توختىمايدۇ ھارغىن ماشىنا
(دادام خاتىرىسىگە)
تىخى قوياش ئويغانماي تۇرۇپ،
مەنزىل تامان ماڭدى ماشىنا.
چاقلىرىغا يۆگەنگەن ئۈمىد،
ھەر دوقمۇشتا كىلەر يادىغا.
يوللىرىدا ياتار يېيىلىپ ،
سۈتتەك ئاپئاق،ئاپئاق تىلەكلەر.
كېلىشىنى كۈتۈپ ئالتە جان،
ئارمانلىرى ئۈنسىز چېچەكلەر.
يوللار ئۇزۇن،يوللار پايانسىز،
نائىنىق ھەم ئاخىرقى چېكى.
توختىمايدۇ ھارغىن ماشىنا،
گەرچە ئېغىر بولسىمۇ يۈكى.
توختىمايدۇ ھارغىن ماشىنا،
كىرەك ئەمەس ئاخىرقى بىكەت.
ئاھ،بۇگۈننى ئەتەگە ئۇلاپ،
ئادا قىلار بۇرچىنى پەقەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-5 02:46 PM