 |
 |
 |
 |
ساختىپەز قاسساپنىڭ «دەردى»
(ساتىرا)
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
ئۆزۈم قاسساپ گۆش ساتىمەن رەستىدە،
گۆش-ياغدا پۇل،مەن پايدىنىڭ قەستىدە.
تىلدا خۇدا كەلىمىلەر جىققىدە،
گۆشلا ئەمەس ساتقان ئىمان ئەسلىدە!
«يەتتە يۈزگرام»-ماڭا لەقەم قويغان كىم،
كۆرەلمەستىن يولغا ئورا ئويغان كىم.
خەقمۇ ئېلىپ قويماس قاڭشار ئۈستىگە،
دۇنيا يىغىپ،پۇل قوغلىشىپ تويغان كىم؟!
ئەگرى ئېغىز،ئەگرى پىچاق،ئەگرى قول،
گەپنى يەيدۇ خېرىدارىم بەكمۇ گول.
ئىشىنىدۇ،تەڭلىشىدۇ كۆرمەي پۇل،
كەسىپدارلار كاللا ئىشلەت،مەندەك بول!
خېرىدارغا تاتلىق سۆزلەپ ھارمايمەن،
كۈلۈپ تۇرۇپ تارازىدا جايلايمەن.
«خۇدا ھەققى قاراگۆش،ياغ سالمايمەن!»-
دەپ تۇرۇپمۇ تەڭ يېرىمنى «ماي»لايمەن.
سۆز ئاچماڭلار ماڭا دىندىن-ھېساپتىن،
پايدىلىناي مەن ئىشەنچتىن،ئىنساپتىن.
ئىشىنىڭلار، ئۆزۈم سويغان قوزا بۇ،
مەن ياخشىراق قوي بوردىغان كاززاپتىن...
|
 |
 |
 |
 |
|