مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 616|ئىنكاس: 6

ھايات كەچمىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79117
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4125
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 10:31:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھايات كەچمىشى

(مىسرنىم مۇكاپاتلىق ئەسرىگە يوللايمەن)

كەچلىك مۇزاكىردىن چۈشۈش قوڭغىرقى چېلىنىشى بىلەن ساۋاقداشلار بىر-بىرى بىلەن تەتىلنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ،ئۆز-ئارا ئەسلىشىپ تۇرۇش توغۇرلۇق ئەسكەرتىش بېرۋەتكەندىن كىيىن ئالدىراپ ياتاقلقرىغا قايتىشتى.دىلزات بىر مەۋسۇم ئۆزىگە ھەمراھ بولغان كىتاپ ماتىرياللىرىنى قۇچاقلاپ ھەممىنىڭ ئارقىدىن ئاستاغىنە ياتاققا كىرىپ كەلدى.دىلزاتنىڭ كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ياتاقداشلىردىن ئادىل:

ـــ ۋاي ئاداش بۇنچە جاپا تارتىپ يۈرگىچە بىزگە دىسەڭ بىز ياردەم قىلمامتۇق ؟

بىر ياقتا كىتاپ رەتلەۋاتقان تۇرسۇن ئادىلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ :

ـــ ھا ھا ھا ھا ...قويە سېنى ،كىتاپ دىسە بېشىڭ ئاغرىيدىغان ئادەم كىتاب كۆتۈرشۈپ بەر دىگەنگە بېرىپ كانايغا قوياسە؟!!

ـــ مېنى بۇنچە ناچارمۇ چاغلاپمۇ كەتمە ،بىلسەڭ مەن بۇ مەكتەپكە ئارقا ئىشىكتىن ئەمەس ،ئون ئىككى يىل تىرشىپ ئالدى ئىشىكتىن كىرگەن.

ئادىل شۇنداق دەپلا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتى. ئۆزىنىڭ قىلغان گېپىدىن سەل خىجىل بولغان تۇرسۇن ئادىلنىڭ ئارقىدىن چىقىپ كەتتى.

ـــ دادامغا بىر چاپان ئالغان ئىدىم ، سەل چوڭراقىنى ئېلىپ قالغاندەك ھېس قىلۋاتمەن ئاداش .

ـــ ئازراق چوڭ بولسا ھېچ گەپ يوق ئاداش ، چوڭلارغا بىر- ئىككى  دەرىجە چوڭ بولۇپ قالسا ھېچ گەپ ئەمەس.

قادىر بىلەن ناسىر شۇنداق دىگىنچە ياتاققا كىرىپ كەلدى . قادىر :

ـــ ھە سەنمۇ ئاتا-ئاناڭغا بىرەر سوۋغات ئالغانسەن؟!

ناسىر ئېغىر بىرنى تىنۋىتىپ :

ـــ مېنىڭ چوڭ دادام 70 ياشلارغا كىرىپ قالغان ، بۇ يىل قىش كىرشى بىلەن كېسلى ئېغىرلاپ قاپتۇ . شۇڭا باشقىلارغا بىر نەرسە ئالماي يىغقان پۇللىرىمغا بوۋامغا دورا ئېلۋالدىم .

«چوڭ دادامغا دورا ئېلۋالدىم»دىگەن سۆز بىر ياقتا كىتاپ رەتلەۋاتقان دىلزاتنى خىيال دېڭزىغا غەرىق قىلدى.

***************************************************

دىلزات سەككىز ئايلىق بولۇپلا تۇغۇلۇپ قالغاچقا 3~4ياشلارغا كىرىپ قالغىچىلىكمۇ كېسەل ئازابىدىن قۇتلالمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ كىچكىدىن ئورۇق ، تولىمۇ مىجىق ئىدى. بۇلار ئازلىق قىلغاندەك ئۇ بەش ياشنىڭ قارسىنى ئالماي تۇرۇپلا ئاتا-ئانسىز قېلىپ ئۆز تۇرمۇشىنى ئاران قامداپ كېتىۋاتقان چوڭ –دادا چوڭ ئانىسىنىڭ تۇرمۇشدا پەيدا بولغان ئىدى. ئۇ كەچلىرى ئۇياققا ئۆرۈلۈپ چوڭ دادسىنىڭ ، بۇياققا ئۆرۈلۈپ چوڭ ئانسىنىڭ قۇچقىدا ئەركىلەپ خۇشال ئويناپ ھېرىپ قالغاندا ئۇخلاپ قالسا ،كۈندىزى گۈزەل سەھرانىڭ ھوشۇققىچە كېلدىغان تولىرىغا مىلىنىپ قانغۇچە ئويناپ ھارغان جايىدا ئۇخلاپ قالاتتى. بىر كۈنى ئۇ ئويناپ ھېرىپ قېلىپ جايىدىلا ئۇخلاپ قالاتتى.

بىر كۈنى ئېتىزدىن ئىشلەپ ھېرىپ چۈشلۈك تاماق ئېتىش ئۈچۈن كەلگەن ھېلىمخان ئانا دىلزاتنىڭ يول بويدا ئۇخلاپ ياتقىننى كۆرۈپ ئىچى تولىمۇ سىيرىلىپ ئۇنى كۆتۈرگەن پېتى ئۆيگە ئەكرىپ ياستۇققا بېشىنى قويغۇزۇپ تۇرشىغا دىلزات ئويغىنىپ كەتتى.

ـــ ھە ،قوزام ئويغاندىڭمۇ ؟ قارا ھەممە يېرىڭ لاي بولۇپ كېتىپتۇ . ئىچىڭمۇ ئاغرىمايدۇ ماڭا.......

ـــ خاپومما ، بۇدا ئوينىماي .......

ـــ مەن سېنى ئوينىما دىمدىم بالام ، كىيمىڭنى مەينەت قىپسەن دىدىم.

ـــ شۇ ئوينىسام مەينەت بولدىكەن شۇڭا ئوينىماي دىدىمغۇ .....

ـــ ماقۇل ، ماقۇل ....ئوينىغىن قوزام ،سەن خۇشال بولدىغان ئىش بولسا نىمە قىلساڭ مەيلى .

ھېلىمخان ئانا دىلزاتنى ئەللەيلەپ ئۇخلىتىپ قويۇپ ئاشخانىغا تاماق ئېتىش ئۈچۈن ماڭغىنىدا قوشنىسى ئەركىن ئىشىكنى ئەنسىز قېقىپ كىردى .

ــــ چوڭ ئانا ، ھېلىمكامنى بايا يەر ھەيدەۋاتقاندا تېرەكتۇر بېسۋىتىپ ئوڭ پۇتىنى ئۈزۋېتىپتۇ. ھازىر دوختۇرخاندىكەن ، مەن پۇلغا كەلدىم . ھېلىمخان ئاننىڭ بېشدىن تۈتۈن چىققاندەك بولۇپ كەتتى . بۇ ئۆيدە دوختۇرخانغا تۆلگىدەك نەدە پۇل ، شۇندىمۇ يەر ئاغدۇرۇش ئۈچۈن يىغىپ قويغان ئاز تولا پۇللىرىنى ئېلىپ ئەركىنگە بېرىپ ئارقىدىن دوختۇرخانغا يۈگۈردى . ئۇلار دوختۇرخاننىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلشىگە ئىچىدىن ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى . تۇنساخان ئانا يۈگۈرگەن پېتى دوختۇرخاننىڭ ئىچىگە كىردى .

ــ پۇتى ئۈزلۈپ كەتكەچكە قان كۆپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باش قىسمى ئېغىر زەربە يىگەچكە بىزمۇ ئامال قىلالمىدۇق. كەچۈرۈڭلار !!

ھېلىمخان ئانا گەپنى ئاڭلاپلا ھوشىدىن كەتتى ، ئۇنىڭ شۇ ھوشىدىن كەتكەنچە ئورنىدىن تۇرالماسلىقنى ھېچ كىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.

***************************************************

دىلزات ناسىرنىڭ سۆزىدىن ئۆزى ئۈچۈن چۈش كۆرگەندەك ئىنتايىن خۈنۈك ئەمما بالىلىق قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشچە ئەسلەپ ئۆزىمۇ تۇيماستىن كۆز يېشى قىلىپ سالدى . ئۇنىڭ كۆز يېشى قىلغىننى كۆرگەن ناسىر :

ــ ئاداش بىرەر ئىش بولدىمۇ ؟ نىمگە كۆڭلۈڭ يېرىم بولدى ؟

دىلزات ناسىرنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىش ياكى بەرمەسلىكنى ئويلىشىپ قولدىكى ئوخشاش بىر جۈپ ياغلىققا ۋە قونچاققا قاراپ قويۇپ چاندۇرماستىن زىناقلىرىدىكى ياشنى سۈرتۈپ تۇرشىغا قادىر :

ـــ ناسىر ئاداش ،ئوغۇل بالا دىگەن كىچىك ئىشلارغا ياش تۆكمەيدۇ. بىزمۇ دىلزاتنى تېخىمۇ قىيناپ كۆڭلىنى يېرىم قىلمايلى. يۈرە پەسكە چۈشۈپ چىقايلى. ئەڭ ئاخرقى ئاخشام بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ ھاۋاسىدىن ھوزۇرلىنىپ چىقايلى.

ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن دىلزات قولدىكى بىر جۈپ ياغلىق ۋە قونچاققا قاراپ يەنە خىيال دېڭزىغا غەرىق بولدى.


دىلزات بىرلا ۋاقىتتا چوڭ دادسى ۋە چوڭ ئانسىدىن ئايرىلىپ قالغىنى ئالتە ياشلىق بىر سەبى بالا ئۈچۈن ئاز تولا ئازاپلىنىش ، قورقۇش بولسىمۇ ھېچقانداق چوڭ ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلالمىغان ئىدى . چۈنكى ئۇ قوشنىسى ئەركىندىن :

ـــ ئاكا ، چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئانام نەگە كەتتى ؟ دەپ سورغىندا ئەركىن :

ـــ ئۇكام چوڭ داداڭ ئالدىنقى كۈنى ئاسمانغا چىقىپ كەتكەن ، ئۇ يەردە چوڭ داداڭغا تاماق ئېتىپ بېردىغان كىيمىنى يۇيۇپ بېردىغان ئادەم بولمىغاچقا تۈنگۈن چوڭ ئاناڭ چوڭ داداڭنىڭ ئارقىدىن چىقىپ كەتتى. سەن چوڭ داداڭنىڭ ئۇ يەردە يالغۇز قىيلىنشىنى خالامسەن ؟

ـــ ياق ، خالىمايمەن .بىراق مەن يالغۇز قالدىم قانداق قىلمەن .

