قەشقەرگە مۇھەببەت
بىرىپتىمەن ئاقسۇ، خوتەن، غۇلجا ،ئۈرۈمچى
قالدى جىمجىت قالدى يىراق ماڭغان ئىزلىرىم
ئوينىساممۇ كۈلۈپ -يايراپ كوچىلا ر كىزىپ
تەڭ قىلمىدىم باشقىغا سىنى گۈزەل قەشقىرىم
شۇنچە گۈزەل مەنزىرىلەرگە جۆر بولۇپ كەتتىم
باغقا كىرسەم بۇلبۇللاردەك سايرىغۇم كىلىپ
تۈن كىچىلەر خىيال سۈرۈپ ئويغىنىپ كەتتىم
مەن قەيەردە دەپ پەردىنى قايرىغۇم كىلىپ
ئۆزگە يۇرىتتا كۈنۈم خۇشال ئۆتسىمۇ گەرچە
يىتىمسىراش ھىس قىپ قالدىم بەزى چاغلاردا
قەشقەر دەپ ئىتىڭنى يازغۇم كىپ قالدى
دەل- دەرەخ ، تاملارغا ، كىرگەن باغلاردا
شۇنچە ئىللىق ھەر كوچاڭ خۇشبۇي ھىد تارار
سىغىندىم ماڭغۇم كەلدى يەنە پىيادە
بۇ قەدەر چارچاش يوق ئىدى مىنىڭدە
يوللۇرۇڭ بۇندىن قانچىلىك بولسىمۇ زىيادە
چىققىنىمدا ئىگىز-ئىگىز چوققا- تاغلارغا
شاماللاردىن سوراپ يۈردۈم سىنىڭ ھىدىڭنى
ئاشىقلارنىڭ شىرىن- شىكەر سۆزىدىن بەكرەك
تەلمۈردۈم باشقىدىن ئاڭلاش ئۈچۈن ئىتىڭنى
ئەپسۇسلاندىم ئۈن چىقمىدى ئسمىڭنى ئاتاپ
قالدى كۆڭلۈم ھەممىسىدىن سىنى دەپ پەقەت
كىتەي دىدىم يولۇمغا ئەزىز قەشقىرىم
يىتىمسىراش ئەزدى باغرىم قىلالماي تاقەت
يىتىپ كەلدىم ئاخىر سىنىڭ باغرىڭغا قەشقەر
ئاجراتمايمەن پۇتۇمنى سەندىن تا- ئەبەت
ياشاي سىنىڭ باغرىڭدا تاكى ئۆلگۈچە
ساڭا شۇنداق ئىشتىياق باغلاپ مۇھەببەت
مەنبە : ئۆزۈم
2013.01.05
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-5 07:47 PM