سۆيگۈ دېگەن ئازابلىق ناخشا،
ئۇزاق زامان ئوقۇلۇپ كەلگەن.
ئاشىق-مەشۇق ئىزىنى بېسىپ،
ناخشا-كۈيلەر توقۇلۇپ كەلگەن.
سۆيگۈ دېگەن ئازابلىق ناخشا،
زەرداب دىلدىن سۆزلىرى قالغان.
ۋىسال تاپماي ئۇزىغان جاننىڭ،
يۇلتۇز بولۇپ كۆزلىرى قالغان.
سۆيگۈ دېگەن ئازابلىق ناخشا،
تۈمەن داستان دەردلىرى قالغان.
بەرنا يىگىت، پەرىشتە قىزنىڭ
قويغان تەلەپ-شەردلىرى قالغان.
سۆيگۈ دېگەن ئازابلىق ناخشا،
يازغان مەكتۇپ-خەتلىرى قالغان.
شورلۇق ھايات كەچمىشى ئارا،
كۆيۈپ كەتكەن بەتلىرى قالغان.
سۆيگۈ دېگەن ئازابلىق ناخشا،
ئاڭلاپ كەلگەن مەستانە قۇلاق.
سۈرلۈك تۈننىڭ باغرىنى يېرىپ،
ئېقىپ چىققان شىلدىرلاپ بۇلاق...
مەنبە: مەن شۇ...