مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1232|ئىنكاس: 23

شەھلا كۆز (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 483
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 11:06:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                             شەھلا كۆز
                          
                                                                          (ھىكايە)     

ئاپئاق قارلانى غاچىلدىتىپ دەسسەپ كىتىپ بارمەن. توۋا دىمىسە بىكار،بۇ يىل قار ئەجەپ بەك ياغدى دىسە.خۇددى قىلىدىغان باشقا ئىشى يوقتەك.نەگىلا قارسا ئاقچىلىق.ياققىنىمغۇ ياخشى بولدى،بۇنداق شەھەرلەردە قار يېغىپ تۇرمىسا ئاسانلا ئاغرىپ قالغان كىشى.
     خىياللىرىم قارنىڭ ئىرىنچەكلىك بىلەن ئاۋاز چىقىرىشغا ئەگشىپ ئاستا -ئاستا بۇرۇنقى ئىشلارغا قاراپ پەرۋاز قىلدى.
مەن رەيھان بىلەن بىر سىنىپتا ئۇقۇيتتىم.بىز ساۋاقداش ئىدۇق،مەن ئادەتتە چۆچەك ئۇقۇشقا ئامراق ئىدىم.ئۇمۇ چۆچەك دىسە بېشىچىلا كىرىپ كىتىدىغاننىڭ بىرى ئىدى.بىز ھەر قېتىم يېڭى كىتاپ سېتۋالغىنىمىزدا ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپ ئۇقۇيتتۇق.بەلكىم ھەممە نەس باسقان ئىش مۇشۇنىڭدىن باشلانغان بولسا كىرەك.
بارا-بارا رەيھانغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم،دەسلەپ ئورتاق قىزىقىش بولغاندىكىن شۇنداقتۇ دەپ ئويلىدىم.لىكىن كىيىنچە باشقا ئۇغۇل ساۋاقداشلىرىمنىڭ  ئۇنۇڭغا يېقىنچىلىق قىلغىننى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بۇلدىغان،ھېلقى ئۇغۇل ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئەدىۋىنى  تازا ئوبدان بىرىپ قويغۇم كىلدىغان بۇلۇپ قالدى.ئۈزۈمدە كۈنسىرى شەكىللىنىۋاتقان غەيرى ئوي خىياللارغا قاراپ ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىمنى بىلدىم.
ئەمەليەتتە رەيھاننىڭ ۋاي دەپ كەتكۈدەك چىرايى يوق ئىدى.پەقەت شۇ ئۆلگۈر  كۆزىلا مىنى باشقىچىلامەپتۇن قىلۋالغان ئىدى.ئۇنۇڭغا ئىرىشىش ئىستىكىنى تۇنجى قېتىم بايقىغاندىن باشلاپ كۆڭۈل دىۋانىسى بولدۇم.كاللامدا دەرىس دەيدىغان نەرسە ئەسلا يوق،ئالدىمدىكى پارتىدا ئولتۇرغان رەيھانغا ئارقىدىن قاراپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەن.
بىرنى ياخشى كۈرۈش دىگەن شۇنداق ئاجىز بولدىكەن.بۇلۇپمۇ قارشى تەرەپ سىنىڭ خىيالىڭنى تېخى بىلمىگەن ۋاقىتتا.
-ئالىم،ھېلقى مىڭبىر كىچە دىگەن كىتابىڭنى يەنە بىر قېتىم بىرىپ تۇرە.
-ئۇقۇپ بولغان ئىدىڭغۇ؟
-دىدىمغۇ ئالدىنقى قېتىم تېخى ئۇقۇپ بۇلالمىغان دەپ.بىرەمسەن بەمەمسەن؟يىمەيمەن كىتابىڭنى.
-كەچۈرگىن رەيھان ،ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
-بۇلە چاققان،ئادەمگە تامنىڭ تۈشۈگىدەك قاراپ تۇرماي.ھىلى مۇئەللىم كىرىپ قالسا سوتلاپ كەتمىسۇن.
-ھە.....مانا.پۈتۈنلەي ئۇقۇپ بۇلۇپ قايتۇرساڭمۇ بۇلدۇ.
    ئۇنۇڭغا يېزىلغان سالام خەتنى نىمىشقا بۇرۇنراق كىتاپ ئىچىگە سېلىپ قويمىغانغا ئىچىمدە ئۈزۈمنى دۆتتىن-دۆتكە چىقىرىپ تىللاپ تىترىگەن قوللىرىم بىلەن كىتاپنى ئۇنۇڭغا ئۇزاتتىم.
-نىمە بولدۇڭ؟قوللىرىڭ تىترەيدىغۇ؟چىدىمايۋاتامسەن يا بۇ جونداق كىتابىڭغا؟خوش بول ئۇقۇپ قۇياي دىگەنگە.
قوللىرىم ئەلۋەتتە تىترەيدۇ،سىىنىڭ مۇشۇ جان ئالغۇچى كۆزلىرىڭگە يىقىلىپ چۈشمەي قاراپ تۇرالغىنىممۇ چوڭ ئىش،ئۇقۇغىن رەيھان،دىگىنىڭ راس.مەن سىنىڭ مىنىڭ كىتابىمنى ئۇقۇغىنىڭغا خوش بۇلمەن.ھەر قېتىم كىتاپ ئالماشتۇرغاندا كۆزلىرمگە سۈركەيمەن،باغرىمغا باسمەن،ھىدىڭنى پۇرايمەن.
شۇنداق قىلىپ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى يېزىپ كەلگەن مۇھاببەتنامەم يەنە ماڭا ھەمرا بۇلۇپ يېنىمدا قالدى،ئىسىت،مەنمۇ ئۇغۇل بالمۇ؟يۈز-تۇرانە تۇرۇپ دىيىشكىغۇ جۈرئەت قىلالمدىم،خەتنى بىرىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىسام....
                                               
                                                             شەھلا كۆزلۈك ئاي يۈزلۈك جانانە
                                                              كۆزلەرىڭنى ئويناتما ھەريانە
                                                            ساڭاقەلبىم قىلدم مەن ھاۋالە
                                                            قويما مىنى سەن قىلدىڭ ئاۋرە
ئابدۇللانىڭ بۇ ناخشىلىرى خۇددى مەن ئۈچۈن ئېيتىلغاندەك مىنى تېخمۇ قىينايتتى.بارغانسىرى مۇھەببەت ھىكايسى ئۇقۇشقا ئامراق بۇلۇپ كەتتىم،ئۇنۇڭ ئىچىدىكى ئوبرازلانى ئۆزۈمگەۋە ئۇنۇڭغا سېلىشتۇرۇپ خيالىمدا ئۇنۇڭ بىلەن مۇڭدىشاتتىم،جان ئالغۇچى كۆزلىرىگەقاراپ-قاراپ تويمايتتىم.
كاككۇك قونغان تال كىتابىنى يېڭدىن سېتىۋېلىپ ئۇنۇڭغا ئاريەت بىرىپ تۇردۇم،ئەلۋەتتە ئىچىدە مەن يازغان سالام خەتمۇ بار ئىدى.بۇ سالام خەتلەرنى قانچىلىك ھاجان،قانچىلىك ئۈمد ئىستەكلەر ئىچىدە يازغان بولسام ،بەرگۈچە قانچىلىك تەشۋىش،ھۇدۇقۇش ئىلكىدە ئۇنۇڭغا ئۇزاتقىنىمنى ئۈزۈم بىلمەن.كىتاپنى،ياق!مىنىڭ تىنىمسىز رەيھان دەپ سۇقۇۋاتقان يۈرگۈمنىڭ ئىلتىجاسىنى ئۇنۇڭغا بەردىم.
  -سەن يېقىندىن بىرى نىمە بولدوڭ؟ باشقىچىلا تۇرسەن،ئايقىمنىڭ يىپى ئىتىلمىگەنمىدۇ  دەپ كۈندە قارايمەن،قاچانلا قارسا ئايقىمدىن كۈزۈڭنى ئۈزمەيسەن.ئايقىمنى ياقتۇرۇپ قالدىڭمۇ يا؟بۇ قىزلانىڭ ئايقى ،سەن كېيسەڭ كەلمەيدۇ.ھاھاھا..............
بۇلبۇل كەبى كۈلكە(ئەمەليەتتە مەن بۇلبۇلنىڭ نىمىلىگىنى ،قانداق سايرايدىغىننمۇ بىلمەيمەن.كىتاپلاردا شۇنداق دەپ يازىدىغۇ)
رەيھان كىتاپنى ئېلىپ كەتتى،يۈرگۈم كىتاپ بىلەن بىللە كەتتى.مەن خۇددى ئۈلۈم ھۆكۈمىنى ساقلىغان مەھبۇستەك ئۇنۇڭ ئەتە ماڭا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشىنى خىيال قىلىپ مەكتەپتىن قايىتتىم.
كىچىچە گادىرماچ خىياللار ئەسىر قىلۋالغاچقىمىكىن تاڭغا يېقىن شىرىن چۈشلەر قاينىمدا ئۇخلاپ قاپتىمەن.مەكتەپكىمۇ كىچىكىپ قالدىم،سىنىپقا كىرسەم ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆزى مەندە،ھەممىسى خۇددى رىۋايەتلەردىكى ياغاچ قونچاق پىنوككونى كۆرگەندەك غەلىتە بىر نەزەر بىلەن قاراشماقتا ئىدى.يۈرگۈم ئېغىپ كەتتى،چۈنكى بەزى ساۋاقداشلىرىم ماڭا قاراپ پىخىلداپ كۈلۈشۋاتاتتى.
مەن ئىزدەۋاتقان سىماھ ئاخىرى سىنىپ مەسئۇلمىز بىلەن بىللە پەيدا بولدى.
-ساۋاقداشلار  رەيھان ئەتگەن سىلەرگە ئۇقۇپ بەرگەن خەت توغرىلىق بۇندىن كىيىن سىنىپتا مەن ھەرقانداق بىر مۇلاھىزنى ئاڭلاپ قالماي.ئالىم سەن مەن بىلەن ئىشخانغا چىقىپ كىر.
بېشىمدىن بىر كاپاق سۇ قۇيۇلغاندەك بولدۇم.ئەتراپىمدىكى ھەربىر نەرسىگە ئىلتىجا بىلەن قارايتتىم،مىنى بۇ خىجلچىلىقتىن قۇتقۇزۋالسىكەن دىگەن ئۈمدتە تەلمۈرەتتىم.
ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەسخىرلىك  كۈلكە ساداسى مىنى مۇئەللىمنىڭ ئىشخانسىغا ئۇزتۇپ قويدى.
-بۇ خەتنى سەن يازغانما؟
مۇئەللىم پۇرلىشىپ كەتكەن خەتنى ئۈستەل ئۈستىگە جاققىدە قويدى.مەن خەتكە بىر قاراپلا ھەممىنى چۈشەندىم.كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ھالدا پۇتۇمدىكى ئاياقنىڭ يىپلىرنى ساناشقا باشلىدى.....
-ئالىم،سەن تېخى كىچىك،بۇ ئىشلار ساڭا بالدۇر .ئەگەر سىنىڭ سىنىپتىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇقۇغۇچلىقىڭنى دىمىگەن بولسام باشقىچە چارە كۆرەتتىم.لىكىن سىنى ئاياي،بۇ ئىش بۇندىن كىيىن تەكرارلانمىسۇن.چۈشەندىڭمۇ؟چىقىپ كەتسەڭ بۇلدۇ.
مەن نەگە چىقىپ كىتمەن؟بايا سىنىپتىن چىققىچە رەيھانغا يازغان خەتتىكى شىئرلانى ساۋاقداشلاننىڭ دىكلاماتسىيە قىلىپ مىنى مەسخىرە قىلغىننى ئاڭلىغان تۇرسام.
نەگە قاراپ ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن.بىر چاغدا قارسام ئۆيگە كىلىپ قاپتىمەن،ئۆڭسۇلۇمنىڭ ئۆچكىنىگە قاراپ ئانامنىڭ نىمە بولدۇڭ جېنىم بالام دىگەن سۇئالنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىدىم.
نىمە كۆرگۈلۈك ئەمدى ماڭا؟ئۇ نىمىشقا خەتنى سىنىپتا ساۋاقداشلىرىمغا ئۇقۇپ بىردۇ؟مىنى ياخشى كۆرمىسمۇ مەيلى ،نىمىشقا مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بىردۇ؟مىنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىمنى ئويلاپ باققانمىدۇ؟نۇرغۇن ئادەملەر  تۇيۇقسىز  ئۈلۈپ قالدىكەن،مۇشۇ كۈنلەرنى كۆرگىچە ئۈلۈپلا قالسام قانچە ياخشى بۇلاتتى ھە؟
بىر ھەپتىگىچە مەكتەپكە بارمىدىم،توغرىسنى دىگەندە مەندە مەكتەپكە بېرىپ ساۋاقداشلىرىمغا قارغۇدەك يۈزۈممۇ قالمىغان ئىدى.ئۈزۈمنى ئۆلتۈرۋېلىش نىيىتى بارغانسىرى مىنى قىزىقتۇرۋاتاتتى.چاشقان دۇرسى يەۋالايمۇ؟ياكى توكنى تۇتۇپلا........
ياق ئالىم،سەن ساراڭ بوپسەن!دەيتتم ئىچىمدە،سەنمۇ ئۇغۇل بالا بولدۇڭمۇ؟سەنغۇ ئۈلۈپلا قۇتۇلسەن،ئاتا-ئاناڭ قانداق قىلىدۇ؟سىنى ھەرقانچە سەتلەشتۇرگەن بولسىمۇ رەيھاننىڭ جان ئالغۇچى كۆزلىرىنى مۇشۇ دۇنيادا باشقىلارغا تاشلاپ قۇيۇپ كىتىشكە  چىدامسەن؟ئۇغۇل بالدەك بول،مۇھىمى مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇ،ئۈرۈمچىگە،ياق،ئىچكىردىكى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇ،ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ كلىپ كادىر بولساڭ رەيھان سىنىڭ قۇلۇڭدىن قېچىپ نەگە بارالايدىكەن؟
ئۈزۈمنىڭ چىقارغان خىيالدىن خۇرسەن بۇلۇپ مەكتەپكە باردىم،بىرھەپتە كەلمىگەچ بۇ شاماللارنىڭ  ئاخىرسى ئاساسەن چىقىپ بولغان ئىدى.لىكىن يەنلا سۇئال نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلگەن مەسخىرلىك كۆزلەدىن قۇتۇلالمايتىم.خۇددى كۇچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك كۈنگە قالغان ئىدىم.بەزى ساۋاقداشلىرىم ماڭا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ مەن يازغان سالام خەتتىكى شئىرلانى قەستەن دىكلاماتسىيە قىلاتتى،بۇنداق ۋاقىتلاردا خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلاتتىم،ئىچىمدە :«ئۆلگۈر،مۇئەللىم تىكىسىت يادلا دىسە بۇرنۇڭنى تارتىپ يەردىن كۆزۈڭنى ئۈزمەيسەن.بۇ شىئرنى يادلاشقا ئەجەپ ئۇستا بوپ كىتىپسەن» دەپ تىللايتتىم.
كۈنىرىم ئازاپ،قىيلىنىش،بىھۇشلۇق ئچىدە ئۆتمەكتە ئىدى،لىكىن مىنى يەنە بىر خۇشال قىلدىغان ئىش بولسا كۈندە رەيھاننىڭ سىماسىنى يىراقتىن بولسىمۇ كۈرۈپ تۇرالايتتىم.ئۇنۇڭ جاننى ئېلىپ ياندا قۇيدىغان كۆزىگە تىكىلىپ قاريالمىساممۇ باشقىلار بىلەن كۈلۈشكەن،چاخچاق قىلىشقان ھالەتلىرنى يىراقتىن تاماشا قىلاتتىم...
      بۇرۇندىن تارتىپ ئۆگنىشتە ياخشى بولغاچقىمىكىن ئالى مەكتەپ ئىمتاھاننى خىلى ياخشى بەردىم،ئالى مەكتەپكەقۇبۇل قىلىنغان كۈنى رەيھان خۇددى مىنىڭ بولغاندەك خوشال بولدۇم،بىرىنچى بۇلۇپ ئۇنۇڭغا خەۋەر يەتكۈزدۈم.
-قارا رەيھان،مەن ئۈرۈمچىدىكى ئالى مەكتەپكەن ئۈتۈپتىمەن.
-شۇنداقمۇ؟مۇبارەك بولسۇن ئالىم.
-سەنچۇ؟
-تېخى ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۋالمىدىم.....بەلكىم ئۈتەلمىگەندىمەن....
-مومكىن ئەمەس،سەن قانداق بۇلۇپ......
بېشىمدىن بىر قاپاق سۇ قۇيۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم.
-ساڭا راس گەپنى دەيمەن،سەن بەلكىم  بىلمەسلىگىڭ مومكىن،مەن مۇختار بىلەن ئارلاشقان،ئمتاھانغا ئاز قالغاندا ئۇ ئايرىلىپ كىتەيلى دەيدۇ،باشقىلاردىن ئاڭلىسام سىنىپتىكى گۈلشەن ۋات-ۋات بىلەن ئارلىشىپ يۈرەمىش .ئىشەنمەپتىكەنمەن.بۇ راس ئىكەن.ئىمتاھاندا نىمە يازغىنىمنى بىلمەيمەن.......
   ئۇنۇڭ يەنە نىمە دەۋاتقىننى بىلەلمىدىم،بېشىمدا چاقماق چاققاندەك بولدى.مۇختار ھەي مۇختار،سەن خۇمسى ئەڭ يېقىن دوستۇم تۇرۇپ ماڭا يۈزسىزلىك قىلدىڭما؟خەپ توختاپ  تۇر.
مۇختار مىنىڭ يېقىن دوستۇم ئىدى.بىز ئادەتتە بىللە دەرىس تەكرارلايتتۇق.بەزىدە بىزنىڭ ئۆيگە كىلەتتى،بەزىدەمەن ئۇنۇڭ ئۆيگە باراتتىم.......
رەيھان بىلەن نىمە دەپ خوشلاشقىنىمنى بىلمەيمەن،ئۇدۇل بېرىپ مۇختارنى ئىزدەپ تاپتىم.
-سەن بىلەن سۆزلىشەي دىگەن،ماڭە قۇملۇققا بېرىپ كىلەيلى.
-خوشخەۋەرمۇ؟مۇشۇ يەردە دەۋەسەڭ بولمىدىمۇ؟قىز بالدەك نازلانغىچە.
چىشلىرىم كاراسلاپ كەتتى.
-ماڭامسەن ماڭمامسەن؟
-ۋاي ماڭاي ،نىمانچە قىلدۇ ماۋۇ .
بىز دائىم ئۆگنىش قىلىپ بولغاندا بىللا بېرپ ئوينايدىغان قۇملۇققا قاراپ كىتىۋاتمىز.مۇختار مىنى زاڭلىق قىلغاندەك قايسى بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتىپ ماڭا سوڭدىشىپ كىتىۋاتاتتى.
تۇيۇقسىز تەككەن ئېغىر مۇشىت زەربىسىدىن مۇختار ئوڭدىسغىلا چۈشتى.
-نىمە قىلۋاتسەن ؟
ۋارقىراپ كەتتى مۇختار.
مەن ئۇنۇڭغا جاۋاپ  بەرمەي ياقىسىدىن تۇتۇپ تۇرغۇزۇپ يەنە بىرنى سالدىم.بەلكىم سەل بۇرنى تەرەپكە تەككەن بولسا كىرەك،يۈز كۆزلىرى قانغا بۇيالدى.
-سەن ساراڭ بوپسەن.ئەگەر يەنە مۇشۇنداق قىلساڭ مەنمۇ قول ياندۇرمەن.
ئۇنۇڭ گىپىگە پەرۋا قىلماي يۈزىگە يەنە بىرنى ئۇردۇم.
-قانداق قىلسەن؟قول ياندۇرامسەن؟ياخشى مەنمۇ سىنىڭ شۇنداق قىلىشىڭنى ساقلاۋاتقان.تۇرمامسەن؟تۇرە ئادەم ئەمەس.سىنمۇ دوسىت ساناپ يۈرۈپتىمەن.
-زادى نىمە ئىش بولدى؟
-بىلىپ قوي،بىرنىچى مۇشىت سىنىڭ ماڭا يۈزسىزلىك قىلغىنىڭ ئۈچۈن،ئىككىنچىسى رەيھانغا يۈزسىزلىك قىلغىنىڭ ئۈچۈن،ئۈچىنچىسى رەيھاننىڭ ئىمتاھاننى ياخشى بىرەلمىگەنلىگى  ئۈچۈن.
   گەپنى دەپ بۇلۇپلا ئارقامغا قاراپ قويماستىن كەتتىم،مۇختارنىڭ ئارقامدىن:
-تازىمۇ نوچى ئۇغۇل بالكەنسەن.ئاشۇ مايماق رەيھاننى دەپ...........دىگەن ئاۋازى كەلدى.

يەنە بىر قېتىم ئۈلۋېلىش نىيىتى نىيىتى كاللامدىن بالقىپ ئۆتتى.سالام خەت ئىشى سىنىپتا ئاشكارلىنىپ يېرىم يىلدىن كىيىن بۇ ئىش ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئىدى.مەن يەنە رەيھان بىلەن يېقىن ئۈتۈپ بىللە دەرىس تەكرار قىلىپ دىگەندەك ئۆتكەن ئىدۇق.مۇختار بىلەن ئۇنۇڭ يېقىنچىلىقىنى ساۋاقداشلىق مۇناسۋەت دەپلا چۈشنىپ...........
   
   بارا-بارا ئۈزۈمگە تەسەللى بەردىم،ئەمدى ئەسلىدىكى ئالىم ئۆلدى.ھازىرقى مەن ئالىم بۇرۇنقى ئالىم ئەمەس بەلكى باشقىچە،يەنى ھىسيات دىگەن نەرسە يوق بولغان ئالىمجان.ئۇنى ئۇنتۇپ كىتمەن.پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كىتمەن .ۋاي دىگۈدەك نەرى بارتى ئۇنۇڭ .يۈزى بۇغداي ئۆڭ قارىغا مايىل،سەپكۈنلەرچۇ تېخى.مەن ئۇقۇشنى تاماملاپ كەلسەم قىزلار دىگەن ساماندەك.
    ئۈرۈمچىگە ئۇقۇشقا كەلدىم،چوڭ شەھەر دىگەن باشقىچە بۇلدىكەن،شەھەرنىڭ ھەممە يېرى مىنى ئۆزگە جەلىپ قىلاتتى.ھەممە نەرسىگە قىزقىپ قارايتتىم.
بۇرۇندىن دەرىستە ياخشى بولغاچقا ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كىيىن دەرىستە قىينالمىدىم .لىكىن تىل بىلەن ئىپادىلدلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر خىل سىزىم مىنى قىينايتتى. لىكىن ئۈزۈمگە بەرگەن ۋەدەمدىن يانسام بولمايتتى.
ئەدەبياتقا قىزىققاچقىمىكىن بەكمۇ رۇمانتىك ئىدىم،ناخشىنىمۇ شۇنداق مۇڭلۇق ئېيتىپ قۇياتتىم،كەچلىرى مۇزاكىرىدىن چۈشكەندە يالغۇز ئولتۇرۇپ ناخشا توۋلاپ قۇياتتىم.

   ئاق ياغلىغىڭ قۇلۇمدا ،
  ھەرقاچان سەن ئۇيۇمدا.
خىيالىمدىن كەتمەيسەن،
نە قىسمەت بار بۇ يولدا.
   
   مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ بىر جۈپتىن بۇلۇپ گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلاشقىننى ئاڭلاپ ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بۇلۇپ قالاتتى.ئەگەر رەيھانمۇ مۇشۇ مەكتەپكە كەلگەن بولسادەپ ئويلاپ قالاتتىميۇ ،دەررۇ بۇ خىيالدىن سەسكىنىپ ئۆز-ئۈزۈمگە«سەن ئالىم ئەمەس،ئالىمجان.»دەپ قۇياتتىم.
  ئالى مەكتەپ ھاياتى ھەقىقەتەن قىزقارلىق،خۇددى مەكتەپكە مۇھاببەتلەشكىلى كەلگەندەك نەگىلا قارسا قولتۇقلىشىپ يۈرگەن.كەچلىرى خۇددى دىيشىۋالغاندەك قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئارقىسىدىكى دىرىزە ئۇدۇلىغا كىلىپ كىملەرنىڭدۇ ئىسمىنى ئاتاپ ۋارقىراۋاتقان.....
ھەرقانچە ئويلىماي دىسەممۇ خىيالمدىكى سىما مىنى مۇشۇ مەنزىرلەنى كۆرگەندە يەتكۈچە قىينايتتى.ئالىمەكتەپكە كەلگەندىن بىرى ئۇنۇڭ ماڭا يازغان 2پارچە خىتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.بىرنچىسى ئۇنۇڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمەي ئامالسىز باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئۇقۇتقۇچى بولغىننى،مىنىڭ تىرشىپ ئۇقۇشۇم كىرەكلىگنى ،يەنە بىر تاغار ماڭا تىرشىپ ئۇقۇش توغرىلىق يازغان داستانى.ئىككىنچىسى ئۆيدىكىلىرى ئۇنىڭ توي ئىشىنى ئويلىشۋاتقانلىغنى،پات ئاردا توي بۇلۇش مومكىنچىلىغىنى ئېيتىپ يازغان ئىدى.
  بۇ ئىككى پارچە خەتكە جاۋاپ قايتۇرمىدىم.گەرچە شۇ ۋاقىتتىكى ئوتلۇق ھىسياتىمنى،ئۇنى قانچىلك ياخشى كۆردىغانلىغىمنى تەسۋىرلەپ يازغان خەتلىرىم چامدانغا تۇشۇپ كەتكەن بولسىمۇ «ئالىم ئۆلدى،سەن ھازىر ئالىمجان »خەتنى خەت ساندۇقغا سېلىشتىن مىنى تۇسايتتى.ى كۆردىغانلىغىمنى تەسۋىرلەپ يازغان خەتلىرىم چامدانغا تۇشۇپ كەتكەن بولسىمۇ «ئالىم ئۆلدى،سەن ھازىر ئالىمجان »دىگەن قەسەم خەتنى خەت ساندۇقغا سېلىشتىن مىنى تۇسايتتى.
ئۆزۈممۇ خىلى قاملاشقان ئىدىم،ئۇنۇڭ ئۈستىگەناخشا دىگەننىمۇ شۇنداق قاملاشتۇرۇپ توۋلاپ قىزلارنىڭ يۈركىگە ئوت سېلۋەتكەن ئىدىم.قىزلانىڭ باشقىچە يۇسۇندا قاراشلىرى،گەپنى ئەگىتىپ سۆزلەشلىردىن مۇددىئاسىنىڭ نىمىلىگنى بىلسەممۇ لىكىن «سەن ئالىم ئەمەس،ئالىمجان»نىڭ بېسىمى بىلەن بىلمەسكە سالاتتىم.لىكىن كەچلىگى سېغىنىش ،ئازاپ ئېچىدە تولغۇنۇپ ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمايتتىم.«توي قىلماقچىكەن»دەيتتىم ئىچىمدە.شۇنچە قىلغان ئەقىدەم،نۇرغۇن قېتىم بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ئېيتىلغان يالۋۇرۇش يېلنىش تۈسنى ئالغان ئىلتىجالىرىم جاۋاپسىز قالدى.ئۇنۇڭ يۈرگى شۇنچە تاشمىدۇ؟
-رەيھان،دىدىم مەن ھېلقى سەتچىلىك بۇلۇپ بىر يىلدىن كىيىن،-سىنىڭچە مەن قانداقراق؟
-نىمىنى قانداق دەيسەن؟
...................................
-ماڭا پەقەت كۆڭلۈڭ يوقما؟
-بىلمەيمەن.
..................................................
-رەيھان،ئەگەر سەن ياتلىق بولساڭ كىمگىمۇ ياتلىق بۇلارسەن ھە؟
-ساڭا دەپ بەرمەيمەن.ھاھاھا.....................
-سەن..............................

ھەممىسى بىر ئېغىز گەپ بىلەن كۈپۈككە ئايلىناتتى.

مانا ھەش-پەش دىگۈچە 6يىل ئۈتۈپتۇ،مەنمۇ ئۇقۇش پۈتتۈرۈشكە 1يىل قاپتۇ،بۇ 6يىلدا ئۇنۇڭ ماڭا بەرگەن تاتلىق،ياق ئازابلىق ھىس تۇيغۇلىرى مىنى مۇشۇنداق ھالەتكە ئەكەلدى.بەلكىم رەيھان بولمىغان بولسا مەنمۇ بۇنچە تىرىشماس بۇلاتتىم دەيمەن،.
  بىر كۈنى ئەمدى دەرىستىن چۈشۈپ تۇرسام مەرھابا ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىم چاقىرىپ قالدى.
-ئالىم،بۈگۈن مىنى مىھمان قىلە.
-ۋاي چاتاق يوق،مىھمان قىلىش دىگەن قانچىلىك گەپتى ئۇ،سەندەك گۈزەللەرنى مىھمان قىلۋالغانغا خوش بۇلمەن ،شۇ بىر يېرى بار دىگىنە.....
-نىمە؟گەپنى كىكەچلىمەي شاققىدە دىمەمسە ئۇغۇل بالا بولغاندىكىن.
-مەنغۇ مىھمان قىلاي،لىكىن پۇلنى سەن تۈلەيسەن جۇمۇ.ھاھا...........
-ۋاي ماڭە پىخسىق.ئاچاڭ سىنى بۈگۈن مىھمان قىلىپ قويسۇن.
بىز پاراڭ بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاشخانغا قاراپ ماڭدۇق.
مەرھابا مىنىڭ ئۈرۈمچىلىك ساۋاقدىشىم شۇنداقلا ناخشا ھىرىسمىنىم ئىدى.شۇنچىلىك چىرايلىق بۇلشىغا قارماي پەقەت چوڭچىلىق قىلمايتتى.مەنمۇ ئۇنۇڭ مۇشۇ تەرپىنى ياقتۇراتتىم.
بىز بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىدۇق،(پۇلنى ئەلۋەتتە مەن تۈلەيمەندە ئۇغۇل بالا بولغان گۇنا بولغاندىكىن)تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن مەن سۇردۇم.
-بۈگۈن باشقىچىلا شاش تۇرسەن مەرھابا،نىمە ئىش بولدى؟خۇشاللىق بولسا تەڭ بولسۇن جۇمۇ.
-چاتاق يوق،جۈرە كەتتۇق.
-نەگە؟
-بارغاندا بىلسەن،سىنىڭ مۇشۇ لۆم-لۆم مىجەزىڭنى ئويلسام دۆڭكۆۋرۈىككە ئاپرىپ پارچە ساتىدىغانلارغا سېتۋەتكۈم كىلىدۇ.
-ئەسلى تىجارەتچى مەن دەپ قوي،ياخشى دۆڭكۆۋرۈككە ئاپىردىكەنسەن،ئۇ يەردا مىللىلار جىق،ئاق قۇۋۇق ياكى پويىز ئىستانسىغا ئاپرىپ ساتقان بولساڭ ما خەقنىڭ قۇلغا قالاكەنمەن.
-ساڭىغۇ گەپ بەرگىلى بولمايدۇ زادى.
كوت-كوت پاراڭلار بىلەن بۇلۇپ بىر قاۋاقنىڭ ئالدغا كەپ قالغىنىمنى سەزمەپتىمەن.
-نىمە قىلمىز بۇ يەردە؟
-جىق گەپ قىلماي كىرە.ياخشى ئايال كىشى بوپ قالماپتىكەنسە،بولمىسا كۈندە نەچچە قېتىم تاياق يەيدىكەنسە ئىرىڭدىن.
بۇ نىمە گەپ بوپ كەتتى ئەمدى؟
قاۋاققا كىردۇق.مەرھابا ئاق ھاراقتىن بىر پۇتۇلكا بۇيرىتتى.
-ئۈزۈڭ بىلسەن مەرھابا ،مەن مۇشۇ ئاق ھاراق دىگەن نەرسىنى پەقەت............
-ئاچاڭ ئىچىدۇ،ئىچەلمىسەڭ كۆكنى ئىچ،ھەرقانچە بولسىمۇ ئاچاڭنىڭ ئىچىشىگە قاراپ  گۆشىيىپ تۇرمايدىغانسەن؟
-ۋاي نىىمە ئىش بوپتىكەن زادى؟ئىچمىسە زادى بولمىغىدەك؟
دەپ بۇلۇپ سەل پۇشايمان قىلىپ قالدىم.ئۇنۇڭ چىرايى، ياق كۆزلىرى بارغانسىرى بىچارە تۈسكە كىرىپ قالغان ئىدى.تۇيۇقسىز پەيدا بولغان خاتا ئىنكاستىن چۈچۈپ كەتتىم.تۇنجى قېتىم ئۇنۇڭ كۆزلىرنى رەيھاننىڭ كۆزلىرگە ئوخشايدىغىننى ھىس قىلۋاتاتتم.
ئۈن-تىنسىز ھاراق ئىچىشكە باشلىدۇق.پات-پات يېنىمدىكى ئاداشنىڭ مەرھاباغا زەن سېلۋاتقىننى بايقاپ قالدىم.نىرۋىلىرىم تىزلىشىپ كەتتى.ياق،بۈگۈن مەن مەس بوپ قالسام بولمايدۇ.مەن مەرھابانى قوغداپ ئەكتىشىم كىرەك.
سورۇن ئاخىرلاشتى،مەرھابانى يۈلەپ دىگۈدەك كىتىپ بارمەن.ياز كۈنلىرى بولغاچ مەرھابا نىپىزلا كىيىنگەن ئىدى.شۇنچە ئۈزۈمنى تارتساممۇبەزىدە ئۇنۇڭ بەدنىگە تىگىپ كىتەتتىم.
مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدۇق،
-ياتقىڭغا ئەكىرىپ قۇياي دىسەم كىرگۈزمەيدۇ.بىرەسنى چاقىراي ،سىنى ئەپچىقىپ قويسۇن.
-ياق ،مەن..... ياتاققا .....قايىت .....مايمەن،بۈگۈن سىنىپتا تۈ.....نەيمە.
-ساراڭ بوپسەن،ئېلشىپ قالدىڭما؟
-ئالى..ىم..جا...ن.ئالىم دىسەم بۇ..لامدۇ لا.....تا.....مىنى سىنىپقا ئەپچىقىپ ....قوي.ئاڭلى......دىڭمۇ....پىس....پاس.
غىڭ قىلمىدىم.مەرھابا ھەقىقەتەن جىق ئىچۋالغان ئىدى.گەپ قىلماي ئۇنى يۈلەشتۇرۇپ سىنىپقا ئېلىپ كىردىم.باللار ھىلىلا كەچلىك مۇزاكىردىن تارقىغان ئىدى.مەن ئۇنى مىڭ جاپادا پارتىغا ئولتۇرغۇزدۇم.مەرھابا گاراڭ-گۇرۇڭ ئاۋازدا سۆزلىگىلى تۇردى.
-ئالىم....خاپا بولساڭمۇ مەي...لى،مەن..ئا..لىم دەۋىرمەن.جان دى...گەن نەرسەڭنى نەگە ئاپارساڭ ئا...پار.مەن...سەن كۆزگە ئىلمىغۇدەك شۇنچە سەت....ما؟گەپ قىلە ھېي لاتا.ئاچاڭنى نى...نى ئۇغۇللار كەلتۇرمەن ....دەپ  پىر....قىراپ يۈرى....دۇ.بىر سى...نى يا...خشى كۈ..رۈپ قال...غان گۇ....ناما؟نەچچە ۋاقىت....تىن بىرى ما....نا دەي....دۇ ئەتە بى...لەرئۆگۈن تە...لەپ قۇيار دەپ يۈر...سەم ئۇقۇش پۈ...تەي دەپ قال...دى سەن قاچان....غىچە مۇشۇنداق قىي....نىماقچى ئا...دەمنى؟مانا بۈ.....گۈن سىنىپ مەس...ئۇلمىز ئەركىنتاي تە....لەپ قۇي....ۋاتىدۇ.مەن قا....نداق قى...لمەن،گەپ قىل...مامسەن پىس پاس؟ھۆ...........
گىپىنىڭ ئاخىرى چىقا چىقماي ياندۇرۋەتتى.ئەركىنتاي قازاق بۇلۇپ سىنىپ مەسئۇلمىز ئىدى.مانا ئانا پىشىپتۇ.بۇ ساراڭ قازاق قۇلدىن ھەر ئىش كىلدىغان تەلۋە بىر نىمە ئىدى.ئۇقۇتقۇچى بولغىنى بىلەن جەميەتتىكى جىدەلخور  بىلەن ئارلىشىپ يۈرەتتى.
-گەپ قىلە،قانداق قىلمەن.....
بۇقۇلداپ  يىغلاپ كەتتى.
-خاتىرجەم بول مەن بار،مەن سىنى قوغدايمەن.
بۇ گەپنىڭ قانداق ئاغزىمدىن چىقىپ  كەتكىننى بىلمەيمەن.مەرھابا خۇددى ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ئادەمنى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
-راسما؟سەن دىدىڭ ھە.
-ھەئە.
ئۇنى بەزلەش ئۈچۈن دىگەن بولساممۇ ئۇنۇڭ ئۆزىنى مىنىڭ قوينۇمغا ئېتىشى مىنى تەمتىرتىپ قويدى.گەرچە بۇرۇنقىدەك تىمىقىمنى تاتلاپ تۇردىغان يۈزى تۆۋەن ۋاقىتلىرىم كەتكەن بولسمۇ بىر خىل كۈچ مىنى ئۇنى ئىتتىرىشكە زورلايتتى،لىكىن.....مەن قىلالمايتتىم.ئاستا بەزلەپ ئۇنى تىزىمغا بېشىنى قويغۇزۇپ پەپىلدىم.ئۇ ئۇيقىغا كەتكەن ئىدى.
توۋا!نىمە ئىش بوپ كىتۋاتىدۇ ماۋۇ جاھاندا؟مەن پەقەت دىققەت قىلماپتىمەن دىسە .مانا كۆرە تاماشانى.
مەرھاباغا سىنچىلاپ قاردىم،قارلىغاچنىڭ قانتىدەك ئەگىم قاش،قىلىچ بىسدەك قاڭشار، ئويماقتەك ئېغىزئۇنۇڭ ئاپئاق يۇمران نوقسانسىز يۈزىگە شۇنداق ياراشقان ئىدى.مۇنداقچە دىگەندە سىنىپتىكى قىزلانىڭ ئەڭ چىرايلىقى دىسمۇ بۇلاتتى.«كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتماپتۇ»توغرا دەپتىكەن كونىلار.مۇشۇنداق گۈزەل قىز قۇچىقىمدا تۇرسا مەن يەنە رەيھاننى ئەسلەۋاتمەن....رەيھان ئەگەرسەن مەرھابانىڭ ئورنىدا بۇلۇپ تىزىمغا بېشىڭنى قۇيۇپ بىردەم،پەقەت بىردەملا تۇرغان بولساڭ،مەن ھەرقانداق ئىشقا رازى ئىدىم.ئەمدى توي قىلىپسەن،توي خەۋرىڭنى ئاڭلاپ پۇچۇلاندىم،يۈرگۈم لەختە-لەختە  قان  بولدى.ئەمدى بۇ كەلگۈلۈكىنى كۆرۈڭ،يەنە نىمە كۈنلەرنى كۆرەرمەن؟
رەيھان توي قىلغان ئىدى ،باشقا بىرى بىلەن ئەمەس مىنىڭ ھېلقى يېقىن دوستۇم مۇختار بىلەن.توي قىلغانلىغىنى  ئاڭلاپ يەنە بىر قېتىم ھاياتىمدىن ۋاز كىچىش ئىستىكى پەيدا بولغان بولسىمۇ لىكىن يەنە ھېلقى بىمەنە ئويلار يەنى «مۇختار دىگەن ھارامتاماق ماڭا ئۆمۈرلۈك قارا يۈزلۈك قىلدى،ھازىر ئۈلىۋالساڭ دۈشمەننى خوش قىلغان بولماي نىمە؟مۇختار قانچىلىك نەرسە ئىدى؟ناھايتى كەلسە بىر رىمۇنتچى خالاس،سەن چۇقۇم تىرشىپ ئۇقۇ،قايتىپ بېرىپ ئۆچ ئال»مىنى بۇ پىلاندىن ياندۇردى.
   تاڭ يۇرۇپ قالغان ئىدى مەرھابا تاتلىق ئەسنىگىنچە ئويغاندى.كۆزنى ئېچىپلا ۋارقىراپ كەتتى.
-ۋاي پىس پاس،كىچىچە پۇتۇڭغا بېشىمنى قۇيۇپ ياتتىمما؟پۇتۇڭ ئاغرىدمۇ؟نىمشقا ئويغۇتۋەتمەيسەن؟ئەكىلە مەن ئۇۋلاپ قۇياي.
-ياق بولدى،ھېچنىمە بولمايدۇ.- دىدىميۇ پۇتۇمنى مىدىرلىتالماي ئاغرىق ئازابىنىڭ چىرايىمغا چىقىپ كەتكىننى سەزمەپتىمەن.
-خوپ بولدى،كىم سىنى شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى مەن بىلەن كارى بولمىسۇن دەپتىكەن-چىرايىدىن بىر خىل خىجىللىق ئارلاش تاتلىق كۈلۈمسىرەش بىلەن پۇتلىرىمنى  يىنىك ئۇۋلاشقا باشلىدى.
تەقدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى مۇشۇ ئوخشايدۇ،ئەلھەكمۇلىللا دىمەكتىن باشقا ئىلاج يوقتەك قىلاتتى.
-يەنە نىمە ئويلاۋاتسەن؟يەنە شۇ سەھرالىق ئادەم چىرايى يوق بىر نىمەڭنى ئويلىمىغانسەن؟بۈگۈندىن باشلاپ مەندىن باشقا قىزلاغا قاراپ ئەمەس ئويلاپ قالساڭمۇ كۆردىغىنىڭنى كۆرسىتمەن،بىلسەنغۇ مىنى؟
-ماقۇل خانئاچا.سەن xx تىنمۇ يامان بولدىمۇ؟
گەپ قىلغاچ پۇتۇمنى مىدىرلاتتىميۇ ئاغرىق ئازابىغا  چىدماي ئىڭرىۋەتتىم.پۇتۇم ئۇيۇشۇپ مىدىرلىغۇسىز بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
-كەچۈرگىن،ھەممىسى منىڭ سەۋەبىمدىن بولدى،لىكىن ئۆزۈڭمۇ بىلسەن ،مەنمۇ ئامالسىز قېلىپ شۇنداق بۇلۇپ قالدى.بۇنۇڭدىن كىيىن مەن نىمە دىسەڭ شۇنى قىلمەن.لىكىن كىم سىنى ماڭا بۇرۇنراق تەلەپ قويمىسۇن دەپتۇ؟خوپ بولدى تازا،بولسا توكار بوپ قال،ئۆزۈم باقمەن.ھاھا.............
-ۋاي ئىشىڭنى قىلە،ئۈتەپ-بېرىپ قىزلانى باقتۇردىغان كۈنگە قالمىدىم مەن.
ۋايسىغاچ ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىر ئىككى قەدەم مېڭىپ سىناپ باقتىم،خۇداغا شۈكرى،تەستىراق ماڭالدىم.
-كىرىپ كىتەيلى-دىدىم مەن-بولمىسا باللار كىرىپ قالسا بىر ھەپتىگىچە قىزىق نوقتا بوپ قالمىز.
-چاتغىم نىمە ۋاي،ئىشقىلىپ مەن سەن بىلەن ئارلاشتىم،سىنىپتىكى باللارغا ئەمەس پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارلايمەن قانداق؟
-ساراڭ بوپسەن.ئختىيارىڭ.
مەن مەرھابانىڭ يۈلىشى بىلەن ئاستا-ئاستا مېڭىپ ئۇقۇتۇش بىناسىدىن ياتاق بىناسى تەرەپكە ماڭدىم.
  شۇنداق قىلقىپ مەرھابا بىلەن ئارلىشىپ قالدىم.بىرى بىلەن ئارلىشىشنىڭ بۇنداق تاتلىق بۇلدىغانلىغنى بىلگەن بولسام ئاللىبۇرۇن پەيزىنى سۈرەكەنمەن.
كۈنلىرىم شۇنداق مەنلىك ئۆتمەكتە ئىدى.مەرھابا بىلەن بىللە باغچىلارنى ئايلىناتتۇق،كۇچا ئارلاپ نەرسە سېتۋالاتتۇق.بارا-بارا مەرھابا ماڭا سىڭىپ قالغان ئىدى.بىز ھەقىقەتەنمۇ قاملاشقان بىر جۈپلەر ئىدۇق.بىلدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ھەۋەس قىلاتتى.
ئۇقۇش پۈتەي دەپ قالدى،بارغانسىرى مەرھابا بىلەن ئارمىزدا كىلشەلمەسلىك چىققىلى تۇردى،
-مەن يۇرتۇمغا قايتىشىم كىرەك،گەرچەئۈرۈمچىدە قالغۇم بولسىمۇ لىكىن ئاتا-ئانام يەنلا يىزىدا.ئاتا-ئانامنى دەپ بولسىمۇ مەن چۇقۇم قايىتمىسام بولمايدۇ.
-ئۈرۈمچىدە مەن دادامغا دەپ ساڭا خىزمەت تېپىپ بەرسەم،توي قىلغاندىن كىيىن  ئۇلارنى ئەكىلىۋالساقلا بولمىدمۇ؟
-ئۇلار بەرىبىر ئۇنمايدۇ.مەن دىگەنغۇ ساڭا.
ئەمىليەتتە مەن دادام-ئانامغا مەسلەھەت سالمىغان،پەقەت بىرلا مەقسەت:قايتىپ رەيھانغا ۋە مۇختارغا ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قۇيۇش  ئىدى.
بۇ كىلشەلمەسلىكلەر ئاخىرى ئۇقۇش پۈتىشى بىلەن ئاخىرلاشتى،مەرھابا ئەڭ ئاخىرى مىنى ئۇزاتقاندا:
-ماڭمۇ قىلدىڭ،ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ.مەن سىنى 4 يىل ساقلايمەن.ئەگەر4يىلدىن كىيىن بىز ئارلاشقان 5.ئاينىڭ 25 كۈنىگىچە كىلەلمىسەڭ ساقلىمايمەن.خوش..............

يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم،نەس باسقان بىرىنچى ئىش شۇ بولدىكى مەن ئۆز كەسپىمنى قىلالماي باشقا بىر ئىشقا قۇيۇلدۇم .ئىككىنچىسى رەيھان ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدى.ئاڭلىسام مۇختار ئۇنى بۇلشىغا ئۇرۇپ قېينئاتسىنىڭ ئىشكى ئالدىغا تاشلاپ قۇيۇپ كىتىپتىمىش.
خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلقىدا  مەرھابانى ئۇنتۇپ قالاي دەپ قالغان ئىدىم،ئانچە مۇنچە خەت يېزىپ تۇردىغان مەرھابا ھەر قېتىمقى خىتىدە مىنى قايتىپ كىلىشكە ئۈندەيتتى.لىكىن مەن ئۇنداق قىلالمايتتم.ئۆيدىكىلەرنىڭ قىستىشى بىلەن توي قىلۋالدىم،ئايالىم شۇنچىلىك مىھرىبان ئاقكۈڭۈل ئىدى.توي قىلىۋېلىشمنىڭ مەرھاباغا قانچىلىك تەسىر قىلدىغىننى بىلمەيمەن.لىكىن ئۇقۇش پۈتكىلى 4 يىلدىن ئاشقان ئىدى.ئامال يوق.ئۇمۇ بەلكىم باشقا بىرنى تاپقاندۇ. تەقدىر دىگەن شۇ ئوخشايدۇ.مەن ئۇنى توي قىلىپ ياندۇرۇپ كىلەي دىسەم ئۇنمىسا.مەن مىنى ئەسىر قىلغان  شەھلا كۆزنى كۆرۈش ئىمكانيىتىدىن 5يىل مەھرۇم بولدۇم.گەرچە ئۇماڭا مەن ئۇنۇڭغا مەنسۇپ بولمىساقمۇ پات-پات  ئۇچرىتىپ تۇرالىسام شۇنۇڭغا رازى ئىدىم.گەرچە ئىرشەلمىسەممۇ يىراقتىن  كۈرۈپ تۇرۇش ئىمكانىيتىدىن ئايرىلىپ قالسام بۇنداق ھاياتنىڭ نىمە مەززىسى بولسۇن؟


                                                       خاتىمە  




ئاپئاق قارلانى دەسسەپ كىتۋاتمەن،شۇنچىلىك ئاق،خۇددى مەرھابانىڭ ئەينى ۋاقىتتا ماڭا بەرگەن كۆڭلىدەك.شۇنچىلىك غۇبارسىز،خۇددى ئايالىم رەيھاننىڭ (ئىسمى ئوخشاشكەن دەپلا توي قىلىشقاماقۇل دىگەن ئىدىم)ماڭا ئاتا قىلغان مۇھاببىتىدەك.
ئاشۇ بىر جۈپ كۆز بەلكىم مىنى بىر ئۆمۈر قىينىشى مومكىن،ئامال يوق.بەلكىم ئۇ دۇنيادا .................

           تۈگىدى

مەنبەسى:  تاش كەمپىت





ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18545
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6999
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 2364 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 11:53:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردە ھىكايىلەر خىلى ئەۋىج ئىلىپ قالدىغۇ .
لىكىن بىر-بىردىن ئىسىل ھىكايىلەكەن ھەممىسى ، ئاۋال بىر ئوقۇپ تۈگتەي ھە .

ھايات مەن ئۈچۈن  ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت .
لىكىن كىچىمەن ھەرئىككىسىدىن ،
ئازاتلىق ئەركىنلىك ئۈچۈنلام پەقەت.

قايغۇلىرىمنىڭ ي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5706
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10045
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1690 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 01:01:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ‹شەھلا كۆز›ى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ تېمىغا كىرسەم،ئەسلىدە سىزنىڭ ‹شەھلا كۆز›ىڭىز ئىكەن-غۇ.باھا بەرگۈدەك سالاھىيىتىم بولمىسىمۇ پىكرىمنى قوياي.بەلكىم يوللاشتىكى مەقسىدىڭىز بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە دەپ قارىغىنىم ئۈچۈندۈر.
  ھېكايە ھەقىقەتەن مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلىپتۇ.مېنى بۇ تەسىراتقا كەلتۈرگىنى ھېكايىدىكى چىنلىق تۇيغۇسى ۋە ئىپادىلەشتىكى يەڭگىل تىل.شۇنداقلا ئەگرى توقايلىققا تولغان ياشلىق كەچمىشلىرى.ھېكايىدىكى ۋەقەلىكلەر ئادەمنى ئارتۇقچە گۇمانى تۇيغۇلاردىن خالاس قىلىدىكەن.ئىختىيارسىز ۋەقەنىڭ راۋاجىغا نىسبەتەن قىزىقىشنى قوزغايدىكەن.ئارتۇقچە قىستۇرۇلۇپ ۋاقىتنىڭ جىددىيلىكىدە ئادەمنى زېرىكتۈرىدىغان قىستۇرما بايانلارمۇ ئۇچرىمايدىكەن.يېشىممۇ تۇرمۇشنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ئاخىرلاشقان بولۇپ قايەرلەردىندۇر كۆڭۈلنى مىسكىن بىر تۇيغۇغا سالىدىغان ئەبەدلىك ھىجراننىڭ تىۋىشلىرى پۇراپ قالىدىكەن.
  قارىغاندا تۇنجى ئەسىرىڭىز بولمىغاندىمۇ بىزدەك ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان يازمىلىرىڭىزنىڭ يىرىكرەكى بولسا كېرەك دەپ ئويلۇدۇم.
تېخىمۇ تىرىشىشىڭىزغا،تېخىمۇ تېتىملىق ئىجادلارنى ھۇزۇرلىنىشىمىزغا سۇنۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.قەلىمىڭىزگە بەرىكەت ۋە قۇۋۋەت يار بولغاي.  

يازاي دېسەم كاللام قۇپقۇرۇق، يازماي دېسەم ئىتىياق تۇلۇق. ھەج قىلغۇدەك بىساتىم تۇرۇپ، مەن نېمىشقا يەنە قايغۇلۇق؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81393
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3665
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 01:01:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يانفونۇمغا چۈشۈرۈۋالدىم....رەھمەت......

قايغۇلىرىمنىڭ ي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5706
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10045
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1690 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 01:10:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆوڭلۈمنى سەل غەش قىلىپ قويغان بىر نۇقتا،ئەسەردىكى ‹مەن›نىڭ مەرھابا بىلەن بىلەن قاۋاققا كىرىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچىشى،قىزنىڭ گاڭگۇڭلۇق بىلەن ھاراق ئىچىشى ۋە يىگىتنىڭ بۇنى تەبىئى رەۋىشتە توغرا چۈشىنىشى...ۋاھاكازالار.بۇلارنى رېئال تۇرمۇشتىن يىراق دەپ قارىغىلى بولمىسىمۇ،مۇشۇ تەرەپ ئوقۇرمەنلەردە سەلبى تەسىرات پەيدا قىلامدۇ قانداق؟مىللى ئاڭ ۋە ئەخلاقنىڭ كىرىزىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەندەك قىلسىمۇ،بەزىلەردە خاتا يېتەكلەش رولىنى ئويناپ قالامدۇ-يوق؟
كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزدە توغرا دەپ قارىسىڭىز ئويلۇنۇپ باقارسىز.

يازاي دېسەم كاللام قۇپقۇرۇق، يازماي دېسەم ئىتىياق تۇلۇق. ھەج قىلغۇدەك بىساتىم تۇرۇپ، مەن نېمىشقا يەنە قايغۇلۇق؟

www.Xj529.com كىنولار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3491
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15920
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:29:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا قايغۇلۇقنىڭ ئىنكاسىنى ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. ھەي...............







مۇھەببەت يىكايسى بۇيەردىن كۆرۈڭ http://www.xj529.com/read.php?vid=1014

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 10:57:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن لىرىك تۇيغۇ ئىچىدە ئوقۇپ چىقىتىم. ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 483
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 11:21:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kayguluk يوللىغان ۋاقتى  2013-1-6 01:01 AM
نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ‹شەھلا كۆز›ى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ  ...

ياق ،
ئالدى بىلەن بۇ مەن كۈچۈرۈپ كەلگەن ئەسەر ئەمەس،مەلۇم بىر مۇنبەردىشىمنىڭ تۈرىتكىسى ۋە ياردىمىدە ئۈزۈم يېزىپ چىققان.
ھازىرغىچە بىرەر ئەسەر ياكى باشقا نەرسە يېزىپ باقمىغان.مۇنبەرگە يوللىغان «ئاياق»مۇ مىكرو خەتتىن كۈچۈرۈلگەن.ئەلۋەتتە،تۇنجى قېتىم يازغان نەرسە بولغاندىكىن نۇرغۇن خاتالىق بار دەپ ئويلايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tax☆kampit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-6 11:27 AM  


ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 483
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 11:25:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kayguluk يوللىغان ۋاقتى  2013-1-6 01:10 AM
كۆوڭلۈمنى سەل غەش قىلىپ قويغان بىر نۇقتا،ئەسەردىكى ‹م ...

مۇنداقچە دىگەندە مەنمۇ بۇ توغرىلىق ئىچكىرلەپ ئويلىنىپ باقمىغانكەنمەن.نۇرغۇن يۇرتۇشقا تىگىشلىك مەزمۇنلار  تۇلۇق يۇرتۇلمىدى دەپ ئويلايمەن.بۇلۇپ تىما ماۋزۇسىنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرشكە قەلىمىم ئاجىزلىق قىلدى.سىزنىڭ ماڭا بەرگەن تەكلىپ توغرىسدا سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.

ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!

شۈكىرى ئاللاھ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 1202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7796
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5049 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 02:15:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توختىماستىن يىغىۋاتقان ئاپئاق قارلار ئازاپلىرىمنى كۆمۋىتەلىگەن بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە ؟

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش