مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 838|ئىنكاس: 15

ئىنىمغا ئىككى كەلىمە سۆز ( مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە ئاتاپ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73559
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5954
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2013-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 04:43:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنىمغائىككى كەلىمە سۆز

(ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىنىم ۋە ئىنىلىرىمىغا دەيدىغانلىرىم)

ئەخمەت ئابلىز

قەدىرلىك ئىنىم، سەن كىچىك چاغلىرىڭدا ، شۇنداق شوخ ،ئەركە-نايناق،شىجائەتجان، ئىچى كۈچلۈك، تىرىشچان ،جاپا-مۇشاقەت ، ھېرىپ –چارچاشلارغا ۋايسىرىمايدىغان بالا ئىدىڭ. شوخ تاتلىقگەپلىرىڭ، مايمۇندەك قىلىقلىرىڭ ھەمممىزنى شۇنداق خۇشال قىلاتتى. بولۇپمۇ سىنىڭ مەكتەپ يېشىغا تۇشۇپ ،مەرىپەت قۇينىغا كىرگەندىن كىيىنىكى ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەربىزگە مەكتەپنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى ھىس قىلىش بىلەن بىرگە جاپاكەش باغۋەنلەرگەچەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۇرگەن ئىدۇق. سىنىڭ كىچىك تۇرۇپلا كىشى ئەقىلىگە سىغدۇرغىلىبولمايدىغان ئازرۇ-ئىستەكلەرنى دىيىشلىرىڭ ئائىلىمىزدىكىلەرنى ،بولۇپمۇ ماڭائوخشاش مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان باغۋەننى چۇڭقۇر ئويلارغا سالاتتى. سىنى كەلگۈسىدە چۇقۇم ياراملىق ئادەم بولۇپ ئائىلىمىزگە شەرەپ ئېلىپ كىلىدۇ دەپ  جەزىم قىلاتتىم. بۇ قىياسلىرىم بارا-بارا ئۆزئەمەلىيىتىدە كۆرۇلۇپ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شۇنداق ياخشى ئوقۇدۇڭ. ھەرقىتىم شەرەپ گۇۋاھنامە، مۇكاپات بۇيۇملارنى كۆتۇرۇپ كەلگىنىڭدەھەممىمىز ئىچ- ئىچىمىزدىن شۇنداق خۇشال بولۇپ سىنى تەبرىكلەيتۇق. ھەر نىمە بولسا ئۈمىد-ئىستەكلىرىم سىنىڭ تىرشىچانلىقىڭ بىلەن رۇياپقا چىقىتى. ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزى كەلگەن مىنۇتلاردا بولسا،بىز سەندىن بەكرەك خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدۇق.چۈنكى سەن ئائىلىمىزدىن چىققان يەنە بىر زىيالى ئېدىڭ.سەن بىزنىڭ ئىپىتخارىمىز،پەخىرىمىز بولغان ئېدىڭ. مەھەللىدىكلەرلا ئەمەس ھەتتاكى يىزىدىكىلەردىن تارتىپ ھەممىسى ئاتا-ئانامنىڭ ئەجىر-مىھنەتلىرىگە تەشەككۈر رەھمەتلىرى ياغدۇرغان ئىدى. بۇنداق دىسەم ،مەن سىلەرنىڭ قېرىندىشىلار تۇرسام ، يات بىراۋلارغا نىمە كەپتۇ دىيىشىڭ مۇمكىن ، بىلەمسەن ئۇلار مانا مۇشۇنداق چەت سەھرادىن ساڭا ئوخشاش بىر ئالىي مەكتەپ زىيالسىدىن مەمنۇن بولغان ، ئىپىتخارلانغان ، سىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ يۇرتىمىزنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن تايانچ كۈچ بولدىغانلىقىدىن شادلانغانلىقى ئىكەن ئەمەسمۇ؟

قەدىرلىك ئىنىم ، سەن بىزنىڭ يۈزىمىزنى يۇرۇق قىلغان ئىدىڭ. سىنىڭچە بولغاندا ، بىزنىڭ بىر غىمىمىزنى ئازلاتقان ئېدىڭ ،ئەپسۇس ،سەن ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ ،خالاس. لىكىن غىممىزنى كىمەيمىدىڭ. چاقرىق قەغىزىدىكى سان –سىفىرلار ھەممىمىزنى غەم –ئەندىشىگەسالدى. يىللىق ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن كىتىدىغان خىراجەت، ياتاق ،ئوقۇش ماتىريال پۇلى،تاماق راسىخۇدى دېگەنلەرنى قوشقاندا يىلغا 10مىڭ يۇەندىن ئارتۇق ئىقىتساد كىتەتتى.بىز مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئوقۇش پۇلىنى بانكىدىن قەرز ئېلىشقا ، قالغانلارنى ئۆيدىكى چارۋا-مال، بۇغداي- قۇناق  سېتىپ جەمىلەشنى ئويلاشتۇق. شۇنداق قىلىپ سىنىڭ ئوقۇشۇڭ ئۈچۈن ئائىلىدىكى ھەممىمىز پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەك يۈگۈرۈشۈپ تەل قىلدۇق. لىكىن سەن بىر كۈنى ئۇ يەردە ، بىر كۈنى بۇيەردە يۈردۇڭ. خۇددى بىزگە ئالەمدە ھىچ كىم قىلالمىغان بىر ئشىنى قىلغاندەك مەغرۇر يۈرۈۋەردىڭ. نەچچە قىتىم ساڭا گەپ قىلاي دېگەن بولساممۇ،دادام-ئانامنىڭ  :- بولدى، گەپ قىلما ، ئۇبەك چارچاپ كەتتى ، ئارام ئېلىۋالسۇن، يەنە ئۇقۇيدۇ ئەمەسمۇ دېگەنلىرى مىنى بۇ نىيىتىمىدىن ياندۇردى.

مانا، كۈز ئايلىرىنىڭ مەمۇرچىلىققا تولغان كۈنلىرىدە ، دادام سىنى ئېلىپ مەكتەپكە كەتتى.ئەتىسى سىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ قايىتىپ كەلدى.

قەدىرلىك ئىنىم ،سەن مەكتەپكە بارغاندىن كىيىنكى ئەھۋاللىرىڭ بىزگە قاراڭغۇ ئىدى ، پەقەت ماۋسۇم ئاخىرىدا ، ئېرىشكەن شەرەپلەر، نەتىجىلەرنى كۆتۇرۇپ كەلگىنىڭدە  سىنىڭ ھەقىقەتەن تىرىشىپ ياخشى ئوقۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەرلەندۇق، سەندىن چەكسىز سۆيۇنۈش ئىلىكىدە ئىپىتخارلاندۇق.

بىركۈنى كەچتە سەن بىلەن ئوقۇشۇڭ توغرسىدا مۇڭدىشىپ قالدىم .قىلغان سۆزلىرىڭ مىنى قايىللىق تۇيغۇمنى قوزغاتتى، سەندىكى بۇرۇن   مەسىللەرگە يۈزەكى قارايدىغان ،ئالدىراڭغۇلۇق،تۇتامسىزلىق، بىپەرۋالىقلىرىڭ يۇقالغانئىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مەسىللەرگە ئەستايدىلقارايدىغان، خۇدىدى بېشىدىن نۇرغۇن ئېسىسىق –سوغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئادەمدەك ئېغىر –بېسىسق ، تەمكىن ،جەسۇر روھ  ۋۇجۇدىڭغاسېڭگەن ئىدى. مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ رازى بولدۇم. ھەرنىمە بولسا ئادىميىلىك خىسلىتىگەئىگە زىيالى بولدىغان ئوخشايسەن...

قەدىرلىك ئىنىم، شۇنداق قىلىپ بىر ئوقۇش يىلىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاپ قايىتىپ كەلدىڭ.يازلىق كانىكول مەزگىلىدە ئائىلە ئشىلىرىغا قارىشىپ ،قولىمىزغا قول ،ئاياغلىرىمىزغا پۇت بولدۇڭ. بىكار چاغلىرىڭدا مەھەللىرىمىزنىڭ ئارقا تەرەپتىكىئېگىز كەتكەن قۇم بارخانلىرىنىڭ چىڭ چۇققىسغا چىقىۋىلىپ ، ئۆگنىش قىلاتتىڭ. سىنىڭ ئىجىتھاتچان ،جاپا-مۇشاقەتلەردىن ۋايسرىمايدىغان روھىڭ ھەممىمىزنى خۇشال قىلاتتى.بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە ،راھەتلىك تۇرمۇش بۆشۈكلىرىدە ئەللەيلىنىپ چوڭ بولغان ياشلىرىمىزغانىسپەتەن ئېيىتقاندا، ئۆگنىشگە تىگىشلىك روھ ئىدى.

قەدىرلىك ئىنىم ، مانا شۇ تەرىقىدە ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ ،ئېلىم دۇردانلىرى بىلەن رەڭ تۈزۈپ  كىلۋاتاتتىڭ .ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنجى دەرۋازىسى ئەمدىلا ئىچىلغان ۋاقىتلاردابولسا، سەن بىر كىچىدىلا  ئۆزگىرىپ كىشى زادىلا قۇبۇل قىلالمايدىغان باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ قالغان ئىدىڭ. بىز بۇنى زادىلا قۇبۇل قىلالمىدۇق، مەن سەندىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئەتراپىڭدىن ، سەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىن، سەن ياشاۋاتقان جەمىيەتتىن ئىزدىدىم.كۈنسىرى ئۆزگىرىۋاتقان جەمىيەت ياشلىرىمىزنىڭ روھى دۇنياسىغا شەكسىز تەسىر كۆرسىتىپ ،پۇچەك مەدەنىيەتلەرنى سېڭدۇرۇپ ، ساپلىقىدىن مەھرۇم قىلىپ كەلدى. ئادەملەر جەمىيەتنى ئۆزگەرتىش يولىدا كۆرەش قىلىش بىلەن بىرگە ،ئەيتاۋۇر ئۆزلىرىمۇ بىلىپ –بىلمەي جەمىيەت تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ كىتىۋاتاتىدۇ.

قەدىرلىك ئىنىم ، بىر ئادەمنىڭ جەمىيەت تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ كىتىشى شۇ ئادەمنىڭ ھالاكىتىدىن دىرەك بىرىدۇ.جەمىيەتتە سەن قۇبۇل قىلدىغان ۋە قۇبۇل قىلمايدىغان مەدەنىيەت بار، ئۇ سىنىڭ توغرا پەرق ئىتەلشىڭدە.ھاياتنىڭ قەدىرىگە يىتىشىڭ –ئۇنى چۈشىنىپ يىتەلىشىڭىدە.

قەدىرلىك ئىنىم، بۇ بايانلارنى ساڭا سۆزلىشىم سىنى ئازراق بولسىمۇ ،ئۇيغىنىش ھاسىل قىلارمىكىن دىدىم.

  گەپنىڭ خەق پوسكالسىنى ئىيىتاي، ئىلگىرى ئائىلىمىزدىكىلەر نۆۋەتتىدىكى بازار ئەھۋالىنى پەرەز قىلىپ ئايلىق راسىتخۇدىڭ ئۈچۈن ئىككى يۈزھەتتا بەزى ئايلاردا ئۈچيۈز كويدىن پۇل ئەۋاتتىپ تۇراتتۇق. لىكىن مانا ھازىر ئىككى –ئۈچ يۈزكوي سىنىڭ يىرىم ئايلىق تۇرمۇش راسىخۇدىڭغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ كىتىۋاتىدۇ.ئاينىڭ ئاخىرى بولا –بولمايلا تېلفۇن ئۇرۇشلىرىڭ ھەممىمىزنى بەكمۇ بىزار قىلۋەتتى.ئىلگىرى  ئۆيدىكىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سۇرىغاچ ، سالامەتلىكىڭ، ئوقۇش ئەھۋالىڭ ھەققىدەدوكلات قىلاتتىڭ . ئۇ چاغلاردا بىز سەندىن بەكمۇ مىننەتدار ئىدۇق.مانا ھازىر بولسائەھۋال سۇراشلىرىڭ ،دوكلات قىلىشلىرىڭنىڭ ئورنىغا بۇيرۇق، پەرمانلىرىڭ كەلمەكتەئىدى.  سىنىڭ بىر قىتىم تىلفۇن قىلشىڭ دادام ،ئانامنى بىر ھەپتە غەمگە مۇپتىلا قىلۋاتىدۇ.ئەمدىلا پۇل ئەۋەتىپ ئۇھ دەيدىگۈچە، ئاياقتىن يەنە پۇل دېگەن ، بىلەمسەن ئۇكام ، بىزنىڭ ئەلى بابانىڭكىدەك تۇگىمەس غايىب خەزىنىمىز بارمىدى؟ دېھقان دېگەننىڭ خۇدا بەرگەن چىلان تۇپراق، ئاندىن قالسا بەش –ئالتە چىچىقاق قۇيدىن باشقا نىمىسى بار دەيسەن ؟ يەر-شۇنداق سىخى،شۇنداق مىھنەتسىز ئىكەن، ئەجىرىگە يارشا ھۇسۇل بىرىدىكەن. شۈكىر ھەر نىمە بولسامۇشۇ كەمگىچە ئاچ  قويمىدى. شۇنى بىلىپ قۇي ئۇكام ،يەر- ھەركۈنى تىللا تۇكۇلدىغان  دەرەخ ئەمەس ئىكەن .ئۇنىڭمۇ ئارام ئالدىغان ،ھاردۇق يىتىدىغان چاغلىرى بولدىكەن،بۇنىڭدىن رەنجىش ھۇقۇقىمىز يوق. ئېغىلدا قۇيلىرىمىزبارغۇ دەۋاتەمسەن،  شۇنداق بەش –ئالىتە قۇيمىز ، ئازايسا ئازايدىكى،تىخى يەتتە بولغىنى يوق. بۇلار قوزىلمامدۇ دىيشىڭ مۇمكىن ،قوزىلايدۇ، سەن ئۈچۈن قوزىلاۋاتىدۇ، ئۇلار قوزىلاپ ئۈلگۈرتەلمەيۋاتىدۇ، سىنىڭچە بولغاندا ، ئاشۇ قويلارتوخۇلاردەك كۈندە‹‹ قوزىلىسا ››دەپ ئويلايدىغانسەن؟ ئىلاھىم ،شۇ كۈنلەر كەلمىسۇن،بولمىسىلا يەنە بىشىمىزغا نى قىسمەتلەر كىلەر-ھە!!!!

قەدىرلىك ئىنىم، پۇلدىن ئىبارەت بۇ مىھىرى ئېسسىق ، ئەمما رەزىل نەرسە ھەممىمىزنى ھەركويلارغا سېلىۋاتىدۇ. سىنىمۇ بىر كۈنلەردە ئىبلىسنىڭ كەينىگە كىرىپ ، گۈزەل ياشلىق باھارىڭىدىن، ئىللىق ماكانىڭدىن ئايرىلىپ  قىلىشىڭدىن ئەندىشە قىلدىغان بولۇپ قالدىم .شۇۋەجدىن قانچە قىتىملاپ ساڭا نەسىھەت قىلغۇم ،تەربىيە بەرگۈم كەلدى. لىكىن ئۇنداق قىلالمىدىم ،ئاخىرى ۋىجدانىم چۇقان كۆتۇرۇپ ،ساڭا بۇلارنى دىگۈم كەلدى.

قەدىرلىك ئىنىم، مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان،ئاتا –ئانىمىز سەندىن خۇشال بولغاندەكلامەندىن ئالەمچە خۇشال بولغان ئىدى. ئۇلار مىنى ياخشى ئوقۇپ كىلىشى ئۈمىد قىلىشقانئىدى. ئەينى چاغلاردىمۇ ئۇقۇش پۇلى ،كىتاب-ماتىريال پۇلى، ياتاق پۇلى، تاماق راسىخۇدى دېگەنلەر ئائىلىمىزدىكلەرنىڭ بېشنى قاتۇرغان ئىدى. دادام –ئانام مىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇققان ، تۇنۇش- بىلىشلەردىن قەرز سۇرمىغان كىشى قالمىغانئىدى. مەن بۇ ئىشلارنى كۆرۇپ ئوقۇماسلىق قارارغىمۇ كەلگەن ئىدىم . لىكىن دادام زادىلا قۇشۇلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئوقۇشقا باردىم ، ئوقۇشقا بارغان كۈندىن باشلاپ‹‹ھىساپ دەپتەر›› تۇرغۇزدۇم، كىرىم –چىقىملىرىمنى بىرىمۇ بىر خاتىرلەپ ماڭدىم.دادام ئەۋەتكەن ئايلىق راسخۇد ئۈچۈن 100كوي پۇلىنى شۇنداق تىجەپ ،بىر يىرىم ئاي ،ھەتتاكى ئىككى ئايغىمۇ يەتكۈزگەن ئىدىم. ئارلىقتا پۇل ئەۋەتىپ قالغۇدەك بولسا،يىنىمدا ساقلاشقا ئىشەنچ قىلالمىسام ، بانكىغا قۇيۇپ ساقلاپ قۇياتتىم، ئۆيگەقايىتقان چاغلىرىمدا ،بانكىدىن ئېلىپ دادامغا بىرەتتىم.كىيىن شەنبە ، يەكشەنبەكۈنلىرى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى ئىش ئىزدەپ تېپىپ ،ئىشلمەكچى بولغان بولساممۇ ،لىكىن يىشىمنىڭ كىچىلىكى سەۋەبىدىن ئىشلىيەلمىدىم. خۇداغا شۈكىر ،جاھاندا ياخشى ئادەملەر بارئىكەن ، مەلۈم قۇرۇلۇش ئورۇننىڭ مەسئۇلى مىنىڭ ئەھۋالىمنى ئۇققاندىن كىيىن ناھايىتى تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن  ئىشلىتىشكە قۇشۇلدى. ھەرنىمە بولسا ماڭا قىلغۇدەك ئىش چىققان ئىدى. مانا شۇندىن باشلاپ دەم ئالغان شەنبە ،يەكشەنبە كۈنلىرى  ئىش ئورنۇمغا ھازىربولاتتىم. شۇنداق قىلىپ جاپاللىق تۇرمۇش، ئېغىر ئەمگەك مىنى چىداملىق قىلىپ يىتىشتۇرگەن ئىدى.

قەدىرلىك ئۇكام، بۇ گەپلىرىم سىنىڭ غىدىقىڭنى كەلتۇرۋەتىغۇ دەيمەن. ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇپ ، يەنە ئۇلارنى قىيناشقا قانداقمۇ ۋىجدانىم كۆتۇرسۇن؟

قەدىرلىك ئىنىم، مىنىڭ بۇلارنى ديىشىم سىنىمۇ ئائىلىمىزنىڭ يۈكىنى ئېىغىرلاشتۇرۋەتمىسىكىن دەيمەن. ھازىر ئىشلەيمەن دېگەن ئادەمگە نەچچە يۈز كۇي بىرىدۇ، پەقەت بۇنى شۇكىشنىڭ قىلىش-قىلماسلىقىدا.مەن سىنى ماڭا ئوخشاش قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلىسۇن دىمەكچى ئەمەسمەن، پەقەت تىجەشلىك بولۇپ ، ئەۋەتكەن پۇللارنى  يەتكۈزۈپ خىراجەت قىلساڭ شۇ كۇپايە ئىدى...

قەدىرىلىك ئىنىم، بۇ مەۋسۇمدىكى ئۆگنىش نەتىجەڭنى ئېلىپ كەلمىدىڭ ، سەۋەبنى سۇرۇشتە قىلسام ،پوچتىدىن ئەۋەتىپ بىرىدىغان بولدى دېدىڭ، گىپىڭگە ئىشىنىپ تۇراي. گىپىڭ راسىت  بولۇپ چىقىتى، بىر كۈنى پۇچتىيالىيۇن بىركونۋىرىتنى بەردى، قارسام سىنىڭ مەكتىپىڭدىن كەلگەن ئىدى. يىرىتىپ قاردىم ، ئىككى پەندىن باشقا پەنلەردە نەتىجەڭ لاياقەتسىز ئىدى، ھەر نىمە بولسا تىرىشىپ ئوقۇپسەن، ھەممە پەنلەردىن لاياقەتسىز بولۇپ قالماپسەن. بۇ ئىشلارغا دادام ،ئانامغائېيتىشتىن بۇرۇن سەن بىلەن  مۇڭداشتىم، دەرسلەرنىڭ بارغانىسىرى قىيىنلىشىپ كىتىۋاتقانلىقتىن يىتىشىپ ماڭالمايۋاتقانلىقىڭنى،سالامەتلىك ئەھۋالىڭنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئشىقىلىپ،ئۆزۈڭگە قالقان بولغۇدەك بارلىق باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ باقتىڭ. مەن بۇنىڭغا قانداقمۇ ئىشنەي،ئىلگىرىكى ئوقۇش يىلىدا ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى›› بولۇپ باھالانغان ئوقۇغۇچى قانداقسىگەئەمدىلىكتە دەرسلەردە يىتىشەلمەي قالسۇن.

قەدىرلىك ئىنىم، باھانە تېىپىش – بىراۋلارنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنىڭ مەنبەسىدۇر.

قەدىرلىك ئىنىم، ھەر قىتىم ئۆيگە كەلگىنىڭدە ،بىر سومكا كىيىم –كىچەك،يوتقان –كۆرپەكىرلىكىلىرىنى ئېلىپ كىلسەن. بۇنىڭغا باشىقىچە پىكىرىم يوق. لىكىن شۇنى ئېيىتقۇم كەلدى. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمىدا ، كىر –قاتلىرىمىنى ئۆزۈم يۇياتتىم.بىرەر قىتىم بولسىمۇ ئۆيگە ئېلىپ كەلگىنىمنى بىلمەيمەن .  تەتىل مەزگىلىدە ئەكەلگەن ۋاقىتلاردىمۇ ئۆزۈم يۇياتتىم. ئانام مەن يۇيۇپ بىرەي دىسىمۇ پەقەتلا ئۇنىمايتىم ، كىيىن ئاناممۇ كۆنۈپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمنىڭ كىر –قاتلىرىنى يۇيۇشنى ئۇقۇش پۇتتۇرگىچەداۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم  ، بۇ ياخشى ئادەت ماڭا سېڭىپ كەتكەنمىكىن خىزمەتكە چىققاندىن كىيىنىمۇ تاشلاپ كىتەلمىدىم ، زاڭلىق قىلساڭمۇ ئېيىتاي ، توي قىلغاندىن كىيىنمۇ بۇ ئادەتنى تاشلىيالماي كىلۋاتىمەن.

قەدىرىلىك ئىنىم، مەيلى چوڭ ئىش ياكى كىچىك ئىش بولسۇن ،ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى ئۆگەن. بۇ سىنىڭ كىيىنىكى تۇرمۇش ھاياتىڭىدا باشقىلارغا بېقىنۋىلىشتىن  ساقلايدۇ، مۇستەقىل ياشاشقائۈندەيدۇ.

تۇرمۇشتا ئاددى –ساددا بولۇش ئەڭ ياخشى پەزىلەت. لىكىن سەندە مەن بۇتەرەپلەرنى كۆرۇپ يىتەلمىدىم. چامدانلىرىڭغا قاراپ داڭ قېتىپ قالدىم. مەن توي قىلغان ۋاقىتىمۇ بۇنچىلىك كىيىم – كىچەك ئالىمىغان ئىدى. قارسام، سىنىڭدەئۆزىمىزنىڭدىن تارتىپ چەتنىڭكىچە،ئۈزۈندىن تارتىپ قىسقىغىچە، بىر خىل رەڭداردىن تارتىپ ھەرخىل رەڭدارغىچە ھەممىسى بار ئىدى. بۇنى كۆرۇپ سىنى ئالىي مەكتەپتە ئەمەس،كىيىم –كىچەك كارخانسىدا ئىشلەۋاتقان ئوخشايدۇ، ياكى بىرەر مۇدا كىيىم ئورۇنداخىزمەت قىلۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئىنىم ساڭا شۇنى سەمىڭگە سىلىپ قۇياي، مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمىدا ، مەكتەپ فورمىسى ۋە لاتا خەي مىنىڭ دائىملىق كىيىمىم ئىدى. ئاياغلىرىم يىرتىلىپ كەتكەن بولسا ياماق سېلىپ كىيەتتىم. پەقەت ئامال بولمىغان چاغلاردا كونا بازاردىن ئەرزان ئاياغلارنى سېتىۋالاتتىم. تىخى بىر قانچە قىتىم ياتاقداشلىرىم كىيىشىتىن نۇمۇس قىلغان ئاياغلىرىنى يۇيۇپ كەيكەن ئىدىم . سەن باشقىلارنىڭ ئايغىنى كەيسە ، ئادەمنىڭ تىنى قۇرۇلمامدۇ دىيشىڭ مۇمىكىن ، لىكىن مەن بۇنداق ياخشى ئاياغنى تۈنجى قىتىم كەيگەنلىكىمدىنمۇ،پۇتلىرىم شۇنچە ئەركىن ، تىنىم باشىقىچە بىر رەھەتلىنىپ قالغان ئىدى.

قەدىرلىك ئىنىم،سەن ئېيىتقاندەك بۈگۈنكى دەۋرىمىز رىقابەت، ئۇچۇر-ئالاقە، زامانىۋى ھاسىلاتلار دۇنياسىدۇر. ئادەم دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرلىمىگەندە ،تەبئىلا شاللىنىپ كىتىشى ئېنىقىتۇر. بىر ئىش مىنى ساڭا ئېغىز ئاچقۇزۇشقا مەجبۇر قىلىدى. يىقىنىدىن بۇيان قۇلۇڭدىن يانفۇننى چۈشۈرمەيدىغان بولۇپ قالدىڭ. بىر دەم پالانى دوستۇم تىلىفۇن قىپتۇ دىسەڭ ،بىردەم پالانى دوستۇم ئۇچۇر يوللاپتۇ دەيسەن ،يەنە نىمەدۇر چ چ دەمسەن ئىشقىلىپ بىرنىمىلەردە ئۇزاق –ئۇزاق ھەپلىشىپ كىتىسەن. بىلىمىدىم  بۇ سىنىڭ نىمە قىلغانلىرىڭ. قەدىرىلىك ئىنىم ،سىنىڭ تىلىفۇنىدا قىلغۇدەك قانداق تۈگىمەس ئىشلىرىڭ باردى ئىدى. تىلىفۇن دېگەن بۇ نەرسەچىقىم قىلىدۇكى ،ھەرگىز بىر مۇچەن كىرىم قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ئۇ سىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىڭنى بىھۇدە نابۇت قىلۋىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساڭا ئوخشاش سىتۇنىتلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بەرگەن پۇلىدىن باشقا نەدىمۇ ئىقىتسادى كىرىمى بولسۇن؟ ئۇقۇغۇچىنىڭ كۈنلىرى نامراتلىق تۇرمۇشتۇر.

قەدىرىلىك ئىنىم ، ساڭا بۇ ھەققىدە بىر قانچە قىتىم گەپ قىلغان بولساممۇ ،لىكىن پەرۋايىڭغائېلىپ قويمىدىڭ. تىخى ئاغزىمىزنى تۇۋاقلاپ ، تىلىفۇن دېگەن ھازىر ‹‹قەلەندەر››دىمۇبار ، تىلىفۇننى ئېلىشىم سىلەر بىلەن ۋاقىتى –ۋاقىتىدا كۆرۇشۇپ تۇرۇش ئۈچۈندۇردېدىڭ. بىچارە ساددا،ئاقكۆڭۈل دادام-ئانام سىنىڭ كۆيۈمچانلىق، مىھىرىبانلىقىتىن تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلىشتى. سەن ھەقىقەتەن ھىيلىگەرلىك بابىدا مۇقامغا يىتىپسەن، ئىھ ،ئاللا ئىنىمنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغايسەن.

قەدىرلىك ئىنىم،كونىلار ‹‹ خەت يىرىم دىدار›› دەپ توغرا ئىيىتقان ئىكەن .مەن ئوقۇۋاتقان ئەينى چاغلاردا ئايدا بىر ،ئىككى قىتىم ئۆيدىكىلەرگە سالام خەت يوللايىتىم. ئۇلارخەتلىرىمنى يۈز-كۆزلىرىگە سۇرتۇپ ، يىنىش-يىنىشلاپ ئوقۇپتىكەن. بەزى كۈنلەردەيادىغا چۈشۈپ قالغۇدەك بولسام ، سالام خەتلەرنى قايىتىدىن ئوقۇپ ،مىسىكىن دىللىرىغا تەسەللىي ،ئۈمىد ئاتا قىلىپ كەپتىكەن. كىيىن ئوقۇش پۇتتۇرۇپ ،ئۆيگەقايىتىپ كەلگەندىن كىيىن دادام ماڭا ئوقۇش ھاياتىمىدا يازغان سالام خەتلىرىمنى توپلام قىلىپ قويغانلىقىنى ،ھازىرغىچە ئەۋەتكەن سالام خەتلىرىمنىڭ توپتۇغرا 57پارچە ،348 بەت بولغانلىقىنى ئىيىتىقاندا، كۆزلىرىمىدىن ئىختىيارسىز ياش تامچىلىدى. ئاتادېگەن نىمە دېگەن ئۇلۇغ، نىمە دېگەن كۆيۈمچان ئىنسان –ھە! ئۇ  بارلىقىنى پەرزەنىتلەرنىڭ غىمى ئۈچۈنلا ئاتىۋەتكەن ئىكەن ئەمەسمۇ؟

قەدىرلىك ئىنىم، ھەر قىتىم دەم ئېلش كۈنلىرى،بايرام ،ھىيىتىلاردا ئۇ يەردە باردۇق، بۇ يەرگەباردۇق، ئۇ يەر ئۇنداق ياخشى ئىكەن ، بۇ يەر مۇنداق ياخشى ئىكەن دەپ  سۆزلەپ كىتىشلىرىڭنى ئاڭلاپ ھەيران قالىمەن.توغرا ،ئادەم دېگەن يۇرت كۆرسە نەزەر دائىرىسى ،بىلىمى كىڭيىدۇ ، ئۇلۇغ بۇۋىمىزمەھمۇد قەشىقىرىمۇ يۇرت –يۇرت ئارلاپ دۇنياغا داڭلىق ئەسەر ‹‹ تۈرك تىللاردىۋانى›› قامۇسنى يېزىپ چىققان ئىدى ئەمەسمۇ؟ بوپتۇ يۇرت كۆر ، كۆزۈك ئېچىلسۇن.لىكىن سىنىڭ قىلغان گەپلىرىڭدىن شۇنى سەزدىمكى ، سەن بىلىم ئىگەللەش ئۈچۈن ئەمەس،ئۇيۇن –تاماشا، يەپ – ئېچىش ئۈچۈن پىرقىراپسەن. ئوبدان ئويلاپ باق، كۈنلىرىڭ بىھۇدە ئۆتۇپ كىتىپتۇ. قەدىرلىك ئىنىم ،سەندىن ئۆتۇنۇپ قالاي، ئەمدى دەم ئېلىش،بايرام  كۈنلەردە ئۆيگە قايىتىپ كەل،  ئازراق بولسىمۇ ،ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ قولىغا -قول، پۇتىغا- پۇت  بولۇپ بەرگىن ، بىچارەئاتا-ئانامنىڭ ھالىغا يېتىپ قوي، ئۇلار سەندىن زارى بولۇپ ئۇشبۇ ئۇقۇغان نامازلىرىدا دۇئا قىلىپ قۇيسا ،دۇنيالىقىڭ ياخشى بۇلۇپ قالار،ئىلاھىم.

قەدىرلىك ئىنىم، ئەمدى سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا ،مۇھەببەت ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتەي:مۇھەببەتسىزدۇنيا مەۋجۇد بولمايدۇ، مۇھەببەت بولمىغان دۇنيا گۈرسىتانلىقىنىڭ ئۆزىدۇر. لىكىن ئادەم ئۆزىدە  توغرا بولغان مۇھەببەتنى قارشىنى ھازىرلىشى  كىرەك.بىلىپ قوي ئىنىم، كىشلىك تۇرمۇشتا مۇھەببەت ھەرخىل بولىدۇ. قىز-ئۇغۇللارئوتتۇرسىىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. تارىخمىزغا نەزەر سالدىغان بولساق ، بىزنى سۆيۈندۇرىدىغان ئاشىق-مەشۇقلىرىمىز ئۆتكەن . لىكىن ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ دۇنياسىدىن بۇنداق پاك ،شىرىن ،سادىق مۇھەببەتنى ئەسلا تاپقىلىقى بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىردەملىك خۇشاللىق ، يايرىۋىلىش، كىشلەر ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قۇيۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىر-بىرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىش، ئۇيۇن ئۇرنىدا كۆرۇش، تېپىلماسنىڭ خورمىسى قاتارىدا ساناش ياشلىرىمىزدا ئەۋج ئېلىپ قالدى. ئىنىم ، سەنمۇ بىر نورمال ئەركەك، مەن سىنى ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىدا بۇكۇچىغا كىرمە دىمەيمەن. بۇ كۇچىغا ئۆزۈك بىلىپ-بىلمەي ئىختىيارسىزلا كىرىپ قالسەن، شۇنسى ئىسىڭدە بولسۇن، مۇھەببەت قارىشڭ مۇستەكەم بولسۇن، قارا سىناش ،ساداقەتسىزلىك ،سەممىيەتسىزلىك ، ئالدامچلىك ئىللەتلىرى قەتئىي بولمىسۇن. ئۆزۈڭنىڭ مۇھەببىتىدىن كەلگۈسىڭنى كۆرەلىسەڭ، بەخىتىڭنى تاپالىساڭ قەدىمىڭنى تۇختاتما.مۇمكىن بولسا ، بۇ يولدىن ئۆزۈڭنى تارتىپ ، ئىلىمغا ئاشىق بولۇپ ، بىر ئۆمۈرئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلاشنى ئۆگىنىۋال . ئۇ ساڭا ئازاب،ھەسرەت، پۇشايمان دىگەنلەرنى زەرچىمۇ ھەدىيە قىلمايدۇ. ساڭا بىر ئۆمۈر بەخت ، خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

قەدىرلىك ئىنىم ،ساڭا دىمەكچى بولغان گەپلىرىم تاغدىن –باغدىن بولۇپ قالدى. چۈنكى خىياللىرىمنى پەقەتلا يىغالمىدىم. ھەر دائىم سىنىڭ غىممىڭ قارا تۇمانلاردەكئ ورىۋالدى. شۇڭا توغر چۈشنەرسەن. سىنىڭ مىنىڭ بۇ نەسىھەتلىرىمنى   تەنىقىد ھىسابلاپ ئاغىرىنىشىڭ تۇرغانلا گەپ . بىزدە: ‹‹ نەسىھەت ئاچچىق ، مىۋىسى تاتلىق›› دەيدىغان ھىكمەت بار . كىيىن  بۇنىڭ پايدىسنى كۆرۇپقالساڭ  ئەجەپ ئەمەس.شۇنىڭغا ئىشىنمەنكى ،سەن ئۆزۈڭنى چۇقۇم تاپالايسەن!!!!!!!!!

بۇيازمىلىرىم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىنى ،سېڭلىرىمنىڭ دىل خەسىتلىكلىرىگەئەستەر، مۇزلانغان قەلبلىرىگە چوغ، يارلانغان ۋۇجۇدى تەنلىرىگە مەلھەم بولساكاشكى  قىلغان ئەمگەكلىرىمىدىن رازى بۇلارئىدىم. ئىلاھىم ،ھەمممىزگە ئاسايىشلىق ، قۇت ئاتا قىلغايسەن!!!!

ئاپتۇر:(يوپۇرغاناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يىزا مەركىزىي مەكتەپتىن )

姓名: 艾合麦提。阿卜力孜           

地址:(岳普湖县阿洪鲁库木乡中心学校 )  

يېزىلدى:2012-يىلى 12-ئايدىن 2013-يىلى 3-يانۋارغىچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-5 07:02 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4789
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 788 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 06:29:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、ئەجەپ ياخشى يىزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4789
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 788 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 06:29:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、ئەجەپ ياخشى يىزىپسىز

مەسئولىيەتچان بۇلايلى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 3006
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19589
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6032 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 06:56:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئېسىل تېمىكەن بۇ،نەتىجىگە ئېرىشىشىڭىزنى تىلەيمەن،مېنىڭمۇ مۇشۇنداق تېمىدا سىڭىللىرىمغا بىر پارچە خەت دەپ تېما يوللاش ئۇيۇم خېلىدىن بېرى بارئىدى،سىز بەك ياخشى يېزىۋېتىپسىز،ئۇسسىغان جايغا باردى.رەھمەت.ئىنى -سىڭىللىرىمغا تەۋسىيە قىلاي بۇ تېمىڭىزنى.ئۇكىڭىزغا ۋە بارلىق قېرىنداش ئىنى -سىڭىللىرىمغا ئاللا مەدەت قىلسۇن،ئۆزلىكىنى ئۇنۇتمىسۇن،مەكتەپتە بارغاندىكى مەسئولىيىتىنى شۇنداقلا ئۆز كەلگۈسىنى قانداق يارىتىش توغرىسىدا قەتئىي توختىماي ئىزدىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن...

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86002
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 07:03:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىز مۇشۇ ئالى مەكتەپتە ئوقىۋاتقان جەميىتىمىزنىڭ كەلگۇسى ئۇمۇتلىرىنىڭ ئىنساۋىغا خۇدا يولىدا دۇئا قىلايلى؛
تىما ئىگىسىگە كوپ رەھمەت!!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5888
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 512 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 07:46:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بولسام ئالى مەكتەپتە ئوقىيالمىغىنمغا ئېچىنىمەن

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86874
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 07:48:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز.ھەقىقەتەن ئالىي مەكتەپ قوينىدائادەم بىلىپ-بىلمەيلا ئۆز خاراكتىرىنى يوقىتىپ قويىدىغان، نىجىس شەيتاننىڭ دامىغا چۈشۈپ، قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان ئىش بەك نۇرغۇن. مەنمۇ ئۆزەمنى ياخشى ئوقۇدۇم دەپ ئويلايتىم، جەمىيەتكە چىققاندىن كېيىن، ھازىر ئويلانسام بەزىدە بەكمۇ ئۆكۈنىمەن،  بەك كۆپ بىلىملەرنى ئۆگەنمەپتىكەنمەن.

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 830
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1125 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 07:55:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن مەكتەپ ئەخلاقلىق بىلىملىك تەربىيلەپ چىقسا ئوقۇغىچىلارنى ،ھازىر بۇزۇلۇپ تەربىيلىنىۋاتىدۇ بالىلار .ئاتا-ئانىلارغا بەك ئۈكىنىمەن مەن................................

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5438
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 409 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 08:09:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مەن ئالىي مەكتەپ ئۇقۇشتىن ئۆزلۈكۈمدىن ۋاز كەچكەن بولساممۇ قەتئىي ئۆكۈنمەيمەن .
  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا ھىدايەت تىلەيمەن .

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەركىن ياشا قۇل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66404
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3069
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 09:33:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ياخشى تېما يېزىپسىز .  ھەقىقەتەن كۆيۇمچان ، مەسئۇلىيەتچان قىرىنداشلارلا بىر-بىرىگە كۆيۇنىدۇ . شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشنى ، تۇرمۇشنىڭ ئازادە ئۆتۇشنى تىلەيدۇ . ھەم ئۇنىڭغا تۇرمۇش ساقلىرىنى بىرىشنى ئۆزىنىڭ ئەجبۇرىيتى دەپ بىلىپ سىزدەك مەسئۇل بولىدۇ قىرىندىشىم .

ئەركىن ياشا قۇل بولما ، كۇلۇپ ياشا گول بولما .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش