دەلىلقان سۇگۇربايۇف 1906- يىلى قۇبدىدا قازاق چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1933- يىلى ماجۇڭيىڭ قىسمىدىكى ما خەييىڭ قوشۇنى ئالتايدا قىرغىنچىلىق قىلغاندا، ئۇ ما خەييىڭ باندىتلىرىغا قارشى قوراللىق كۈرەشكە قاتناشقان.
1937- يىلى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ قۇرۇلغاندا، دەلىلقان چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ياپونغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ۋە ئالتايدىكى جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان.
1940- يىلى 9- ئايدا دەلىلقان ئالتاي ناھىيىسىگە مۇئاۋىن ھاكىم بولغان. 1941- يىلى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئىلغارلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىغاندا، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىپ، شۇ يەردە 1943- يىلىغىچە ئوقۇغان. 1944- يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالتايغا كېلىپ، تارقىلىپ كەتكەن (ئەسلىدىكى) قوراللىق قىسمىنى يىغىپ، چارۋىچىلاردىن قوراللىق قوشۇن تۈزۈپ، شۇ يىلى 10- ئايدا «ئالتاي ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتىزان ئەترىتىنىڭ باش قوماندانى بولغان ھەم گومىنداڭ بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا ئالتاينىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى دۈشمەن قولىدىن تارتىۋېلىپ ئازاد قىلغان. ئالتاينىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.
1945- يىلى ئالتاي ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ئاتلىق تۇەنجاڭ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
1947- يىلى ئالتاي ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ئاتلىق تۇەنجاڭ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1947- يىلى مىللىي ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئوسماننىڭ ئالتايغا قىلغان ھۇجۇمىنى تارمار قىلغان. 1948- يىلى 8- ئايدا شىنجاڭدا تىنچلىقنى ۋە خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى مەركىزىي تەشكىلاتىنىڭ ھەيئىتى بولۇپ، ئالتاينىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت - مائارىپ ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۆھپە قوشقان.
دەلىلقان سۇگۇربايۇف 1949- يىلى 8- ئاينىڭ 27- كۈنى مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا كېتىۋىتىپ، ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق كىشىلەر بىلەن بىللە ئايروپىلان ۋەقەسىدە قۇربان بولغان.
مەنبەسى: شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ھەقىقىي ئىشلار ئەسەر خاتىرىسى 2- قىسىم