بەك ئاجايىپ بولۇپ كەتتى بۇ جاھان،
يامىنى ياخشى بولدى ،ياخشى يامان.
ئاچچىقتۇر ئىچىم يەنەھەسرەت بىلەن،
بەزىلەرگە بولدى بۇ ياخشى زامان.
..............................................
قار يىغىپ مۇزلاپ كەتتى سىلىق يولۇم ،
ئاۋايلاپمۇ يىقىلدىم سۇندى قولۇم .
بەزىلەر《ئوغرى》دىدى《خەخ ئۇرۇپتۇ》،
《لايىق بوپتۇ بۇ جازا ئەمەس زۇلۇم》.
..............................................
بازاردا كىتىۋاتسام بىر《 يانچۇقچى》،
ئارقامدىن كەلدى ئاستا قولنى سوزۇپ.
بىرنى ئۇرسام يىغلىدى كىچىك ئىكەن،
كۆرگەنلەر تىللىدى ئاغزىنى بۇزۇپ .
...........................................
ئۇچرىدى بىر《تىلەمچى 》قىرى ئەمەس،
ئاز-تولا ھاراق پۇردى بولمىسمۇ مەس .
پۇل بەرمىسەم بىر قىز مىنى پىخسىق كۆرۈپ،
دىدى:《بىرگە يۈرگىنىم باسقىنى نەس》.
...............................................
ئىنتىلىمەن ھەر زامان ھەقىقەتكە،
ئىشىنىش بىرىلىش يوق سۆز چۆچەككە.
ئىزلىرىم قالىدۇ پەقەت بولمىسا،
سۇ قۇيغان ئىتىزدا تىككەن كۆچەتكە.
مەنبە : ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-6 11:43 AM