مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1667|ئىنكاس: 11

ئېلكتاب-يېڭى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 8915
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 11:16:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى

ئىلاۋە:

دائىم دېگۈدەك مۇنبەر ياكى مەتبۇئاتلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئىملا خاتالىقلىرىنىڭ كۆرىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىمەن.نۇرغۇن يازمىلار يوللانغان ھامان ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزتىشكە باشلايمىز. بەزى تورداشلىرىمىزنىڭ ئىملا قائىدىسى ھەققىدىكى بىلىملىرىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى بولۇپمۇ، يېڭى ئىملا قائىدىسى ھەققىدىكى بىلىملىرىنىڭ كەمچىل بولىشى تۈپەيلىدىن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىيىنغا توختاۋاتىدۇ. بەلكىم بەزى كىشىلەر“بىر –ئىككى خەتنىڭ خاتا يېزىلىشى ھېچقانچە ئىش ئەمەس،نىمانچىۋىلا ئەزۋەيلەپ كېتىدىغاندۇ“دېيىشى مومكىن.مېنىڭچە بىر خەتنىڭ ھەتتا بىر ھەرپ ۋە بىر تىنىش بەلگىنىڭ خاتا يېزىلىشىمۇ ئانا تىلىمىزغا نىسبەتەن كىچىك ئىش ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا شائىرىمىز مۇھەممەدجان راشىدىن بۇ ھەقتە بىزگە ساۋاق بولغىدەك مۇنداق بىر پارچە شېئىرنى قالدۇرۇپ،بىزنى ئانا تىلنى ھۆرمەتلەشكە چاقىرغان ئىكەن:

«ئۇرغۇي» ئەمەس «ئۇيغۇر»

مۇھەممەدجان راشىدىن

مەيلى دەيتىم، گەپمۇ قىلمايتىم،

قارچۇغىنى قۇرغۇي دېسىڭىز .

كۈلۈپ كەتتىم غىدىقىم كېلىپ،

«ئۇيغۇر» تۇرۇپ «ئۇرغۇي»دېسىڭىز.

سىزگە شۇنداق ئۆگەتكەنمىدى،

ئۇستازىڭىز،ئاتا-ئانىڭىز.

ناچارمىدى سىزنىڭ باشتىلا،

تىل دەرسىڭىز ئىمتىھانىڭىز.

ناچار بولسا ئۆزىڭىزدە گەپ،

ئارتماڭ ئۇنى مىللىتىڭىزگە .

ئۇيغۇر تىلى سۈكۈت قىلالماس ،

ئۇرغۇي دىگەن ئىللىتىڭىزگە.

ئىسمىڭىزنى خاتا ئاتىسام ،

ئاچچىقىڭىز كېلىدۇ راسا.

خاتا ئاتاپ مىللەت نامىنى ،

ئوخشاشقۇ دەپ ئويناتماڭ ھاسا.

ئۇيغۇر دېگەن ئۇلۇغ نام بىلەن،

ماختىنىشقا سىزمۇ تەلەپكار.

«ئۇرغۇي» ئەمەس «ئۇيغۇر» دېيىشكە،

بۇ شېئىرىم بولسۇن مەدەتكار.


خېلى ئۇزۇندىن بۇيان مەنمۇ ئىملا ھەققىدىكى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم.ھەمدە مەسىلىنىڭ يالغۇز ئىملا خاتالىقىغا يول قويىۋاتقان كىشىلىرىمىزدە ئەمەس،بەلكى ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈپ قويۇپلا،ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرەلمىگەن ئورۇن ۋە شەخىسلەردە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.شۇڭىلاشقا،قانچىلىك ۋاقتىم كېتىشىدىن قەتئىينەزەر تەشۋىقات ئىشىنى بىر قىلىپ باقاي دېگەن مەقسەتتە،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان(2009-يىلى 9-ئايدا) ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى“گە كىرگۈزۈلگەن ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي  تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى“نى بىر-بىرلەپ كىرگۈزدۈم(ھازىر بىر قىسىم تور بېكەتلەردە 1997-يىلى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىلىرى بار،تورداشلارنىڭ بۇ ئىككى قائىدىنى ئارلاشتۇرۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.بۇ قېتىم يوللىغىنىم ئەڭ يېڭىسى). ھەمدە ئالدى بىلەن شەخسىي تور خاتىرەمدە ”بىرلىكتە ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئۆگىنەيلى“دېگەن تېمىدا باسقۇچلارغا بۆلۈپ يوللىدىم.ئاندىن كېيىن يەنە شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىگىمۇ يوللىدىم. بۇ تېمامنى ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم تورداشلار باشقا تور بەتلەرگە  كۆچۈرۈپ يوللىغان ئىدى. كېيىن مىسرانىم مۇنبىرىدە ئېسىمدە قېلىشىچە بېلقىز سۇلايمان دېگەن تورداش بولىشى مۇمكىن. بۇ قائىدىنى ماڭا ئوخشاش بىرمۇ-بىر ئۇرۇپ چىقىپ مۇنبەرگە يوللىغان ئىدى. ھازىر ئۇيغۇرچە ئىزدىگۈچلەردىن ئىزدەپ باقسام، بۇ تېمىنى ئوڭايلىقچە تاپقىلى بولمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنبەرگە يوللىغان تەغدىردىمۇ ۋاقىتلىقلا تۇرالايدىكەن.ۋاقتى كەلگەندە يەنە تاپقىلى بولمايدىكەن. يېقىندا ئېلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئۆتكۈزلىۋاتقان ”ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملاسىغا نازارەتچىلىك قىلىش مۇكاپاتلىق پائاليىتى“( http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=176)نىڭ تەپسىلاتىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ قائىدىلەرنى تېخىمۇ كۆپرەك كىشىلەرگە بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتىم.شۇڭىلاشقا، بۇ قائىدىلەرنى ئېلكىتاب قىلىپ تارقاتتىم. تور دۇنياسىدىكى قېرىنداشلارنىڭ مۇنبەرلەرگە تېما يوللىغاندا، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ قويۇشىنى، قىسقىغىنە ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇ قائىدىلەردىن پايدىلىنىپ قويىشىنى ۋە ئۆگىنىپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. ئانا تىلىمىزنى ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن قوللايلى!كېلىش ئالدىدا تۇرغان "خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى"نى ئىملاسى توغرا يېزىلغان تېمىلىرىمىز بىلەن كۈتىۋالايلى!


(بەلكىم كىرگۈزۈش جەريانىدا مەنمۇ بىر قىسىم خاتالىقلارغا يول قويغان بولۇشۇم مومكىن،تورداشلارنىڭ تەنقىدىي مەيداندا تۇرۇپ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن)


چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://www.lopnuri.com/?p=2776


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-5 11:18 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئايچىن + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
attirgul + 200
مارشال + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
hokumran + 500 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1700   باھا خاتىرىسى

ئۆزۈڭنى بىل.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4194
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5568
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 895 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 01:05:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت، مەن چۈشۈرۈپ ساقلىۋالدىم .بۇ مەزمۇنلار بىزگە ھەر دائىم سىگنال بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ....

http://attirgul.blogbus.com/
http://www.nazugum.com/
http://www.izdiyari.biz/attirgul

ئوماق قوزام!!!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1769
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9845
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 01:22:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھوم شائىرىمىز روزى  سايىت ئاكىنىڭ  ئانا تىلىم دىگەن بىر شېئىرىنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى  يادىمغا  كەلدى:

شۇڭا دەيمەن؛ئۆز تىلىم ــگۆھەر تىلىم، زەر تىلىم،

بوپقالغىنى ئۇششاق تىل ئەمەس ھەرگىز ئىللىتى .

زەررە كىچىك،ئاتوم شۇ زەررىلەردىن تۈزۈلگەن ،

مېنىڭ تىلىم ئاشۇنداق ئاتومچە بار قىممىتى !


ئەي تەڭرىتاغ پەرزەنتى،ئۇزۇن سەپەر كارۋىنى

سىيپىماقتا مەڭزىڭنى تاڭنىڭ مەيىن ساباسى .

مۇھەببەتلىك باغاشتا كۈلۈپ يايرا ،ياڭرىسۇن،

سەككىز مىليون شاد دىلنىڭ ئانا تىلدا ناۋاسى.

___________________ شۇنچىلىك يېقىشلىق ۋە گۈزەل ئانا تىلىمىزنى قوغداش ھەربىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان  مەسئوليىتى ۋە بۇرچى ، مېنىڭچە بۇ تېما ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ ، چۇنكى تىلنىڭ گۈزەل ئوبرازى ئەشۇ كىچىككىنە ئىملا خاتالىقلىرى بىلەن خۇنۇكلىشىپ قېلىشى مۇمكىن..لوپنۇر ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر ، مەنمۇ  چۈشۈرىۋالدىم.



ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4421
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1666 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 01:33:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممەيلەننىڭ چۈشۈرۈپ ئوقۇپ بېقىشىنى  تەۋسىيە قىلىمەن ، ئىملا قائىدىسى بۇ ھازىر جىددى ئۇمۇملاشتۇرۇشقا تىگىشلىك ئىش ، ئىملا كىرزىسى يامراپ كەتتى  .

بەزى يەرلەرگە ئو كىلەمدۇ ئۇ مۇ ، بەزى يەرلەرگە ئې كىلەمدۇ ياكى ئى مۇ.........بۇنىڭدەك مىسال ماڭدامدا بىر ئۇچىرايدۇ ،ھەم  ئاڭقىرالمىغانلار بەك تولا، مەن شەخسەن ئۆزەممۇ ئالدىنقى قېتىم بىر كىنو تەرجىمە قىلغاندا بەزى يەرلەردە قانداق ئېلىشنى بىلەلمەي ئۆزەمنىڭ پەدىسىگە ئالدىم ،  لىكىن ھازىر دىققەت قىلىپ يۈرۈپ بەك ئوڭشىلىپ قالدىم .

ئوڭشىلىپ دىگەن خەتنى ئۇرۋېتىپ يەنە يادىمغا يەتتى ، ئوڭشۇلۇپ توغرىمۇ ئوڭشىلىپمۇ ؟ بۇ يەردە ئا ھەرىپى ئى غا ئاجىزلاشقانلىقتىن ، ئوڭشىلىپ توغرا ، ئاجىزلىشىش قائىدىسىنى بىلىشمۇ بەك مۇھىم .....

يەنە بىرسى پالانى ئىش توغۇرلۇق دەپ ئالامدۇق  ياكى توغىرلۇق دەپمۇ ؟.....

دەپ كەلسەك بۇنداق مىساللار بەك تولا ، شۇڭا ئىملا قائىدىسىنى چۇقۇم جىددى ئومۇملاشتۇرۇش لازىم .







ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5198
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 01:39:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر ئىملانى دېگەندەك بىلىپ كەتمەيدۇ، بەزىلەر بىلسىمۇ دىققەت قىلىپ بولالمايدۇ، شۇڭلاشقا يازغان خەتلىرىمىزنى تەمكىنلىك بىلەن بىر تەكشۈرۈپ چىقساق دېگەن ئۈمىدىم بار.
تېما ئىگىسىمۇ «مۇمكىن دېگەننى مومكىن، تۈزىتىش دېگەننى تۈزتىش» دەپ خاتالىشىپتۇ.
ئاقساقاللىق قىلىپ سالدىم، كەچۈرۈڭلار! خاتالاشمايدىغان ئىنسان يوق.
رەھمەت چۈشۈرۈشكە تەمشەلدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8001
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 04:01:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئۇرغۇي» ئەمەس «ئۇيغۇر»

مۇھەممەدجان راشىدىن
---------------------------------
شېئىرنىڭ ئاپتۇرى مۇھەممەت رېھىمغۇ دەيمەن،خاتالاشمىسام.«جان تەسەددۇق»ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئېلكىتابىڭىزغا رەھمەت.چۈشۈرىۋاتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-6 04:02 AM  


كۈن ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كۈندۈز كەتكەندە،
ئاي ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كېچە يەتكەندە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89110
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 11:00:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

يۈرىكىمگە تۇتاشقان ئوتتا دۇنيانى كۆيدۈرىۋېتىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3890
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 11:49:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت مەنمۇ چۇشۇرۋالدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87088
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1035
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 02:43:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ‹‹ ئۇرغۇي ›› دەيدىغانلار ھازىرمۇ بار ... مەن بىر نەچچە قېتىم تەربىيە قىلدىم ، لىكىن بۇ يولداشلار كۆنۈپ كەتكەچكە يەنىلا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەي يۈرىدۇ ...

شىرئەلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22775
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6639
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 872 سائەت
تىزىم: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 02:46:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت، مەنمۇ چۇشۇرۋالدىم.

سۆيسەڭ سۆيىمەن جېنىمنى بېرىپ............
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش