«تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن» فىلىمىدىن ئارىيە
、ئوۋچى بوۋاي رولىدا-توختى موللاتاجى
ئوۋچى بوۋاينىڭ ھىكايىسى (ناخشا)
بەلكىم، بىرەر يۈز يىل بۇرۇن،
ۋە بەلكىم، يۈز يىلدىن ئۇزاقتا.
ئۆتكەن ئىكەن ئېچىنىشلىق بىر ھىكايە،
مانا بۇ زەرەپشان دەريا بويىدا.
بىر كۈنى يېرىم كىچە،تۈن ئاتقىچە دەرگاھىدىن،
شۇئان بىر توپ تاشقىنلار، چۈشۈپ كەپتۇ ئاسماندىن.
بۇلاش ئۈچۈن ئەجداتلار،ياراتقان بۇ بايلىقنى،
ئاختۇرۇپتۇ نەچچە رەت،چەكسىز قۇملۇق سايلىقنى.
تاپالماستىن بايلىقنى،ئەمەلداردىن سوراپتۇ.
بايلىق كۆمگەن شۇ جاينى بىزگە ئېيىت دەپ قىيناپتۇ.
سايلىقنىڭ ئوتتۇراسىدا بار ئىكەن شام قەۋرىسى،
ئاڭا كۆمۈلگەن ئىكەن ئالتۇن كۆمۈشنىڭ ھەممىسى.
تاشقىنلار ئەمەلدارنىڭ كۆكرىگىنى داغلاپتۇ،
شۇنداق قىلساق ھەممىنى ئەيتار دەپ قامچىلاپتۇ.
لىكىن ھېلىقى ئەمەلدار زادى زۇۋان سۈرمەپتۇ،
پاش قىلىشنى ئۆزىگە ئەسلا راۋا كۆرمەپتۇ.
كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر مەرت بوۋاي چىقىپتۇ،
ئۆزى قاۋۇل كېلىشكەن، بەستى قارىغاي چىقىپتۇ.
ئۇمۇ شۇ ئەمەلدارغا سادىق خىزمەتكار ئىكەن،
يۈرەگىدە ئەل-يۇرۇتقا چەكسىز ھۆرمەت بار ئىكەن.
رەت قىلىپ خوجايىنى قويۇپ بەرگىن بولدىلا،
باشلاپ باراي ئىزىغا، ئاشۇ جايغا ئۆزەملا.
ئەمەلدار بۇنى ئاڭلاپ، نالە قىلىپ قاخشاپتۇ،
«مۇناپىق» دەپ بوۋاينى بىكاردىنلا تىللاپتۇ.
قاراقچىغا يەم قىلىپ، ۋىژداننى ساتاي دەمسەن؟
ئۆزەڭنى ياۋۇزلارنىڭ قوينىغا ئاتاي دەمسەن؟
بوۋاي كۆزىگە ياش ئېلىپ، ئەمەلدارغا قاراپتۇ،
قاراقچىلارغا يول باشلاپ،قۇملۇقلارغا يول ئاپتۇ.
شاتلىنىپتۇ قاراقچى،شۇ بايلىقنى تاپقاندەك،
دۆۋە-دۆۋە ئالتۇنلار كۆز ئالدىدا ياتقاندەك.
بوۋاي ئۇلارغا يول باشلاپ،كىچە-كۈندۈز مېڭىپتۇ،
ئۇلارنى بايلىق قېشىدىن بىللە ئېلىپ كېتىپتۇ.
قاراقچىلار مەنزىلگە،يېتەلمەستىن ھېرىپتۇ،
خۇددى لالما ئىتلاردەك، ھەر تەرەپكە مېڭىپتۇ.
بوۋاي مۇشۇ پۇرسەتنى غەنىمەت دەپ بىلىپتۇ،
سۇ ئالغان تۇلۇملارنى پىچاق بىلەن تىلىپتۇ.
زەم-زەمدەك سۈزۈك سۇلار قۇملۇقلارغا سىڭىپتۇ،
قاراقچىلار ۋاقىراپ، ھۇشسىزلىنىپ يېتىپتۇ.
قاراقچىلار ۋاقىراپ بوۋايغا ئوق ئېتىپتۇ،
كۆكرىگىنى كىرىپلا بوۋاي تاغدەك تۇرۇپتۇ.
ئەمما بوۋاي يېقىلماي، تىك تۇرۇپتۇ مۇز تاغدەك،
چىھرىدىن نۇر چاقناپتۇ،قوياشتەك، تۇلۇن ئايدەك.
بۇ بوۋاي مەرتلىك بىلەن ئەل ئۈچۈن جان ئۈزۈپتۇ،
ئاڭا ئاتاپ خەلقىمىز، بۇ داستاننى تۈزۈپتۇ.
تەييارلىغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2013-يىلى 5-يانىۋار يېزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-5 06:46 PM