ئىشخانىدىكى ئىشلار
( بۇ فىلىمنى موسكىۋا كىنو ستودىيىسى ئىشلىگەن.شىنجاڭ رادىئو-تېلۋىزىيە تەرجىمە مەرگىزى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.)
سىنارىست-ئىمىل بىرانىسكى.ئىلدار يازانوۋ.
رىژىسۇر-ئىلدار يازانوۋ. ئاساسلىق روللاردا:
لىيۇد مىلا كوپىيۋىنا-(ئاۋازدا رىزىۋان ياسىن)
ئاناتوۋلى يىفىرمىچ-( ئاۋازدا غەيرەت ئوسمان)
شۇرا-(ئارزۇگۇل روزى) يۇرا-(ئەكبەر لىتىپ)
فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
فىلىمدە موسكىۋا مەلۇم ئىستاستىكا ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى-ئايال لىيۇد مىلا كوپىيۋىنا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كىتىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەھمىيەت بېرەلمەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇ 36 ياشلارغا كىرىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ يېشى چوڭايغانسىرى مىجەزى چۇس، ئەرلەرگە نىسبىتەن ئىنتىلىش تۇيغۇسى بولمىغاچقا، ئىدارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى «قېرى قىز»، «مۇز چىراي» دەپ لەقەم قويىشىدۇ. ئىشخانىدىكى ئاياللار خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئىشخانىدا ئۆزىنى ياساش، تۈزەشتۈرۈش ۋە قۇرۇق گەپ سېتىش سورۇنىغا ئايلىنىپ قېلىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئىشلار ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇرا باشلىقى-لىيۇد مىلا كوپىيۋىناغا ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈش ھەققىدە ساۋات سۆزلەپ بېرىدۇ.
ئۇمۇ ئۆزىنى تۈزەشكە كىرىشىپ كېتىدۇ. ئاناتوۋلى يىفىرمىچنىڭ ئىككى بالىسى بولۇپ، ئايالى يوق ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ ئۇزۇندىن بېرى باشلىقى-لىيۇدمىلا بىرۇ كوپىيۋىناغا كۆيۈپ يۈرۈپ، يۈرەك سۆزىنى قانداق ئىزھار قىلىشنى بىلەلمەي يۈرىدۇ. بۇ توغۇرلۇق يۇمۇرلۇق ۋەقەلەر فىلىمدە بايان قىلىنىدۇ. ئاخىرىدا بۇلار بىر-بىرى بىلەن قارشىلىشىپ، ئەكسىنچە بارا-بارا بىر-بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىدۇ.
بۇ فىلىمدە ئىشخانىدىكى ئىشلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇرۇق گەپ-سۆز، ئىشقى-مۇھەببەت ھەققىدىكى پاراڭلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلارنى يۇمۇرلۇق ھالدا تەسۋىرلەپ بەرگەن.
بۇ فىلىمنى "كىنوخۇمارتورى" كىرىشتۈرۈشكە خىلى ۋاقىت سەرپ قىلدى،،،بەزى نوقسانلاردىن خالى بولغىلى بولمايدىكەن،،،شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمىز...
www.kinohumar.biz
1-قىسىم
2-قىسىم
مەنبە:كىنوخۇمار تورى
www.kinohumar.biz
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-5 11:17 AM