مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 395|ئىنكاس: 5

باللىقتىكى ھىكايە 1 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67304
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7560
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 938 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 10:40:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مېنىڭ ئۆيۈم

ئاپتۇرى  

خۇشۋاق  (سىماب )


111639.jpg

]


ئادەم تۇرمۇشى نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەسلىمىلەرگە تولغان بۇلىدۇ ، ئۈزىڭىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى ئەسلىگەن چېغىڭىزدا

بالىلىققا قايىقۇڭىز شۇ دەۋېرلەرنى يەنە بىر قېتىم باشتىن كەچۈرگۈ ڭىز كىلىدۇ .

بالىلىق  ، نىمىدىگەن غەمسىز ، خۇشال كۇنلەرھە !   بىراق ۋاقىت  بۇنداق كۈنلەرنى ئۇزۇنغا بارغۇزمايدىكەن .

مىنڭ بۇ كىچىك، سەبى ، خۇشال ،غەمسىز چاغلىرىمدا ياسىغان ئۆيۈم . مانا ئەمدىلىكتە خارابىلىككە ئايلانغان ئىدى ، گەرچە نۇرغۇن يىللار ئۈتۈپ، ئۆيۈم ئۆز ئىسكەتىنى يۇقاتقان بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئىزنالىرى بار ئىدى .

110922.jpg

دولقۇنلاپ ئاقىدىغان كىچىك دەريا ، ياپيىشىل شال مايسىلىرىغا تولغان شال ئېتىزلىرى ئېتىزلارنى قورشاپ تۇرغان ئېگىز چوقىلار  ....................................

چوقىلار ، بىزنىڭ ھەرخىل ئۇيۇنلارنى ئوينايدىغان  ئورنىمىز ئىدى  ،  چالما -چاڭ  ، مۇكۇشمەك ، ھەربى دۇشمەن ، مىھماندارچېلىق ،....................

ھەربىر ئوياننى ئوينايدىغان  رايۇنلىرىمىز ئوخشىمايىتتى ، چالما -چاڭ ئوينايدىغان يىرىمىز  ئىككى ئىگىز چوقا بۇلۇپ ، ئوتتىرسىدا كەڭرى بوشلۇق بار ئىدى  بىر بىرىمىزگە چالما ئىتىپ ھۇقۇم قىلاتتۇق ، جالما تەككەن ، بالىلار ئولگەن بۇلاتتىدە  ، يەنە بىر ئازدىن كىيىن ،قايتا تىرلىپ يەنە ئۇيۇننى داۋاملاشتۇراتتى ،  بۇئۇيۇننىڭ خەتىرىمۇ باردە ئەلۋەتتە ، كۈزگە چالما تېگىپ  كۈزگە تۇپا كىرىپ كىتەتتى  ياكى  يىقىلىپ چۈشۈپ ئاغىزىغا كىرىپ كىتەتتى ، ئىغىر بولغاندا ئۇيەر بۇيەرلەرنىى قايرىۋالادۇ ياكى كۆكۇرتۇۋالىدۇ   ، شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي شۇنداق خۇشال ئويايىتتۇق .....................................

مىخماندارچېلىق ئوينايدىغان يىرىمىز  ئۇچتەرپى چوق بىلەن قورشالغان  بىر تەرەپتە كىچىك ئوستەڭ بار  بىر جاي ئىدى  .  بىز شۇ چوقلارنى تىشىپ، كىچىك كېچىك ئويلەرنى  ياساپ ئوينايىتتۇق ، ئەلۋەتتە ئۇئۇ يەر ئۆيىمىزنىڭ بىر ئىغىزى ئىدى ، ئاساسەن <<ياتاق >> ئۆي قىلاتتۇق ئاندىن شۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ سىتلارغا مىھمان خانىلارنى ياسايىتتۇق  ، چوڭ - چوڭ چالمىلاردىن  ئۈستەل ، ئۇرۇندۇقلارنى ياساپ، مىھمانخانىلارغا قۇياتتۇق .

كىچىكىمدە كاللام بەك ئىشلەمدىكىن ياكى ئۇيۇن قىززىقچېلىقى تۇپەيلىدىنمۇ خىلى نەرسىلەرنى بايقاپ ھەم كاللامغا كەلگەن ئىشلارنى قىلاللايىتتىم ......

مىنىڭمۇ  شۇ يەردە ئۇيۇم بار ئىدى  ياتاق ئۈيۈم باشقىلارنىڭكىدەك چوقىغا تىشىلگەن بولماستىن بەلكى بىر تۈپ ، جىگدە دەرىخدە ئىدى .  ئۈزۈمچە  بۇمىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك ئۆيۇم ئىدى . دەسلىۋېدە شۇنى ئۆي قىلماقچى بولغۇنۇمدا ، باشقىلار مەسخىر قىلغان ئىدى .  توخۇدەك قونداقتا ياتماقچى دەپ .. ئوي پىتكەندە ھەممىسى ھەۋەس قىلغان ئىدى . مىنىڭ ئۆيۇم بىر تال جىگدىنىڭ ئۈچتال ئاچىمىقىنىڭ ئوتتۇرسىدا  ئىدى . ھەيران قالغانسىلەر بەلكىم ، بىراق مەنمۇ تارىخىمدا بۇنداق جىگدىنى كۈرۈپ باقمىغان ،يەردىن ئۇنۇپ يىرمىممىتىمۇ ئوسمەيلا چوق تەرەپكە قاراپ يانتۇ ھالاتتە ئۆسكەن ،  چوقتىن سېيرىلىپ چۇشكەن تۇپىلارمۇ ،يانتۇ ھالەتتە جىگىدىگە ماس ھالەتتە ئىدى ، جىگدە بىلەن يەر ئارلىقى بىشى ئوتتۇز سان ئەتىراپىدا بولسا ئايىغى ئىككى مىتىر ئەتىراپىدا ئىدى ،  پۇتاقلىرى بولسا خۇددى ياساپ قويغاندەك .ئىككى ئۈچ مىتىردەك ئۇسۇپ تەكشى ئۈچ پۇتاق چېقارغان ،پۇتاقلىرىمۇ تەكشى يىرىم مىتىردەك يېيىلىپ ئۆسۈپ ئاندىن ئۈستى تەرەپكە يانتۇ ھالدا ئۆسكەن ئىدى .  بۇ تۆت پۇتاتقى ئۇيەر بۇيەردىن تېپىپ كەلگەن ،كالتەكلەربىلەن چېتىپ ئۈستىگە شاخلارنى قۇيۇپ ئۇنىڭ ئۇستگە يىكەنلەرنىڭ  قۇلارقلىرى ، ماندا ،يۆگىمەچلەرنى قۇيۇپ ، چېرايللىققىنا <<ئۇۋامنى>> ياسىۋالغان ئىدىم .   باشتا مايمۇن، تۇخۇ دەپ مەسخىر قىلغانلارمۇ ھەۋەس قىلىپ قالغان ئىدى .   

  بىراق بۇ ئۇۋامنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولمىدى ، قايسى بىر چىدىماس قىلدى ، بىر كۈنى ئۇۋامنى چۇرۋېتىپتۇ .  ئامال قانچە ، ئۆيۇمنى ياسىمىسام بولمايدۇ بولمىسا قانداق ئوينايمەن ، ياغاشلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ،ئۇنىڭغا سالىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەشكە باشلىدىم . كۈزۈم ئادەتتە بىز جىن بار دەپ يىقىن بارمايدىغان  ، قايسى زامانلاردا ئۈستىدىن سۇ تېشىپ كىىرىپ، تۇشۇك قىلىپ قويغان بىر يەر دىكى ماندالارغا چۈشتى ،  باشقىلانىڭ جىننىڭ  نەرسىسىگە تەگمە ، قۇلۇنە قۇرۇپ كىتىدۇ ، جىن ئاپقىچىدۇ دىگەنلىرىىگە پىسەنىتمۇ قىلماي بېرىپ ، ماندالارنى ئاجىراتتىم . ماندا ، يۆگىمەچلەرنى چۈشۈرۈپ بۇلۇپ ،<< ئۆنكۈر >> مانا مەن دەپلا ئاشكارە بولدى . مەندە ئۇيەرگە كىرىپ كۇرۇپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى . بالىلارنىڭ كىرمە جىن بار، جىن يامىشىۋالىدۇ.... دىگەنلىرىگە پىسەنىتمۇ قىلماي ،ئىچىگە كىردىم ، ئەلۋەتتە مەنمۇ قوقۇپ تۇرىمەن ، بىراق  ئۇيەرنى كۇرۇش ئىستىگى قورقۇنجامنى  باسقان ئىدى ، . ئىچېى ئىككى ئۇچ مىتىر چوڭلىقىدا بۇلۇپ ، سۇ تىشىپ كىرگەن تۇشۇك ئۇنىڭ ئىچىنى يۇرتۇپ تۇراتتى .  شۇندىلا كاللامغا جىن كىردى، شۇ يەرنى ئۆيقىلماقچى بولدۇم .ۋە شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ئىچىدىكى غازاڭ ، ئەخلەت، ئۆمۈچۈك تورى قاتارلىقلارنى تازىلىدىم ،  باشقا ئۇيانلارنىمۇ ئوينىمىدىم ، مەكتەپتىن كىلىپلا شۇيەرگە كىرۋالاتتىم .  شۇنداق قىلىپ ئۇچ تۆت كۇندە ئۆيۇم پىتتى ، ئوي چوڭمۇ ئەمەس كىچىكمۇ ئەمەس ئۇچمىتىر ئەتىراپىدا كىلەتتى  ئۇستى قازاقلارنىڭ چېىدىرىغا ئوخشاش ئىدى ، ھىلىقى سۇ كىرگەن تۈشۈك خۇددى ئۆينىڭ تۇڭلىكىگىلا ئوخشاش ئۇينى يۇرتۇپ تۇراتتى .  ئوينىڭ بىر تەرىپىدە كارۋات يەنە بىر تەرپىدە ،ساپا بار ئىدى ،ئەلۋەتتە بۇنى ئۆي ساساش جەيرانىدا ئۇينىڭ تگىنى ئىچىپ شۇ يەردىكى چالمىدىن ياسىغان ئىدىم ،  ئۇنى ھەرخىل نەرسىلەرنى ئىكىلىپ بىزىدىم سىلييو يۇپۇقتا زەدىۋال قادىۋالغان  ، ئويدىن ئوغىرلىقچە تونۇر بىشىغا سېلىپ قويغان كونا كىەىزنى ئىركىرىپ سېلىۋالغان ئىدىم ....................................................

يىللار ئۆتتى ، بارا-بارا چوڭ بۇلۇپ ئۇيەرلەردە ئوينىماس بولدۇم ،كەرچە ئۇنىمىساممۇ پات پاتلا بىرىپ تۇراتتىم ، ئۆيۈم بۇزۇلۇپ بىر نىلەرگە ئوخشاپ قالغان بولسىمۇ بىراق ئىزنالىرى يۇقالمىغان ئىدى .

ئەمما ئۇيەردىن شۇ چاغلاردىكى خۇشال كۇلكىلەرنىڭ سايىسىنىمۇ كۇرەلمىدىم ، ئۇنداق خۇشاللىقلار ئاللىقاچان يۇقالغان ئىدى .

ھازىرقى بالىلار يا ئويناشنى بىلمەمدىغاندۇ ياكى مەھەللىمىزدە باللىلار قالمىغانمىدۇ ، قالمىدىمىكى دىسەم ، ھەركۈنى سەھەر ئۇزىنىدىن يۇقان سومكىلارنى كۈتۈرۈپ مەكتەپكە كىتىۋاتقان نۇرغۇنلىغان << بالىلار>>نى  كۈرىمەن ، بىراق مەھەللەمدە ، ئۇنداق باللىلارچە خۇشاللىقلار يوق .........................................................................

مەنبە    مەن ، يەنى   خۇشۋاق     (سىماب )

رەسىملە  شۇ مەھەللەم   دىكى شۇ رايۇننىڭ بەزى يەرلىرى ، ئەينەن ئۆزىنى يوللاي دىسەم ئامالسىز  ، مەندە بارى شۇ رەسىم

قىنى تورداش سىزنىڭمۇ  بالىلىقتىكى خۇشال چاغلىرىڭىز بولغانمۇ ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   simab تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-5 10:51 PM  