ــــ خاتىرجەم بول ئۇكام ، قوشنا كەنىتتە سېنىڭ داداڭ بار ، مەن سېنى داداڭنىڭ قېشىغا ئاپرىپ قوياي.

دىلزات چوڭ دادا ، چوڭ ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغىنى بىلەن دادىسى ۋە تولىمۇ چىرايلىق ئانسىنىڭ يېنىغا كەلدى .

فەرىدە ئورۇق ئاقپىشماق،ئۇزۇن چاچلىرىنى بەللىرىگىچە قويۋىتىپ زوق-شوخى بىلەن ئىشلەيدىغان ئايال بولغاچقا مەھەلىدىكى ھەممە ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنىپ قارايتى. دىلزات بۇ ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن سىڭلىسى نۇر زىبا ، دادسى كېرەم ۋە ئانىسى فەرىدە بولۇپ تۆت جان بىر ئۆيدە تۇرۇشقا باشلىدى. دىلزاتنىڭ كېلىشى بىلەن نۇرزىبا ئۆزىگە بىر ھەمراھنىڭ قوشۇلغىندىن تولىمۇ خۇشال بولغان بولسا،فەرىدە نۇرزىبانىڭ تولا يىغلاپ ئۆزىنى بىسەرەمجان قىلدىغان غەلۋىسدىن قۇتۇلغىنغا ئالەمچە خۇشال ئىدى. بىراق دىلزاتنىڭ كېلىشى كېرەمنى بىر خىل ئەنسىز چىلىككە سېلىپ قويدى.كېرەم ئۆز كۆڭلىدىكى ئاللىقانداقتۇر بىر ئەنسىز چىلىكلەرنى يۇشۇرۇشقا تىرشاتتى-يۇ لىكىن ئەقىللىق فەرىدە تەرپىدىن بايقىلىپ قېلىپ «سودام ياخشى ئەمەس »دىگەن باھانە بىلەن كۆڭۈل غەشلىكىنى يۇشۇراتتى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دىلزاتمۇ يەتتە ياشنىڭ قارسىنى ئېلىپ قالدى ، گەرچە نۇر زىبا دىلزاتتىن بىر ياش ئەتراپىدا كىچىك بولسىمۇ مەكتەپتە باشقىلار بوزەك قىلمىسۇن دەپ دىلزات بىلەن بىرگە مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى.

فەرىدە كېرەمنىڭ ئىككىنجى قېتىم ئالغان ئايالى بولۇپ نۇرزىبا كېرەمگە ئۈگەي ئىدى، لىكىن كېرەم فەرىدە بىلەن توي قىلغاندىن بۇيان نۇرزىبانىڭ يېتىملىكىنى قەتئى چاندۇرمىغاچقا فەرىدەمۇ دىلزاتنىڭ يېتىملىكىنى چاندۇرمىدى، بەزى نۇرزىبادىن دىلزاتنى ئەتىۋا كۆرۈپ كەلدى. فەرىدە كېرەمگە باشقا يۇرتتىن كېلىپ تەككەن بولغاچقا كېرەمنىڭ بۇرۇنقى ئايالى توغۇرلۇق ھېچ ئىشنى ئۇقمايتى، شۇڭا ئۇ نەچچە قېتىم كېرەمدىن دىلزاتنىڭ ئانىسى توغۇرلۇق بىر نەرسىلەرنى سوراشنى ئويلىغان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا ۋاز كەچكەن ئىدى.

دىلزات تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كەتكۈچە كېرەم كۈندە سودا ئىشى بىلەن ئاكا-سىڭىل ئىككىسى ئوقۇش بىلەن ، فەرىدە بولسا ئۆي ئىشى بىلەن دىگەندەك بۇ ئۆي كۆل سۈيىدەك تولىمۇ تىنىچ ئۆتتى ،لىكىن كېرەمنىڭ كۆڭلى پەقەتمۇ تىنىچ ئۆتمىدى ، كۈندىن –كۈنگە كەچلىرى تولا قارا بېسىپ ئۇخلىيالمايدىغان ، ئاسان جىلە بولدىغان بولۇپ قالدى . بىر كۈنى كەچ ئۇنى يەنە قارا بېسىپ ، چىلىق –چىلىق تەرگە چۈمۈلۈپ كەتتى، فەرىدە ئويغىنىپ كېتىپ:

ـــ كېرەم ،سىزگە نىمە بولدى ؟ دوختۇرغا بارايلىمۇ؟

ـــ ياق ، بولدى فەرىدە ، ئاۋارە بولما ، ساڭا دىمگەن بىر ئىش بار ئىدى، ئۇزۇن بولدى مېنى پەقەت ئارامىدا قويمىدى، مەن پەقەت چىداپ بولالمىدىم ، ناۋادا شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ مەن تۇرمۇشۇڭدىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسەم سەن مېنى ھەرگىز ئىزدىمە ، ئىزدىسەڭمۇ تاپالمايسەن. كېرەم فەرىدەنىڭ كۆڭلىگە بىر غەشلىكنى سېلىپ قويۇپ ئۇخلاپ قالدى.

كۈز ئايلىرىنىڭ باشلىرى ئىدى، كۈزنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرى ئادەمنىڭ سۆڭكىدىن ئۆتەتتى.دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى بىر –بىرى بىلەن بەسلىشىپ چۈشمەكتە ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەلفىرە ئايرىلغىنىغا ئۇزۇن بولغان يۇرتى ، جاپاكەش ئاتا –ئانسى ، ئوماق ئوغلى دىلزات ۋە ئاشۇ تاش يۈرەك يولدىشى كېرەمنى ئىزدەپ كەلدى. ئەپسۇس ئۇ قوشنىسى ئەركىندىن ئاتا-ئانسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ، ئوغلىنى كېرەمنىڭ يېنىغا ئاپرىپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ كېرەمنىڭ ئۆيىگە ئوغلى دىلزاتنى ئىزدەپ كەلدى.

ـــ توك،توك،توك............

ـــ بۇ كەچتە ئىشىكنى چەككەن كىمدۇ؟ــ دىدى فەرىدە ۋە ئىشىكنى ئاچماق بولۇپ ماڭغاندا كېرەم يۈركى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك فەرىدەنى توختىتىپ قويۇپ ئۆزى ئىشىك ئېچىش ئۈچۈن ماڭدى.

ـــ كىم؟كېرەم ئەنسىزلىك بىر ئالغان كەيپىياتى بىلەن بۆرىدىن قورۇققان قوزىدەك لىغىلداپ تۇرۇپ توۋلىدى.

ـــ مەن ئەلفىرە.... كېرەم ئەلفىرە دىگەن ئىسىم ۋە تولىمۇ تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى. ۋە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىل بۇرۇن يېزا بىلەن شەھەر ئارلىقىدىكى جىرالىقتا قىلغان ھايۋانلىقى ۋە نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن جىرالىققا بېرىپ ھېچ نەرسە تاپالماي كۈنلىرى ئازاپ-ئوقبەت قورقۇنۇش ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى ئويلاپ ئاستا بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى.

ـــ كىمنى ئىزدەيسىز؟كېرەم گەپ قىلغاچ ئالدىدىكى ئايالغا قارىدى، لىكىن ئايال يۈزىنى ياغلىق بىلەن ئورۋالغاچقا ھېچ نىمنى كۆرەلمىدى، يېقىن كەلگەنسىرى بۇ ئاۋاز ئۇنىڭ تومۇر-تومۇرلىرىدىن ئۆتۈپ ئۇنى قىينىماقتا ئىدى.

ـــ ئوغلۇم دىلزاتنى. كېرەم ئۇنىڭ زادى ئەلفرەلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا:

ـــ قېنى ئۆيگە كىرىڭ.

ـــ بولدى رەھمەت ،دىلزات بارمۇ ؟

ـــ بار ئۆيدە تىلۋۇزۇر كۆرىۋاتدۇ. تالا بەك سوغۇق ، ئۆيگە كىرىڭ.

ـــ بولدى مەن ئۆيگە كىرسەممۇ دىلزات مېنى تونىمايدۇ،ھەم تونۇشلۇق بەرگۈم يوق ،سىز كىرىپ بىر باھانە بىلەن ئۇنى ماڭا بىر كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا كېتىمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر چىرايلىق ئايالىڭىزمۇ بار ئىكەن ، ئۇ دىلزاتقا بەك كۆيۈندىكەن ، مېنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى بۇزغۇم يوق.

ـــ بولدى قىل ئەلفىرە ، ئۆيگە كىر ،سىرىت سوغۇق، ئۆيدە كۆرۈشكىن ، ئوغلۇڭنى باغرىڭغا باس ، ئۇ تېشىغا چىقارمىغان بىلەن ئىچىدە فەرىدەنىڭ ئۆز ئانىسى ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ.

كېرەم ئەلفىرەنىڭ ئۇنمىغىنىغا ئۇنىماي ئىتتىرىپ ئۆيگە ئەكىردى.

مەشتە گۆرۈلدەپ ئوت كۆيىۋاتاتتى، مەش تۈۋىدە بۇرۇنقى گۈزەللىكىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بىر ئايال دەم تىلۋۇزۇرغا قارسا دەم گۈل كەشتىلەپ ئولتۇراتتى. سۇپۇدا بولسا 15~16ياشلار چامىسدىكى ئىككى بالا بىر نىملەرنى تالىشىپ ،كۈلشۈپ ئويناۋاتاتتى. ئۆيگە يۈزلىرى يۆگەكلىك بىر ئايالنىڭ كىرىپ كەلگەنلىكىنى بايقىغان فەرىدە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ نۇر زىبانى تۆر كۆرپىسىگە بۇيرىغاچ كىرىپ كەلگەن ئايالدىن:

ـــ كېرەم چۇ ؟ كېرەم قېنى ؟دەپ سورىدى.

ـــ ئۇ ھازىرلا بار ئىدى. ئارقامدا بار ئىدى.

ئەلفىرە ئۆرىلىپلا ئارقىغا ماڭدى ،فەرىدەمۇ پۇتىغا ئاياغمۇ كىيمەستىن ساپما ئاياغ بىلەنلا سىرىتقا ماڭدى ، بالىلار ئانسىنىڭ كىرشىنى كۈتۈپ ئۆيدە ساقلىدى. ئۇلار ھەممە ياقنى ئىزدەپ كېرەمنىڭ قارسىنىمۇ تاپالماي ئۆيگە يېنىپ كىردى. فەرىدە ئۆيگە كىرىپ دىلزات بىلەن نۇرزىباغا:

ـــ داداڭلارنى كەنىتتىن چاقىرىپ ئەكەتتى، تاڭ ئاتقاندا كەلگۈدەك . سىلەر ئۇخلاۋېرىڭلار. فەرىدە بالىلارنى ئۇخلىتىپ قويۇپ ئەلفىرەنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە:

ـــ بىر نەچچە يىل بولدى كېرەمنىڭ كۆڭلى بەكلا بىئارام ، قايسى كۈنى كەچ مەن يوقاپ كەتسەم ئىزدەپ ئاۋارە بولما دىگەنتى ، ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشى چوقۇم سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك شۇنداقمۇ ؟

ئەلفىرە بىردەم ئويلىنۋالغاندىن كىيىن :

ـــ فەرىدە بۇ مەن. ئەلفىرە ،باشلانغۇچتىكى ساۋاقدىشىڭ.ئەلفىرە بىلەن فەرىدە باشلانغۇچتا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن ئىدى.

ـــ يۈزۈڭ يۆگەكلىك بولغاندىكىن تونماپتىمەن . فەرىدە شۇنداق دىگەچ مەشتە قايناۋاتقان چاينى چاي چەينىكىگە قۇيۇپ دەملەپ قويغاچ ئەلفىرەنىڭ كۆزىگە سۇئال نەزىردە قارىدى.ئەلفىرە تولىمۇ ئەستايدىللىق بىلەن سۆز باشلىدى:

ـــ بىز باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن دادام ئۇنمىغىنىمغا ئۇنىماي كېرەم بىلەن تويۇمنى قىلىپ قويدى، مەن باشتا ئۇنى ئانچە تونىمىغاچقا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغىنىمدىن ئانچە رازى ئەمەس ئىدىم . بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئوغۇل بالادارچىلىقى بار، مەرت ئىكەنلىكىنى دەپ تەككىنىمگە رازى بولدۇم .ئۇ ۋاقىتلار «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»ئاخرلاشقىنغا ئۇزاق بولمىغاچقا ئەتراپ تولىمۇ ناھەقچىلىككە تولغان ئىدى. بىر كۈنى كەنىتتىن كېرەمنى چاقىرتىپ:

ـــ سەندە قورال بار ئىكەن. تاپشۇرساڭ ھېچ گەپ يوق ، تاپشۇر مىساڭ سېنى سولاپ قويمىز . دەپتۇ لىكىن كېرەم :

ـــ مەندە قورال يوق . دەپ چىڭ تۇرۇپتۇ. لىكىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ئىككى قولنىڭ بەش مالتاق بارمىقىدىن ئېسىپ قويۇپ بەك قاتتىق ئۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن كېرەم قىمار ،ھاراق،تاماكۇغا ئۈگنىۋالدى. بىر كۈنى مەن چۈشلۈك تاماق ئېتىۋاتسام كېرەم مەست ھالەتتە كىرىپ كەلدى ۋە :

ـــ ماڭا پۇل بەر ،خوتۇن ماڭا پۇل بەر .............

ــــ پۇل ، مەندە كۆكتات سېتىۋالغۇدەك پۇل يوق قوشنىلاردىن سوراپ تاماق ئېتىۋاتسام سىزنىڭ ئوينىشىڭىزغا نەدە پۇل تۇرۇپتۇ. دىيشىمگە :

ـــ مەن ئۇتتۇرۋەتتىم ،مەندە ھېچ نەرسە قالمىدى، ئەگەر پۇل بەرمىسەڭ قىمارغا سېنى تىكىمەن.............

كېرەمنىڭ «قىمارغا سېنى تىكىمەن»دىگەن سۆزى جان جەھلىمدىن ئۆتۈپ سەي قورىۋاتقان چۈمۈچ بىلەن ئۇنى ئۇرماقچى بولىشىمغا كېرەم كەلگەنچە كېلىپ قولۇمدىن تۇتىۋېلىپ ھېرىپ قالغۇچە ئۇردى، ئۇرۇش جەريانىدا ياندىكى ياغ تۇڭى ئۆرىلىپ چۈشۈپ ئاشخانا ئىچى ياغ بولۇپ كەتكەن ئىكەن.  ئۇ مېنى ئۇرۇپ ھېرىپ قېلىپ ياندىكى ئۆيگە چىقىپ تۇرشىغا ئوچاقتا كۆيۈۋاتقان ئوتۇن ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ ئاشخانىغا ئوت كەتتى، مەن ئوت ئىچىدە قالدىم ،ئاڭغۇچە قوشنىلار كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرۋالدى.

ــــ  ئۇلۇغ ئاللاھ نىمە گۇناھىمغا مېنى تىرىك ئوتتا كۆيۈشكە بۇيرىدىكىن .

ئەلفىرە شۇنداق دەپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى، فەرىدە ئىسسىق چاينى ئۇنىڭغا تەڭلىگەچ قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ كۆز يېشىنى سۈرۈتمەك بولدى ، ئەلفىرە بىردەم تىنىچلانغاندىن كىيىن يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى:

قوشنىلار ئوتنى ئۆچۈرۋېلىپ مېنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولسىمۇ لىكىن تېخنىكىسى يېتىشمەي شەھەرلىك دوختۇرخانىغا بۇيرۇپتۇ. ئۇ چاغلاردا قاتناش ئانچە قولايلىق بولمىغاچقا كېرەم قوشنىلارنىڭ ئېشەك ھارۋۇسىنى سوراپ مېنى شەھەرگە ئېلىپ ماڭدى ، ئاتا-ئانام بىز دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كىيىن ئارقىمىزدىن باردىغان بولدى. ئاز تولا ئېسىمدە كېرەمنىڭ «رۇستەم توڭگۇز»دەيدىغان بىر دوستى بولدىغان ،كېرەمنىڭ قىمار ،ھاراق ، تاماكۇ ئىش قىلىپ بارلىق يامان يولغا ئاشۇ باشلاپ كىرگەن ئىدى، شۇ يېرىم يولدا بىزگە ئۇچقىشىپ قېلىپ :

ـــ ھە،كېرەم ئاداش ،سەپەر قاياققا ؟

ـــ قاياققا بولىتى؟ھەپتە بولدى ، بۇ ئۆلگۈر خوتۇن ئوتتا كۆيۈپ بەردى ،بۇ يەرنىڭ تېخنىكىسى يېتىشمەي شەھەرگە ئېلىپ ماڭدىم .

ــــ بۇ يەردە دوختۇرلارغا نەچچە پۇل كەتتى؟ سوردى «رۇستەم توڭگۇز »موخرىكىنى ئاچچىق-ئاچچىق شوراپ.

ـــ 2000يۇەن كەتتى. شەھەرگە بارسام نەچچە پۇل كېتىدىكى بىلمىدىم.

ــــ نەدىن تاپتىڭ شۇنچە كۆپ پۇلنى ؟

ـــ500يۈەننى قەرىز ئالدىم . قالغان 1500يۈەننى ئاتا-ئانىسى نەدىن تاپتىكى ؟

ـــ ئاداش سەن بۇ خوتۇننى شەھەرگە ئېلىپ ماڭساڭ ساقايغان ھالەتتىمۇ 100مىڭ يۈەن بولمىسا بولمايدۇ، ئەگەر ئۇ پۇلنى قەرىز ئالساڭ ساقايدى دىگەن تەقدىردىمۇ پۈتۈن تارتۇق بىلەن ساقىيدۇ،ئۇ چاغدا بۇ خوتۇننىڭ قولدىن بىر نەرسە يىيىش ئەمەس قاراشقىمۇ رايىڭ بارمايدۇ.

«رۇستەم توڭگۇز»شۇنداق دەپ كېرەمنىڭ قۇلقىغا بىر نىملەرنى دەپ قويۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، كېرەم گەپ سۆزسىز ئېشەكنى ھەيدەپ شەھەرگە ماڭدى ، مەن بىر نەچچە قېتىم ئاران چىقىۋاتقان ئاۋازىم بىلەن :

ـــ ئۆيگە قايتىپ كېتەيلى .دىسەم كېرەم موخرىكىنى قاتتىق –قاتتىق شوراپ ماڭا خۇددى ناتونۇش ئادەمگە قارغاندەك قاراپ قويۇپ جىمجىت شەھەرگە قاراپ ماڭدى ، شەھەر بىلەن يېزا ئارلىقىدا بىر جىرا بار ئىدى ، كېرەم شۇ يەرگە كېلىپ توختىدى ، مەن تېخى ئۇنى ھاجەت قىلدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن ، بىراق ئۇ ئون نەچچە مىنۇت شۇ يەردە ئولتۇرغاندىن كىيىن مېنى ھارۋۇدىن كۆتۈرۈپ ئالدى مەن قورقۇپ جانسىز قوللىرىم بىلەن ئۇنى چىڭ تۇتىۋالدىم ئۇنىڭ قولى بوينىمغا ئىلىنىپ ئانام رەھمەتلىكتىن قالغان مارجان ئۇنىڭ قولىدا قالدى مەن بولسام جىراغا تاشلاندىم.

ئەلفىرە شۇنداق دەپلا ئۆزىنى تۇتۋالالماي ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى ، فەرىدەمۇ كۆز ئالدىدىكى بۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئېچىنىشلىق رىئاللىققا بەرداشلىق بېرەلمەي كۆز يېشى قىلدى ۋە ئادەم قېلپىدىن چىققان بىرى بىلەن ئون نەچچە يىل بىللە تۇرغىنىغا ئىچى ئېچىشتى. ئۇلار بىر-بىرنى قۇچاقلاپ بىردەم يىغلىغاندىن كىيىن ئەلفىرە يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى:

ئۇ ۋاقىتتا«شىنجاڭنى قايتا گۈللەندۈرۈش ئىستىراگىدىيىسى»بويچە بىر تۈركۈم ئەسكەرلەر يېزىمىزغا كېلىپ شۇ جىرادا دالا مەشىقى قىلۋاتقان ئىكەن مەن دەل شۇلار نىڭ مەشىق مەيدانىغا چۈشۈپتىمەن ، ئۇلار مېنى بايقا دەرھال ھەربى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددى قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىپتۇ .ھەربىيلەرنىڭ ، قان تەقدىم قىلىشى بىلەن مەن ئۆلۈم ئېغزىدىن قايتىپ كەپتىمەن . مەن ئۇيەردە ھەربىيلەرگە ياردەم بەرگەچ ساق قالغان جايلىرىمنىڭ تېرسىنىڭ ئەسلىگە كېلشىنى كۈتتۈم . بىر نەچچە يىل ئىچىدە تېرەم ئەسلىگە كېلىپ ھەربى دوختۇرلار مېنى نەچچە قېتىم ئوپراتسىيەگە ئەكىرىپ تېرەم مانا ھازىرقى ھالەتكە كەلدى.

ئەلفىرە يۇرۇقراق جايغا كېلىپ فەرىدەگە يۈز قىسمىدىكى تارتۇقنى كۆرسىتىپ قويدى. ۋە:

ـــ مەن نەچچە قېتىم كوماندىر باشلىقىنى ئىزدەپ:

ـــ سىلەرنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم مەن ئەمدى قايتاي ، سىلەرگە بەرگىدەك پۇلۇممۇ يوق ، خىجىل بولدىكەنمەن . دىسەم كوماندىر باشلىقى :

ـــ يولداش ئەلفىرە ، كومپارتىيە بىزگە «شىنجاڭنى قايتا گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋەزىپىنى بەردى ، بىز خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىز . سىزمۇ خەلىقنىڭ ئىچىدى بىر ئەزا ، خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بۇرچىمىز .

شۇنداق قىلىپ مەن كوماندىر باشلىقىنىڭ زور ياردىمى بىلەن مانا مۇشۇ ھالەتكە كېلىپ ئاتا-ئانامنى ، ئوغلۇمنى كۆرۈش ئىستىكىدە كېلىپ تۇرمۇشىڭغا بىئاراملىق تۇغدۇردۇم . مېنى كەچۈر .

بۇ ۋاقىتتا تاڭ سۈزۈلۈپ بولغان ئىدى ، فەرىدە دىلزات بىلەن نۇر زىبانى ئويغىتىپ چېيىنى ئىچكۈزۈپ مەكتىپىگە يولغا سېلىپ تۇرشىغا ئەلفىرە :

ـــ مەن ئوغلۇمنى بىر كۆرىۋالدىم ، كېرەم كېلىپ قالسا ياخشى بولماي قالمىسۇن ، ئەمدى مەم قايتاي.

ئەلفىرە شۇنداق دەپلا سىرىتقا ماڭدى ، فەرىدە :

ـــ ياق ، ياق ئەلفىرە ، كەتمەڭ . كېرەم ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ ، بىز بالىلىرمىزنى بىللە باقايلى.

فەرىدە ئەلفىرەنىڭ ئۇنمىغىنغا ئۇنماي تۇتۇپ قالدى .

***************************************************

  شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ ئۆيدە كېرەم يوقىلىپ ئورنىغا ئەلفىرە پەيدا بولدى ، فەرىدە بالىلارغا :

ـــ داداڭلار ئۈرۈمچىگە سودا ئىشى بىلەن كەتتى ، نەچچە يىلدا كېلىدۇ ، بىزنى قورقىسى كەلمىسۇن دەپ قوشنا يېزىدىكى سىڭلىسى ئەلفىرە ئاچاڭلارنى ئەكىلىپ قويدى ،بۇنىڭدىن كىيىن تۆتىمىز بىللە تۇرمۇش كەچۈرمىز . دەپ چۈشەندۈردى . نۇرزىبا بىر نەچچە قېتىم كېرەمنىڭ غەلۋىسنى قىلغان بولسىمۇ فەرىدەنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچراپ ئىككىنجى ئۇنداق گەپ قىلماس بولۇپ كەتتى، دىلزات بولسا ئەلفىرە بىلەن فەرىدەنىڭ پارڭىنى تولۇق ئاڭلىغاچقا ھېچ بىر غەلۋىسىز ياشاپ كەلدى ، ئۇنىڭ قەلبىدە ئەلفىرەنى «ئانا»دەپ باغرىغا بېسىش ۋە كېرەمنى تېپىپ بىچارە ئانسى پۇخادىن چىققۇچە ئەدىپىنى بەرگۈسىلا بار ئىدى.

شۇنداق قىلىپ ئەلفىرە بىلەن فەرىدە كالا سېغىپ قېتىق ئۇيتۇپ ، كۆكتات تېرىپ كۆتات سېتىپ دىگەندەك ئىش قىلىپ پۇلنى پۇل قىلدىغان ئۇسۇل بىلەن بالىلارنى گۈلدەك بېقىپ كەلدى ، دىلزات بىلەن نۇرزىبا خاتىرجەم ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئون ئىككى يىللىق ئەجىرنىڭ مىۋىسنى كۆرۈش ئۈچۈن ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلدى. ئارزۇ تولدۇردىغان كۈنى فەرىدە بالىلارنى ئەلفىرە بىلەن سىرىتتىكى ئاشخانىغا باشلاپ كىرىپ تاماق چىققۇچە :

ـــ باللىرىم ، ئىمتاھاننىمۇ بېرىپ بولدۇڭلار ، ئەمدى سىلەرنىڭ ئارزۇيۇڭلارنى بىلىپ باققۇمىز بار . دەپ بالىلارنىڭ كۆزىگە مېھېرلىك قارىدى ،نۇرزىبا شوخ كۆزلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ :

ـــ مېنىڭ ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئىنژىنىرى ، جاپاكەش ئوقۇتقۇچى بولۇپ خەلقىمنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس شام بولۇپ يانغۇم بار . ئەلفىرە نۇرزىبانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تولىمۇ مەمنۇن بولۇپ :

ـــ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا مېنىڭمۇ ئارزۇيۇم ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىدى ، يارايسىز قىزىم . ئۇ شۇنداق دەپ نۇرزىبانى باغرىغا باستى. فەرىدە يەرگە قاراپ ئولتۇرغان دىلزاتقا قاراپ :

ـــ ھە ،ئوغلۇم سېنىڭ نىمە ئارزۇيۇڭ بار ؟ ھەممىمىز ساڭىلا قاراپ قالدۇق . دىلزات كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ تۇرۇپ فەرىدەنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ :

ـــ ئانا ، ئاچا ،سىلەر بىزنى نۇرغۇن جاپا مۇشاقەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ بېقىپ كەلدىڭلار ، مەن ئەلفىرە ئاچام بزنىڭ ئۆيگە كەلگەندىن تارتىپ دوختۇر بولۇپ ئۇبىڭ تارتۇقلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن داۋالاش ئارزۇيۇم بار ئىدى ، شۇڭا ئارزۇيۇمنى تىببى مەكتەپكە تولدۇرسام دەيمەن .

دىلزاتنىڭ سۆزى بىلەن ئەلفىرە ، فەرىدەلەر تەڭلا كېلىپ ئىككى تەرەپتىن ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى ، ئاڭغۇچە نۇرزىبامۇ ئۇلارغا قېتىلىپ تۆتى بىر تەن بىر ئۇستىخان بولۇپ كەتتى ، ئۇلارنى كۆرگەن ئاشخاندىكى كىشلەرمۇ ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كەتتى ، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۆەندىن كىيىن دىلزات فەرىدەگە قاراپ تۇرۇپ :

ـــ ئانا ، ئەلفىرە ئاچاممۇ بىزگە شۇنچە كۆيۈنىدۇ ، بىز ئۇنى ئانا دەپ چاقىرساق سىز خاپا بولامسىز ؟

ـــ ياق بالام ، چاقىرغىن ، باغرىڭغا باسقىن ، ئەسلىدىمۇ ئۇ سېنىڭ ئاناڭ ..............

ــــ ئانا............دىلزات شۇنداق دەپلا ئەلفىرەگە ئۆزىنى ئاتتى . نۇرزىبامۇ ئارقىدىنلا ئۇلارغا ئۆزىنى ئاتتى . ئۇلار شۇنداق خۇشاللىق ئىچىدە تامىقىنى يەپ ئۆيگە قايتتى.

شۇنداق قىلىپ دىلزات بىلەن نۇر زىبا ئۆز ئارزۇلىرى بويچە ئارزۇ تولدۇرۇپ بىر ئايدىن كىيىن چاقىرىق قەغىزنى قولغا ئېلىپ ھەرخىل ئارزۇ ھەۋەسلەر بىلەن ئالى مەكتەپ ھاياتىنى باشلاپ بىر يىلنى مۇۋاپىقيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيگە قايتىش تەييارلىقىنى قىلۋاتاتتى................

***************************************************

  دىلزات خىيالدىن بېشىنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا باشقىلار ئۇخلاپ قېتتىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇ سۇ خانىغا چىقىپ يۈز كۆزىنى يۇيۋېتىپ ئارام ئېلىشقا تەمشەلدى.

2012-يىلى 12-ئاينىڭ31-2013-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنلىرى دىيارى خوتەن .

مەنبە : ئۆز ئىجادىيتىم

           


ئادەم ئالەمگە تىركى بىلەن بازارنى ئۆلىكى بىلەن مازارنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئەمەس . ھايات دىمەك ___ كۆرەش دىمەكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4100
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 11:40:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى يىشىلغان بىر ئەسەرنى باشقىلا كۈرمىگەن ئوخشىمامدۇ ھەيرانمەن.

دوسلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلمەن.

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6670
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 02:57:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ،بىراق كىرەمنىڭ نىم بولغىننى بىلگۈلى بولمىدغۇ؟

ھايات شۇنداق!!!!!!!!!!جىمى گۇناھ ئۈزەمدە!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79117
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4125
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 10:01:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېرەمنىڭ نىمە بولغانلىقىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىگە قويۇپ بەردىم. ئۇنى ئۆز ۋىجدانى قاتىق سوراق قىلىۋاتدۇ.

ئادەم ئالەمگە تىركى بىلەن بازارنى ئۆلىكى بىلەن مازارنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئەمەس . ھايات دىمەك ___ كۆرەش دىمەكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79117
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4125
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 10:02:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنى ئۆلدى دەپ پەرەز قىلسىڭىزمۇ ھەرگىز ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.

ئادەم ئالەمگە تىركى بىلەن بازارنى ئۆلىكى بىلەن مازارنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئەمەس . ھايات دىمەك ___ كۆرەش دىمەكتۇر .

ئاللاھ بەختىمنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30798
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5536
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 3032 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 05:14:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل يېزىپسىز،قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي!!!!!!1

قاراڭغۇنى تىللاۋەرگۈچە،ماڭ بېرىپ بىر تال شام ياق!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79117
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4125
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماختىغىنىڭزغا رەھمەت..........

ئادەم ئالەمگە تىركى بىلەن بازارنى ئۆلىكى بىلەن مازارنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئەمەس . ھايات دىمەك ___ كۆرەش دىمەكتۇر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش