بۇ ھەپتە ئالتۇن -كۈمۈش بازىرى ئۈچۈن داۋالغۇش كۆپ بولغان بىر ھەپتە بولدى . ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن باھاسى تۆۋەن نۇقتىدىن ئازراق ئىشىپ 1655 نۇقتىلاردا تەۋرەنگەن ئىدى .
29 -دىكابىر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئالتۇن باھاسى ئازراق ئاشتى . شۇ كۈنى كەچ 1675 دوللارغا چىقىپ يىڭى يىللىق بازار ئارام ئىلىشقا كىردى . ئالتۇننىڭ يىڭى يىل كىچىسى 1675 دوللارغا چىقىپ ئۆسۈپ توختىغانلىقىدىن تەھلىلچىلىرىمىز ئالتۇن ئۆسۈش يۈنىلىشگە كىردى دەپ تەھلىل قىلىشقا ئۈلگۈردى .
2-يانۋار كۈنى ئالتۇن باھاسى تەھلىلچىلىرىمىزنىڭ دىگىنىدەك ئۆسۈشكە باشلىدى . 1680----1690---1696 دوللارغا چىقتى . كۈمۈش باھاسىمۇ تىك سىزىق بىلەن ئۆرلەپ 31.50 دوللارغا يەتتى
3-يانۋار ئالتۇن باھاسى 1685 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىشكە باشلىدى . شۇ كۈنى كەچ ئالتۇن باھاسىدا چۈشۈش كۆرۈلۈپ 1675 نوقتىغا چۈشۈپ قالدى.
4-يانۋار ئالتۇن -كۈمۈش باھاسى يەنە تۆۋەنلەپ 1655 نۇقتىلارغا چۈشۈپ قالدى . شۇ كۈنى ئىزچىل تۆۋەنلەپ كەچ بولغاندا 1623 دوللارغا ، كۈمۈش 29.20 نوقتىغا چۈشۈپ قالدى .
ئالتۇن باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىن ھەر گىرامىدا 12 يۈەندىن كۆپرەك چۈشۈپ كەتتى .
4-يانۋار كەچ ( جۈمە ) ئامرىكا ھەر ئاينىڭ تۇنجى جۇمە كۈنىسى ئىلان قىلىندىغان غەيرى يىزا ئىگىلىك سانلىق
مەلۇمات نەتىجىسى ئىلان قىلىندى .
بۇ نەتىجىنىڭ ئىلان قىلنىشى ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن -كۈمۈش باھاسى جانلىنىش ھالىـتىگە ئۆتۈپ 1630---1640---1650---1660 دوللارغا ئۆرلىدى .
كۈمۈش باھاسىمۇ 29.20 نوقتىدىن ئۆرلەپ 30.20 نوقتىغا ئۆرلىدى .
شۇنىڭ بىلەن ھەپتىلىك بازار ئۆرلەش ھالىتىدە توختىدى .
قىسقىسى بۇ ھەپتە ئالتۇن بازىرىدا داۋالغۇش كۆپ بولغان بىر ھەپتە بولدى . يەنى تۆۋەن چۈشكەن ئورۇندىن ئۆرلەپ 1696 دوللارغا چىقىپ يەنە بىر كۈندىلا 1620 دوللارغا چۈشۈپ يەنە بىر كىچىدىلا 1660 نۇقتىغا كەلدى .
ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئالتۇن باھاسىدا يەنە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولار ؟؟؟
بۇنى پەقەت ئەملىيەت ھەقىقى ئىسپاتلايدۇ . بۇ ھەپتىلىك بازار قانۇنيىتى بىر شەخىسنىڭ تەھلىلنىڭ پەقەتلا شۇ شەخىسنىڭ كۆز -قارىشىنى ئىپادىلەيدىغىننى ھەقىقى بازار يۈنلىشىنى يەنىلا ئەمىلى بازار ئەملىيەتتە ئىسپاتلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى .
بۈگۈنكى ئالتۇن -كۈمۈش باھاسىنىڭ ئەمەلى باھاسىنى يەنى گىرام باھاسىنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز بىر مىسقال تورىغا كىرىپ بىلگەيسىز !!! يۇقارقى سانلىق ئىبارىلەر بىر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ دوللارغا سۇندۇرلىشى .
مەنبە ؛ بىر مىسقال تورى www.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-5 10:49 AM