110922.jpg
ھايات بىر كىتاپ ،سىزئۇنى  يازىسىز  .
ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى.............
................................ بىراق سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 837
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6042
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 12:59:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە مەن 90 _ يىلنىڭ كەينىدىكى بالىلاردىن بولساممۇ كىچىمدە ئوينىغان ئويۇنلىرىمنى ئويلىسام تولىمۇ سېغىنىمەن . مېھماندارچىلىق ، مۆكۈشمەك ، كۆز ئېتىش ..... ئاتامۇت دەپ بىر ئۇيۇنىمىز باتتى ، مەھەللىدىكى قىز _ ئوغۇل ھەممىمىز بىللە ئوينايتتۇق ( توپ بىلەن ئوينىلاتتى ) . بەك بەك بەك كۆڭۈللۈكتى . بۈگۈنكى كۈندە مەھەللىلەدە بالا كۆرگىلى بولمايدۇ ، قەيەردىكىن دېسەم كۆپىنچە بالىلار ئۆيىدە كومپىيوتىر تاختىسى ئۈسىتىدە تاقىراقشىشىدۇ ، بەزىلىرى تېلفۇندىكى ئۇيۇنلار ، يەنە بەزىلىرى شىيياڭياڭ دەپ تېلىۋىزور تالىشىۋاتقان ئىكەن ئەمەسما ؟
    نەۋرە ئاچامىنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرۇش جەريانىمدا بۇ تەرەپنى بەكرەك ھېس قىلىپ يەتتىم . ئاچامنىڭ 2 بالىسى بار ، بىرى 4ياش بىرى 1 يېرىم ياش . چوڭى كومپىيوتىردىن ئويۇنلانى ، كارتون فىلىملەرنى تىپىپ كۆرىۋېرىدۇ ، كىچىكى تىلفۇن ،  ipadدىگەننىڭ پىرى دېسەم ئېشىپ كىتەر بەلكىم ، ئىشقىلىپ مەشغۇلات قىلىشنى بىلىدىكەن . تالاغا چىقىپ ئويناش دېگەننى بىلمەيدۇ . ئاچچىقىمدا ئۇكىلىرىم بىلەن قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنى يىغىپ مەھەللىدە ھەرخىل ئويۇنلارنى تازا ئويناتتىم . قار ياغقانلاردا قار سەيلىسى قىلدۇق . قار بوۋاي ياسىدۇق كىچىك ئۇماقلار بىلەن ...... بالىلىقىمغا قايتقاندەك ھېس قىلىپ قالدىم . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kar0923 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-6 01:01 AM  


بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8356
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8137
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 05:03:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنى دەيمەن ... ھازىرقې باللا غا تورخانا ،مەيخانا،دېسكوخانا،ئېشقېپ خانىلا لا بوسا بولدىغان بوپ كەتتې ،،،بىزلە نىڭ بالىلىق چاغلىرىمىز پىچەت ئۆتۈپتىكەن جۇمايەنىلا..... تېما ئېگېسىگە تەشەككۈرلەربولسۇن....!

بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85965
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:20:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىقىمدا  بەك كەپسىز بولسام كىرەك قىز بالا تۇرۇپ دائىملا دەرەخكە يامىشىپ  ئوينايتتىمكەن ،شۇڭىمۇ ئەتتىگەندە كىىيپ چىقىپ كەتكەن كىيمىم چۈشتە  ئۇ يەر بۇيىرىنى شاخ ئىلىۋالغان خۇددى مازارنىڭ تۇغ ئەلەملىرىدەك  لەپىلدىتىپ كىلىپ ئانامدىن تىل ئاڭلايتتىم ،دادام رەھمەتلىك  مىنىڭ ئۇغۇل بۇلىشمنى بەك ئارزۇ قىلغاچقىمىكىن   ئانام تىللۋاتسا مەيلى  بالام دەپ قۇچىقىغا ئېلىۋالاتتى . شۇ ۋاقىتلاردا  مەھەللىدىكى چوڭ كىچىك ھەممىز يىغىلىپ بەك كۆڭۈللۈك ئوينايتتۇق .

[[b]color=Red]بىر كۆز بىر كۆزگە نىمىلەرنى چۈشەندۈرەلەيدۇ بىلمەيمەن ،ئەمما بىر سۆز بىر كۆزنى يىللارچە يىغلىتالايدۇ .بىركۆڭۈلنى يىللارچە ساقلىتالايدۇ...![/color][/b]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3973
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 398 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 05:18:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىم ئاساسەن تاپشۇرۇق ئىشلەش كىتاپ ئوقۇش بىلەن ئۆتكەن ئىدى
زىرىكسەم كومپىيوتىر ئوينايتتىم

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76096
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2815
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-2-17
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 06:57:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاق قۇزىدەك شوخ تىنىمسىز،
بالىلىقىم ،بالىلىق.
ئاش يىيىشتە قالتىس باتۇر،
قىلغان ئىشتا چالىلىق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش