|
|
|
|
گۇلۇم سەن مۇشۇ كۈنلەردە مېنى سىغىندىڭمۇ ؟ بىرەر قىتىم بولسىمۇ ...............
گۇلۇم مېنى تاتلىق ھېسلىرىڭدا ئەسلىگىنىڭدە پەرۋزلىرىڭ ھالسىرمىسۇن، تاكى سەن مېنى ئۆزۈڭ بىلەن بىر پۇتۈن رەۋىشتە كۆرگىن، سەن مېنى ھازىرلا قىشىڭدا تۇرغاندەك، سەن بىلەن تاتلىق، تاتلىق پاڭلارنى قىلىشىۋاتقاندەك ھىسياتلاردا بولغۇچە خىيال سەپىرىڭنى داۋام ئەت. ئېسىڭدە بولسۇن جېنىم، ھېچكىم قەلبىمدىكى سېنىڭ ئورنۇڭنى ئالالمايدۇ ھەم تارتىۋالالمايدۇ.
بىلەمسەن تاتلىغىم بەلكىم سەن ھايات پەلسەپەمنىڭ يۇپۇغىنى ئاچقانسەن، ساڭا بولغان چەكسىز سىغىنىشىمنىڭ ئۇپۇغىنى سىزغانسەن، جېنىمدىن ئارتۇق بىلىدىغان سۆيگۈ تامچىلىرىنى بىر ئۆزۈڭ سۆيگەنسەن .........
گۇلۇم، سەن مېنى سۆيسەن، سىغىنىسەن، لېكىن، نېمىشقا مېنى سۆيگەنلەكىڭ ئۈچۈن ئازاپلىنىسەن؟ نېمىشقا مېنى سىغىنىپ تۇرۇپمۇ ماڭا پەرۋاسىز قىياپىتىڭ، نەزىرىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىپ يۈركىمنى پارە-پارە قىلىسەن؟
بىلەمسەم ئامرىغىم، مەن سەندىن ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلمايمەن، يەنە سېنىڭ مەن ئۈچۈن ئازاپلىنىشىڭنىمۇ خالىمايمەن، سەن مەيلى قەيەردە بول، ساق-سالامەت، خوشال -خورام ياشىساڭلا مەن شۇنىڭدىن خۇش بولىمەن. گەرچە مەن سېنىڭ قىشىڭدا بولالمىساممۇ سېنىڭ شاتلىغىڭدىن، سىنىڭ ئۇتۇقلىرىڭدىن ئىپتىخارلىنمەن ، سۆيىنىمەن، چۈنكى مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن، خۇددى بۇ قۇرلارنى سەن ئوقۇپ ئولتۇرۇپ مېنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن سىغىنغاندەك، مېنى سۆيگەندەك، مېنى كەچۈر دەپ كۆزلىرىڭگە ياشلار ئېلىپ مېنى ئىللىق باغرىڭغا باسقاندەك .
بىراق گۇلۇم ! يۈركۈمنى قاپلاپ تۇرغان ئاۋازسىز سۈكۈتلىرىڭنى يېغۇشتۇرۇپ كەت، ئۇ سۈكۈتلىرىڭ مىدىر -سىدىر قىلماي ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر ھارارىتى بىلەن مېنى رەھىمسىز ھالدا ئۈمۈتسىزلىك قايناملىرىغا سۆرەپ ماڭدىكەن، كېچىككىنە يۈرەك ئېتىزلىرىمغا ئوت قويىدىكەن.
گۇلۇم سېنىڭ مۇھاببىتىڭ قەلبىمدىن ئۆتۈپ پۈتۈن ھەركەتلىرىمگىچە جىسمىمغا سىڭىپ كىرسۇن، مەن ھاياتىمدا ساپ ھاۋادىن ئايرىلالمىغاندەك سېنىڭ ماڭا بولغان مۇھاببىتىڭدىن، سۆيگۈڭدىن ئايرىلماي ياشايمەن، بۇ مۇھاببەتنى ئەڭ ئاخىردا ئۆز ھاياتىم بىلەن بىر ساڭىلا تەقدىم قىلغۇم بار، سېنىڭ مۇھاببىتىڭ مېنىڭ ئاۋازلىرىمدا مەۋىج ئۇرۇپ تۇرسۇن، سوكۈناتلىرىمدا ئارام ئالسۇن .
2013- يىلى 1 - ئاينىڭ5 - كۇنى. غۇلجا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-5 10:33 PM
|
|
|
|
|
|