ۋاقىت
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
ۋاقىت گويا ئاتقان ئوق، قايتماس ئۇ ھەم كەينىگە،
ۋاقىت دىمەك ھاياتتۇر، قويما ئۇنى مەيلىگە،
ھەر بىر مىنۇت،بىر تىنىق ئىنسانغا بىر ھاياتلىق ،
ئىنسان ئۈچۈن بۇ ھايات ئوخشار پەقەت بەيگىگە.
ۋاقىت دىگەن بىر نىممەت،نىممەتلەرنىڭ جەۋھىرى،
ۋاقىت ئۆزى ھەم بايلىق ،بايلىقلارنىڭ سەرخىلى،
ۋاقىت پەقەت بىر غەلبە، بۇ ھاياتتا بارچىغا،
ۋاقىت ئۇ ھەم ھاياتنىڭ ئابى ھايات كەۋسىرى.
ۋاقىت ـ ئۇ بىر ئۇچقۇر ئات، توختىمايدۇ سولىدىن،
زايە قىلسا كىم ئۇنى توسىۋالغىن يولىدىن،
كەتسە پۇرسەت ھەم ۋاقىت، كەلمەس پەقەت ئورنىغا،
ۋاقىت زايە قىلسا كىم، ئىش كەلمەيدۇ قولىدىن.
كۈنلەر ئۆتەر ئاي ئۆتەر، ئاخىرىدا يىل ئۆتەر،
ۋاقىت قەدرى بىلمىسە ، ھالى ئۇنىڭ بەك خەتەر،
ۋاقىت ئۆزى بىر پۇرسەت،بۇ جاھاندا ھاياتقا،
ئۆمۈر زايە قىلغاننىڭ دەرت ھالىغا كىم يىتەر.
ئاپتور:قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن