مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: سۇپۈرگى

سۇپۈرگى:بىز زادى قانداق ئوقۇتقۇچىلارغا مۇھتاج،،! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55786
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5183
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:27:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئىگەم قولۇڭغا دەرت بەرمىسۇن قىرىندىشىم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48582
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2866
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 06:43:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
altunboxuk يوللىغان ۋاقتى  2013-1-6 12:54 PM
«ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، بىز ئالغان مائارىپ بىزگە پەن ئۆ ...

قېرىندىشىم،تساسدىپى پۇرسەتتە ما تىمىنى كۆرۈپ قالدىم.چۈنكى ئۆزۈممۇ ئاللا خالىسا نەچچە كۈندىن كىيىنلا ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن.سىزنىڭ ماۋۇ ئىكاستىكى باھا سۆزىڭىزنىڭ مەنبەسى نەكىن؟ماڭا شۇنداق ياقتى.ئېغىر كۆرمىسىڭىز ماڭا دەپ بەرسىڭىز ئىسىمدە چىڭ تۇتىۋالسام .مەن ئۇقۇغۇچىلىرىمنىڭ مۇشۇنداق گەپ قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13446
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5938 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 07:24:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-2-مەسىلىلەر ھەل بولماي ھەم ئويلىشىلماي مۇشۇنداق داۋاملىق 4-5-مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ مۇنازىرە  قىلىماقتىمىز!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ramu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-6 08:16 PM  


كۆڭۈل كۆڭۈلدىن س

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 788
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13439
تۆھپە نۇمۇرى: 1117
توردا: 1062 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 08:29:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈپۈرگىڭىزنى ئەپسىزدە ھەممىنى بىر ياقتىن سۈپۈرۈپ ،سۇر توققاي قىلىۋېتىپسىز مانا!

مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلىپ ،ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىيىلەپ قاتارغا قېتىۋاتقان كۆپ  سانلىق جاپاكەش ئۇستازلار سىز ئاجايىپ -غارايىپ تىللار بىلەن سۆرەتلەپ بەرگەن ئاشۇ بىر ئۇچۇم «ئاتالمىش ئوقۇتقۇچى»لارنىڭ قارىسىغا كېتىدىغان بولۇپ قالدى.ئاران تۇرغان غاجىغۇچىلارغا بايرام بولىدىغان بولدى-دە ئەمدى.
مەن كۆپ سۆزلىمەي سىزگە بىر تەكلىۋىم:  مۇنبىرىمىزدىكى «ئۇيغۇر مائارپىغا نەزەر»دىگەن ماقالىنى بىر ئوقۇپ كۆرۈڭ.شۇندىلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانداق ھالەتتە تۇرىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلالايسىز.ئەسەرنىڭ ئادرىسى مانا:http://www.misranim.com/adabiyat/makala/2012-12-19/5338.html
ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا «ياپۇنىيە،ئۈرۈمچى،كۇچار»دىگەن ماقالىنىمۇ بىر كۆرۈپ بېقىڭ ،شۇنىڭدىمۇ بارلىق مەسئوليەتنى ئوقۇتقۇچىلارغا ئارتقۇڭىز كېلەرمۇ؟!
شۇ ماقالىدا مۇنداق قۇرلار بار« مائارىپ ئادەملەرنىڭ ئېڭىدا مەسئۇلىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى بەكمۇ تەس بولىدىكەن.»
بۇماقالىنىڭ ئادرىسىمۇ مانا:
http://www.misranim.com/adabiyat/makala/2012-12-19/5345.html
مۇشۇ ماقالىلارنى باشقىلارنىڭمۇ قايتىدىن ئوقۇپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئاپتورنىڭ تېخىمۇ كۆپ يازمىلىرى ئەنگەر شېئىرلىرى ئۈندىدار سالونىدا .ئىزدەش نامى:angarxeirliri
سالوننى قوشۈۋېلىپ يېڭى يېڭى مەزمونلاردىن بەھىرلەنگەيسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85092
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1803
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-9-15
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 10:38:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
angar غا ؛ ئەسىلامۇ ئەلەيكۈم قېرىندىشىم بەرگەن قىممەتلىك تەكلىپ -پىكىرلىرىڭىزگە رەخمەت .مەن شۇڭا بۇ ئەسىرىمنىڭ بىشىدىلا ياخشى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا ئۇۋال قىلىپ قويماي دەپ ‹بىرقىسىم،بەزى ›دىگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ئىدىم.ھىلىمۇ نەچچە ئون يىل بولدى نۇرغۇنلىغان ئىمان-ئىتىقادنىڭ نىمەئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بىلىملىك قېرىنداشلىرىمىز سەگەك تىجارەتچى ھۆنەرۋەنلىرىمىز ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمىز شۇ سۆيۇملۈك بىزى <باغۋەنلىرىمىزنى> بۇگۈن ھوشىنى تاپار ،ئەتە ئويغۇنۇپ قالار دەپ ساقلاپ تۇرغىلى ئاخىرقى ھىساپتاقانداق  بولدى ھەم قانداق بولىۋاتقىنى بەلكىم سىزگىمۇ ئايان .ھىچ بولمىسا مەن ،ۋە سىز مۇشۇ مەسىللەرنى تونۇپ يىتىپ ئۆزىمىزدىن باشلىساق ياكى ئەتىراپىمىزدىكى تىڭىرقاپ يۇرگەنلەردىن بىر نەچچىنى بىرگە باشلاپ ماڭساق  يامان بولارمۇ قىرىېندىشىم...ھەراست سىز تەۋسىيە قىلغان ئەسەرلەرنى بىر قاتار ئەمەس بىر نەچچە قاتا ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن قاتتق ئويلۇنۇپ يازغان ئىدىم بۇ ئەسىرىمنى.تىخمۇ چۇڭقۇر ،تەپسىلىي يۈرەككە تەككۈدەك يازاي دىسەم تاياق ،توقماقلارنىڭ قارىغۇلارچە يىغىپ كىتىشىنى ھەمدە ئوقۇرمەنلەرگە ئەكىس تەسىر بىرىپ قويمىسۇن دىدىم،چۈنكى بۇ توربەتتە يالاق يالاپ پۇرسەت ،يوچۇق كۇتۇپ تۇرغانلاردىن ،ئوخلاپ قوپۇپ جۆلۇيدىغانلاردىن قانچىسى بار ھىچكىم بىلمەيدۇ.تىخى ھازىرمۇ ماراپ تىلىنى ساڭگىلتىپ ئىگىسىگە قۇرۇق شىپاڭشتىپ ياتقانلاردىن  ئاشۇرۋەتكەن يەرلىرىم بولسا كەمچىلىكلىرىمنى كۆرسۇتۈپ بىرىشىڭىزنى سورايمەن.خوش خۇداغا ئامانەت ...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۇپۈرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-6 11:01 PM  


بىز ئەسىرلەردىن بىرى بىراۋلارنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كەلدۇق،بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىن يىراقلاشقىنىمىز ئۈچۈن،ناباب كىشلەرنى كۆتۈرۈپ ئىسىل كىشلىرىمىزنى چۆكۈرۈگىنىمىز ئۈچۈن،بىز ئاللاھقا يىقىنلاشماي تۇرۇپ قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھىچقايسىسى پايدا بەرمەيدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14038
يازما سانى: 1177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11650
تۆھپە نۇمۇرى: 604
توردا: 2365 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 01:33:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
altunboxuk يوللىغان ۋاقتى  2013-1-6 12:54 PM
«ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، بىز ئالغان مائارىپ بىزگە پەن ئۆ ...

توغرا دەيسىز،مىللىي مائارىپ شۇنداق ھالەتتە كېتىۋاتىدۇ،مەكتەپلەردە ساۋاتسىزلار كۆپىيىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدائوقۇغۇچىلارنى ئىززەتلەش،ئوقۇتقۇچىلاردىن ئەيمىنىش،ئۇستاز-شاگىرىتلىق ئوبرازلارنىڭ كۆلەڭگىسىمۇ قالمىدى،ساپا مائارىپى قوزغالماس‹‹سافا››مائارىپىغا ئايلاندى.ئوقۇغۇچىلار بىلىمگە قىزىقماس بولدى،ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈپ، بىلىم بېرىدىغانلار يوق دىيەرلىك.مەن مائارىپىمىزنىڭ كېيىنلىكىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم.

[ھازىر بىچارە ئوقۇتقۇچىلار بىلىمنى بالىلارنىڭ مېڭىسىگە ئەمەس بەلكى خاتىرە دەپتەر ۋە ئاخىپ خالتىللىرىنىڭ ئېچىگە يېزىۋاتىدۇ .

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن س

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 788
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13439
تۆھپە نۇمۇرى: 1117
توردا: 1062 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 11:18:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇپۈرگى يوللىغان ۋاقتى  2013-1-6 10:38 PM
angar غا ؛ ئەسىلامۇ ئەلەيكۈم قېرىندىشىم بەرگەن قىممەتلىك ...

پىكرىمنى ئەستايىدىل ئويلاشقانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە تەشەككۈر.ئەمما مەن بۇ ماقالىڭىزدە ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدىيىڭىزدە پەقەت بىرتەرەپلىمىلىك يەنى ئوقۇتقۇچىلار ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان بىرلا تەرەپنى ھېس قىلالىدىم.(بەلكىم مېنىڭ بولۇشۇم مۇشۇدۇ)ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك «بىرقىسىم ،بەزى» دائىرىسىگە چۈشۈدىغان ئاتالمىش «ئوقۇتقۇچى»لار ھەقىقەتەن مەۋجۇت،ئەمما ئىنتايىن ئىنتايىن ئاز دىيىشكە بولىدۇ.شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ ماقالىڭىزدا بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا خېلى چوڭ بۆكلەرنى كەيگۈزۈپسىز.بىلمىدىم سىز بۇ ماقالىڭىزنى يېزىشتىن بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلاربىلەن سۆھبەتلىشىپ،ئۇلارنىڭ دەردۇ -ھالىنى چۈشۈنۈپ باققانسىزمۇ؟بولۇپمۇ يېزىلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە يۇلۇقىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالامسىز؟! « مائارىپ ئادەملەرنىڭ ئېڭىدا مەسئۇلىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى بەكمۇ تەس بولىدىكەن.»مۇشۇ گەپنى قانداق چۈشۈنىۋاتىسىز؟!قىسقىسى ھەممە مەسئولىيەتنى ئوقۇتقۇچىلارغىلا ئارتىپ قويغۇلۇق ئەمەسقۇ!مائارىپ تۈزۇلمىسىنى،جەمىيەت تەرەقىياتى،خەلقنىڭ ساپاسىنى،تۈرلۈك تۈمەن سىياسەت بەلگىلىمىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتسەكمۇ قاملاشماس!
سىزنىڭ جەمىيىتىمىزدىكى جۇملىدىن مىللىتىمىزدىكى بىرقىسىم ناچار خاھىشلارنى تۈزۈتىش توغرىسىدا ئويلانغانلىقىڭىز بۇ بىر ياخشى ئىش،پەرزەنتلەرنى ھەرتەرەپتىن ئەتراپلىق تەربىيلەش پەقەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا زىممىسىگە يۈكلىنىپ قېلىشى كېرەكما؟!ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئەڭ موھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانسىز؟!ئەگەر بىلسىڭىز  «بىز قانداق ئاتا-ئانىلارغا مۇھتاج»دىگەن تېمىدا يازغان ۋەياكى ئاشۇ ئىدىيىنى ماقالىڭىزگە سىڭدۈرگەن بولاتتىڭىز.جەمىيەت تەربىيىسى توغۇرلۇق سۆزلىسەم گەپ تېخىمۇ ئۇزۇراپ كېتىدۇ.قىسقىسى ماقالە يازغاندا ھەرتەرەپتىن ئەتراپلىق ئىزدىنىپ،تەكشۇرۇپ-تەتقىق قىلىپ،ئىچىڭىزدىكى قايناپ تۇرغان روھلارنى جايىدا ۋە تۇلۇق ئىپادىلەپ بېرىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. گەپلىرىم ئارتۇق كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلىۋېتەرسىز.

ئاپتورنىڭ تېخىمۇ كۆپ يازمىلىرى ئەنگەر شېئىرلىرى ئۈندىدار سالونىدا .ئىزدەش نامى:angarxeirliri
سالوننى قوشۈۋېلىپ يېڭى يېڭى مەزمونلاردىن بەھىرلەنگەيسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89596
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 328
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2014-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 11:32:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدا ساپا قالمىدى ،پەقەت مۇئاشنىلام كۆزلەيدۇ،ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش ئاڭ يوق كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2738
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 11:41:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەر ھەرقايسىڭلار ئوقۇتقۇچۇڭلارغا ، ئوقۇتقۇچىلارغا نىمە قىلىپ بەردىڭلار؟،بىرەر پىيالە سوغۇق سۇ بېرەلىدىڭلارمۇ، ۋاي قانداق قىلاي، پاراڭنىڭ چوڭلۇقىنى،بىزگە قانداق ئوقۇتقۇچىلار كېرەك؟،دەپ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى تەۋپىقلارمۇ خەلقنى ئويغۇتىمىز دەپ جانلىرىنى سېلىپ بەرگەن ئىدى، ھازىر ھەممىمىز ئۇيقۇچى بولۇپ كەتتۇق تېخى!.شۇڭا بىز خەققە تەلەپ قۇيۇشتىن ئاۋال ئۆزىمىز گە بىر قارىۋىتەيلى،....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85092
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1803
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-9-15
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 12:04:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
angar غا ؛ ئەسىلامۇ ئەلەيكۈم قېرىندىشىم، مەن ئەسلى دەسلەپتە <ئاتا-ئانىلار ۋە ھازىرقى مائارىپىمىز،تەڭ قىسلىقتا قالغان بالىىلىرىمىز >دەپ ماقالە يازغان بۇنىڭدا سىز دىمەكچى بولغان ئاتا-ئانا ،جەمىئيەت،مەكتەپ ئۆلگۈرمائارىپ،كۈنسايىن مېھر-مۇھەببەت سۇسلۇشۇپ كىتىپ بارغان ئائىلە قاتارلىق نازۇك ۋە موھىم بولغان مەزمۇنلار برئىدى،لىكىن ۋاقىت مەسىلىسى تۇپەيلى رەتلەپ بولالمىدىم . راسىت نۇرغۇنلىغان ياخشى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزبار يۈرەكلىرى لەختە-لەختە بولۇپ كىچە -كىچە ئازاپلاردا تولغۇنۇپ ئۇخلىيالمايۋاتقان  بۇنىڭغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.مەن نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلار بىلەن بۇ تىما ئۇستىدە مۇنازىرلىشىپ باقتىم كۆپىرەكى بىزگىمۇ ئامال يوق شۇ  سۇنىڭ بىشى لاي تۇرسا دىدى .لىكىن مەن دىدىم ؛ئانا تىلىنى ئوگۈتۇش ،ئازتولا ئورۇپ -ئادەت ،ئىمان كەلىمىسى توغرۇلۇق سوزلەشكە ئازىراقمۇ ئىمكان يوقمۇ ؟ بىرە بەش مىنۇت ئاجىرىتىپ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا ‹بىز كىم نەگە بارىمىز ›دىگەندەك تىمىلانىمۇ دىيەلمەمدىكەنسىز؟ئەجىبا ماركىس -ئىنگىلىسلارنىڭ نەزىريەلىرىنى قايسى بىر ئالىملارنىڭ گەپلىرىنى ئىغىزىڭىز تالغۇدەك سوزلىيەلەيدىكەنسىزيا دىدىم .جاۋابى نىمە بولدى بىلەمسىز؟
مەن ئۆزۇممۇ ئۇ جەھەتلەردە ھىچ نىمە بىلمەيمەن.شۇڭا نىمىنى سوزلەيمەن ،2-خىزمەتتىن ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقىمەن دەيدۇ .مىڭ ئەپسۇس ياراتقان ئىگىسىنىڭ جازاسىدىن قورۇقمايدۇ ،لىكىن بوينىنى باغلاپ قويىۋاتقان ئىنساندىن قورقىدۇ ،بۇ بىر ئوقۇتقۇچىىلا ئەمەس جەمىئيتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان زىيالىيلىرىمىزنىڭ تىشىغا چىقىرالمىسىمۇ ،خۇدۇكسىرەپ ئىچىدە دەيدىغان گىپىدۇر.خۇدايىم بۇيرىسا پات ئاردا ‹پىرافىسورنىڭ كۆزيىشى ›دىگەن ماقالەمنى قايتا تەھرىرلەپ چىقىرىمەن شۇ ۋاقىتتا ئاندىن نىمە ئۇچۈن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ غەمكىن ھالدا ئىغىر قەدەم ئىلىپ كۈندىن -كۈنگە مۇكچىيىپ كىتىپ بارغانلىقىنى بىلىسىز.ئاخىردا بەرگەن قىممەتلىك تەكلىپ -پىكىرىڭىزگە رەخمەت .خۇدايىمغا ئامانەت قېرىندىشىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۇپۈرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-7 12:10 PM  


بىز ئەسىرلەردىن بىرى بىراۋلارنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كەلدۇق،بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىن يىراقلاشقىنىمىز ئۈچۈن،ناباب كىشلەرنى كۆتۈرۈپ ئىسىل كىشلىرىمىزنى چۆكۈرۈگىنىمىز ئۈچۈن،بىز ئاللاھقا يىقىنلاشماي تۇرۇپ قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھىچقايسىسى پايدا بەرمەيدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش