قۇشلىرىم
زۇلەيخا
ھەر سەھەردە ئىللىق مۇڭ بىلەن،
يوقلاپ كىلەر مېنىڭ قۇشلىرىم.
دەرىزەمنىڭ تەكچىلىرىگە،
تولۇپ كىتەر ئوماق چۈشلىرىم.
~
چۇرۇقلىشىپ داننى يىگەندە،
مىھرىم بىلەن قاراپ قالىمەن.
ۋۇجۇدۇمنى تىترىتەر-كۆزۈم،
كۆرگەن مەنزىرە ئويۇپ قالىمەن.
~
بەشى داننى يەيدۇ،قالدىسى؛
ئەتراپىغا سەزگۈر قارايدۇ.
يەپ بولغانلار ئالماشقان دەمدە،
ۋۇجۇدۇمغا ئىپار تارايدۇ.
~
كىچىككىنە تەنلىك قۇشلىرىم،
شۇنچە سەگەك،شۇنچە مېھىرلىك.
نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار غاپىل،
ئالەم ئىشىڭ نەچۈن سېھىرلىك.
~
ماڭا باھار ئەسلىتىپ كۈندە،
سايراپ كەلگىن كۈندە قۇشلىرىم.
تىنىقىڭدىن پۇراپ ۋاقىتنى،
غاپىل يۈرمەي بىزەي چۈشلىرىم.
2013-يىلى1-ئاينىڭ4-كۈنى
قاراماي