مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3683|ئىنكاس: 52

تۇداخۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 01:57:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇداخۇن
         
(مۇخەممەس)
چاخچاقچىلار ئىچىدە زور ئاتالغان تۇداخۇن،
توي-تۆكۈندە،سورۇندا چاڭ چىقارغان تۇداخۇن،
بەرمەس باينىڭ قۇلىدىن نان چىقارغان تۇداخۇن،
‹‹رەقىبى››نىڭ ئىچىدىن‹‹قان››چىقارغان تۇداخۇن،
ئەلنى سۆيۈپ دىلىدىن نام چىقارغان تۇداخۇن.

تۇداخۇنلار كەلگەندە كۈلكە، چاخچاق قىزىيتتى،
ھىسامكام ھەم ياقۇپلار نەچچە يەردە ئېزىيتتى،
تۇداخۇنلار چاخچاقنى مارجان كەبى تىزىيتتى،
ئۆرۈمىنى شۇڭلاشقا سۈپۈرگىدەك سېرىيتتى،
چاخچاقچىلىق بابىدا ‹‹خان››ئاتالغان تۇداخۇن.

بەزى ئېيتار :تۇداخۇن، ئۆزى ۋىجىك چامداندەك،
بۇيى ئەجەپ ئۆسمىدى ،خۇددى بوران سوققاندەك،
ئۆزى ۋىجىك بولسىمۇ ئولتۇراتتى ئۇ خاندەك،
چاخچىقىنىڭ ۋەزنى بار، بازغان بىلەن سوققاندەك،
ئەقىل-ئىدراك بابىدا‹‹جان››ئاتالغان تۇداخۇن.

چاخچاق بىلەن سورۇندا چىقتى سىزنىڭ نامىڭىز،
ئېنىق ئىدى سىزنىڭكى، ئۇندا نومۇس-ئارىڭىز،
يېقىن ئىدى ۋە لېكىن ئاۋام بىلەن ئارىڭىز،
ئاۋام كۈلسە ،خۇش بولسا ساقىياتتى يارىڭىز،
مېھرۇ-ۋاپا بابىدا ‹‹نان›› ئاتالغان تۇداخۇن.

سۇناتتىڭىز تاپقاننى ئالدى بىلەن نامراتقا،
قەددى سۇنۇپ پۈكۈلگەن، پۇل-پۈچەككە ئۇ ياتقا،
ھاجەتمەنلەر كۈلگەندە ئايلىنىپ سىز بىر شادقا،
سۈرۈپ تاشلاپ قايغۇنى چاخچاق بىلەن بىر ياققا،
ساخاۋەتلەر بابىدا ‹‹نۇر››ئاتالغان تۇدا خۇن.

سالام بىلەن ئېگىلىپ چوڭ-كىچىكنى كۆرگەندە،
گۈلدەك ئۆتكەن ئۆمرىڭىز دەريا بويى، گۈلشەندە،
چىللاپ كىلىپ ئاۋامنى، قايماق چاينى ئىچكەندە،
لېكىن يالغۇز كەچتىڭىز ،لاي-كېچىكنى كەچكەندە،
ئەدەپ-ئەخلاق بابىدا ‹‹گۈل››ئاتالغان تۇدا خۇن.

باھاركېلىپ ياز بولۇپ ،ئەتراپ گۈلگە تولغاندا،
ئالتۇن كۈزنىڭ شەپىسى قۇلاقلارغا ياققاندا ،
ئالمىلارنى شائىرلار قۇشاقلارغا قاتقاندا،
كېتىپ قاپتۇ تۇداخۇن قۇياش كۈلۈپ باققاندا،
نامۇ-خىسلەت بابىدا ‹‹ھۆر››ئاتالغان تۇداخۇن.

تۇداخۇننىڭ ئەلىمى ئۆتۈپ كەتكەچ يۈرەككە ،
نامە يازدىم لۈكچۈندىن ئەقلى ئويغاق ،زىرەككە،
كۈچۈم لېكىن يەتمىدى شۇ نامىدىن بۆلەككە،
يەنە يىتىم مۇھتاجدۇر ، تۇداخۇندەك يۆلەككە،
ئىلمۇ-ھىكمەت بابىدا ‹‹دۇر›› ئاتالغان تۇداخۇن؟!...   
2013    -يىلى 1 ئاينىڭ  -  1-كۈنى يېزىلدى، شەھىرى لۈكچۈن.
               
                  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-6 02:30 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4289
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 02:19:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن..............ئاپىرىن.........ئاپىرىن......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83608
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3280
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 02:48:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت   سىزگە  .راس  تۇداخۇننىڭ  چاخچاقچىلىق  ساھاسىدىكى  ئورنى  بۆلەكچە  !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84876
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 497
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 184 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 02:50:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ مەرھۇمنڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن،  ياخىش يىزىپسىز!....
قالتىس........

ئىنساننڭ ئۆمرى پەقەت‹‹نامازسىز ئەزان بىلەن ئەزانسىز ناماز،ئارلىقىدىكى ۋاقىتچىلكلا..!!!  ئۆزۈڭدىن سوراق ئىپتۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80181
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3139
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 02:54:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جانابى اللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي (ئامىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5877
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 892 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 02:54:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abuzar786 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-6 02:50 PM
ئاللاھ مەرھۇمنڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن،  ياخىش  ...

تۇداخۇن تىچلىقتۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 02:56:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-1-6 02:54 PM
تۇداخۇن تىچلىقتۇ ؟

بۇ تېمىنى ئوقىسىڭىز بىلىسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89619
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2013-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:01:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخىش يىزىپسىز!....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10817
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 698 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:05:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-1-6 02:54 PM
تۇداخۇن تىچلىقتۇ ؟

تۇداخۇن قازا قىلدى ئۇيغۇرجان

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84876
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 497
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 184 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:13:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-1-6 02:54 PM
تۇداخۇن تىچلىقتۇ ؟

سىز نەدە قالدىڭىز ۋوي ئۇيغۇرجان  . ۋاپات بولدىغۇ تۇداخۇن ئاكىمىز!

ئىنساننڭ ئۆمرى پەقەت‹‹نامازسىز ئەزان بىلەن ئەزانسىز ناماز،ئارلىقىدىكى ۋاقىتچىلكلا..!!!  ئۆزۈڭدىن سوراق ئىپتۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش