ،مانا مۇشۇ يېڭى يىل دەقىقىلىرى، سىزلەرگە بۇ پائالىيەتنىڭ 7-يىلىدىكى پائالىيەتلىرىدىن خۇلاسە بەرمەكچى بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن .
2011-يىلىدىن ئاشقان پۇل :6547.86 سوم (ئالتە مىڭ بەش يۈز قىرىق يەتتە سوم سەكسەن ئالتە تىيىن
)
بۇ  يىل يىغىلغان پۇل :30797.8 سوم (ئوتتۇزمىڭ يەتتە يۈز توقسان يەتتە سوم سەكسەن تىيىن )
بۇ يىلقى جەمىئىي جۇغلانما پۇل :
30797.8+6547.86=   37345.66 سوم (ئوتتۇز يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز قىرىق بەش سوم ئاتمىش ئالتە تىيىن )
     ئەمدى 2012-يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان مېھرىبانلىق پائالىيەتلىرىنى يېزىپ ئۆتىمەن :

     بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرېستېتىدا ئايلىقى 300 سومدىن ياردەم ئېلىپ  بەش يىل ئوقۇغان قىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ غۇلجىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتى .
    شىئەن چەتئەل تىللىرى ئىنىستىتۇتىدىكى بىر قىز ياردەمگە ئېرىشىپ ھەر ئايلىقى 500 سوم پۇل ئەۋەتىلمەكتە  ،قالغان ياردەم ئوبىكىتلىرى بولسا ئىككى مىللەتتىن بولغان  بەش نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە بورتالادىكى دوسىت بۇرادەرلەر  پىلانىمىز ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان ئوسمانجان ئىسىملىك بىر كېسەل يىگىت .
   بۇ يىل -9ئايدا توردا مۇراجەتنامە چىقىرىپ شىنجاڭ قۇرلۇش بىناكارلىق مەكتىۋىدىكى ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەي ئوقۇشتىن چېكىنمەكچى بولغان  بىر خوتەنلىك قىزغا 4000 سوم ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بەردۇق ،ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئالاقىدر بالىلار بۇ قىزنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى ھەل قىلىپ بەرمەكتە ،ھەر ئايلىقى يەتمىگىنىگە مەن ئەۋەتىمەن(تېخى ئەۋەتىپ باقمىدىم )
   تورداشلارنىڭ يىللاردىكى پىكىر تەكلىۋى ۋە مەزكۇر ساخاۋەت پائالىيىتىنىڭ خاسلىقىغا ئاساسلىنىپ  تور يۈزىدە  ياردەم ئېرىشكۈچىلەرنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارا ئەيلىمەيمەن ،لىكىن بىلىشنى خالىغۇچىلارغا توردا چ چ مۇڭداشقۇسى ئارقىلىق بىر سوم پىلانى ئالبومى ،ھېسابات خاتىرە دەپتىرى ،ئىئانە دەپتىرى  قاتارلىقلارنىڭ فوتو نۇسخىسىنى  ئەۋەتىپ بېرىمەن(كۆرۈپلا قالغايكى ،توردا تارقىتىپ يۈرمىگەي ،غورور بىباھا ) ،بورتالا شارائىتىدىكىلەر بىۋاستە مەن بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ ،مەن ۋاقىت ئاجىرىتىپ  كۆرسىتىپ قويىمەن .

1.   بورتالا شەھىرىدىكى ئوسمانجان ئىسىملىك بىمار يىگىتنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن بورتالادىكى مەلۇم چايدىكى قىزلار شۇنداقلا باشقا ساخاۋەتچىلەرنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىپ ھەر ئايلىقى ئۇن ،ماي ،گۈرۈچ ،كۆمۈر،ۋە سۈت كالىسى ئېلىپ تۇرمۇشىنى قامدىشى ئۈچۈن بېرىلگەن پۇل 5060 سوم . ئېغىر ئەمگەك ئىقتىدارى يوق بۇ بالا ھازىر بىزنىڭ مەھەلىدە سۈت سېتىپ شۇ ئارقىلىق تۆت جاننى بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرمەكتە .
2.  بورتالا شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككى مەۋسۈملۈك ئوقۇش تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا 400 سوم پۇل بېرىلدى .
3.    بورتالا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى  قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككى مەۋسۈملۈك ئوقۇش تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا 400 سوم پۇل بېرىلدى .
4.  توردا مۇراجەتنامىسى چىققان ئۈچ ياشلىق مەۋفۇئەگە تورداشلار ھاۋالە قىلغان 100 سوم پۇل ئەۋەتىپ بېرىلدى .
5.  بورتالا شەھەر چىندىل يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئىككى مەۋسۈم 600 سوم پۇل ياردەم بېرىلدى .
6.   شىئەن چەتئەل تىللىرى ئىنىستىتۇتىدىكى قىزغا مەكتەپتە ئورۇنلىشىش پۇلى ،ھەر ئايلىق تۇرمۇش پۇلى ۋە تۇنجى يىللىق ئوقۇش پۇلىغا 13110 سوم پۇل خىراجەت قىلىندى .
7.   بۇ يىل مارت ئايلىرى بورتالادىكى تورداشلار يىغىش قىلىپ بورتالا بەشىنچى دىۋزىيە دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان شوجۇڭپاڭ ئۈچىنچى كەنىتلىك يوقسۇل بىمار ئابدۇرېھىمغا نىشانلىق يىغىلغان 1000 سوم ياردەم قىلىندى .
8.   بورتالادىكى دوسىتلىرىم بىلەن چىندىل يېزا مەركىزى مەكتىۋىدە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش  پائالىيىتى قانات يايدۇرۇپ بۇ مەكتەپتىكى قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا 1300 سوم پۇل ياردەم قىلدۇق .
9.   ئىزدىنىش  مۇنبىرىدىكى مەلۇم قىزغا تورداشلار نىشانلىق ياردەم قىلغان 1000 سوم پۇلنى   توردىشىمىز "گۇدلاك" ئارقىلىق يەتكۈزدۈم .
10.    شىنجاڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق مەكتىۋىدىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى ئوقۇشتىن چېكىنمەكچى بولغان خوتەنلىك سىتۇدىنىت قىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كىيىن  ئىزدىنىش مۇنبىرىدە مۇراجەتنامە يېزىپ 4000 سوم ئوقۇش پۇلىنى راسلاپ بەردۇق .ۋە ئۈرۈمچىدىكى بالىلار بۇ قىزغا ھەر ئايلىقى تۇرمۇش ياردەم پۇلى يىغىپ بېرىدىغان ،يەتمىگىنىگە بىر سوم غەللىسىدىن چىقىرىدىغان بولدۇق .
11.   بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى  بورتالا توك ئىدرىسى تەۋەسىدە ئىتتىپاق ئەزالىرى "بىر سوم پىلانى ئۈچۈن ئالاھىدە ئىتتىپاق بەدەل پۇلى تاپشۇرۇپ ،نامىراتلارغا  ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردۇق ،200نەپەر ئىتتىپاق ئەزاسى قاتنىشىپ جەمىئىي 6272.5سوم پۇل يىغىلدى ،بۇ پۇلدىن  2400 سوم نەق پۇل ،2400 سومغا ئالتە توننا كۆمۈر ،834.8يۈەنلىك ئۇن ماي گۈرۈچ ئېلىپ 5634.8سوم پۇل بىلەن  بىر ئۇيغۇر،بىر خەنزۇ ئائىلىنى يوقلاپ ئىللىقلىق يەتكۈزدۇق .
بۇندىن باشقا بانكا كارتىسىنىڭ قىسقا ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئۈچۈن 36 سوم ،يىللىق ھەققى ئۈچۈن 10 سوم ،تورداشلار كارتىغا ئەۋەتكەن  پۇللاردىن بىزدىن تۇتۇلغان رەسمىيەت ھەققى 25.5 سوم .

شۇنداق قىلىپ 2012-يىللىق قىلىنغان چىقىم :
32676.3سوم(ئوتتۇز ئىككى مىڭ ئالتە يۈز يەتمىش ئالتە سوم ئوتتۇز تىيىن )
بۇ يىلقى كىرىم  37345.66 دىن بۇ  يىلقى چىقىم قىلىنغان پۇلنى ئېلىۋەتسەك 2013-يىلىغا ئېشىپ قالغىنى :

37345.66     -    32676.3=4669.36
ھازىر قالغان پۇل جەمىئىي تۆت مىڭ ئالتە يۈز ئاتمىش توققۇز سوم ئوتتۇز  ئالتە تىيىن


         بىر سوم  پىلانى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 7يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ 8-يىلىغا قەدەم قويدى ،بۇ  مېھرىبانلىق پائالىيىتىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلىشى ئۈچۈن پۇل ماللىرىنى  ماڭا ئىشىنىپ ئىئانە قىلغان ھەر مىللەتتىن بولغان بارلىق ساخاۋەتچىلەرگە سەمىمىي ئېھتىرام ،بىر ئىشنى باشلاش ئاسان ،لىكىن داۋام ئەتتۈرمەك تولىمۇ تەس ،بۇ پائالىيەتنى مەن ھېچقانداق ئۆرنەك يوق ، قىزغىنلىققا تايىنىپلا باشلىغان ئىدىم ،لىكىن ھازىر ئۇ ھەممىمىزنىڭ بىر سوم پىلانىغا ئايلاندى .ناۋادا مىڭلىغان 1سوملارنى ئېرىنمەي يوللاپ بەرمىگەن بولساڭلار بەلكى مەن يېرىم يولدا چېكىنىشىم مۇمكىن ئىدى ،لىكىن ماڭا سىلەر يار يۆلەك بولدۇڭلار ،سەمىمىي تەكلىپلىرىڭلارنى ،قوللاش قۇۋۋەتلەشلەرنى ئايىماي مەدەت قىلدىڭلار ،1سوم بىر كىشى ئۈچۈن ھېچقانچە ئەمەس ، بىر سوم پىلانىنىڭ 10 ياشقا ،20 ياشقا ،ھەتتاكى 100ياشلارغا كىرىشى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ  ھەرگىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام ئېتىشى ئۈچۈن  ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ،سەمىمىيىتى كېرەك ئەلبەتتە ،چۈنكى مىڭلىغان ،يۈزمىڭلىغان يانچۇقلاردىن بىر سومدىن چىقىرىدىغان بولساق  كېسەل كارۋىتىدا ئىڭراۋاتقان تالايلىغان كېسەل قېرىنداشلىرىمىزغا ، ئالىي مەكتەپلەردە كۈنلۈكى 3ۋاق قاتتىق نان غاجاپ تىرىشىپ ئوقۇۋاتقان مىڭلىغان سىتۇدىنىتلىرىمىزغا ياردەم بېرەلەيمىز .شۇڭا دەيمەنكى بىر سوم پىلانىنىڭ خاسىيىتى    ھەرگىزمۇ پۇلنىڭ ئاز كۆپلۈكىدە ئەمەس ....بۇنى پىكىر قىلغۇچى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ  ئەلبەتتە ...
قېرىندىشىم :تورلاردا مۇراجەتنامىلەر ساماندەك يۈرۈپتۇ ،بەلكى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسىگە پۇل سالماقچى بولۇپ بانكىغا مېڭىش پىلانىڭىز باريۇ ،ئۇ ئىش ،بۇ ئىش بىلەن بانكا ئالدىدىن نەچچە قېتىم ئۆتۈپ كەتكەنسىز ،سىزنىڭ پۇلنى غاچچىدە ئاغدۇرىۋەتكىڭىز باريۇ لىكىن ئۇنتۇلۇپ قالدى ،ياق ،قېرىندىشىم ياق ،كارتىدىن كارتىغا پۇل ئاغدۇرۇشقا پەقەت ۋە پەقەت 1مىنۇتلا  ۋاقىت كېتەر ،كارتىڭىزدا  يىلدىن يىلغا  ئېشىنىپ تۇرغان نەچچە ئونسوم پۇلنى ئەنە شۇنداق مۇراجەتنامە ئىگىلىرىگە ئەۋەتىپ قويۇڭ ، قولىمىزدىن كەلسە بارلىق تور ئەھلى مۇشۇ ئىشقا ئادەتلىنەيلى ،بىر سوم ئاز ئەمەس ،100 سوم كۆپ ئەمەس ،لىكىن  تەشنالىقتا قالغان ئەشۇ بىچارىلەرگە شۇ نەچچە سوم پۇل ھېچ دال بولالمىسىمۇ لىكىن  پۇل  كىرگەن ئۇچۇرلار نى كۆرگەن شۇ بىچارىلەرنىڭ كۆڭلى ئاۋۇپ قېلىشى ، سۆيۈنۈپ قېلىشى ئېھتىمال ،شۇڭا دەيمەن ھەممىمىز مۇھەببەتنى ئەمەلىيىتىمىزدە ئىپادىلەيلى !
ئاخىرقى سۆزۈم شۇكى ،يەنە داۋاملىق تىرىشايلى ،سىزنىڭ ،مېنىڭ مىننەتسىز بەرگەن 1سوم پۇللىرىمىزنىڭ جۇغلىنىشى بىلەن بىر سوم پىلانى تېخىمۇ راۋاج تاپسۇن ،تېخىمۇ كۆپ سىتۇدىنىتلار ئالىي مەكتەپنى خاتىرجەم پۈتتۈرۈپ ياراملىق كىشىلەردىن بولسۇن  ،تېخىمۇ كۆپ ھاجەتمەنلەر نىڭ ھاجىتى راۋا بولسۇن ،كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن ،دۇنيا مېھرى مۇھەببەتكە تولسۇن ،سەمىمىيەت ،ئىناقلىق گۈللىرى پورەك ئاچسۇن .......
بىر سوم پىلانىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى :ئەيساجان نىزامىدىن ،تور تەخەللۇسى ۋاپادارىم912
دۆلەت ئېلىكتىر تورى بورتالا توك ئىدارىسىنىڭ ئىشچىسى
يانفون نومۇرى 13565777257:
چ چ نومۇرى 365199404

2012-يىللىق خۇلاسە شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى .
شەھــــــــرى بــــــــــورتالا
    ئەسكەرتىش :،تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ بىلىشى ئۈچۈن بۇ ماقالىنى ھەر قايسى  ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ئېلان قىلىشىڭلارنى    بەك بەك بەك ئۈمۈت  قىلىمەن ....
بىر سوم پىلانى مەخسۇس فىلىمى ؛
http://www.56.com/u80/v_NjIxOTcwNjE.html

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tohtihan1 + 126 ماختاشقا تېگىشلىك
ap~qilam + 20 ئاپىرىن ، ياشاپ كېتىڭ.
Eltekin + 99 ما پۇل بۇغداي سۆزۈم بو.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 245   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72430
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 02:46:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2006-يىلى 4-مارت كۈنىدىن تارتىپ بۇ يىل بېشىغىچە جەمىئىي يىغىلغان پۇل 87086.71...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6784
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 79392
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7582 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:28:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم بۇ پائالىيەتتىن. ھەقىقەتەن بىر سومنىڭ كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1899
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:31:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بىر سوم پىلانىنىڭ تىخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ! ئەيساجان سىزگە بىر تەكلپ بىرەي ،سىز مۇشۇ تاۋباۋ غا ئوخشاش بىر كۇنۇپكا بىلەن پۇل ئاغدۇرغۇلى بولىدىغان توربەتتىن بىرگە ئەزا بولغان بولسىڭىز . گەپلىرىم ئوشۇقچە بولسا نەقىل قىلماڭلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46980
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2936
تۆھپە نۇمۇرى: 1937
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rivayat1986 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-6 03:31 PM
بىر سوم پىلانىنىڭ تىخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمۈد قى ...

ئالىپاي ئادرىسى بار، شۇنىڭغا سۈف دەپلا يۆتكىيەلەيسىز

بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85965
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 492
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:36:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ساخاۋەتلىك بىر پىلاننىڭ بارلىقىدىن بۈگۈن خەۋەر تاپتىم ، زىيارەت فىلىمىنىمۇ كۆرۈپ شۇنداق تەسىرلەندىم .ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس .

قەلبىڭگە ئۆزەڭ باشلىغان ئىدىڭ ،بۈگۈن قوغلاپ چىقارماقچى بولدۇڭ. قەلبىڭدە ئورنۇم قالمىدى.سەنسىز مۇنبەرنىڭ نىمە ئەھمىيىتى .ھاياتىڭدىن يۇقايمەن ھازىدىن باشلاپ.خەيىر جېنىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:38:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulayha يوللىغان ۋاقتى  2013-1-6 03:28 PM
تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم بۇ پائالىيەتتىن. ھەقىقەتەن بىر سو ...

ھەمىدىن يوقى يامان ئەمەسمۇ قانداق دېدىم

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1899
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:38:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2013-1-6 03:33 PM
ئالىپاي ئادرىسى بار، شۇنىڭغا سۈف دەپلا يۆتكىيەلەيسىز

ھەجەپ ئاڭلاپ باقمىغان ئادىرىسكەن . سىلى «سۈف»دىسەڭلا چۈشىدىغان .

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5759
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:44:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  ئەيساجاننىڭ ئىش پائاليەتلىىرنى كۆرۈپ ناھايتىمۇ خۇرسەن بولدۇم ، بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق توختۇتۇپ قويماي ئىلىپ بىرلىشىنى ئۈمۈد قىلمەن ھەمدە قولىمىزدىن كىلىشچە ياردەم قولىمىزنى ئايمايمىز  . شۇنداقلا داۋاملىق قوللايمىز .....كەڭ تورداشلىرىمنىڭ ۋە كەڭ ساخاۋەتچى خەلق ئاممىسنىڭ قوللىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن .....

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 2680
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 28464
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 04:04:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاما - تاما كۆل  بۇلار  دېگەن  ھېكمەت  يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى. مېنىڭچە  بۇ بىرسوم پىلانىنى  ھەربىر  ئۇيغۇر  بىلىشى  كېرەكتەك  قىلىدۇ.  
       ئوتتۇرا  ھىساب  بىلەن  ئون مىليۇن ئۇيغۇر،  يىلدا بىر يۈەندىن، جەئى  10مىليۇن يۈەن، 10مىليۇن  يۈەن  بىلەن   يىلدا  ئەڭ  كەم  بولغاندىمۇ   ئىقتىسادى  ئاجىز  دېھقانلىرىمىزنىڭ 2000  پەرزەنتىنى  ئالى مەكتەپكە  ماڭدۇرغىلى،ھۆكۈمەتنىڭ ئىنسابسىز  دوختۇرخانىلىرىدا   ھاياتلىق  نۇرلىرى مۆلدۈرلەپ تۇرغان 1000  جۈپ  قارا  كۆز ناراسىدىمىزگە  شىپايى  سەۋەب قىلغىلى.  ھۆكۈمەت  يولغا   قويسا  10  ئورۇنغا  ئانا  تىل  يەسلىسى  سالغىلى بولىدۇ.
    لېكىن  بىز  يىلدا  ئاشۇ  بىر  يۈەننى  مىموريال  قىلىپ  بەرسەك   يىللىق   كىرىمىمىزگە   قىلچىلىك   تەسىر  كۆرسىتەرمۇ، ياق،  ئادەتتىكى  ئوتتۇرىچە  كىرىمنى ھىساپلىغاندىمۇ  يىگىرمە  مىڭدىن  بىرى  دېگەن  گەپ.
       بولدى،  مەن  قېتىلدىم، ھۆكۈمەتنىڭ   نى - نى  قۇرۇق پىلانلىرىنىمۇ  جاندىللىق  ئەمىللەشتۈرۈپتىكەنمىز. بۇ  پىلاننىمۇ  ئەمىللەشتۈرىمىز!!!

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش