ئەمدىلا19ياشقا كىرگەن تۆمۈرجان ئابدۇكېرەم ئائىلسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىغا تايىنىپ،ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى ھالال قان تەرى بىلەن ئىشلەپ تۇرمۇشنىڭ جاپا-مۇشەقەتلىرىگە باش ئەگمەي تىرىشىپ تىرمىشىپ ياشاۋاتقان بىر ياش قېرىندىشىمىز ھازىر بىردىنبىر ئەمگەك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە قۇرال بولدىغان پۇتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك قورقۇنۇشلۇق ۋەھىمە ئالدىدا سىز ۋە مەن تەسەۋۇر قىلىپ بولالمايدىغان ئاغرىق ئازابىدا قىينالماقتا . ئۆز قېرىندىشمىز ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتى ئېغىر يارلانغانلىقتىن قەشقەر شەھەرلىك كېرەمباغ دوختۇرخانسىغا ئېلىپ بېرىلغان ،داۋالىنىش جەريانىدا كۆپ ئىقتىساد سەرىپ بولغان بولسىمۇ كىسەللىك ئەھۋاىدا ياخشىلىنىش بولماستىن ئەكسىچە تېخمۇ ئېغىرلاشقان،پۇتىدىكى يارا ئېغزى سېسىپ كەتكەنلىكتىن كىسىش خەۋپىگە كەلگەندە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-دوختۇرخانىنىڭ <كۆيۈك كېسەللىكلەر بۆلۈمى> گە يۆتكەپ كېلىنگەن . بالاكەلسە قوشلاپ كەپتۇ دېگەندەك تۆمۈرجان ئابدۇكېرەمنىڭ ئانىسى تۇخان ياسىن ئەمگەك قىلىش جەريانىدا قولىنى قوناق سويۇش ماشىنىسى ئېلىپ كىرىپ كېتىپ قولى بېغىشىدىن ئۈزۈلۈپ كەتكەن ،ھازىر قەشقەر ھەربىي قۇراللىق قىسمى دوىتۇرخانسىدا داۋالىنۋاتىدۇ.يۇقارقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ بىر ئائىلە كىشىللىرى ئېغىر ئىقتىسادى بېسىم ئاستىدا قالدى. مۇسۇلمانلار دۇنياسى مېھىر-مۇھاببەت بىلەن گۈزەل،ئېغىر ئىقسادىي ۋە روھى بېسىم ئاستىدا قالغان قېرىندىشمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنغان بولساق،ئۇلارمۇ بۇدۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەللىكنى ھېس قىلغان بولاتتى. ساخاۋەت ئۈچۈن سۇنۇلغان سۆيۈملۈك قوللار بىرىدىن- بېرىگە تۇتشۇپ ئۈزۈلمىسۇن... ئىناۋەتلىك كارتا نومۇرى:6210088070798184 قەرىزئامانەت كوپراتى 亚森.阿不杜克热木 ئالاقىلاشقۇچى : ياسىنجان ئابدۇكېرىم (ئاكسى) 13201299945 18609929235 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-5 11:48 AM
|